UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەلىكە قانخور ھېكايىسى

مەلىكە قانخور ھېكايىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن مەلۇم شەھەردە بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن. پادىشاھ بىر كۈنى: - مەن ئەمدى قېرىدىم، - خودايتائالا ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر، شۇنچە كۆپ بايلىق، تاجۇ تەخت بەردى، كاشكى ماڭا بىرەرمۇ پەرزەنت بەرمىدى. بىر پەرزەنت بەرگەن بولسا، ئۇ مېنىڭ ئورنۇمغا دەسسىسە مېنىڭ ئېتىم ئۆچمەيتتى، چىرىقىم ئۆچمەيتتى بىراق، مېنىڭ پەرزەنتىم يوق. مەن ئالەمدىن ئۆتسەم مالۇ - دۇنيالىرىم دەشمەنلىرىمگە قېلىپ، مېنىڭ ئېتىممۇ، چىرىقىممۇ ئۆچىدىغان بولدى، - دەپ ئويلاپ كۆپ ھەسرەت چېكىپ، پەرىشان بولۇپتۇ. - ئى پادىشاھى ئالەم، نىمە ئانچە پەرىشان يۈرۈيلا؟ ئۆزلىرىگە نىمە بولدى؟ - دەپتۇ خانىش. پادىشاھ: - ھەي خوتۇن، سەن بىرەر پەرزەنت تۇغقان بولساڭ كۆڭلۈم يېرىم بولمىغان بولاتتى، - دەپتۇ. - ئى پادىشاھىم، ئۇنداق بولسا ئەلگە چوڭ نەزىر بەرسەك، خۇدايىمنىڭ رەھىمى كېلىپ بىرەر پەرزەنت بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. - دەپتۇ خانىش. پادىشاھ ئايالىنىڭ گېپى بويىچە يۇرتقا چوڭنەزىر بېرىپتۇ. ئاخشىمى بولسا تەرەپ ئېلىپ يېتىپتۇ. پادىشاھ چۈشىدە بىر نۇرانە كىشىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ كىشى پادىشاھقا >ئەي پادىشاھى ئالەم، سېنىڭ خۇدايتائالاغا قىلغان تەلەپلىرىڭ ئىجاۋەت بولدى. بېشىڭغا بىر ئالما قويدۇم. بۇ ئالمىنى ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى سەن يىگىن. يېرىمىنى ئايالىڭ يىسۇن، ئاندىن ئىككىڭلار بىر تەكىيگە باش قويساڭلار خۇدايتائالا سىلەرگە پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ< دەپتۇ. پادىشاھ ئويغىنىپ قارىسا راستىنلا بېشىدا بىر ئالما تۇرغۇدەك. ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ ئالمىنى ئىككى پارچە قىلىپ يېرىمىنى ئۆزى يەپتۇ، يېرىمىنى ئايالىغا يىگۈزۈپتۇ. راست دىگەندەك، خۇدايتائالا ئۇنىڭغا بىر پەرزەنت ئاتا قىلىپتۇ. خانىش توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەتتە بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. پادىشاھ خوشاللىقىدا قىن - قېنىغا پاتماي قاپتۇ. >ئوغلۇمغا كۆز تېگىپ كېتىدۇ. چەتنەپ قالىدۇ< دەپ ئەنسىرەپ ئوغلىنى ھىچكىمگە كۆرسەتمەي بىر باغدا بېقىپتۇ. بۇ بالىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئانىسى، دادىسى، بىر موللا، بىر ئاشپەز ۋە بىر تۇغۇت ئانىسىلا بىلىدىكەن. ئاندىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدىكەن. بالا كۈنلەردىن كۈن ئۆتۈپ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپتۇ. ھەر خىل ئىلىملارنى پىششىق ئۆگىنىپتۇ. شاھزادە ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قاپتۇ. بىر كۈنى موللام شاھزادىگە: - ئى ئوغلۇم، سەن ئاتاڭنىڭ دۆلىتىدە ئوبدان ئۆستۈڭ. ئەمدى ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قالدىڭ. ئاتاڭ كاتتا پادىشاھ. ئاتاڭنىڭ دۆلىتىدە تۆت - بەش كۈن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىپ >كىمنىڭ بالىسى< دىسە >پالانى پادىشاھنىڭ بالىسى< دەپ نام چىقىرىۋالساڭ بولاتتى. ئەتە تۇرۇپ ئۆگۈنلۈككە قازا يېتىپ، ئاتاڭ پوككىدە ئۆلۈپ - تارتىپ قالسا، ئۇ چاغدا >مەن پادىشاھنىڭ بالىسى< دىسەڭ كىم ئىشىنىدۇ؟ >نەدىمۇ پادىشاھنىڭ بالىسى بولسۇن؟! بىز پادىشاھنىڭ بالىسى بارلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلىمىغان ھەم كۆرمىگەن< دەپ تۇرۇۋالسا، ئاتاڭنىڭ تاجۇ - تەختى باشقىلارنىڭ قولىغا قالمامدۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا مەن، ئاناڭ گۇۋاھلىق بەرگەن بىلەن كىم ئىشىنىدۇ؟ - دەپتۇ. شاھزادە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ شاھقا مۇنداق خەت يېزىپتۇ: >ئى ئاتا، مەن ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قالدىم. سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم. سىزنىڭ يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. مەن سىزنىڭ دەۋرىڭىزدە ئويناپ - كۈلۈپ ساھايەت قىلىپ، ھوزۇر سۈرۈپ، خەلقى - ئالەم ئالدىدا نام چىقىرىۋالاي. مەن سىزنىڭ تەختىڭىزگە ۋارسلىق قىلىشىم مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇدايتائالا ھەر كىشىگە ئاتا قىلغان ئۆلۈم سىزنىڭ بېشىڭىزغا چۈشۈپ، سىزنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتسە، ئۇ چاغدا مەن پادىشاھنىڭ بالىسى دەپ ئوتتۇرغا چىقمسام كىممۇ ماڭا ئىشەنسۇن. پادىشاھنىڭ نەدىمۇ بالىسى بولسۇن، دەپ ھىچكىم ماڭا ئىشەنمەيدۇ. ئۇ چاغدا تەختىڭىز باشقا كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟!...< پادىشاھ بۇ خەتنى كۆرگەندىن كېيىن >بالام ئەمدى ئەقلىگە كەپتۇ< دەپ سۆيۈنۈپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يىغىپ بالىنىڭ ئات تويىنى قىلىپ بېرىپتۇ. توي قىرىق كۈن داۋاملىشىپتۇ. توي ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ ئوۋچىلىرىنى باشلاپ قۇش ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ شىكارغا چىقىپتۇ. بىر كۈنى بىر ئوۋچى شاھزادىگە: - ئەي شاھزادە، جاڭگال دىگەندە توشقان بار. ئۇ بار، بۇ بار. يەنە بىر چىقىپ ئوۋلاپ كەلمەيمىزمۇ؟ - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ: - ئەي ئاتا، مەن ئوۋ قىلغىلى بارسام، رۇخسەت قىلسىڭىز - دپتۇ. پادىشاھ: - ئى ئوغلۇم، مەن جامالىڭنى بىردەم كۆرمىسەم تۇرالمايتتىم، سەن جاڭگالغا كېتىپ بىرەر - يېرىم كۈندە كەلسەڭ مەن قانداقمۇ چىدايمەن؟ - دەپتۇ، ئوغۇل يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن پادىشاھ ئىلاجىسىز ماقۇل بولۇپتۇ. ھەممە ئوۋچىلارنى يىغىپ: - بۈگۈن كەچ چۈش بولۇپ قالدى. ئەگەر شاھزادىنى بۈگۈن ئوۋغا ئېلىپ بېرىپ ئەتە چۈشكىچە قايتۇرۇپ كېلەلىسەڭلار، ھەر بىرىڭلارغا مۇشتۇمدەكتىن ئالتۇن بېرىمەن. ئەگەر چۈش بىلەن كېلەلمەي ناماز پىشىنغا قالساڭلار ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن. بارلىق مال - دۇنيارىڭلارنى تالان - تاراج قىلىمەن. كاللاڭلار ئۆلۈمگە لايىق، مال - دۇنيارىڭلار غەزىنەمگە لايىق، - دەپ تاپشۇرۇپتۇ ۋە شاھزادىنى يۈزدەك ئوۋچىغا قوشۇپ جاڭگالغا يولغا ساپتۇ. شاھزادە جاڭگالغا چىقىپ ئۇزۇن يوللارنى يۈرۈپتۇ. شاھزادە ھەر قېتىم ئاتىسى بىلەن ئوۋغا چىققاندا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، نۇرغۇن كىيىك، توشقان ئوۋلىغان ئىكەن. لېكىن بۇ نۆۋەت شاھزادىگە ھىچنىمە ئۇچرىماپتۇ. نامازشامغىچە مېڭىپتۇ. كېچىچە مېڭىپتۇ. ئەتىسى چۈشكىچە مېڭىپتۇ. يەنىلا ھىچقانداق نەرسە ئۇچرىماپتۇ. ئەمدى يانايلى دەپ تۇرۇشىغا يىراقتىن بىر دۆڭ كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە دۆڭلۈكنى كۆرۈپ: - ئاۋۇ كۆرۈنگەن دۆڭگە بىر چىقىپ بېقىپ ئاندىن قايتايىلى. دۆڭنىڭ يېنىدا بىرەر نەرسە بولسا تېخى ياخشى، بولمىسا مەيلى، - دەپتۇ. ھەممەيلەن شۇ دۆڭگە ئات ساپتۇ. ئۇلار نامازشام بولاي دىگەندە دۆڭگە يېتىپ كەپتۇ. دۆڭگە چىقىپ قارىسا، دۆڭنىڭ يېنىدا بىر كىيىك ئوتلاپ يۈرگۈدەك. ئۇ كىيىكنىڭ بېشىدا كىچىككىنە