گەپ بەرمەس بىلەن نەپ بەرمەس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، زاماننىڭ زامانىسىدا بىر باي بىلەن بىر دانىشمەن خىزمەتچى ئۆتكەنىكەن. باينىڭ ئېتى نەپ بەرمەس، خىزمەتچىنىڭ ئېتى گەپ بەرمەس ئىكەن. گەپ بەرمەس باينىڭ ئۆيىگە كەلگۈچە نەپ بەرمەس ناھايىتى نۇرغۇن مالايلىرىنى قاقشىتىپ ئۆتكەنىكەن. گەپ بەرمەس كېلىپمۇ خېلى قاقشاشلارغا يولۇقۇپتۇ. لېكىن «ئۇنىڭدىن ئاخىرى ئۆچۈمنى ئالىمەنغۇ» دەپ ئويلاپ لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوشنا يېزىدىن باينى بىر دوستى تويغا ئېيتىپ كەپتۇ. بۇ ئىشتىن خۇشال بولغان باي:
- ھوي ئۆلگۈر مالاي، بارمۇ سەن؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- بار مەن، باي ئاكا! - دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ گەپ بەرمەس.
- ئاتنى توقۇ، تويغا بارىمىز، - دەپتۇ باي. گەپ بەرمەس:
- ئوبدان، - دەپ چىقىپ ئاتنى توقۇپ چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. باي چىقىپ:
- نېمە دەشمىيىپ تۇرىسەن؟ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۆشنەڭگە سېلىپ ماڭ، ئالدىمغا چۈش ھارىمى! - دەپتۇ.
گەپ بەرمەس تېشىدا «ماقۇل» دېسە، ئىچىدە «خەپ توختا!» دەپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئاز ماڭدىمۇ، كۆپ ماڭدىمۇ ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم. يولنى تۈگىتىپ توي بولغان ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. باي ئاتتىن چۈشۈپ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى مالايغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى سورۇن راسلىغان ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
توي تۈگەپ مېھمانلار قايتىپ چىقىپتۇ. باي ئۆي ئىگىسى بىلەن خوشلىشىپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا كېرىلىپ چىقىپ:
- ھەي مالاي! - دەپتۇ.
- خوش تەقسىر، - دەپتۇ گەپ بەرمەس.
- تويدىن ساڭا بىرەر نەرسە تەگدىمۇ؟
- تەگدى تەقسىر، تەگدى.
- نېمە تەگدى؟
- ئىمام ئاخۇنۇمدىن كېيىن سىلى غاجىلاپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەك قاڭقىپ كېلىپ پېشانەمگە تەگدى.
- ھوي قارا يۈز، مەن سېنى بىر نەرسە يېدىڭمۇ دەۋاتىمەن؟
- ۋاي يېمەمدىغان تەقسىر، يېدىم.
- نېمە يېدىڭ؟
- سىلىنى «تويدا پولۇ تېپىپ يېيەلەرمۇ يېيەلمەسمۇ؟» دەپ غەم يېدىم.
- ئەستاغپۇرۇللا! ھوي، مەن «قارنىڭغا بىر نېمە ئىچتىڭمۇ؟» دەپ سوراۋاتىمەن!
- ئىچتىم باي ئاكا، ئىچتىم!
- ھە، مانى دېمەمسەن! نېمە ئىچتىڭ؟ - دەپ يەنە سوراپتۇ باي.
- ئىككىنچى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يول ماڭماسلىققا قەسەم ئىچتىم، - دەپتۇ گەپ بەرمەس.
مالىيىنى گەپتە يېڭەلمەيدىغانلىقىغا ئەقلى يەتكەن باي ئۇنىڭدىن باشقا گەپ سورىماي، ئېتىغا مىنىپ يېزىسىغا قايتىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ: «مەن بۇ گەپ بەرمەسنىڭ قورسىقىنى بىر ئامال قىلىپ تويدۇرۇپ قويمىسام، مېنى تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇدەك» دەپ ئويلاپ يولغا يېقىن بىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە قارىتىپ ئاتنى يېتىلەشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي باي بۇ ئۆيگىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئاغىنىسى ئۇنى ھۆرمەتلەپ داستىخانغا ياغلىق توقاچ بىلەن قېتىق قويۇپتۇ. باي قورسىقىنىڭ چالا قالغان يېرىنى تويدۇرۇپ بولۇپ:
- سىلىنىڭ ئۆيدە قېتىقنى ئوخشىتىپ ئويۇتىدىكەن. بىزنىڭ بالىلار قېتىق ئويۇتىشنى ۋە توقاچ يېقىشنى بىلمەيدۇ. قېتىقتىن كۆنەلگۈلۈك، توقاچتىن ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئازراق بەرسەڭلار، - دەپتۇ.
- ۋاي بولىدۇ، تەقسىر، - دەپتۇ ئۆي ئىگىسى ۋە يەتتە چارا قېتىق بىلەن يەتتە قاتلىما ئۈستىگە يەتتە توقاچ قويۇپ، يۆگەپ ئېلىپ چىقىپتۇ. باي ئۇنى ئۆي ئىگىسىنىڭ قولىدىن «رەھمەت، ھەشقاللا» بىلەن ئېلىپ تۈۋىگە ئېلىپ چىقىپ، گەپ بەرمەسكە بېرىپ:
- بۇنىڭدىن بىر چارا قېتىقنى ئىچ، بىر توقاچنى يە، قالغان ئالتە چارا قېتىق، بىلەن قاتلىما، توقاچلارنى ئۆيگە ئېلىپ بارىسەن، - دەپ جېكىپتۇ. گەپ بەرمەس:
- ياخشى، بولىدۇ، باي ئاكا، - دەپ قولىدىن ئاپتۇ ۋە باي ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ چىققۇچە قورسىقى ئاچقانلىقتىن قېتىق بىلەن توقاچ، قاتلىمىنى پاك - پاكىزە سوقۇۋېتىپ، قۇرۇق چارىلارنى داستىخانغا يۆگەپ قويۇپتۇ.
باي خېلىدىن كېيىن ئاغىنىسى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ ئېتىغا مىنىپ يولغا چۈشۈپتۇ. ئۆيگە يېقىن قالغاندا گۇگۇم چۈشۈپتۇ. گەپ بەرمەس پۇتلىشىپ يىقىلغان بولۇپ ئېغىناپتۇ. باي:
- ھوي ھارىمى، قېتىق تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن، يەنە! - دەپتۇ.
- ھە، تۆكۈلگەنتى، تاپالمايۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ گەپ بەرمەس.
- نان ئۇۋۇلۇپ كەتمىسۇن، - دېگەنىكەن؛
- ھە، ئۇۋاقلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
باي بۇ سۆزدىن قېتىق بىلەن توقاچنىڭ ئاللىقاچان جىمىقتۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى، گەپ بەرمەسنىڭ ھازىرقى قىلىقى - سۆزى ئۇنىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ ئاچچىقى كەپتۇ. تېرىكىپ گەپ قىلالماپتۇ. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاچچىقى بىلەن ئاتنى بېرىپ:
- ھازىر ئاتنى يېتىلەيسەن، ئاندىن قاڭتۇرىسەن، تاڭغا يېقىن ئوتقا قويىسەن، - دەپ قاتتىق تاپىلاپ قويۇپ مېھمانخانىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. گەپ بەرمەس: «خەپ، سېنىڭدىن ئۆچۈمنى ئالىدىغان ۋاقىت ئەمدى يەتتىغۇ» دەپ كۆڭلىگە بىر نەرسىنى پۈكۈپ، سۆز قىلماي ئاتنى ئاپتۇ. تاڭغا يېقىن ھويلىنىڭ ئۇدۇلىغا بېكىتىلگەن دارغا ئاتنى تېڭىپ، پاخال دۆۋىلەپ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپتۇ. تاڭ ئېتىپ باي چىقسا ئېتى چۇچىلا بولۇپ كەتكەنىكەن.
- ھوي، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - دەپتۇ باي چىدىيالماي.
- ئوتقا قويغىنىم، تەقسىر، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ گەپ بەرمەس.
بۇ گەپ بىلەن باينىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ ۋە مالاينى كۆزدىن يوقاتمىسا ئۆزىنىڭ يەنىمۇ كۆرىدىغىنى بارلىقىنى پەملەپ قاپتۇ - دە، گەپ بەرمەسنى «كۆزۈمدىن يوقال!» دەپ ئۆيدىن ھەيدىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، گەپ بەرمەس سۆز بىلەن باينىڭ دەككىسىنى بېرىپ كېلىشتۈرۈپ ئۆچىنى ئاپتۇ.