شىرزات
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا نەزەر باي دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. نەزەر باي سان - ساناقسىز مال - چارۋىغا ئىگە بولۇپ، يىراق ئەل - يۇرتلار بىلەن سودا - سېتىق ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇنىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىكەن. بىر يىلى قىش ئىنتايىن قاتتىق كېلىپ، مال ئىگىلىرى چارۋا پادىلىرىنى يىراق بولسىمۇ ئوت - چۆپ مول، ئىسسىق يەرلەرگە ھەيدەپ كېتىپتۇ. نەزەر باينىڭ سەككىز ئوغلىمۇ مۇشۇلار قاتارىدا ئاتىسىنىڭ مال - چارۋىسىغا ئىگىدارچىلىق قىلپ كېتىپتۇ. نەزەر باي بىلەن خوتۇنى ئۆيىدە قاپتۇ. مانا شۇ كەتكەنچە باشقىلار يېنىپ كەپتۇ، ئەمما نەزەر باينىڭ ئوغۇللىرىدىن ھېچبىر خەۋەر بولماپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى نەزەر باينىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى - سائىتى تولغاندا شىردەك قاۋۇل، سۇمباتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بالا ئەنە شۇنداق تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شىرزات دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.
شىرزات ئۆزگىچە بالا بولۇپ ئۆسۈپتۇ، بىر ئايدا بىر ياشتىكى بالىدەك، ئىككى ئايدا ئىككى ياشتىكى بالىدەك، بىريىلدا ئون بەش ياشتىكى ئۆسمۈردەك چوڭ بوپتۇ. ئىككى يېشىدا مەن - مەن دېگەن كىشىلەرنىمۇ ئۇرغۇدەك پالۋان يىگىت بولۇپتۇ. ئۇ ئاتقان ئوقياسىنى توققۇز قەۋەت كەتمەندىنمۇ ئۆتكۈزۋېتەلەيدىكەن. شىرزات دائىم ئوۋغا چىقىپ، ئوۋ ئوۋلاپ، ئاتا - ئانىسىغا غەمغۇرلۇق قىلىپ كەپتۇ.
شىرزات بىر كۈنى تېرەك ئۇچىدا ئولتۇرغان بىر سېغىزخانغا ئوقيا ئېتىپتىكەن، ئوق سېغىزخاننىڭ قانىتىنى ئۈزۈپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. سېغىزخان ئۆلمەي بىر قانىتىنى كېرىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. سەكرەپ قېچىپ كېتىۋېتىپ، سالقىندا چاق ئېگىرىپ ئولتۇرغان بىر موماينىڭ چاقى ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتكەندە، بىر قانىتى يىپقا ئىلىنىپ قېلىپ، بىر مۇنچە يىپ ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. يىپ ئىگىرىپ ئولتۇرغان موماي شىرزاتقان:
- ھەي بىكار تەلەت! يىپىمنى ئۈزۈۋەتتىڭمۇ! ئەتىدىن - كەچكىچە شۇنداق لاغايلاپ يۈرگىچە، يوقاپ كەتكەن سەككىز ئاكاڭنى ئىزدەپ تاپساڭ بولماسمىدى؟! - دەپ كايىپتۇ.
موماينىڭ >سەككىز ئاكاڭ< دېگەن سوزىدىن ھەيران بولغان شىرزات تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قاپتۇ. ئۇ ئىلگىرى ئاكىلىرى بارلىقىنى ئاڭلىمىغانىكەن. ئاتا - ئانىسىمۇ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىگەنىكەن. شىرزات بىر ھازادىن كېيىن يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىگە كېلىپ ئانىسىغا:
- ئاكىلىرىم نەدە؟ نېمىشقا كەلمەيدۇ؟ مەن تېپىپ كېلىمەن! - دەپتۇ.
- ئۇ قېرى جادىگەر يالغان سۆزلەيدۇ. سېنىڭ ئاكىلىرىڭ يوق، - دەپتۇ ئانىسى ئىشەندۈرۈپ.
يەنە بىر كۈنى شىرزات ئوشۇق ئويناپ يۈرۈپ، ھېلىقى موماينىڭ يالغۇز ئوغلى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ بىر مۇش ئۇرغانىكەن، بالا ئۆلۈپ قاپتۇ. موماي شىرزاتنى تىللاپ - قاغاپ، يامانلاپتۇ:
- ھوي، ھارامزادە، ئۆلگۈر! يالغۇز بالامغا زورلۇق ئىشلەتكىچە، تەمتىرەپ ئۆلگەن سەككىز ئاكاڭنىڭ قۇرىغان سۆڭىكىنى بولسىمۇ تېپىۋالساڭچۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان شىرزات ئاكىلىرى بارلىقىغا راستىنلا ئىشىنىپ، ئانىسىدىن سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. ئانىسى راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ:
- سەككىز ئاڭاڭ بار ئىدى، قاتتىق جۈت بولغان يىلى مال ھەيدەپ كەتكەن پېتى ھازىرغىچە ھېچ خەۋىرى يوق، نەدىلىكىنى بىلمەيمىز.