ئالتۇن تاج، بېلىدە كەمەر، تۆت پۇتىدا تۆت ئالتۇن قوڭغۇراق بار ئىكەن. بۇ كىيىك يورغىلىسا بىر خىل، سەكرىسە يەنە بىر خىل مۇزىكىغا ئوخشاش يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىكەن. شاھزادە بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپتۇ ۋە: - مەن ئاتامدىن ئايرىلىپ تۇنجى قېتىم ئوۋغا چىققاندا ھىچنەرسە ئۇچرىماي ئاقىۋەتتە بۇ كىيىك ئۇچرىدى. مەن بۇ كىيىكنى تىرىك تۇتۇپ ئاتامنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسام، ئاتام قەۋەتلا خوشا بولىدۇ. شۇڭا كىيىكنى ئاتماڭلار، قوغلاپ تىرىك تۇتۇۋالايلى، - دەپتۇ. ئوۋچىلار كىيىكنى قوغلاپتۇ. كىيىك تۇتۇق بەرمەي، يىراقلاپ قېچىپمۇ كەتمەي، ئوۋچىلار ئىتتىك ماڭسا ئۇمۇ ئىتتىك مېڭىپتۇ. ئوۋچىلار ئاستا ماڭسا ئۇمۇ ئاستا مېڭىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ناماز شام بولۇپ كېتىپتۇ. ئوۋچىلار كىيىكنى تۇتالماپتۇ. باشقا ئامال بولماي شاھزادە قۇشنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. قۇش ئەگىپ ئۇچۇپ بېرىپ كىيىك ئۈستىگە قونۇپتۇ. قوش قونۇشى بىلەن تەڭ، كىيىك بىرلا يۇمۇلاپ، چاشقاندەك كىچىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قۇم يېنىدىكى كىچىك بىر تۆشۈككە كىرىپ غايىپ بولۇپتۇ. بۇ كىيىك ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ كىيىگى ئىكەن. كىيىككە ھىچكىم چقىلالمايدىكەن. ئوۋچىلار ئاخىرى مەسلىھەتكە چۈشۈپتۇ: >پادىشاھ بالام كەلمىدى، دەپ ئاللىقاچان بىزنىڭ بالا - چاقىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. بۇ ھالدا بىزمۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارساق ھايالسىزلا ئۆلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھنىڭ يۇرتىدىن باشقا يۇرتمۇ - يۇرت. ھەممىمىز بىرلىشىپ، شاھزادىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ باشقا يۇرتقا چىقىپ كېتىپ بەش، ئون كۈن بولسىمۇ خاتىرجەم كۈن كەچۈرەيلى. بىز شاھزادىنى ئېلىپ بارساق پادىشاھ گۇناھىمىزدىن كەچسىغۇ كەچتى. ئەگەر بالامنى نىمىشقا دىگەن قاراردا ئەكەلمەيسەن دەپ، بىزنى ئۆلۈمگە بۇيرۇسا تۈگەشكىنىمىز شۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ شاھزادىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ باشقا يەرگە كېتەيلى< دىگەن قارارغا كېلىشىپتۇ. شاھزادە ناھايىتى زېرەك بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىرىنى سېزىۋاپتۇ - دە، ئاتقا بىر قامچا ئۇرۇپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىپتۇ. كەلگەن يولى ئارقىسىدا قاپتۇ. قالغانلار: - شاھزادە قاچتى. ۋاي قوغلاڭلار، - دەپ ئۇنى قوغلاپتۇ. شاھزادىنىڭ ئېتى ناھايىتى ياخشى ئات بولغاچقا ئۇلار پەقەت يېتەلمەپتۇ. شاھزادە قېچىپتۇ، قېچىپتۇ. ئەتىسى پىشىن بولغاندا كۆز يەتكۈسىز بىر قاقاسلىققا چىقىپ قاپتۇ. ئۇ شۇنداق كېتىپ بارسا، ئالدىغا بىر ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي ئۇچراپتۇ. بوۋاي قوينىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ يەنە قوينىغا سالارمىش، گاھ قاقاقلاپ كۈلسە، گاھ يىغلارمىش. شاھزادە بوۋاينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا. قوينىڭىزدىن بىر نەرسىنى ئالىسىز كۈلىسىز، ئۇنى قوينىڭىزغا سالىسىز يىغلايسىز. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ قوينىڭىزدىكى نەرسىنى بىر كۆرۈپ باقسام، ئاندىن سىزنى مۇشۇ چۆلدىن ئەپچىقىپ قويسام قانداق؟ - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بوۋاي: - ئى بالام، قوينۇمدىكى نەرسىنى كۆرسەڭ شۇئانلا ئاتتىن يىقىلىسەن. مېنىڭ ياشلىق باھارىم كەتتى. بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. لېكىن مېنىڭ ئۆلۈمۈم ساڭا باغلىق. مەن مۇشۇ چۆل - جەزىرىدە يۈرگىلى ئون يەتتە يىل بولدى. مەن ئەمدى ئۆلىمەن. سەن مېنىڭ نامىزىمنى چۈشۈرۈپ، مۇشۇ يەردە قويغىن. قوينۇمدا بىر رەسىم بار، ئۇنى ئال. لېكىن ئۇ رەسىمگە پەقەت قارىمىغىن. رەسىمنى قوينۇڭغا سېلىپ ئۆزەڭنىڭ شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن كۆر. ئاڭغىچە ئۇ رەسىمگە قارىساڭ چۆل - باياۋاندا نابۇت بۇلىسە. بالام، مېنىڭ ئەجىلىم ساڭا باغلىق، - دەپلا جان ئۈزۈپتۇ. شاھزادە بوۋاينى قۇم بىلەن يۇيۇپتۇ. بوۋاينىڭ قوينىغا قولىنى سالسا دىگەندەك بىر رەسىم چىقىپتۇ. شاھزادە ئۇنىڭغا قارىمايلا قوينىغا سېلىپتۇ. بوۋاينى كىپەنلەپ يەرلىكىگە قويۇپتۇ. ئاندىن ئاتقا مىنىپ كەلگەن يولى بىلەن ئارقىسىغا يېنىپتۇ. شۇنداق مېڭىپ بىر يەرگە كەلسە ئۆزى بىلەن بىللە چىققان ئوۋچىلار ئاتتىن بىر نەچچىنى ئۆلتۈرۈپ كاۋاپ قىلىپ يەپ ياتقۇدەك. ئۇلار شاھزادىنى كۆرۈپلا: - شاھزادە كەپتۇ. ئاتنى توقۇڭلار! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىگەرنى تەتۈر توقۇپتۇ. بەزىلىرى ئاتنىڭ ئارقىسىغا يۈگەن، ئاغزىغا قوشقۇن ساپتۇ. ئۇلار جابدۇنۇپ بولغۇچە شاھزادە ئاتقا قامچا ئۇرۇپ يىراقلاپ غايىپ بولۇپتۇ. ئۇلار شاھزادىنى تۇتالماپتۇ. شاھزادە شەھەر تامان يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئوۋچىلار بۆلۈنۈپ، شاھزادىنى ئىزلەپ شەھەر - شەھەرلەرگە راۋان بولۇپتۇ. شاھزادە ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ دادىسىنىڭ يېنىغا كىرمەي ئۆزى چوڭ بولغان باغدىكى ئۆيىگە بېرىپتۇ. قىرىق ئۆينىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، ھېلىقى رەسىمنى ئۆينىڭ بىر تېمىغا چاپلاپتۇ -دە، رەسىمگە بىر قارىغانچە ئون يەتتە كۈن قاراپ قاپتۇ. ئەمدى گەپنى پادىشاھدىن ئاڭلايلى: ئون نەچچە كۈندىن بېرى ئوغلىدىن خەۋەر ئالالمىغان پادىشاھ ھەسرەت - نادامەتتە ساراڭ بولۇپ كېتىپتۇ. >كىمدە - كىم بالامدىن خەۋەر ئېلىپ كەلسە مۇشتەك ئالتۇن بېرىمەن< دەپتۇ. قىرىق كۈن بولغاندا ئات باقار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - دات پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ. - ھە نىمە گەپ؟ - دەپتۇ پادىشاھ. - بېشىمدىن قورقىمەن، - دەپتۇ ئات باقار. - ھەر قانداق ئېغىر گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، دىگىن، - دەپتۇ پادىشاھ. - مەن شاھزادىغا توقۇپ بەرگەن ئات قۇرۇق قايتىپ كەلگىلى بۈگۈن قىرىق كۈن بولدى. شاھزادىنى كۆرەرمەن دىۋىدىم. شاھزادىنى كۆرمىدىم. شاھزادىنىڭ باغدىكى ئۆيى تاقىلىپ قالغىلىمۇ بۈگۈن قىرىق كۈن بولدى. ئىشىك پەقەت ئېچىلمىدى، - دەپتۇ ئات باقار، پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، ۋەزىرلەرنى باشلاپ باغقا بېرىپ، شاھزادە چوڭ بولغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئۇرسا ئېچىلماپتۇ. ياغاچچى چاقىرتىپ كېلىپ ئىشىكنى بۇزدۇرۇپ ئۆيگە كىرسە شاھزادە تامدىكى رەسىمگە قاراپ ياتقان. ئۆزى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان. جېنى يوقمىكىن دىسە، كۆزلىرى مىدىرلىغۇدەك، جېنى بارمىكىن دىسە جىم تۇرغۇدەك. ئاخىرى شاھزادىنى تالاغا ئېلىپ چىقىپتۇ. بىرسى تىرىك دەپتۇ. پادىشاھ تىۋىپ چاقىرتىپتۇ. شەھەردە توقسان ياشلىق بىر ھېكىم بار ئىكەن. نەۋكەرلەر ئۇنى تېپىپ كەپتۇ. ھېكىم شاھزادىنى كۆرۈپ: - بۇ بالىنى ساقايتىش مۇمكىن، لېكىن ناھايىتى قىيىن، - دەپتۇ. - ھەر قانداق ئادەم بالامنى