ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا بىر سەمەت ئىسىملىك بىر كىشى شەرىئەت ئالدىدا چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. جاللات ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن سەمەتنى دار ئالدىغا ئېلىپ كېتىۋاتسا، سەمەت ھەدەپ: >ۋاي ئېسىت، ۋاي ئېسىت!< دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. جاللات بۇ گەپنى ئاڭلاپ، >بۇ گۇناھكارنىڭ ھاياتلارغا قالدۇرۇپ كېتىدىغان بىرەر ھېكمىتى بولسا كېرەك، بۇنىڭدىن بىرەر ئېغىز گەپ سوراپ بېقىپ ئاندىن ئۆلتۈرسەكمۇ كېچىكمەس< دەپ ئويلاپ، سەمەتنى دار ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. پادىشاھ گۇناھكارنى ياندۇرۇپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. جاللات سەمەتنى پادىشاھ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ سەمەتتىن:
- سەن نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم ئالدىدا >ۋاي ئىسىت!< دەپ پەرياد ئۇرىسەن؟ ياكى جازاغا ناقايىلمۇ سەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئى پادىشاھى ئالەم! - دەپتۇ سەمەت، - مەن جازاغا ناقايىل ئەمەسمەن. ئۆلۈشۈمگە ھەسرەت چەكمەيمەن. >ۋاي ئىسىت!< دەپ ھەسرەت چېكىشىمدىكى سەۋەب مۇنداق: ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قاسساپلار ئۆچكە سويغاندا گۆشنى قىل قىلىۋېتەتتى. مەن ئۆچكىنى سويغاندا قىل قىلماي پاكىز سويۇشنى كەشىپ قىلغانىدىم، لېكىن مەن بۇ ھۈنەرنى تېخى بىرىگە ئۆگەتمىگەن. ئەمدى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندىم، مەن ئالدىغا كېتىۋېتىپ ئىچىمدە: >مەن بۇ ھۈنىرىمنى بىرىگە ئۆگىتىپ قويسام بولغانىكەن. مەن ئۆلسەم بۇ ھۈنەر مەن بىلەن كېتىدۇ. قاسساپلار يەنە ئۆچكە گۆشىنى قىل قىلىۋېتىدۇ< دەپ ئويلاپ >ۋاي ئىسىت!< دېگەنىدىم.
- شۇ ھۈنىرىڭ راستمۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
- راست، - دەپتۇ سەمەت.
- ئوردىنىڭ قاسسىپىمۇ ئۆچكە سويغاندا گۆشنى قىل قىلىۋېتەتتى. مۇشۇ ھۈنىرىڭ ئۈچۈن مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كەچۈردۈم، سەن مۇشۇ ھۈنىرىڭنى ئالدىمدا نامايان قىل، - دەپتۇ پادىشاھ.
جاللات چىقىپ جازا مەيدانىدىكى خەلقنى تارقىلىشقا بۇيرۇپ، دارنىڭ تاسمىسىنى يېشىپتۇ. توپ ئىچىدىن بىرى جاللاتتىن سوراپتۇ:
- گۇناھكارنى نېمىشقا دارغا ئاسمايسىلەر؟
- ئاسمايدىغان بولدۇق، - دەپتۇ جاللات.
- نېمە سەۋەبتىن؟
- نېمە سەۋەبتىن بولاتتى! ھۈنەرنىڭ خاسىيىتىدىن! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جاللات.