شىرزات ئاتا - ئانىسىغا يېتەرلىك ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلاپ بېرىپ، بېلىگە ساداقلىرىنى باغلاپ، قولىغا تۆمۈر ھاسسا ئېلىپ، چۆيۈن كەش كىيىپ، ئاكىلىرىنى تېپىشقا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئاي يۈرۈپتۇ، يىل يۈرۈپتۇ، تالاي ئەلنى، تالاي يەرنى ئارىلاپتۇ. تۆمۈر ھاسىسى يىڭنىدەك، چۆيۈن كەشى تەڭگىدەك قالغاندا، يىراق بىر دۆڭنىڭ ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىس كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ھېرىپ - ئېچىپ دۆڭگە چىقىپ قارىسا، كەڭ يايلاقتا سانسىز قوي، كالا، يىلقا ۋە ئۆيلەر كۆرۈنۈپتۇ.
بىر يەردە، كاتتا توي بولۇۋاتقان ئىكەن. شىرزات ئاكىلىرىمنى مۇشۇ يەردىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەي<دەپ شۇ يەرگە بېرىپتۇ. كۈتكۈچىلەر ئۇنى دىۋانە بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ تويغۇدەك ئاش ۋە گۆش بېرىپتۇ. لېكىن شىرزات يەنىلا كەتمەپتۇ. بىر چاغدا بىر خىزمەتچى كېلىپ:
- ھەي قەلەندەر، تېخىچە تويمىدىڭمۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. شىرزات بۇ ئاھانەتكە چىدىماي، ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرلا ئۇرۇپ، تىك موللاق چۈشۈرۈپتۇ، كۆپچىلىك:
- ساڭا نېمە كېرەك؟نېمە ئادەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ قورقۇشۇپ.
- ماڭا نەزەر باينىڭ سەككىز ئوغلى كېرەك. سەككىز ئاكامنى ئىزدەپ يۈرىمەن، - دەپتۇ شىرزات.
شۇ ئارىدا سەككىز يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ، شىرزات بىلەن قۇچاقلىشىپ، يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ.
بۇ مال - چارۋىلارنىڭ ھەممىسى سەككىز ئوغۇلنىڭ ئىكەن. شىرزاتتىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ يۇرتىغا يانماق بولۇپتۇ.
سانسىز يىلقىلار بىرلا كۆرەڭ بايتالنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. شىرزات ئەنە شۇ كۆرەڭ بايتالنى تۇتۇپ، يېتەكلەپ ئالدىدا مېڭىپتۇ. يىلقىلار كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ھېچكىم >يىلغا ھەيدەيمەن< دەپ ئاۋارە بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ تالاي تاغدىن ئېشىپ، چۆللەرنى بېسىپ، توققۇز ئوغۇل ساق - سالامەت ئۆز ئېلىگە كەپتۇ.
بالىلىرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نەزەر باي يۇرت - جامائەتكە چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ، تۆگىدىن بۇغرا، يىلقىدىن ئايغىر، قويدىن قوشقار سويۇپ، ياش - قېرىلارنى مېھمان قىپتۇ.
توي تۈگىگەندىن كېيىن، نەزەر باي ئوغۇللىرىنى ئۆيلىمەكچى بوپتۇ - دە، توققۇز قىزنى بىرلا ئۆيدىن تاپماقچى بولۇپ يۇرت ئارىلاپتۇ. بىر كۈنى چەت بىر يېزىدىكى كونا بىر ئۆيدە قونۇپ كەتمەكچى بولۇپ كىرسە، ئىلغىغا سەككىز ھالقا ئېسىقلىق تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن نەزەر باي خىيال سۈرۈپ قاپتۇ. بۇنى سەزگەن ئۆي ئېگىسى:
- نېمىنى خىيال قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- خىيال سۈرگىنىمنىڭ سەۋەبى: توققۇز ئوغلۇم بار، شۇلارغا توققۇز قىز ئىزدەپ يۈرۈۋاتىمەن. خۇددى ئۆز بالىلىرىمدەك، ئۇلارمۇ بىر ئاتا - ئانىدىن بولۇشى لازىم. ئىغىلدىكى ھالقىلارنى كۆرۈپ، مەقسىتىمگە يەتتىم دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. سانىسام بىرسى كەم ئىكەن. شۇنى خىيال قىلىپ قالدىم، - دەپتۇ باي.
- ئۇنداق بولسا، ئويلانماڭ! يەنە بىرسى ئەنە، - دەپ ئۆي ئېگىسى باشقا ئىلغىدىن يەنە بىر ھالقىنى ئېلىپ كۆرسىتىپتۇ، - بۇ كەنجى قىزىمنىڭ ھالقىسى. بۇنى سەككىز قىزىمنىڭ ھالقىسىغا قوشمايمەن. ئاۋۇ سەككىز قىزىم بىر بولسا، كەنجى قىزىم ئۆزى بىر، - دەپ ھالقىسىنى يەنە ئۆز جايىغا ئېلىپ قويۇپتۇ. نەزەر باي ئۇنىڭغا:
- سىزنىڭ سەككىز قىزىڭىز بىر، كەنجى قىزىڭىز بىر بولسا، مېنىڭمۇ سەككىز ئوغلۇم بىر، كەنجى ئوغلۇم ئۆزى بىر، كەنجى قىزىڭىز شىرزاتقا بولسۇن! - دەپتۇ.
