UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋاپادار ئاكا

ۋاپادار ئاكا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مەلۇم بىرئەزىم دەريا بويىدا بىر بېلىقچى ياشايدىكەن. بېلىقچى ھەركۈنى دەرياغا ئىككى قېتىم تور سالىدىكەن. تۇتقان بېلىقنىڭ بىر قىسمىنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا نان - پان، ئۇن - پۇن ۋە كۆكتاتلار سېتىۋالىدىكەن. بىر قىسمىنى ئۆزلىرى يەيدىكەن. بۇ بېلىقچىنىڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپتۇ. بېلىقچى بىركۈنى ئىككى ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ، چوڭ ئوغلىغا: _ بالام، مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇكاڭغا ياخشى قارا. ئۇكاڭغا ئاتا ھەم ئانا بولۇپ، بېشىنى ئوبدان سىلا. ياخشى خەۋەر ئالغىن. مەندىن كېيىن قالغاندا، يىتىمسىراپ قالمىسۇن، - دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بېلىقچى ۋاپات بوپتۇ. ئىككى ئوغۇل يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ، دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپتۇ. ئاكىسى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، دائىم ئۇكىسىنىڭ غېمىنى يەپ ياخشى قاراپ، ئوبدان خەۋەر ئاپتۇ. پىشۇرغان بېلىقنىڭ بېشىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، قالغان قىسىمىنى ئۇكىسىغا بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن زامان ئۇكسىنى ئوبدان بېقىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇكىسىنىڭ قورسىغا جىن كىرىپتۇ. «ئاكام دائىم بېلىقنىڭ بېشىنى ئۆزى يەۋالىدۇ. بەلكىم بېلىقنىڭ بېشى تاتلىقراق بولساكېرەك. مېنى بوزەك قىلىپ ماڭا بېلىقنىڭ بېشىنى بەرمەيدۇ. خەپ توختاپ تۇر، ئەدىپىڭنى بېرىپ بېلىقنىڭ ئوڭچە ئۆزۈم يېمىسەم» دەپتۇ. بىر كۈنى ئۇ، ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەسىتىگە چۈشۈپتۇ. بۇنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن تەڭ، ھاۋامۇ بۇزۇلۇپتۇ، قارا بولۇتلار ئاسماندا ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇشۇپتۇ. ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن دەرياغا تور ساپتۇ، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن ئاران دېگەندە بىر بېلىق تۇتۇلۇپتۇ. بېلىقنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇكىسى نىيىتىنى بۇزۇپتۇ. ئاكىسى ئۆيگە قايتىشقا تەمشىلىپ تۇرۇشىغا: _ ۋاي ئاكا! ئاۋۇ يەردە ئاجايىپ، غەلىتە بىر بېلىق كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ. ئاكىسى: _ ۋاي قېنى؟ - دەپ، دەرياغا قارىشىغا، ئۇكىسى ئارقىسىدىن بىر ئىتتەرگەن ئىكەن، ئاكىسى دەرياغا يېقىلىپ، چۆكۈپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن يەنە سۇ ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ چىقىپ، ئۇكىسىغا بىر قاراپ سۇغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. قايتا چىقماپتۇ. ئاسماننى قارا بولۇت قاپلاپتۇ. ئالەمنى بوران - شامال بېسىپتۇ. دەريا سۇلىرى دولقۇنلىنىپ شاۋقۇن ئۇرۇپ گۈركىرەپتۇ. ئەمدى ئاكىسى قايتا كۆرۈنمەپتۇ. ئۇكىسى بېلىقنى ئۆيگە ئاپىرىپ پىشۇرۇپ: «ئاكام مېنى بوزەك قىلىپ بېلىقنىڭ بېشىنى ئۆزى يەۋىلىپ ماڭا بەرمەيتتى، ئەمدى ئۆزۈم ئوڭچە بىر يەي» - دەپ، بېلىقنىڭ بېشىنى يىگەن ئىكەن، بېلىقنىڭ بېشى شۇنداق تەمسىز، ئاچچىق ئىكەنلىكى، كۆڭلى ئېلىشىپ كېتىپتۇ. قولىدىكى بېلىقنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ ھەسرەت چېكىپ: «ۋاي جېنىم ئاكا! سەن قايان كەتتىڭ؟ سېنىڭ مېھرى - شەپقىتىڭ، خەير - خاھلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. مېنى يېتىمسىرەپ قالمىسۇن دەپ، بېلىقنىڭ تەمسىز، ئاچچىق يېرىنى ئۆزۈڭ يەپ، تەملىك، تاتلىق يېرىنى ماڭا بېرىپ بېقىپسەن. مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ ئېزىپتىمەن. ئەمدى مەن قانداق قىلاي، مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرگىن جېنىم ئاكا!» دەپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ ۋە چاپقانچە دەريانىڭ بويىغا بېرىپ، ئاكىسىنى ئىزلەپتۇ. دەريا سۈيى دولقۇن ئۇرۇپ ئاقماقتا ئىكەن. ئاكىسىدىن ھېچقانداق ئىز - ئەسەر يوق. «ۋاي جېنىم ئاكا! سەن قايدا؟ » دەپ ۋارقىرىپ دەرينىڭ باش تەرىپىگە يۈگۈرۈپتۇ. ئاياغ تەرىپىگە يۈگۈرۈپتۇ. كېچە - كۈندۈز ۋارقىراپ يىغلاپ ئاكىسىنى ئىزلەپتۇ. كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ يىغلاپتۇ. يىغلا - يىغلا ئاخىر قۇشقاچقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە، ئۇ قۇشقاچ ھازىرغىچە يىغلاپ، ئاھ ئۇرۇپ، نالە قىلىپ ئاكىسىنى ئىزلەپ ئۇچۇپ يۈرەرمىش.
← بارلىق تېمىلار چوچاق