ساقايتسا نىمە تەلەپ قىلس شۇنى بېرىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. - ئەمسە قازان، كىپەك تەييارلاڭ، - دەپتۇ ھېكىم. ئۇ قازاندا كىپەكنى قورۇپ، قاينىتىپتۇ. شاھزادىنى دۈم، ئوڭڭدىسىغا ئۆرۈپ - چۆرۈپ ياتقۇزۇپ، كىپەكنىڭ سۈيىنى شاھزادىگە بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن ئىچكۈزۈپتۇ. بۇ ئىشنى ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ۈچ كۈندىن كېيىن بىر قىزنى شاھزادىنىڭ مەيدىسىگە يەنە بىر قىزنى دۈمبىسىگە تېڭىپتۇ. قىرىق كۈن بولغاندىن كېيىن شاھزادە ھۇشىغا كەپتۇ ۋە دادىسىغا: - ئاتا، مېنى داۋالاپ ھوشۇمغا كەلتۈرۈپسەن. سەن ماڭا ئاشۇ رەسىمدىكى قىزنى ئېلىپ بەرسەڭ، ئەگەر سەن مۇشۇ رەسىمدىكى قىزنى ئېلىپ بېرەلمىسەڭ، مەن مۇشۇ قىزنىڭ يولىدا ئۆلۈۋېلىشتىن يانمايمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ: - ئى بالام، مېنىڭ قول ئاستىمدا تۆت يۈز نەچچە شەھەر، نەچچە ئون مىليون ئادەم تۇرسا، بۇ رەسىمدىكىدەك قىز چىقمامدۇ؟ - دەپتۇ. پادىشاھ ھەممە شەھەرگە نامە ئەۋەتىپتۇ. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھەممە شەھەردىن >بۇ رەسىمدىكى قىز بالا بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يوق ئىكەن< دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ كەپتۇ. - رەسىمدىكى قىز يوق ئىكەن، بۇ رەسىمنى قىياس بىلەن سىزغان ئوخشايدۇ. مەن رەسىمدىكىدىن بۆلەك ھەر قانداق قىز بولسا ئېلىپ بېرەي، - دەپتۇ. پادىشاھ ئوغلىغا نائىلاجلىقتا. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھزادە: - رەسىمدىكىدىن بۆلەك ھەر قانداق قىز بىلەن توي قىلمايمەن، - دەپتۇ. ئۇلار باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن سودىگەرلەردىن سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بىر كۈنى تۆت يۈز كارۋان كەپتۇ. پادىشاھ ھەممىسىنى ئۈچ كۈن كاتتا مېھمان قىلىپتۇ ۋە: - ئەي كارۋانلار، سىلەر شەھەردىن شەھەرگە بارىسىلەر. مۇشۇ رەسىمدىكى قىزنى كۆرگىنىڭلار ياكى ئۇ توغرىلىق بىرەر خەۋەر ئاڭلىغىنىڭلار بارمۇ؟ - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كارۋانلار: - بۇنداق قىز ئادىمىزاتتىن تۇغۇلمايدۇ. بۇنداق قىزنى بىز ھەم كۆرمىگەن ھەم ئاڭلىمىغان، - دىيىشىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ ۋە: - بۇنداق قىز بولمىسا بۇ رەسىمنى كىم سىزدى؟ مەن بۇ رەسىمنى تىزىمنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قوياي. ھەر قانداق ئادەم مۇشۇ رەسىمگە ئوخشىتىپ بىر رەسىم سىزىپ چىقالىسا، ئاتام ماڭا ھەر قانداق قىزنى ئېلىپ بەرسە مەيلى، - دەپتۇ. ئۇنداق رەسىمنى سىزىشقا ھەممە ئادەم ئاجىز كەپتۇ. شاھزادە بۇ قىزنىڭ ئىشقى پىراقىدا جاراب بولۇشقا باشلاپتۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن باشقا بىر شەھەردىن ئۈچ سودىگەر كەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە ئۇلارنى ئوردىغا چاقىرتىپ، ھېلىقى قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ: - مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىزنى بىرەر يەردە كۆردۈڭلارمۇ ياكى بىرەر يەردە بارلىقىنى ئاڭلىدڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ ئۈچ سودىگەر بىر بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ تۇرۇپ: - ئى شاھزادە، بىز بۇ قىزنى كۆرگەن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھزادە: - >كۆرگەن< دىگەن ئاغزىڭلاردىن ئۆرگىلەي، - دەپ، يەتتە لىگەندە ئالتۇن ئېلىپ چىقىپ سودىگەرنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپتۇ. ئاندىن: - سىلەر بۇ قىزنى نەدە كۆرگەن؟ بۇ قىز كىمنىڭ قىزى؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۇ قىز باشقا بىر پادىشاھنىڭ قىزى. ئۇ ئون تۆت ياشقا كىرگەندىن تارتىپ پادىشاھلىق تاجىنى كىيدى. ئەمدىلا ئون يەتتە ياشقا كىردى. ئۇ يەتتە مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە شەھەرگە سۇلتان، - دەپتۇ سودىگەرلەر، شاھزادە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئاتىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. - مېنىڭ ھۆكمۈم ئاران تۆت يۈز نەچچە شەھەرگە يېتىدۇ. ئۇ قىزنىڭ ھۆكمى سەككىز مىڭ شەھەرگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن مەن قانداق تەڭ بولالايمەن؟ مەن ئۇنىڭغا كىشى قويۇشقا ئاجىزلىق قىلىمەن ئۇنى ئۇرۇشۇپ ئالاي دىسەم، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى تولا، يەنە بىر تەرەپتىن، سېنىڭ خوشلۇقۇڭنى دەپ شۇنچە كۆپ شەھەر خەلقنى قىرغىن قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۇۋالىدىن قانداق چىقارمەن؟ - دەپتۇ. پادىشاھ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شاھزادە: - ئى ئاتا، سۆزىڭىز ھەق. مەن بىر ئادەم، شەھەر خەلقى كۆپ. مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسىڭىز قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىز. ھەر قانداق بالا كەلسە مەن تارتاي. ماڭا ئاز - تولا مالۇ - دۇنيا بېرىڭ. مەن شۇنىڭغا تايىنىپ ئىلاج قىلالىسام قىزنى قولۇمغا كەلتۈرەي. بولمىسا شۇ قىز يولىدا قۇربان بولاي، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ. شاھزادىگە قىرىق خېچىرلىق ئالتۇن - كۈمۈش ۋە قىرىق ئادەم بېرىپتۇ. شاھزادە ھېلىقى ئۈچ سودىگەردىن قاچان ماڭىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇلار: - بىز ئەكەلگەن ماللارنى قاچان سېتىپ بولساق، شۇ چادا يولغا چىقىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شاھزادە بۇ گەپلەرنى شاھقا يەتكۈزگەندىن كېيىن، پادىشاھ پۈتۈن شەھەرگە يارلىق چۈشۈرۈپ: - ھەممە ئادەم مۇشۇ ئۈچ سودىگەردىن مال ئالىدۇ. باشقا سودىگەرلەر مال ساتمايدۇ. ئەگەر كىم خىلاپلىق قىلسا كاللىسى ئۆلۈمگە، پۇل - مېلى تالانغا، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سودىگەرلەر ماللىرىنى تېزلا سېتىپ بولۇپتۇ. - ئەمدى ماڭارسىلەر؟ - دەپتۇ پادىشاھ. - پادىشاھى ئالەم، ئۆزلىرىنىڭ شەپقەتلىرى بىلەن سودىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى. ئەمدى بىز ئانچە - مۇنچە بىر نەرسە ئېلىۋالساقلا ماڭىمىز، - دەپتۇ ئۈچ سودىگەر. شۇنىڭ بىەن پادىشاھ يەنە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. پۈتۈن شەھەردە ھەممە ئادەم مال ساتقىلى بازارغا چىقىپتۇ. ئۈچ سودىگەردىن باشقا ھەر قانداق ئادەم مال ئالماپتۇ، كېيىن بۇ سودىگەرلەر پادىشاھ ھۇزۇرىدا ئۈچ كۈن مېھمان بولۇپتۇ. ئاندىن شاھزادە بىلەن بىللە يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار توپ - توغرا ئالتە ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن بۇ سودىگەرلەرنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. سودىگەرلەر شاھزادىگە: - ئى شاھزادە. بىزنىڭ ئۆيىمىز. چەتتىرەك. بۇ ماللارنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بېرىپ چۈشۈرۈش ئەپسىزرەك. شۇڭا سىزنى مال - مۈلۈكلىرىڭىز بىلەن سارايغا چۈشۈرۈپ قويساق. بىز ۋاقىت تاپقاندا ئاندىن سىزنى ئېلىپ چىقساق، - دەپتۇ. شاھزادە ماقۇل بولۇپ كاتتا بىر سارايغا چۈشۈپتۇ. ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن >شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىقاي< دىگەن ئوي بىلەن كوچىغا چىقىپتۇ. ئۇ كوچىغا چىقىپ تۇرۇشىغا قىلىچ كۆتۈرگەن بىر ئاق چاچ خوتۇن >ئەر كىشى بولساڭ قاچ< دەپ جار سالغىنىچە كېلىۋاتقۇدەك. كوچىدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتىپتۇ. شاھزادە ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرغاندا، سارايۋەن كېلىپ ئۇنى تارتىپ سارايغا ئېلىپ كىرىپتۇ. شاھزادە سارايۋەندىن بۇنىڭ نىمە ۋەقە ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. - كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئاشۇ ئاق چاچ خوتۇننىڭ كەينىدە كېلىۋاتقان كىشىلەر سېنى كۆرسىلا ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى بۈگۈن شەھەرنىڭ پادىشاھى باغقا چىقىد، - دەپتۇ سارايۋەن. شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆز ھوجرىسىغا كىرىپ قىلىچ بىلەن تامنى تېشىپ يولغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ قارىسا كوچىدا ئاق ئاتقا مىنگەن ئاق كىيىملىك قىرىق قىز، چىلانتۇرۇققا مىنگەن قىزىل كىيىملىك قىرىق قىز قوللىرىدا قىلىچ كۆتۈرگەن ھالدا >ئەر كىشى بولساڭ قاچ< دىگىنىچە كېتىپ بارغۇدەك. ئۇنىڭ كەينىدىن جەدە ئاتقان مىنگەن قىرىق قىز كەپتۇ. ئۇلارنىڭمۇ قولىدا قىلىچ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قىلىچ تۇتقان يەتتە قىز كەپتۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر مەپە كەپتۇ. شاھزادە قارىسا، مەپىدە ھېلىقى رەسىمدىكى قىز ئولتۇرغۇدەك. ئۇ قىز شاھزادىنىڭ كۆزىگە رەسىمدىكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە چىرايلىق كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە شۇ يەردىلا ھۇشىدىن كېتىپتۇ. كەچ بولغان چاغدىلا ھۇشىغا كېلىپ يەنە كوچىغا چىقىپتۇ. ئۇ خۇددى مەستەك، قەيەرگە بېرىپ - قەيەردە تۇرۇشنى بىلمەي مېڭىۋېرىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپتۇ. شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاتتابىر سېپىل بار ئىكەن. شاھزادە سېپىلنى ياقىلاپ مېڭىپ سېپىل دەرۋازىسىغا كېلىپ قارىسا بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ باغقا كىرسە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۈمبەزدەك بىر خوتۇن ياتقۇدەك. شاھزادە >ئانام< دىگىنىچە ھېلىقى خوتۇننىڭ يېنىغا كېلىپ توختاپتۇ. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان ئايال كۆزىنى ئېچىپ بىر قاراپتىكەن، شاھزادە >ئاھ، مېنىڭ ئانام ئەمەسكەن< دىگىنىچە ئارقىسىغا يېنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ شاھزادە باغدا خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر پىلان تۈزۈپتۇ. ئۇ سارايغا قايتىپ، قىرىق خېچىرغا ئارتىپ كەلگەن ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى سەرپ قىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل بىر مۇنچا ساپتۇ. تاملىرىنى ھەر خىل ھەر ياڭزا نەققاشلار بىلەن بېزەپتۇ. خىلمۇ - خىل رەسىملەرنى - قۇشلارنى ھايۋانلارنى سىزدۇرۇپتۇ. ھەتتا ئۆزى ئوۋدا كۆرگەن ھېلىقى كىيىكنىمۇ سىزدۇرۇپتۇ. بۇ مۇنچىغا پەقەت يۇقۇرى مەرتىۋىلىكلەرلا قەدەم تەشرىپ قىلالايدىكەن. كىشىلەرنىڭ مۇنچىدىكى رەسىملەرگە مەپتۇن بولۇپ، مۇنچىدىن چىققۇسى كەلمەيدىكەن. بۇ خەۋەر ئۇزۇن ئۆتمەي شەھەر پادىشاھىغا يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى قىز )ھېلىقى رەسىمدىكى قىز( ئىكەن. بۇ مەلىكە يولغا چىققاندا يولدا ئۇچرىغانلىكى ئەرنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىكەن. يوللاردا ئەرلەرنىڭ جەسەتلىرى دۆۋىلىنىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا >مەلىكە قانخور< دەپ نام بېرىلگەن ئىكەن. مەلىكە قانخور شاھزادىنىڭ مۇنچىسىغا كەپتۇ ۋە رەسىملەرنى كۆرۈپ: - بۇ رەسىملەرنى كىم سىزدى؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە: - پادىشاھى ئالەم، بۇ رەسىملەرنى ئۆزەم سىزدىم. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار، - دەپتۇ. مەلىكە بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەي، رەسىملەرنى كۆرۈۋېرىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا ئۆزى چۈشىدە كۆرگەن ئالتۇن كىيىكنىڭمۇ رەسىمى تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولغان مەلىكە: - ئەي يىگىت، بۇنى سىز قانداق سىزدىڭىز؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، شاھزادە: - مەن بۇ كىيىكنى ئوۋغا چىققان چاغدا كۆرگەن، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە باشقا رەسىملەرنى كۆرمەستىن، يىگىتنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ مۇنچىدىن قايتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەلىكە بۇ شاھزادىگە ئىش - پەش تارتىپ قاپتۇ. >بۇ يىگىتنىڭ قولىدىن خېلى ئىشلار كېلىدىغان ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپتۇ مەلىكە. ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە ئوردىغا كەپتۇ. مەلىكە ئۇنى ئېگىزلىكى قىرىق غۇلاچ كېلىدىغان مۇناردىكى ئۆيىدە كۈتۈۋاپتۇ. مەلىكە: - ئەي يىگىت، سىزنى بۇ يەرگە چاقىرىشىمدىكى مەقسەت مۇھىم بىر ئىشنى سۆزلىشىش - دەپتۇ. شاھزادە: - قانداق گەپ بولسا ئالدىلىرىدا بېشىم تۆۋەن، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مەلىكە بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. - ئەي يىگىت، سىز سىزغان ھېلىقى ئالتۇن كىيىكنى مەن چۈشۈمدە كۆرگەن. شۇنىڭغا قارىغاندا، ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى بىر ئوخشايدۇ. بىز تۇرمۇش قۇرساق، سىز قانداق قارايسىز؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، شاھزادە ھەيران بولغان قىياپەتتە جىم بولۇۋاپتۇ. قىز يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاچقا، شاھزادە ئاخىرى يۈزىنى تام تەرەپكە بۇراپ ماقۇل دىگەن ئىشارىنى قىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە: - سۆيۈملۈك شاھزادەم، ماڭا بىر قارىغىنا، - دىگەن ئىكەن، شاھزادە تولۇن ئايدەك قىزدىن خىجىل بولۇپ قارىيالماپتۇ. ئاقىۋەت مەلىكە قانخور بىلەن شاھزادە توي قىلىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شاھزادە ئايالى مەلىكە قانخورغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەلىكىنىڭ شاھزادىغا بولغان مۇھەببىتى كۈندىن - كۈنگە ئۇلغىيىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ شاھزادە بىلەن مەلىكە شاھزادىنىڭ شەھىرىگە راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار ئالتە ئايلىق يولنى ئۈچ ئايدا بېسىپ شاھزادىنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. ئۇلار ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ شاھزادىگە قىرىق بىر كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. بۇ ئىشلاردىن ھاياجانلانغان مەلىكە ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە شەھەرنى ۋە پادىشاھلىقىنى شاھزادىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: قاسىم ئابلا
← بارلىق تېمىلار چوچاق