نەزەر باي مەسىلىھەتنى پۈتكۈزۈپ توي كۈنىنى بەلگىلەپ قايتىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، نەزەر باي ئوغۇللىرىنى باشلاپ ھېلىقى توققۇز قىزى بار ئادەمنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، ئوتتۇز كۈن ئويۇننى، قىرىق كۈن تويىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىنلىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولۇپتۇ.
كەنجى پەرىزاتنىڭ ئاتىسى قىزلىرىغا ھەر خىل لازىمەتلىكلەرنى بېرىپتۇ. شۇ چاغدا پەرىزات ئاتىسىنىڭ بەرگەن نەرسىلىرىگە رازى بولماي.
- ئاتام ماڭا قاراگىر ئېتىنى، ئاق باش تۆگىسىنى ۋە دۇبۇلغا، ساۋۇتىنى بەرسۇن، - دەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. پەرىزاتنىڭ ئاتىسى ئاچچىقلىنىپ، كەلگەن كىشىگە:
- قىزىمغا ئېيتقىن، نەزەر باينىڭ بايلىقى ئۇنىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ. قۇرۇق تاما قىلمىسۇن! - دەپتۇ.
پەرىزات ئاتىسىغا يەنە ئادەم ئەۋەتىپ:
- قاراگىر ئاتنى سورىغىنىم، پالىۋانلارغا لايىق ئات ئىدى. شىرزاتنى مىنسۇن دېگەنىدىم؛ ئاق باش تۆگىنى سورىغىنىم، شىرزات تۆگىلىرىگە باش قىلسۇن دېگەنىدىم؛ ئاتا - بوۋىمىزدىن مىراس قالغان دۇبۇلغا، ساۋۇت شىرزاتقا لايىق ئىدى. شۇ پالىۋان كىيسۇن دېگەنىدىم، - دەپتۇ.
پەرىزاتنىڭ ئاتىسى ئاخىرى سورىغانلىرىنى بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ ۋە:
- قىزىمغا ئېيىت، شور قۇدۇقنىڭ ئەتراپىدا قونمىسۇن، خەتەرلىك! - دەپتۇ.
نەزەر باي كېلىنلىرىنى ئېلىپ قاپتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇلارغا يول ئۈستىدىكى تېرەك تۈۋىگە جايلاشقان كونا بىر قومۇش كەپە ئۇچراپتۇ. بۇ ئەسلى جادۇگەرنىڭ قىزىنىڭ كەپىسى ئىكەن. جادۇگەر قىز شىرزاتقا غايىنانە ئاشىق بولۇپ، ئۇنى قەستلەپ يۈرگەنىكەن. يولۇچىلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، جادۇگەر قىز كەپىسىدىن چىقىپ غىلجىڭلاپ سەت ھىجىيىپ مۇنداق دەپتۇ:
سۆيگەن يارىڭ شىرزات،
قۇتلۇق بولسۇن پەرىزات.
مىنگەن ئېتىڭ قارا گىر،
قۇتلۇق بولسۇن پەرىزات.
ئاق باش تۆگەڭ ياراملىق،
قۇتلۇق بولسۇن پەرىزات.
دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتۇڭ،
قۇتلۇق بولسۇن پەرىزات.
يار بويىدا دېمىسەڭ،
قومۇش كەپە دېمىسەڭ،
بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ كەت،
ئىككى - ئۈچ كۈن تۇرۇپ كەت.
شېرىن سۆھبەت قۇرۇپ كەت،
ئىچ سىرىمنى بىلىپ كەت.
ھېچ بولمىسا دەم ئېلىپ،
تۇز - تەمىمنى تېتىپ كەت،
سىنچېيىمنى ئىچىپ كەت.
جادۇگەر قىزنىڭ زاڭلىق قىلىپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلگەن پەرىزات مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
-ئەي ناتۇنۇش بىگانە،
ئۆي تۇتۇپسەن يېگانە،
يامان نىيەت بولمىسا،
يۈرەتتىڭمۇ پىنھانە.
سۆيگەن يارىم شىرزات،
ئۆز يارىمنى سۆيىمەن.
مىنگەن ئېتىم قاراگىر،
ئۆز ئېتىمنى مىنىمەن.
يۈك - تاقامنى پەقەتلا،
ئاق تۆگەمگە ئارتىمەن.
كىيگەن ساۋۇت، دۇبۇلغا،
ئۆز كىيىمىم، كىيىمەن!
يار بويىدا دېمەيمەن،
قومۇش كەپە دېمەيمەن.
زولىساڭمۇ بىلىپ قوي،
بۇ ئۆيۈڭگە كىرمەيمەن.
بىر سائەتمۇ تۇرمايمەن،
سىنچېيىڭنى ئىچمەيمەن.
جادۇگەر قىز ئېغىز ئاچالماي>خەپ، ساڭا بىر كۆرسەتمىسەم!< دەپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، چىشىنى بىلەپ قاپتۇ. يولۇچىلار كېتىۋېرىپتۇ.
بىر كۈنى ئۇلار شور قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەپتۇ. پەرىزات قىيىن ئاتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ:>بۇ يەردە قونمايلى، خەۋپلىك يەر< دەپتۇ. نەزەر باي>كېلىنىم ئۆيگە بارماي تۇرۇپلا مېنى باشقۇرماقچى بوپتىمۇ؟< دەپ ئاچچىقلاپ شۇ يەردە قونۇشقا بۇيرۇپتۇ.
