يولۋاس بىلەن پاقا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
پاقا كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولۋاس بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ.
- كىم بولىسەن ئۆزۈڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پاقا.
- يولۋاس بولىمەن.
- بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟
- سەندەك كىچىك ھايۋانلارنى يەپ، قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن كەلدىم.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان پاقا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- مېنى يېيىشكە قانداق جۈرئەت قىلالىدىڭ؟ مېنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسەن؟ - دەپتۇ.
- كىم بولىسەن؟ - دەپتۇ يولۋاس. ئۇ پاقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىكەن.
- مۇشۇ يەرنىڭ پادىشاھى پاقا بولىمەن! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پاقا.
يولۋاس بېشىنى چايقاپ، پاقىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەپتۇ.
- ئىشەنمەمسەن؟ ھا.... ھا...ھا ....! ئۇنداق بولسا ئىككىمىز ماھارەت كۆرسىتىپ باقايلى، شۇندىلا بىلىپ قالىسەن، - دەپتۇ پاقا.
- قانداق ماھارەت كۆرسىتىشىمىز؟
- ئۇزۇنغا سەكرىشىمىز. مانا ئالدىمىزدا بىر ئۆستەڭ تۇرۇپتۇ، ئۆستەڭنىڭ ئۇ قىرىغا سەكرەپ ئۆتىمىز.
يولۋاس ماقۇل بوپتۇ. ئۇ نېرىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى بىرلا سەكرەپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. پاقا يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلىۋالغانىكەن، شۇڭا يولۋاس بىلەن بىللىلا ئۆستەڭنىڭ ئۇ قىرىغا ئۆتۈۋاپتۇ. بۇ ئىشتىن بىخەۋەر يولۋاس ئۆستەڭنىڭ ئۇ تەرىپىگە قاراپ:
ھەي پاقا، بۇ ياققا تېز ئۆتمەمسەن؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- مەن بۇ يەردە! - دەپ كۇركىراپتۇ پاقا يولۋاسنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، - قېنى ئېيتىپ باقە، قايسىمىز يىراققا سەكرىيەلەيدىكەنمىز؟
يولۋاس: «پاقا راستىنلا يىراققا سەكرەيدىكەن» دەپ ئويلاپ ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا پاقا ئاغزىنى ئېچىپ، يولۋاسنىڭ بىر نەچچە تال تۈكىنى پۈركۈپتۇ.
- پاقا، نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭدىن يولۋاسنىڭ قۇيرۇق تۈكى چىقىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ يولۋاس ئەجەبلەنگەن ھالدا.
- تۈنۈگۈن بىر يولۋاسنى پۈتۈنلا يەۋەتكەنىدىم. ئاغزىمدا ئۇنىڭ بىرنەچچە تال تۈكى قاپتۇ، - دەپتۇ جاۋاب بېرىپتۇ پاقا.
يولۋاس پاقىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىر كۈچلۈك ھايۋاننى يېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن بەدەر قېچىپتۇ. ئۇ قېچىپ - قېچىپ بىر يەرگە كەلگەندە، تۈلكە ئۇچراپ قاپتۇ.
- تەقسىر، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ تۈلكە.
يولۋاس ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، باياتىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، تۈلكە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن:
- پاقا تازا پو ئېتىپتۇ، بىز ئىزدەپ بېرىپ ھېساب ئالايلى، ئۇنى ئۇرۇپ، يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتەيلى! - دەپتۇ. يولۋاس يەنىلا قورقۇپ بېرىشقا پېتىنالماپتۇ.
- مەن تۇرسام نېمىدىن قورقىلا! - دەپتۇ تۈلكە.
- ئەگەر پاقىنىڭ قىشىغا بارغاندا قېچىپ كەتسەڭ قانداق قىلىمەن؟
- ھە، ئەسلى مېنىڭ قېچىپ كېتىشىمدىن قورققانمىدىلە؟ ئۇنداق بولسا ئىككىمىز قۇيرۇقىمىزنى بىر - بىرىگە باغلاپ قويايلى.
يولۋاس بىلەن تۈلكە قۇيرۇقىنى مەھكەم باغلاپ. پاقىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزى تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پاقا:
- ھوي تۈلكە، مەن ساڭا ناشتىلىق ئۈچۈن بىر يولۋاسنى بالدۇرراق ئەكىلىپ بەر دېسەم، كېچىكىپ مانا ئەمدى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ يولۋاسنى تېزدىن ماڭا بەر، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
يولۋاس بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «تۈلكە مېنى ئالدىراپ پاقىغا ناشتىلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەپتۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، قورقۇپ بەدەر تېكىۋېتىپتۇ.
تۈلكە تۈلكە ناھايىتى تىت - تىت بولۇپ:
- ھەي يولۋاس، قورققان بولساڭ قۇيرۇقۇمنى يېشىۋېتىپ ئاندىن قاچ! - دەپتۇ.
يولۋاس قۇيرۇق يېيىشكە قانداقمۇ ئۈلگۈرەلىسۇن؟ ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قېچىپ تۈلكىنى سۆرەپ ئۆلتۈرۈپتۇ.