UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ مىڭ سۆز

ئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ مىڭ سۆز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر باي ئادەم ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ بىر يالغۇز ئوغلى بار ئىكەن، دادىسى ئوغلىغا ناھايىتى ئامراق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ« ئوغلۇم مېنىڭدىن كېيىن قالغاندا بىركىمگە خار بولمىسۇن، بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي» دەپ ئويلاپ، ئوغلىغا مەسلىھەت ساپتۇ. _ سودىگەرچىلىك قىلسام، - دەپتۇ ئوغلى. دادىسى ئوغلىنى شۇ يۇرتتىكى سودىگەرلەرگە قوشۇپ، مىڭ تىللا بىلەن يولغا ساپتۇ. _ ھېلىقى بالا بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر بىكەتكە كەپتۇ. بۇ بېكەتتىن ئالدىدا بىر قېرى بوۋاي ئولتۇرغانىكەن، ئۇ، بالىدىن: _ ئوغلۇم، نەگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئاتام بەرگەن مىڭ تىللا بىلەن سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن باشقا يۇرتقا كېتىپ بارىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى بالا. _ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بوۋاي، - مېنىڭ بىر ھېكمەتلىك سۆزۈم بار، مىڭ تىللاغا ساتىمەن، شۇنى ئالغىن، مال - دۇنيا دېگەن تېپىلىدۇ. «مۇشۇ بوۋاينىڭ ھېكمەتلىك سۆزىنى ئېلىپ ئەقلىمنى ئاشۇراي» دەپ ئويلاپ مىڭ تىللانى بېرىپتۇ، بوۋاي مىڭ تىللانى ئېلىپ: _ بالام، بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي، - دەپتۇ. بالا بۇ سۆزنى ئېلىپ، سودىگەردىن ئايرىلىپ، «مېنىڭ سودام تامام بولدى» دەپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. بالا شەھەرگە يېقىن كەلگەندە، دادىسى بالىسى ھەققىدە«ناھايىتى نۇرغۇن مال ئېلىپ كېلىۋاتقۇدەكمىش» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالدىغا چىقىپتۇ. بۇ بالىنىڭ نېمە ئەكەلگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىققان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. بالىسىنىڭ قۇرۇق كەلگەنلىكىنى كۆرگەن دادىسى گەپ قىلماي قايتىپ كېتىپتۇ. باشقىلار «مېلى ئارقىدا كېلىۋاتقۇدەك» دېيىشىپ كىرىپ كېتىپتۇ. باشقىلار «مېلى ئارقىدا كېلىۋاتقۇدەك» دېيىشىپ كىرىپ كېتىپتۇ. دادىسى بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بالىسىنىڭ نېمە ئەكەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. بالا ھېلىقى مىڭ تىللاغائالغان سۆزنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ شۇنچە پۇلنى ئورۇنسىز يوقىتىپ قويغانلىقىغا ئېچىنىپ، «قانداق قىلسام بولار؟ » دەپ ئويلاپتۇ - دە، يەنە مىڭ تىللا بىرىپ، ئىككىنچى قېتىم سودىگەرچىلىككە ماڭدۇرۇپتۇ. بالا بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، يەنە ھېلىقى بوۋاي تۇرغان يەرگە كەپتۇ. بوۋاي بالىغا: _ بالام، ياخشى كەپسەن، يەنە بىر سۆزۈم بار، مىڭ تىللا بەرەسەڭ بۇ سۆزنىمۇ ئېتىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بالا: _ ئېيتىسلا، ياخشى سۆز بولسىلا ئالىمەن، - دەپتۇ. بوۋاي: _ بالام ھەركىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە ياخشى، - دەپتۇ. بالا بوۋاينىڭ بۇ سۆزىگىمۇ مىڭ تىللا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپتۇ ۋە دادىسىغا مىڭ تىللاغا يەنە سۆز سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دادىسى ناھايىتى خاپا بوپتۇ، ئىچىدە: «بوپتۇ، مەرتەم، مەرتەم - ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن، يەنە بىر قېتىم ئەۋەتىپ كۆرەي، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق قىلسا، ئاندىن ھەيدىۋىتەي» دەپ ئويلاپتۇ. يەنە مىڭ تىللا بېرىپ ئۈچىنچى قېتىم يولغا ساپتۇ. بۇ قېتىممۇ بالا يەنە ھېلىقى بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. بوۋاي: _ بالام، يەنە بىر سۆزۈم بار، مىڭ تىللا بەرسەڭ دەپ بېرىمەن، - دەپتۇ. _ بوپتۇئېيتسىلا، ياخشى سۆز بولسا ئالىمەن، - دەپتۇ بالا. _ بالام، قورقماس ئادەمدىن ھېچنەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، - دەپتۇ. بالا بۇ سۆزنىمۇ مىڭ تىللاغا ئېلىپ، دادىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. دادىسى بۇ قېتىممۇ بالىسىنىڭ يەنە مىڭ تىللاغا بىر ئېغىز سۆزنى سېتىپ ئەكەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان غەزىپى ئۆرلەپ: _ خوتۇنۇڭ بىلەن نېمە قىلساڭ قىل، سەندەك بالام يوق، - دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. بالا نېمە قىلىشىنى بىلمەي، خوتۇنى بىلەن بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەردە ئۇ ئۆزى بىلەن بۇرۇن بىللە سەپەرگە