شۇ كېچىسى پۈتۈن ئەتراپنى قارا تۇمان قاپلاپ كېتىپتۇ. نەزەر باي شۇ چاغدا كېلىنى پەرىزاتنىڭ سۆزىگە كىرمىگەنلىكىدىن پۇشايمان يەپتۇ - دە، ئۇخلىماپتۇ. پەرىزاتمۇ تاڭغىچە كىرپىك قاقماپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاقباش تۆگىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بوپتۇ، بۇ خەۋەر نەزەر بايغا يەتكۈزۈلۈپتۇ، نەزەر باي دەرھال ئىزدەپ مېڭىپتۇ، بىر يەرگە بارسا، يىراقتا تۆگە كۆرۈنۈپتۇ. يېقىن بېرىپ ئاق باش تۆگىنىڭ نۇقتىسىنىڭ بىر قوڭغۇراق تىكەنگە ئىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ. يانتاق يېنىدا بىر قېرى دۈمچەك موماي ئولتۇرغۇدەك، نەزەر باي:
- موما، ھەي... موما! ئاۋۇ چۇلۋۇرنى ماڭا ئېلىۋېتىڭا! - دەپتۇ.
- قوپسام ئولتۇرالمايمەن، ئولتۇرسام قوپالمايمەن، بالام! ئۇنىڭغا ھالىم يەتمەيدۇ، - دەپتۇ موماي مۇلايىملىق بىلەن .
موماينىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن نەزەر باي چۇلۋۇرنى ئالاي دەپ ئاتتىن ئىڭىشكەندە، موماينىڭ قولى خۇددى ئامبۇردەك كېلىپ نەزەر باينىڭ كېكىتىكىنى قىسىۋاپتۇ. نەزەر باي موماينىڭ جادىگەرلىكىنى ئەنە شۇ چاغدىلا بىلىپتۇ، ئۇ ئۇياق - بۇ ياققا يۇلقۇنۇپ كۆرۈپتۇ. بىراق موماي تېخىمۇ قاتتىقراق قىسىپتۇ. نەزەر باي >قۇيۇۋەت!< دېگەنسېرى موماي شۇنچە قاتتىق سىقىپتۇ. نەزەر باينىڭ جېنى قىينىلىپتۇ، ئىلاجىسىز قالغان نەزەر باي ئاخىرى يېلىنىپ، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
- قاردەك ئاقارغان ساقال، چېچىم بار! قېرىپ قالغان يېشىم بار! مېنى قويۇۋەت، جان مۇما!- دەپتۇ. موماي >ياق< دەپ تېخىمۇ قاتتىق سىقىپتۇ. نەزەر باي:
توققۇز كېلىن كۆچۈرۈپ،
بۈگۈن كەلدىم بۇ يەرگە.
بايلىقىمدىن قانچىلىك،
ئالساڭ، ئالغىن ئۆزۈڭگە.
دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ، >قويۇۋەت مېنى جان موما!< دەپتۇ. موماي >ياق< دەپ يەنە بىر سىققان ئىكەن، نەزەر باي تەرلەشكە باشلاپتۇ ۋە:
يەنە رازى بولمىساڭ،
سان - ساناقسىز قويۇم بار،
قانچە ئالساڭ ئال ئانا!
يەنە نېمە ئويۇڭ بار؟
دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ، >بوشات مېنى، جان ئانا!< دەپتۇ. موماي>ياق< دەپ چىڭراق قىسقان ئىكەن. باينىڭ كۆزى ئالىيىپ قاپتۇ. نەزەر باي:
يەنە رازى بولمىساڭ،
نىيىتىڭدىن يانمىساڭ.
قورا - قورا تۆگەم بار،
ئال، جېنىمنى قىلما خار.
دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ، >قويۇۋەت مېنى ئانىجان!< دەپتۇ.موماي>ياق< دەپ ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ قويۇپتۇ، نەزەر باينىڭ جېنى چىقىشقا ئازلا قېلىپ ئۆلۈشكە كۆزى يېتىپ:
يەنە رازى بولمىساڭ،
ساي - سايلاردا يىلقام بار.
رەھمى قىلغىن ئانىجان،
)سەندە بولسۇن ئىختىيار(
ئۇ ھەم بولسۇن سېنىڭكى.
جېنىم قالسۇن مېنىڭكى! - دەپتۇ يىغلاپ.
موماي >ياق - ياق< دەپ تېخىمۇ قاتتىق سىققان ئىكەن، نەزەر باينىڭ جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قاپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان باي:
يەنە رازى بولمىساڭ،
نىيىتىڭدىن يانمىساڭ.
جان كېلىنىم پەرىزات،
ساڭا بولسۇن قول - قانات.
سېغىزخاندەك ساقلىقى.
قوي سۈتىدەك ئاقلىقى.
كۈچكە تولغان بىلىكى،
بولۇپ قالار كېرىكى.
مەرۋايىتتەك بالا ئۇ،
ئەقلى تولغان دانا ئۇ،
ئۇ ھەم بولسۇن سېنىڭكى،
جېنىم قالسۇن مېنىڭكى.
ئەمدى قويۇۋەت جان موما! - دەپتۇ.
