UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بىلەن ئوتۇنچى

پادىشاھ بىلەن ئوتۇنچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن شېئىر - قوشاققا ئامراق بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ھەربىر گەپ - سۆزنىمۇ قاپىيىلىك قىلىشنى خالايدىكەن. ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەن ھەرقانداق ئەرز - ئىلتىماس شېئىر - قوشاق شەكلىدە يېزىلمىسا ئۇ سورىمايدىكەن. بىرە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شېئىر ئاساس قىلىنغان تەلپنامە يېزىش لازىم ئىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كىشىلىرى قاپىيىلىك سۆزلەشكە ئادەتلىنىپتۇ. باشقا مەملىكەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ مەملىكەتنى «شائىرلا مەملىكىتى» دەپ ئاتايدىكەن. ئىسمى - جىسمىغا لايىق بۇ «شائىرلار مەملىكىتى» دە ھەر بىر پەسىلدە بىر قېتىم شېئىر ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپتۇ. پادىشاھ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان شائىرلارغا ئۆزى كۆتەرگۈدەك ئالتۇن مۇكاپات بېرىدىكەن. ئادەتتىكى شېئىر - قوشاقلارغىمۇ ھەربىر كۇپلېتى ئۈچۈن شېئىر يازغۇچىنىڭ بىر ئايلىق تەمىناتىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادىي مۇكاپات بېرىدىكەن. بۇ شەھەردە ئوتۇنچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن . ئۇ بىر كۈنى تۆت ئىشەكنى ھەيدەپ جاڭگالغا ئوتۇنغا مېڭىپتۇ. كېتىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ھەمىشە جاڭگالدىن ئوتۇن توشۇپ ئۆتۈۋاتقان كۈنىگە ئەپسۇسلىنىپتۇ. «مېنىڭمۇ ساۋادىم بولغان بولسا شائىر بولۇپ، ئوتۇن توشۇماي شېئىر يېزىپ پادىشاھنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ ياخشى كۈن كەچۈرگەن بولاتتىم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوقۇيالمىغانلىقىدىن چەكسىز ھەسرەتلىنىپتۇ. چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ مۇنداق دەپتۇ: تۆت ئېشىكىم بار، ھەممىسى قارا، ئۆتەر كۈنۈم جاڭگال ئارا. مەن بارمىسام جاڭگالغا، ئىشەكنى ھەيدەپ كىممۇ بارا؟ ئۇ بۇ قوشاقنى قايتا - قايتا تەكرارلاپ ئوقۇپ: «مەنمۇ شائىر بولسام بولغۇدەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتۇن توشۇماي پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇپ بېرىپ مۇكاپات ئالاي» دەپ ئىشەكلىرىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇپ، شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. دەل شۇ پەيىتتە پادىشاھ ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن جاڭگالغا ماڭغان ئىكەن. پادىشاھ جاڭگال تەرەپتىن تۆت ئىشەكنى قۇرۇق ھەيدەپ كېلىۋاتقان ئوتۇنچىنى كۆرۇپتۇ. پادىشاھ ئوتۇنچىنى تونۇمايدىكەن. ئوتۇنچىمۇ پادىشاھنى تونۇمايدىكەن. پادىشاھ ئوتۇنچىدىن نېمە ئۈچۈن ئوتۇنلۇقتىن ئىشەكنى قۇرۇق ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىنى سوراپتۇ، ئوتۇنچى مۇنداق دەپتۇ: - مەن بولسام بىر ئوتۇنچى. ھەمىشە جاڭگالدا يۈرىمەن بىزنىڭ شەھەرنىڭ پادىشاھى شېئىر - قوشاققا ئامراق، شائىرلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن بۈگۈن جاڭگالغا كېتىۋېتىپ بىر قوشاق توقۇپ باقسام خېلى كېلىشىپ قالدى. شۇ قوشاقنى ئوقۇپ، پادىشاھدىن مۇكاپات ئالاي، دەپ ئارقامغا قايتىپ كېلىۋاتىمەن. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوتۇنچىدىن قوشاقنى ئوقۇپ بېرىشنى سوراپتۇ. ئوتۇنچى، پادىشاھنى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپتىن قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە : - مەن پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا قوشاق تۈزىدىغان ئادەممەن. ماڭا يارىسا پادىشاغىمۇ يارايدۇ، - دەپتۇ. ئوتۇنچى قوشاقنى ئوقۇپتۇ. پادىشاھ بۇ قوشاقنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ ئوتۇنچىغا قاراپ: بۇ قوشىغىڭىز شاھقا قانداقمۇ يارا، ياخشىراق يېزىڭ سىز بارا - بارا، - دەپتۇ. ئوتۇنچى بۇ سۆزدىن ئاچچىقلىنىپ: ۋاي ئاكا، بۇ قوشاق يارىسا يارا، يارىمىسا ئاغزىم جايىدا قالا، - دەپتىكەن، پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئوۋغا بىللە ماڭغان ئادەملەرگە ئوۋغا بارماي ئوردىغا قايتىشىغا بۇيرۇپتۇ. ئوردا ئەھلى ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ئوردىغا كېلىپ ھەر قايسىسى ئۆز ئارامگاھلىرىدا ئارام ئېلىشىپ تۇرغاندا، ھېلىقى ئوتۇنچى ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ داستىخان سېلىپ ئوتۇنچىنى مېھمان قىلغاندىن كېيىن، ئالدىغا چاقىرتىپتۇ . ئوتۇنچى ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىپ قارىسا بايا يولدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن كىشى تەخىتتە ئولتۇرغۇدەك. ئوتۇنچى خىجالەتتىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئوتۇنچىدىن: - سىز نېمە ئۈچۈن بۇيەرگە كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئوتۇنچى مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ ۋە جاڭگالدا توقۇغان قوشاقنى ئوقۇپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئوتۇنچىغا ئىككى ئايلىق تەمىناتىغا يەتكۈدەك مۇكاپات بېرىپ ئوتۇنچىنى مەشھۇر ئوردا شائىرىغا تاشۇرۇپتۇ ۋە ئوتۇنچىنى بىر يىلدا ئاتاقلىق شائىرلار قاتارىغا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇستاز كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىپتۇ. ئوتۇنچىمۇ قېتىقىنىپ ئۆگىنىپتۇ ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈن ئوردىدا تەڭدىشى يوق شائىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە تۇنۇلۇپ داڭقى كۆتىرىلىپتۇ. («كۇچار ناخشىلىرى» نىڭ 1980 - يىلى 4 - سانىدىن ئېلىندى) ئېيتىپ بەرگۈچى: ئىمىر ھىزىم رەتلىگۈچى: ن، غۇپۇر
← بارلىق تېمىلار چوچاق