ئارغىماق ماجراسى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر پادىشاھ بولغانىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ زېمىنى شۇنچىلىك كەڭ ئىكەنكى، ئۇ پايتەختنى ئىككى ئورۇندا قۇرۇپ، ياشلىقى بىرىدە، قىشلىقى يەنە بىرىدە تۇرۇپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ يۇرت سورىغانىكەن.
بىر يىلى كۈزدە، شاھ يازلىق پايتەختىدىن قىشلىق پايتەختكە يۆتكىلىپتۇ. يول بويى شىكار قىلىپ، ئۆزىگە نۇرغۇن مۇلازىملارنى ھەمراھ - يار قىلىپ، مەھەللە - ئايماقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ياخشىلارنى ئىنئام بېرىپ، تارتۇقلاپ، يامانلارنىڭ ھاياتلىق شامىنى ئۆچۈرۈپ مېڭىپتۇ.
شاھ تۇلپار، ئارغىماقلارغا ھەۋەسمەن كىشى ئىكەن، بەيگە قىلىش ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشى ئىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بەگ - سىپاھلىرى ئىچىدە بەيگە خۇمار - چەۋەندازلار تولا ئىكەن. ئاشۇ بەگ - سىپاھلارنىڭ ئارىسىدا كېرىمھاجى ئىسىملىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئارغىمىقى باشقىلارنىڭكىدىن نوچى، رەڭگى قۇلىكەن. كېرىمھاجىنىڭ قۇلا ئارغىمىقى چېپىشقا چۈشسە، قاناتلىق قۇشمۇ كەينىدە قالىدىكەن. شۇڭا ئارغىماقنىڭ ئىگىسى ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماي، شاھنىڭ قېشىدىلا ماڭىدىكەن.
شاھ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەردە ئاشۇنداق بىر ئارغىماقنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيىنىدىكەن. كېرىمھاجىغا ئات تۈپەيلىدىن مەرھەمىتىنى ئايىمايدىكەن، ئەمما كېرىمھاجى دېگەن بۇ كىشى قىزىلكۆز، ئىچى يامان، نەپسانىيەتچى ئاەم ئىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق ئىللەتلىرىنى شاھ بىلمەيدىكەن.
ئەمدى گەپنى شاھنىڭ سەپىرىدىن ئاڭلايلى.
شاھ بەگ - سىپاھلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپتۇ. ئۇ بىر مەنزىلگە يەتكەندە، ۋاقىت پېشىندىن ھالقىپ ئۆتكەندە كېرىمھاجىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن دەم ئېلىشقا توختايدىغان كېچىسى مۇشۇ يەردە ئۇخلايدىغان بولۇپ قونالغۇ راسلاپتۇ.
شاھنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرت كاتتىلىرى دەرھاللا ھاردۇق سوراشقا كېلىشىپتۇ، يولدا كەلگىچە تون - يەكتەكلىرىنىڭ پېشىگە پۇتلىشىپ نەچچە يەردە يىقىلىشىپتۇ، ئاتلىقلار ئۇزاپ كېتىپتۇ - يۇ، پىيادىلىكلەر ئارقىدا قېلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ شاھ ھۇزۇرىغا نۇرغۇن خالايىق جەم بولۇپتۇ.
شاھنىڭ ئالدىغا چىققانلار ئىچىدە داۋۇ تقارىم ئىسىملىك كاتتا بىر بايمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ ساۋادى تولۇق، نام - شەرىپى ئۇلۇغ، بايلىق شاھقا يېتەلمىسىمۇ، ۋەزىر ئەزەمگە تەڭ كىشى ئىكەن.
داۋۇتقارىنىڭ ئات - چارۋىسى مول بولۇپ، تېخى يېقىندىلا يايلاقتىكى بىر بايتىلى قۇلۇنلاپتىكەن. يېڭى تۇغۇلغان تاي شۇنچىلىك گۈزەل ئىكەنكى، رەڭگى ئوتقاشتەك، تۈكلىرى سۈزۈك قاشتاشتەك، بويى ئىنچىكە، پۇتلىرى مەزمۇت، كۆزلىرى چاقناقكەن. تاي كۈنلەپ بوي تارتىپ ئۆسكىلى باشلاپ، كونا موي - تۈكلىرىنى تاشلاپ، قەددى - قامىتىنى تۈزەپ شاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئارغىماق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتقان مەزگىلدە شاھ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن.