چىققان سودىگەرلەر ئۇچراپتۇ. بالا بولغان ۋەقەنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. سودىگەرلەرنىڭ ئىچى ئاغرىپ: بىزنىڭ سەپىرىمىز ئون سەككىز يىللىق سەپەر، بىز بىلەن بىللە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىڭ، ئاڭغىچە دادىڭىزنىڭ ئاچچىقى يېنىپ قالار، - دەپتۇ. بالا خوتۇنىغا ئون سەككىز يىللىق خىراجەت بېرىپ، سودىگەرلەر بىلەن سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار بىر ئايدەك يول مېڭىپ، بىر قۇملۇق چۆلگە كەپتۇ. بۇ چۆلدە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ھەم يەنە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغان نۇرغۇن كارۋانلارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، بۇ يەردە بىر قودۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇرۇپ - تۇرۇپ سۇ چىقماس بولۇپ قالىدىكەن، كارۋانلار بۇنداق چاغلاردا بىر كىشىنى قۇدۇققا سالىدىكەن، ئەگەر ئۇ كىشى چىقسا، سۇ چىقىدىكەن، بولمىسا سۇ چىقمايدىكەن. بۇ قودۇقتىن ئۆتسە، ئون كۈندە ئاندىن سۇ بار يەرگە بارىدىكەن. بۇ يەردىن سۇ ئىچىپ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئېلىپ ماڭمىسا، ھەممە يولۇچىلار قىرىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ قۇدۇققا نۇرغۇن كىشىلەر چۈشكەن بولسىمۇ، سۇ تۇرماق، ئادەملەرمۇ قايتىپ چىقماپتۇ. بالىنىڭ يادىغا بوۋايدىن سېتىۋالغان « قورقماس ئادەمدىن ھېچنەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دېگەن سۆز كەپتۇ - دە، بىللە كەلگەن سودىگەرلەرگە: _ ئۆلسەم بالا - چاقامغا قاراپ قويارسىلەر، ئەگەر ئۆلمىسەم، يۇلۇچىلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىمەن، - دەپ قۇدۇققا چۈشمەكچى بوپتۇ. بارلىق كارۋانلار: _ ئەگەر سىز مۇشۇ يەردىن سۇ ئېلىپ چىقسىڭىز، سىزگە كۆپ نەرسە ئىنئام قىلىمىز، - دەپتۇ. بالا قۇدۇققا چۈشۈپتۇ. قارىسا قۇدۇقتا بىر موماي ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىر يېنىدا پاقىدەك سەت بىر قىز، يەنە بىر يېنىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز بار ئىكەن. بالا: _ ئەسسالام موما، - دەپ سالام بىرىپتۇ. موماي بالىنىڭ سالىمىنى ئېلىپ: _ نېمە ئۈچۈن چۈشتۈڭ بالام؟ مەخسىتىڭنى ئېيتقىن، - دەپتۇ. _ بىز يول ئۈستىدىكى كارۋانلار ئىدۇق، كۆپ ئادەملەر ئۇسسۇزلۇقتا قالدى، شۇلارغا سۇ ئالىغىلى چۈشتۈم. شۇ كىشىلەرگە رەھىم قىلىپ سۇ بەرسىڭىز، - دەپتۇ بالا. موماي: _ بىر سوئالىم بار، شۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭ سۇ بېرىمەن، بولمىسا ئۆزۈڭمۇ قايتىپ چىقىپ كېتەلمەيسەن، - دەپتۇ. _ سوراڭ، بىلىشىمچە جاۋاب بېرەي، - دەپتۇ بالا. _ ماۋۇ پاقا قىز چىرايلىقمۇ ياكى ماۋۇ قىز چىرايلىقمۇ؟ - دەپتۇ مۇماي. بالا بىردەم ئويلىنىپ، دەرھال ھېلىقى مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان سۆز يادىغا كەپتۇ - دە: _ ھەر كىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق، - دەپتۇ. موماي ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، سۇ ئېلىشقا رۇخسەت قىپتۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۇغا چۈشكەنلەر چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ«مۇشۇ قىز چىرايلىق» دەپتىكەن، موماي پاقىدەك سەت قىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن سۇمۇ بەرمەپتىكەن ھەم ئۆزلىرىنىمۇ ساق قويمىغانىكەن. ئۇ كارۋانلارنىڭ بەرگەن كاتتا ئىنئاملىرى بىلەن كاتتا سودىگەر بولۇپ قاپتۇ. باشقىلار بىلەن جاھاننى ساياھەت قىلىپ، كۆپ شەھەرلەرنى ئايلىنىپ، ئون سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، يېرىم كېچىدە خوتۇنىنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئون سەككىز ياشلاردا بىر يىگىت خوتۇنىنىڭ يېنىدا ياتقان، ئۇنىڭ جان - پېنى چىقىپ، قىلىچىنى غىلاپىدىن ئېلىپ، ھېلىقى يىگىتنىڭ بېشىنى كەسمەكچى بولۇپ تەمشىلىپتۇ - دە، دەرھال بوۋاينىڭ «بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي» دېگەن سۆزى يادىغا چۈشۈپتۇ. ئاچچىقىدىن يېنىپ، يېتىپ قاپتۇ، ئەتىسى خوتۇنىدىن: _ مەن 18 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن جەبىر - جاپالار تارتىپ كەلسەم، سەن بىر يىگىت بىلەن ياتقىنىڭ نېمىسى؟ ئەمدى سېنى نېمە قىلاي، ئۆزۈڭ سۆزلە، - دەپتۇ. _ سىز بار ۋاقىتتا بويۇمدا قالمىغانمۇ؟ سىز كېتىپ تۇغدۇم، ھازىر بۇ ئۆزىڭىزنىڭ بالىسى، - دەپتۇ خوتۇنى. بالا ئۆزىنىڭ يېڭىلىشقانلىقىنى بىلىپ خوتۇنىدىن ئەپۇ سوراپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇشال - خۇرام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئۈچ مىڭ تىللالىق ئۈچ مىڭ سۆز | UyghurWiki | UyghurWiki