>ياق - ياق< دەپتۇ موماي نەزەر باينىڭ گېلىنى تېخىمۇ بەكرەك سىقىپ، نەزەر باينىڭ جېنى جىقىشقا ئازلا قاپتۇ، قورقۇپ كەتكەن باي:
يەنە رازى بولمىساڭ،
سەككىز قىران ئوغلۇم بار،
سەكسەن ئەرنىڭ كۈچى بار،
پاراسەتلىك ئەقلى بار.
شۇلار بولسۇن سېنىڭكى،
جېنىم قالسۇن مېنىڭكى،
قويۇۋەت مېنى جان موما!
كۈچكە تولغان خان موما! - دەپتۇ.
موماي >ياق - ياق< دەپ نەزەر باينىڭ گېلىنى بىر سىققانىكەن. نەزەر باينىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قاپتۇ - دە، خىرقىراپ تۇرۇپ:
يەنە رازى بولمىساڭ،
خۇي - پەيلىڭدىن يانمىساڭ،
ساڭا قوياي بىر تىلەك،
سەككىزىدىن بىر بۆلەك.
كەنجى ئوغلۇم شىرزات،
پالۋانىم ئەزىمەت.
ئۇھەم بولسۇن سېنىڭكى،
جېنىم قالسۇن مېنىڭكى،
قويۇۋەت مېنى جان موما.
بارلىقىمنى ئال موما! - دەپتۇ.
جادۇگەر موماي شۇندىلا قولىنى بوشىتىپتۇ ۋە:
- شىرزاتنى ماڭا قانداق كەلتۈرۈپ بېرىسەن؟- دەپ سوراپتۇ.
- يانچۇقۇمدا شىرزاتنىڭ ئوق ئۇچلايدىغان بىلىيى بار. شىرزات ئۇنىڭسىز يۈرەلمەيدۇ. مەن ئۇنى مۇشۇ يەرگە تاشلاپ كېتەي، شىرزات ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنى تۇتۇۋال، - دەپتۇ نەزەر باي.
پەرىزات بۇلارنى پىنھان جايدا كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ.
نەزەر باي تۆگىسىنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ - دە، يۈكلەرنى ئارتىپ يولغا چۈشۈپتۇ، بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپتۇ ۋە بىر قونالغۇغا چۈشۈپتۇ. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە پەرىزات خىيال سۈرۈپ خاپا بولۇپلا يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ كۈڭلىدىكىنى بىلەلمەي يۈرگەن شىرزات پەرىزاتتىن ئۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.
- ئاتاڭ سېنى جادۇگەر مومايغا بېرىۋەتتى. سەن ئەمدى مېنىڭ ئەمەس، ئاشۇ مومايدىن بىر يولى قۇتۇلۇپ كەل! - دەپتۇ.
- ئاتام مېنى جادۇگەرگە نېمىشقا بېرىدۇ؟- دەپتۇ.
- ئىشەنمىسەڭ بىلەي تېشىڭنى سوراپ كۆرگىنە؟ - دەپتۇ پەرىزات.
ئەتىسى ئەتىگەندە شىرزات ئاتىسىدىن بىلەي تېشىنى سوراپتۇ. نەزەر باي گاڭگىراپ، يالغاندىن يانچۇقىنى ئىزدىگەن بولۇپ:
- ھەتتىگىنەي! شور قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگە ئىزدەپ چىققاندا بىر تىكەنلىكتە ئات باققانىدىم شۇ يەردە چۈشۈرۈپ قويغان ئوخشايمەن، - دەپتۇ.
شىرزات بىلەن تېشىنى ئىزدىمەكچى بوپتۇ. شور قۇدۇق بىر نەچچە كۈنلۈك يىراق بولغاچقا ئاتىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئالتە ئاياغلىق ئالا ئاتنى، يەتتە ئاياغلىق جەرەن ئاتنى مىنمەك بوپتۇ. شىرزات ئالا ئاتنى مىنىپ، جەرەن ئاتنى يېتەكلەپ كېلىۋاتقاندا، پەرىزات چىقىپ مۇنداق دەپتۇ:
شور قۇدۇقنىڭ يېنىدا،
ئەخمەق بولۇپ قوندى ئاتام.
يالماۋۇزغا يالغۇزىنى،
جاندىن قورقۇپ بەردى ئاتام.
قۇلان ئۆتمەس چۆللەردىن،
بۈركۈت بولۇپ ئۆتەرسەن.
قىران ئۆتمەس قىبادىن،
شۇڭقار سۈپەت ئۆتەرسەن.
ئالتە ئاياغلىق ئالا ئات،
ئورۇق بايتال قۇلۇنى.
قىيىنچىلىق بوپ قالسا
تاپالمايدۇ يولىنى.
تاپىنىغا تاش پاتسا
ئاقساقلاپ ھېچ ماڭالماس.
ماڭلىيىدىن كۈن ئۆتسە
ئالتە كۈنگە يارىماس.
يەتتە ئاياغلىق جەرەن ئات
قېرى بايتال قۇلۇنى.
ئېغىر كۈنگە يولۇقساڭ
تاپالماس ئوڭ - سولىنى.
تاپىنىغا تاش پاتسا
تۇلپار بولۇپ چاپالماس.
