UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبېلىق ئالغۇچ

بېلىق ئالغۇچ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاۋۋىلىسىنىڭ ئاۋۋىلىسىدا، زامانلارنىڭ زامانىسىدا، يەر - زېمىن تېخى پەيدا بولمىغان چاغدا، پەقەت دېڭىزلا بولغانىكەن. ھايۋانلار ۋە قۇشلار سۇدا ياشاپ، سۇدا كۆپىيىدىكەن. بۇ شارائىت ئۇلارنىڭ راسا چىشىغا تېگىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتۈن ھايۋان، قۇشلار يىغىلىشىپ مەجلىس ئۆتكۈزۈپتۇ ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ قولايسىز شارائىتنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇقلۇق بەرپا قىلىشقا بەل باغلاپتۇ. لېكىن ھېچقايسىسى قۇرۇقلۇق بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلمەي باشلىرى قېتىپتۇ. ئاخىر ھايۋانلار ۋە قۇشلار دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ: - ھەي بېلىقلار، بىزگە دېڭىزنىڭ ئاستىدىن لاي ئېلىپ چىقىشقا ياردەملەشسەڭلارچۇ؟ - بۇنى نېمە قىلماقچى سىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ بېلىقلار. - قۇرۇقلۇق ياسايمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ قۇشلار ۋە ھايۋانلار. - ياق، - دەپتۇ بېلىقلار، - قۇرۇقلۇق ياسىشىڭلار ئۈچۈن توپا بەرمەيمىز، بىزگە قۇرۇقلۇقتىن سۇ ياخشى، خالىغان يېرىمىزدە ئۈزۈپ سەيلە - تاماشا قىلالايمىز. قۇشلار ۋە ھايۋانلار كىتقا: - سەن بېلىقلارنىڭ پادىشاھى سەن، بىزگە رەھىم - شەپقەت قىلغىن! - ياق، سىلەرگە قۇرۇقلۇق ياساپ بېرىشكە بولمايدۇ، - دەپتۇ كىت ۋە قۇيرۇقى بىلەن سۇنى بىر ئۇرۇپتۇ - دە، دېڭىزغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلار قايغۇرۇشۇپتۇ. بىردىنلا توپ ئارىسىدىن ئۆتكۈر تۇمشۇقلۇق بىر قۇش - بېلىق ئالغۇچ چىقىپتۇ ۋە: - قېنى، مەن بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي، بەلكى دېڭىزنىڭ تېگىگىمۇ يېتىپ قالارمەن، - دەپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلار لاپپىدە بېلىق ئالغۇچقا قارىشىپتۇ، ئۇنىڭغا تەھسىن - ئاپىرىنلار ئېيتىشىپتۇ. بېلىق ئالغۇچ سۇداقانداق ئولتۇرغان بولسا، شۇ پېتى سۇنىڭ تېگىگە شۇڭغۇپ كېتىپتۇ. بېلىق ئالغۇچنى ساقلاپ قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆزلىرى تۆت بوپتۇ. بىراق، بېلىق ئالغۇچتىن دېرەك بولماپتۇ. دېڭىزمۇ جىمجىت، پەقەت سۇنىڭ ئىچىدىن ئاپئاق كۆۋرۈكلەرلا ئېتىلىپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بۇ كىچىككىنە ۋىجىك قۇشقا ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇلار خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇشقاندا، بېلىق ئالغۇچ سۇ ئۈستىدە پەيدا بوپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ بەكمۇ ئىچى ئاغرىپتۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى، تۇمشۇقىدا قان تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېسىل تائاملار كەلتۈرۈپ، راسا مېھمان قىلىپ كۈتۈپتۇ. - قوي ئەمدى، - دەپتۇ ئۇلار ئىچ ئاغرىتىپ، - سەن بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭ، دەم ئال. بەرىبىر بىز مۇرات - مەقسىتىمىزگە يېتەلمەيدىغان ئوخشايمىز. بېلىق ئالغۇچ ھەرگىز ئۈن چىقارماپتۇ. نەپسىنى رۇسلىۋېلىپ يەنە سۇنىڭ تېگىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلار بۇ باتۇر قۇشنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ئوقۇپ، ئۇ شۇڭغىغان سۇغا قاراپ تۇرغىنىدا سۇ ئىچىدىن قىپقىزىل كۆپۈكلەر ئېتىلىپ چىقىپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلار يىغا - زارە قىلىشىپ غۇلغۇلا باشلاپتۇ: - ئەنە، قىزىل كۆۋرۈكلەر چىقىشقا باشلىدى. - بۇ بېلىق ئالغۇچنىڭ قېنى. - دېڭىز بېلىق ئالغۇچنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ. - ۋاي ئىسىت! ئەمدى باتۇر بېلىق ئالغۇچنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق. قۇشلار ۋە ھايۋانلار ھەسرەت - نادامەت بىلەن دېڭىز ئۈستىدە يەنىمۇ قاتتىق يىغا - زارە قىلىشقا باشلاپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ئۆتكەندە، ئۇلار قارىغۇدەك بولسا، باتۇر بېلىق ئالغۇچ سۇغا كىرىپ كەتكەن جايدا قانداقتۇر قارا بىر نەرسە غىل - پال كۆرۈنۈپ، ئاستا سۇنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاتقۇدەك. ئاخىرى پۇتلىرى يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن پېتى بېلىق ئالغۇچ سۇ ئۈستىگە چىقىپتۇ، قۇشلار ۋە ھايۋانلار ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرغۇزۇپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بېلىق ئالغۇچ ئاران نەپەس ئېلىۋاتقان، كۆزلىرى قانغا تولغان، تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا بولسا، دېڭىز تېگىدىن ئېلىنغان بىر چىمدىم لاي، قۇشلار ۋە ھايۋانلار خۇشال بولۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۇلار بېلىق ئالغۇچنىڭ تۇمشۇقىدىكى توپىنى ئېلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن يوغان - يوغان ئاراللارنى ياسىشىپتۇ. كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن باتۇر بېلىق ئالغۇچنى قۇشلارنىڭ پادىشاھى قىپتۇ. قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ياشاش شارائىتى ياخشىلىنىپ، ئۇلار ئۈچۈن نېمەتلەر كەڭتاشا بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق