سۇنەيچى بالا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
زاماننىڭ زامانىسىدا، كۇئېنلۇن ۋادىسىدا بىر گۈزەل شەھەر بار ئىكەن. ئۇنىڭ پادىشاھىدىن تارتىپ پۇقرالىرىغىچە مۇزىكىغا ئىشقىۋاز ئىكەن. پادىشاھ پات - پات بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلايدىكەن. يىراق - يېقىندىن بۇ شەھەرگە كەلگەن مۇساپىرلار ئىچىدە ئازراق ساز چېلىشنى بىلىدىغانلىرى پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر بولىدىكەن. ھەر قېتىمقى بەزمىدە پادىشاھ سازەندىلەرگە نۇرغۇن تىللا تارتۇق قىلىدىكەن. شەھەر خەلقىمۇ بۇ ئىشتىن رازى ئىكەن. بىراق پادىشاھنىڭ بىر ئاچكۆز غەزنىدارى بولۇپ، سازەندىلەرگە تارتۇق قىلىنغان ھەر بىر تىللا ئۈچۈن ئىچى ئادايدىكەن. شۇڭا تارتۇقتىن ئانچە - مۇنچە قاقتى - سوقتى قىلىپ كۆڭلىنى تىندۇرىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ شەھەرگە يىراق يۇرتتىن بىر سۈنەيچى، بىر دۇتارچى، بىر دەپەندى كېلىپ رەستىلەردە ساز چېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاپىرىن - ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. بۇ خەۋەر شۇ سائەتتىلا پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. پادىشاھ دەرھال ساراي مۇلازىمىدىن بىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ مۇساپىر سازەندىلەرنى ئوردىغا چاقىرتىپ كەپتۇ. دۇتارچى بىلەن داپەندى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۆزىگە كۆپ تەمەننا قويىدىغان تەكەببۇر كىشىلەر ئىكەن. سۇنەيچى بولسا ئەمدىلا 15 - 16 ياشلارغا كىرگەن، قەددى - قامىتى كېلىشكەن، ئۇياتچان بالا ئىكەن. پادىشاھ بۇ سازەندىلەرنى ئىسىل تاماقلار بىلەن ياخشى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، ئوردا ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە چاھارباغدا كاتتا سورۇن تۈزۈپ، ئۇلارنى ساز چېلىشقا تەكلىپ قىپتۇ.
دۇتارچى دۇتارىنى سازلاۋاتقاندا، داپەندى دېپىنى ئوتقا قاخلاۋاتقاندا سۇنەيچى بالا باققا نەزەر تاشلاپتۇ. بۇ گۈزەل باغدىكى رەڭمۇ - رەڭ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ شېخىغا قونۇپ شوخ سايراۋاتقان بۇلبۇل، تۇمۇچۇق، شاتۇتىلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى بالىنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپتۇ - دە، ئىلھامى قوزغىلىپ، سۇنەينى ئاجايىپ يېقىملىق بىر پەدىگە چېلىشقا باشلاپتۇ. دۇتارچى ئۆزى بىلمەيدىغان بۇ ئاھاڭنى ئاڭلاپ تەمتىرەپ قېلىپ، دۇتارنىڭ پەدىلىرىنى باسمايلا ئۇنىڭغا جۆر بولۇپتۇ. داپەندىمۇ دېپىنى دىرىڭلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. سۇنەي ئاۋازى سورۇندىكىلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋېتىپتۇ. بالا بىردىنلا سۈنىيىنى شوخ بىر پەردىگە يۆتكەپتۇ. بۇ تونۇش ئاھاڭ بولغاچقا دۇتارچى ۋە داپەندىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، جۆر بولۇپ ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشىپتۇ. سورۇن قىزىپتۇ. سۇنەيچىنىڭ سۇنىيىدىن چىقىۋاتقان يېقىملىق ئاۋازغا بۇلبۇلمۇ مەھلىيا بولۇپ، سۇنەيچىنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ شوخ سايراشقا باشلاپتۇ. باشقىلار بۇ كارامەتكە ھەيرانۇ - ھەس بولۇپتۇ. مۇزىكا تۈگىگەندىن كېيىن، پادىشاھ سۇنەيچى بالىنىڭ تەڭداشسىز ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ۋە ئۇنى يېنىدا قېلىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.
- كېرەملىك شاھىم! - دەپتۇ بالا ئىززەت - ئىكرام بىلەن، - ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا قالسامغۇ كۈنۈم بەختلىك ئۆتەتتى، بىراق قىرىق كۈنلۈك يىرقلىقتىكى بىر يۇرتتا قېرى ئاتا - ئانام بار، مەن جاھان كېزىپ، ئاتاقلىق سازەندىلەردىن ئۈگىنىپ، ماھارەت ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاتا - ئانامدىن ئۈچ ئايلىق مۆھلەت ئېلىپ سەپەرگە چىققان ئىدىم، بۈگۈن ئايلىنىپ كېلپ ئىلتىپاتلىرىغا مۇشەررەپ بولدۇم. ئىتىپاتلىرىغا رەھمەت، مۆھلەت سۈرۈگۈم توشۇپ قالدى. تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمنى، ئاتا - ئانامنى سېغىدىم، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدەمگە ۋاپا قىلىشىم كېرەك، ماڭا رەھىم قىلىپ ئىجازەت بەرسىلە.
- ئەقلىڭگە بارىكاللا! >ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا< دېگەن مۇشۇ، - دەپتۇ پادىشاھ ۋە غەزىنىدارنى چاقىرىپ:
- بۇلارغا ئۆز ئەجرىگە لايىق سوغات بېرىلسۇن، سۇنەيچى قايتىش ئالدىدا مېنىڭ يېنىمغا كىرسۇن! - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.
غەزىنىدار ئۇلارنى باشلاپ غەزىنىگە بېرىپتۇ. يولدا بارغىچە دۇتارچى، داپەندى بىلەن قۇلاق قېقىشىۋاپتۇ - دە، بالىنى ئىشىك تۈۋىدە قالدۇرۇپ دۇتارچى، داپەندىنى غەزىنىگە ئېلىپ كىرىپتۇ. داپەندى بىلەن دۇتارچى ئالغان ئالتۇنلىرىنى غەزنىدار بىلەن تەڭ بۆلۈشمەكچى بولۇپ كېلىشىۋالغاچقا، داپەندى ئۆزىنىڭ دېپىغا، دۇتارچى بولسا، دۇتارىنىڭ يۈزلۈگىنى ئېلىۋېتىپ قوسىقىغا پاتقىچە ئالتۇن قاچىلاپتۇ. سۇنەيچى بالا كېيىن چاقىرىق بويىچە غەزىنىگە كىرىپ ھەر قانچە ھەپىلەشسىمۇ سۇنىيىنىڭ ئىچىگە ئاران 40 تىللا پېتىپتۇ. ئۇ سۇنىيىنى كۆتىرىپ پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ داپەندى ۋە دۇتارچىنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىر قاراپلا ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ - دە، دەرغەزەپكە كېلىپ ئۇلارنى سوراققا تارتىپتۇ. داپەندى ۋە دۇتارچى غەزىنىدار بىلەن قىلىشقان مەسلىھەتلىرىنى پادىشاھقا مەلۇم قىلىپتۇ. پادىشاھ ئاچچىقىغا بەس كېلەلمەي، بارغان پېتى داپنى قولىغا ئېلىپ غەزنىدارنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ ئۇرغان ئىكەن، داپ يېرىلىپ، ئۇنىڭ گەردىشى غەزىنىدارنىڭ بوينىغا كىيىلىپ قاپتۇ. ياساۋۇل - مۇلازىملار غەزىنىدارنى زىندانغا تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ داپەندى بىلەن دۇتارچىغا يۈز تىللادىن بېرىپ رازى قىلىپ يولغا ساپتۇ. سۇنەيچى بالىغا بولسا بىر خۇرجۇننى لىق ئالتۇن بىلەن توشقۇزۇپ، شاھانە ئارغىماققا مىندۈرۈپ، تۆت نەپەر ياساۋۇلنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ. >نىيىتى ياماننىڭ يۈزى قارا< دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.