ماڭلىيىدىن كۈن ئۈتسە.
يەتتە كۈنگە يارىماس.
يورغا ئاتنى ئالمىدىم،
ئەر ئېتى دەپ تاللىدىم.
ئېگەر، توقۇم، يۈگەننى
ئاللىبۇرۇن راسلىدىم.
قاشاڭ ئەمەس چېۋەر ئات.
ماڭا ھەمدەم قول - قانات.
توققۇزىڭنى تەل قىلار.
قارا گىرنى مىن شىرزات.
باشقا بايلىق ئالمىدىم.
سەن ئۈچۈنلا تاللىدىم.
دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتنى،
بۇ سەپەردە كەي شىرزات.
شىرزات پەرىزاتنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قارا گىرنى مىنىپتۇ. شىرزات ماڭىدىغان ۋاقىتتا پەرىزات ئاق باش تۆگىنى تۇتۇپ:>سەن شىرزات كەلگەن كۈنى ياكى شىرزات ۋاپات بولغان كۈنى بوتىلا< دەپتۇ. بېلىنى شايى رومال بىلەن چىڭ باغلاپ:>سەن شىرزاتنى كەلگەن ياكى ئۆلگەن كۈنى يېشىل!< دەپتۇ. شىرزات يولغا چىقىپتۇ. ئۇ يۇرتىدىن خېلى ئۇزاپ كېتكەندىن كېيىن قاراگىر زۇۋانغا كېلىپ:
شىرزات، ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ھاياتى بىر. بېشىمىزغا كەلگەننى تەڭ كۆرىمىز. مۇنۇ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا؛ بىلەي تاش يېنىدا ھېلىقى يالماۋۇز جادۇگەر سېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. سەن بىلەينى ئالماقچى بولغاندا ئۇ تۇتۇۋالماقچى. يېقىن بارغاندا سەن ئۇنى ئالدايدىغان بىر ئامال تاپ، موماي ئالدىنىپ قالغاندا، مەن قورايدىن پاكار، كۈدىدىن ئېگىزرەك بولىمەن. شۇ چاغدا سەن بىلىيىڭنى ئېلىپ قاچ. ئارقاڭغا قارىغۇچى بولما!
شىرزات يول مېڭىپ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپ، جادۇگەر موماينىڭ يېنىغا كەپتۇ- دە، يېقىن بېرىپ:
- موما، موما، كەينىڭىزىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قىزلىرىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ، موماي دەرھال كەينىگە قاراپتۇ. دەل شۇ چاغدا قارا گىر قورايدىن پاكار، كۈدىدىن ئېگىزرەك ھالەتكە كەپتۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن شىرزات بىلەينى ئاپتۇ - دە. قېچىپتۇ. شۇ چاغدا موماي:
- ھە، شىرزات سەنمىدىڭ مېنى ئالدىغان؟ خەپ سېنى! - دەپتۇ. ئۇنىڭ ئېڭەكلىرى جاقىلداپ، چىشلىرى كاسىلداپ، كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپتۇ. ئۇ چېچىنى يېيىپ شىرزاتنى قوغلاپتۇ.
شىرزات كەينىگە قارىماي قېچىپتۇ. موماي توختىماي قوغلاپتۇ. قاراگىرنىڭ تۇياقلىرىدا ئېزىلگەن تاغلار قامغاقتەك ئۇچۇپ، تاشلار خۇددى مۆلدۈردەك يېغىشقا باشلاپتۇ. ئاخىرى قارا گىرنىڭ چېپىشىدىكى سالمىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قارا يەر قاق يېرىلىپ كېتىپ، شىرزات بىلەن قارا گىر يەر ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.
يەر ئاستىغا چۈشكەندىن كېيىن قاراگىر يەنە زۇۋانغاكېلىپ:
- بىز ئەمدى يەر ئاستىغا چۈشتۇق، ئازراق يۈرسەك، يىلان پادىشاھى باتۇرخاننىڭ ئوردىسىغا بارىمىز. ئوردىغا بارغىنىمىزدا مېنى يىراقتا قالدۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوردىغا كىرگىن، ئېسىڭدە بولسۇنكى: ئوردا بوسۇغىسىدىن ئىككى قارا يىلان ۋىشىلداپ ساڭا خىرىس قىلىپ چىقىدۇ. ھەرگىز قورقۇپ سەسكەنمە. ئۇلار باتۇرخاننىڭ ئىشىك باقارلىرى. تەخت يېنىغا بارغاندا، ئىككى ئاق يىلان ۋىشىلداپ كېلىپ ئىككى يېڭىڭدىن كىرىپ ياقاڭدىن، قوينۇڭدىن كىرىپ، قونچۇڭدىن چىقىدۇ. بۇلار باتۇرخاننىڭ ئوغلى بىلەن قىزى بولىدۇ. ئۇلاردىنمۇ سەسكەنمە. تەخت يېنىغا بېرىپ ئولتۇر. شۇ چاغدا ھەيۋەتلىك چوڭ ئىككى سېرىق يىلان كۇشۇلداپ باشلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئۇردىنمۇ قۇرقما، بۇلار باتۇرخاننىڭ ئۆزى بىلەن ئايالى ئەگەر قورقۇپ، سەسكەنسەڭ سېنى پالۋان دېمەيدۇ. يەر ئاستى ئېلىدە قەدرىمىز بولمايدۇ. يەر ئۈستىگە يول تېپىپ چىقالمايمىز، - دەپتۇ.
خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن قاراگىر ئېيتقاندەك، باتۇرخاننىڭ ئوردىسى كۆرۈنۈپتۇ. شىرزات ئېتىنى قويۇپ سالام بېرىپ ئوردىغا كىرىپتۇ. شىرزات بوسۇغىدىكى ئىككى قارا يىلاندىنمۇ، ئىككى ئاق يىلاندىنمۇ، ئىككى سېرىق يىلاندىنمۇ قىلچە سەسكەنمەي، تەخت يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا سېرىق يىلانلارنىڭ بىرى باتۇرخانغا، بىرى خانىشقا ئايلىنىپ:
- مەرھەمەت، شىرزات! يەر ئالىمىنىڭ ئەھلى سېنى رەنجىتمەيدۇ. بەلكى خىزمىتىڭدە بولىدۇ، - دەپتۇ.
ئىككى ئاق يىلاننىڭ بىرى قىران يىگىت، بىرى چىرايلىق قىزغا ئايلىنىپتۇ. ئۇلارمۇ تەبەسسۇم بىلەن:
- سالام، يەر ئۈستى ئالىمىنىڭ پالۋانى، يەر ئاستىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز. يەر ئاستى پالۋانلىرى، ئىلمىي - ھىكمەت ئەھلى سىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولىدۇ، - دەپتۇ.
بوسۇغىدىكى ئىككى قارا يىلان ئىككى خىزمەتچىگە ئايلىنپ شىرزاتنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.
شىرزات بۇ يەردە خېلى ۋاقىت تۇرۇپتۇ. باتۇرخاننىڭ تۆمۈرخان دېگەن خاننىڭ قىزىغا كۆڭلى بار ئىكەن. ئۇ قىزنى سوراپ، ئەلچى ئەۋەتسە تۆمۈرخان بېرىشكە رازى بولمىغانىكەن. باتۇرخان شىرزاتنىڭ ئەنە شۇ قىزنى ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتىپتۇ. ئەگەر ئېلىپ كېلەلىسە ئۆزىنىڭ قىزىنى شىرزاتقا بەرمەكچى بوپتۇ.
تۆمۈرخاننىڭ يۇرتى يەتتە ئايلىق يول ئىكەن. شىرزات يولغا چىقىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يىراقتا بىر ئادەم كۆرۈنۈپتۇ.>بۇ نېمە ئادەمكىنە< دەپ قارىسا ھېلىقى ئادەم تېرەك ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىككى سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقىنى سەزدۇرمەي يۇلىۋېلىپ بىرىنىڭ قۇيرۇقىنى يەنە بىرىگە بېكىتىپ قويۇۋاتقۇدەك، شىرزات ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- ھەي نېمە قىلىۋاتقان ئادەمسەن؟- دەپ سوراپتۇ.
- يەر ئۈستى ئالىمىنىڭ پالۋانى شىرزات يەر ئاستىغا چۈشتى دېگەننى ئاڭلاپ شۇنىڭغا ھەمرا بولاي بۇلاي دەپ كۈتۈپ تۇرغان كىشى مەن،- دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
- شىرزاتقا ھەمراھ بولغۇدەك نېمە ھۈنىرىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ شىرزات يەنە.
- ئالغىنىمنى سەزدۈرمەيمەن، كۆرگەنسەن، ھەتتا سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقىنىمۇ سەزدۈرمەي يۇلۇۋېلىپ بىرنىڭكىنى بىرىگە قاداپ قويدۇم، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
- ياخشى، شىرزات دېگەن مەن بولىمەن، - دەپتۇ شىرزات. ئىككىسى يولغا راۋان بوپتۇ. كېلىۋاتسا، ئىككى پۇتىغا قازاندەك ئىككى قارا تاشنى باغلىۋېلىپ كىيىكلەرنى قوغلاپ يۈرگەن يەنە بىر كىشى يولۇقۇپتۇ.
- ھە، نېمە قىلىۋاتقان ئادەم سەن؟- دەپ سوراپتۇ شىرزات.
- يەر ئۈستىنىڭ كۈچتۈڭگۈرى شىرزاتنى يەر ئاستىغا چۈشتى، دەپ ئاڭلىۋىدىم. شۇنىڭغا ھەمراھ بولاي دەپ يولغا قاراپ تۇرۇۋاتقان ئادەم مەن، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. شىرزات:
- ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇدەك نېمە ھۈنىرىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئايغىمغا چاڭ قونماس يۈگۈرۈكمەن. ئۇچار قۇشمۇ مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شامال ئاياغ - يەل تاپان دېگەن يۈگۈرۈكمەن، - دەپتۇ ئۇ كىشى. شىرزات:
- ئۇنداق بولسا، ياخشى، يۈر، بىز بىلەن.شىرزات دېگەن مەن بولىمەن! - دەپتۇ.
ئۇلار بىللە مېڭىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر كىشىنى يولۇقتۇرۇپتۇ، قارىسا، بۇ ئادەم يەرگە قۇلىقىنى يېقىپ يەر ئاستىدىن بىر نەرسە تىڭىشىۋاتقاندەك ياتقۇدەك.