داۋۇتقارى شاھ بىلەن سالام - سائەت قىلىشىپ، كۆرۈشۈش رەسمىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قويدىن پاقلان، ئۆچكىدىن ئوغلاقلارنى ئۆلتۈرۈپ تونۇرغا تىقىپتۇ، توخۇدىن چۈجە، كەپتەردىن باچكىرنى زىخلارغا ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاتتىن تاي، تۆگىدىن بوتىلاقلارنى داشقازاندا پۈتۈن پىشۇرۇپتۇ. قىسقىسى كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ.
ھېلىقى تاي ئۆزىنىڭ ئاجايىپ قامەت - سۆلىتى بىلەن ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىپتۇ. ھەتتا پادىشاھى ئالەمنىڭ ئۈستۈن نەزىرىمۇ ھەيرانلىق يىپلىرى ئارقىلىق تايغا باغلىنىپتۇ. شاھنىڭ كەم سۆز لەۋلىرى ئېچىلىپتۇ. ماختاش دۇردانىلىرى چېچىلىپتۇ.
بۇ ھالنى كۆرگەن كېرىمھاجىنىڭ قىزىلكۆزلۈك كېسىلى قوزغىلىپ، مۇددىئاسىنى ئارزۇ ئوتلىرىغا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، لەۋلىرى كۈلگەندەك قىلغىنى بىلەن قاپاقلىرىنى ئۇچۇرۇپ تۇرۇپ داۋۇتقارىدىن سوراپتۇ:
- بۇ تاي ئۆزلىرىنىڭمۇ؟
- خوش، شۇنداق، ئۆز يىلقامدىكى بايتالدىن تۇغۇلغان.
- سىلىنىڭ يىلقىلىرىدا ئارغىماق نەسلى بارمىدى؟
- يوقسۇ، بۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئادەتتىكى ئاتتىن تۇغۇلدى ۋە ئارغىماق بولۇپ يېتىشتى.
كېرىمھاجىمنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل مۇشۇنداق جاۋاب ئىكەن. شۇڭا ئۇ داۋۇتقارىنىڭ «ئادەتتىكى ئاتتىن تۇغۇلدى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپلا پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ ئېتەكلىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرۈپتۇ:
- داد، پادىشاھى ئالەم، مال ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلسا، بۇ تاي ماڭا بۇيرۇلسا! چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئارغىمىقىمنىڭ پۇشتى، ئۇ مېنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك.... ئۇ پادىشاھنى قايىل ۋە كۆڭلىنى ئۆز پىكرىگە مايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپتۇ.
پادىشاھقا «ئادەتتىكى بايتالنىڭ بىكاردىن - بىكار ئارغىماق ئەقلىغا سىغمايدۇ» غاندەك ھېس قىلىنىپتۇ. «مەشرىقتىكى ئارغىماقنىڭ كىشنىشى مەغرىبتىكى بايتالنىڭ ئارغىماق تۇغۇشىغا سەۋەب بولغان بولسا ئەجەب ئەمەس» دەپ ئويلاپتۇ. ئۆز يېقىنىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشنى خالىماپتۇ. شۇڭا داۋۇت قارىنىڭ ئارغىمىقىنى كېرىمھاجىغا بۇيرۇپ بېرىپتۇ.
شاھ ھۆكۈمىگە بىنائەن كېرىمھاجى تاينى ئېلىپ كېتىپتۇ. داۋۇتقارى ئامراق نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ يېگىنى زەھەر، كىيگىنى كېپەنگە ئايلىنىپتۇ.
نەئامال، داۋۇتقارى تەقدىرگە پۈتۈپتۇ. ئارىدىن ئالتە - يەتتە ئاي ئۆتۈپتۇ.
داۋۇتقارىنىڭ نىياز ئىسىملىك ئەقىللىق، باتۇر بىر خىزمەتكارى بار ئىكەن. ئۇ خوجايىنىغا ياردەملىشىش قارارىغا كەپتۇ:
- سىلى ماڭا بىر دانە كۈمۈش نەيزە، بىر دانە قۇيۇچ نەيزە ياسىرىپ بەرسىلە، مەن ھېلىقى تاينى قوللىرىغا قايتۇرغۇزۇپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلاتتىم. نەيزىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ غۇلاچتىن كىم بولمىسا.... - دەپتۇ.
داۋۇتقارى نىياز باتۇرغا ئىشىنىدىكەن، شۇڭا دەرھال ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ. نەيزە تەييار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
نىياز باتۇر پايتەختكە بېرىپتۇ، ئۆزى ئويلىغان پىلان بويىچە دەرھال ئىشىغا كىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ ئىشى پايتەختتىكى ئىتلارنى نەيزىلەپ ئۆلتۈرۈشتىن باشلىنىپتۇ. نەدە ئىت كۆرسە، مەيلى ئۇ ئىگىسىز لالما ئىت بولسۇن، مەيلى كىشىلەرنىڭ زەنجىرلەپ باققان تايغانلىرى بولسۇن، ئىتلا بولسا ھېچقاندىقىنى ئاياپ ئولتۇرماپتۇ.
