UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق قىز

ئەقىللىق قىز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمقى زاماندا، كەڭ بىر يايلاق بار ئىكەن. ئۇنىڭدا، قوي، كالا، تۆگە - تايلاق، بوغا - مارال قاتارلىق ھايۋانلار ئوتلايدىكەن. بۇ يايلاقنىڭ ئەتراپى قەۋەت - قەۋەت ئىگىز تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، قوينى بەكمۇ ئىللىق ئىكەن. باھار ۋە يازلا بولىدىكەن، قىش بولمايدىكەن. ھاۋاسى تەنگە راھەت، سۈزۈك سۇلىرى ھەسەل تەمىلىك ئىكەن. بۇلبۇللىرى ناۋا ئەيلەپ، قالغاچلىرى شوخ ئۇسۇللار ئوينايدىكەن. بۇ گۈزەل يايلاقتا قاسىم ئىسىملىك بىر بوۋاي بار ئىكەن. بوۋاي دۇتار چېلىشقا ئۇستا ئىكەن، ئۇنى ئاز دەپ سۇنايغىمۇ تىل كىرگۈزۈۋېتىدىكەن. ئەل - يۇرت ئىچىدە ئابرويى چوڭ بولۇپ، گېپى - گەپ، سۆزى - سۆز ئىكەن. بوۋاي خۇداغا مۇراجەت قىلىپ: - يېشىم يەتمىشكە يەتتى، يالغۇز ھەم كىچىك بىرلا قىزىم بار. ئېھ خۇدا! رەھىم ئەيلەپ بىر ئوغۇل بەسەڭ. ئوغۇل بالا دىگەن ئاتىنىڭ ئوڭ قانىتى، قېرىغاندا بىر يۆلەنچۈك، جاننىڭ راھىتى، مەن ھازىرقى ھالىمدىن بىزارمەن، بېشىمغا كۈن چۈشسە قانداق قىلارمەن؟ - دەپ يىغلاپ نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن، لېكىن قاسىم بوۋاينىڭ تىلىگى، خۇدانىڭ ئالدىدا ئىجاۋەت بولماپتۇ. بوۋاي شۇنداق يىغلاپ يۈرۈپ، كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ھال - ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، نەپەسلىرى بوغۇلۇپتۇ. بوۋاي ئاخىرى يۇرۇق دۇنيادىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ يالغۇز قىزى گۈلسۈم ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. قوي - قوزىلارنى باقىدىكەن. گۈلسۈم قىز بەكمۇ چىچەن، قولى گۈل ئىكەن، ھەركەتلىرى خۇددى چاقماقتەك تېز ئىكەن. بۇ قىز بوۋاي ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت ئىكەن. بوۋاينىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ. دادىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن گۈلسۈم قىز كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ دادىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپتۇ. نەچچە تاغ - داۋانلارنىڭ نېرىسىدا داڭلىق بىر تىۋىپ بار ئىكەن. ئۇنىڭ تۇتقان دورىلىرى بەكمۇ شىپالىق ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان گۈلسۈم قىز يول تەييارلىقى قىلىپ بوينىغا ئوق - يا، يېنىغا شەمشەر ئېسىپ يولغا چىقىپتۇ. ئەل ئۇيقۇغا ياتقان چاغدا، قىز بىر داۋانغا يامىشىپتۇ. بۇ داۋاندا نۇرغۇن بۆرە بار ئىكەن. گۈلسۈم قىزنى كۆرگەن ئاچ بۆرىلەر ھۇۋلىشىپ، بىر - بىرىگە ماسلىشىپ قىزنى ئارىغا ئاپتۇ. بارغانسېرى يېقىنلاپ گۈلسۈم قىزغا خىرىس قىلىشقا باشلاپتۇ. لېكىن، قىز قىلچە تەمتىرىمەستىن ئوق يارىدىن بۆرىلەرگە ئوق ئۈزۈپتۇ. ھەر بىر ئوقتا بىر بۆرە يەر چىشلەپتۇ، ئەتراپ بۆرە ئۆلىكىگە تولۇپتۇ. بىراق بۆرە كۆپ ئىكەن. غالجىرلاشقان بۆرىلەر ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ گۈلسۈم قىزنى تەمتىرەتمەكچى بولۇشۇپتۇ. قىز تەرلەپ - تەپچىرەپ بىر ھازا جەڭ قىپتۇ. ئاخىرى ئوقى تۈگەپ قېلىپ، بېشى قېتىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېسىگە چوڭلارنىڭ: «بۆرە ئوت ۋە يورۇقلۇقتىن قورقىدۇ» دېگەن ئاقىلانە سۆزى كەپتۇ. گۈلسۈم قىز ئەترپتىن قۇرۇق ئوتۇن، شاخ - شۇمبۇلارنى توپلاپتۇ. قىزدا سەرەڭگە يوق ئىكەن. ئۇ دەرھال بىر جۈپ تاشنى ئېلىپ كۆينىگىنىڭ يېڭىدىن كىچىككىنە يىرتىپ تاشنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئىككى تاشنى بىر - بىرىگە سۈركەپتۇ. تاشتىن ئوت پەيدا بولۇپ لاتىغا تۇتىشىپتۇ. قىز خوشال بولۇپ، ئوتنى ئوتۇنلارغا تۇتاشتۇرۇپتۇ. بۆرىلەر يالقۇنلۇق ئوتتىن قورقۇپ بەدەر قېچىپتۇ. قىز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، تاغ - داۋان، چۆللەرنى بېسىپ، چولپان تۇققان چاغدا تىۋىپ بار مەھەللىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ تىۋىپنى تېپىپ، دورا - دەرمەكنى ئېلىپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ. يۇلغۇنلار، گۈل - گىياھلار خۇش تەبەسسۇم بىلەن قىزغا تازىم قىلىشىپتۇ. گۈلسۈم قىزنىڭ ئېلىپ كەلگەن دورىسى بوۋايغا شىپا بولۇپتۇ، بوۋاي ساقىيىپتۇ، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، غىزانىمۇ ئوبدان يەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. قىزىنىڭ باتۇرلۇقىدىن رازى بولغان قاسىم بوۋاي: - قىزىم مېنىڭ ئەقلىم چالىكەن. مەن «ئوغلۇم يوق» دەپ زارلىنىپ يۈرۈپتىمەن. خۇدا مېنى كەچۈرسۇن! ئەمدى مېنىڭ كۆڭلۈم توق، بىلمەپتىكەنمەن. قىز بالىمۇ بالىكەن، - دەپتۇ. گۈلسۈم قىزنىڭ بۇ قەيسەرلىگى يايلاقتىكى چوڭلارغىمۇ ياراپتۇ. ئەلدىن - ئەلگە تاراپتۇ. شۇندىن بېرى بۇ يايلاققا يىرتقۇچلار يولىمايدىغان بولۇپتۇ. ئەل خاتىرجەم، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يېشىنى ياشاپ، ئېشىنى ئاشاپ ئۆتۈپتۇ. («قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ 1997 - يىلى 3 - ساندىن ئېلىندى) خاتىرلەپ رەتلىگۈچى: ئەمەت ئىدرىس
← بارلىق تېمىلار چوچاق