مەشرىق ئەھلى بۇ ئەھۋالنى دەرھال پادىشاھقا مەلۇم قىلىپ ئەرز سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ياساۋۇللىرىنى چىقىرىپ، نىياز باتۇرنى تۇتۇپ كېلىپ سوراققا تارتىپتۇ:
- خەلقنىڭ ئىتلىرىنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟
- نىياز باتۇر قىلچە ھودۇقماي، پادىشاھنىڭ سوئاللىرىغا تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ:
- جانغا ئەسقاتمايدىغان بۇنداق لالما ئىتلارنى باققاننىڭ نېمە پايدىسى؟ پايدىسى تەگمەيدىغان بۇ كالامپايلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن ياخشى ئەمەسمۇ!
- سەن بۇ ئىتلارنىڭ جانغا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسەن؟ - دەپتۇ شاھ.
پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ نىياز باتۇر، - ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، بىزنىڭ مەغرىب تەرەپلەردە توڭگۇز ئاپىتى بەكمۇ ئېغىر. توڭگۇزلار قوناقلارنى چەيلەپ، ئېتىزلىقلاردا لەيلەپ، زەل - زىرائەتلەرنى بەربات قىلىدۇ، ئەل - يۇرت بۇ بىر نېمىلەرنىڭ دەستىدىن ھەمىشە پەرياد قىلىدۇ. بۇ يىل توڭگۇزلار بەكمۇ ئەدەپ كەتتى. ئۇلار مەغرىب ئېتىزلىرىدا خالىغانچە نايناقشىسا، مەشرىقنىڭ ئىتلىرى بۇ يەردە بەخىرامان ئويناقشىسا، كىممۇ چىداپ تۇرالايدۇ؟ مەن شۇ سەۋەبتىن بۇ يەرنىڭ ئىتلىرىنى جانغا ئەسقاتمايدىكەن دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، ئۆلتۈرۈشنى لايىق كۆردۈم.....
- ھۇ ساراڭ، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ بىر تەرىپىدە خۇشامەت قىلىپ تۇرغان كېرىمھاجى جاۋابەن، - مەغرىبتىكى توڭگۇزلارنىڭ خارتىلدىشى مەشرىقتىكى ئىتلار قانداق ئاڭلايدۇ؟ ئەقلىڭ جايىدىمۇ سېنىڭ....
- ئۇلۇغ شاھىم، - دەپتۇ نىياز باتۇر دەرھال، - كېرىمھاجىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىلا، ئەگەر ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بولىدىغان بولسا، مەشرىقتىكى ئارغىماق كىشنىسە، مەغرىبتىكى بايتال ئاڭلىيالارمۇ؟ بۇ كىشىنىڭ ئارغىمىقى مەشرىقتە كىشنەپ، مەرىبتىكى بايتالنى بوغاز قىلىدىكەنۇ، نېمىشكە بىزنىڭ يۇرتتىكى توڭگۇزلار خارتىلدىسا، بۇ يەردىكى ئىتلار ئاڭلىيالمايدىكەن؟ شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئوبدانراق ئويلاپ كۆرۈشىنى سورايمەن!...
نىياز باتۇرنىڭ سۆزى كېرىمھاجىمنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىغا ئالتە ئاي بۇرۇنقى ئارغىماق ماجراسى كەپتۇ ۋە شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ چوڭ خاتاغا يول قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ. پادىشاھ ئەدلى - ئادالەتلىك ۋە مېھرى - شەپقەتلىك بولغاچقا، ھېلىقى خاتا ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئارغىماق بالىسىنى كېرىمھاجىدىن ئالدۇرۇپ، نىياز باتۇرغا تاپشۇرۇپتۇ. داۋۇتقارىغا ئۆزرىخاھلىق بىلەن تولغان بىر پارچە خەت ۋە نۇرغۇن سوۋغا - سالاملارنى ئەۋەتىپتۇ.
ئارغىماق بالىسىنى كۆرگەن داۋۇتقارىنىڭ غەم - قايغۇسى تۈگەپتۇ، بۆلەكتىن ياشارغاندەك روھلىنىپتۇ. ئۇ نىياز باتۇرغا ئاپىرىن ئوقۇپ نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ ۋە ئەل ئارىسىدا ئارغىمىقىنى چاپتۇرۇپ كېيىنكى ئۆمرىنى ئەل بىلەن بىرگە بەختلىك ئۆتكۈزۈپتۇ.