- ھە، نېمە قىلىۋاتقان ئادەم سەن؟ - ئۈچەيلەن ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ.
- يەر ئۈستىدىكى شىرزاتنى يەر ئاستىغا چۈشتى دەپ ئاڭلىدىم، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولماقچىمەن، - دەپتۇ ئۇ كىشى.
- شىرزاتقا ھەمراھ بولغۇدەك نېمە خىسلىتىڭ بار؟ - دەپتۇ شىرزات.
- يەر ئاستىنىڭ مەشھۇر تىڭ - تىڭچىسىمەن، ھەر قانداق يوشۇرۇن گەپ بولسىمۇ يىراق - يېقىندىن تولۇق ئاڭلىۋالغان ساق قۇلاق باتۇر مەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ كىشى. شىرزات:
- شىرزات دېگەن مانا مەن، يۈر بىز بىلەن! دەپتۇ.
ئەمدى ئۇلار تۆت كىشى بولۇپ مېڭىپتۇ. ئۇلار بىر تۈزلەڭدە كېلۋاتسا، بىر ئادەم تاغلارنى ئۇياق - بۇياققا يۆتكەپ يۈرگۈدەك.
- ھەي، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ - دەپتۇ شىرزات ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ.
- يەر ئۈستى ئالىمىنىڭ پالۋانى شىرزاتنى يەر ئاستىغا چۈشتى دەپ ئاڭلىغانىدىم. شۇنىڭغا ھەمراھ بولاي دەپ كۈتۈۋاتقان ئادەم مەن، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
- شىرزاتقا ھەمراھ بولغۇدەك نېمە پەزىلىتىڭ بار؟ - دەپتۇ شىرزات.
- مەن ئاجايىپ كۈچتۈڭگۈر مەن. يەر ئۈستىدىمۇ، يەر ئاستىدىمۇ ماڭا تەڭ كېلىدىغان ئادەم يوق، قۇدرىتىم تېنىمگە سىغمىغاچقا تاغ يۆتكەپ يۈرىمەن، تاغ باتۇرى دېگەن كىشىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ.
- سەن ئىزدىگەن شىرزات مەن بولىمەن. بىزبىلەن يۈر، - دەپتۇ شىرزات.
بەش پالۋان كېتىۋاتسا ئالدىدا بىر كۆل كۆرۈنۈپتۇ. كۆلنىڭ سۈيى بىردىنلا يوقىلىپ، بىردىنلا پەيدا بولۇپ تۇرغۇدەك. يېقىن كېلىپ قارىسا كۆل ياقىسىدا بىر ئادەم ئولتۇرۋېلىپ كۆلنىڭ سۈيىنى گاھ سۈمۈرۈپ، گاھ چىقىرىپ ئولتۇرغۇدەك. ئۇلار بېرىپ ئەھۋال سوراپتۇ:
- ھە، نېمە قىلىپ ئولتۇرغان ئادەمسەن؟
- شىرزاتنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن، شۇنىڭغا ھەمراھ بولاي دېۋىدىم.
- شىرزاتقا ھەمراھ بولغۇدەك نېمە ھۈنىرىڭ بار؟
- ئالەمدە بار نەرسىنى يالمايمەن، تويغىنىمنى بىلمەيمەن، قانچىكى چوڭ دەريا، كۆل بولسىمۇ، سۈيىنى بىرلا سۈمۈرۈپ تۈگىتىمەن. كۆل باتۇر دېگەن ئادەم مەن، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
- ئۇنداق بولسا، يۈر، شىرزات دېگەن مانا مەن، - دەپتۇ شىرزات.
ئۇلار ئالتەيلەن بولۇپ مېڭىپتۇ، خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئېگىز بىرموما ياغاچ كۆرۈنۈپتۇ، يېقىن كېلىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەم ئەتراپقا نەزەر سېلىپ ئولتۇرغۇدەك.
- ھەي ، ئۇ يەردە نېمە قىلىپ ئولتۇرىسەن؟
- مەن سېنىڭ يەر ئۈستىدىن چۈشۈپ باتۇرخاننىڭ ئوردىسىغا كىرگەنلىكىڭنى، ئۇ يەردىن توۆمۈرخاننىڭ يۇرتىغا ماڭغانلىقىڭنى، يولدا يەر ئاستى پالۋانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كېلىۋاتقانلىرىڭنى كۆرۈپ ساڭا ھەمراھ بولاي دەپ كۈتۈپ تۇرغانىدىم. مەن ھەر قانداق نەرسىنى بۇلجىتماي ئېنىق كۆرەلمەيمەن.
- ياخشى، ئۇنداق بولسا، ماڭا ھەمراھ بول!
يەتتە باتۇر يولغا چۈشۈپ، يەتتە ئاي، يەتتە كۈن دېگەندە تۆمۈر خاننىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار كەلگەندە تۆمۈر خاننىڭ قىزىغا كاھىشخانمۇ ئەلچى ئەۋەتكەنىكەن. شىرزات كەلگەندىن كېيىن تۆمۈرخان ھەر ئىككى تەرەپكە، >ھۈنەر كۆرسىتىڭلار، قايسىڭلار غالىب كەلسەڭلار قىزىمنى شۇنىڭغا بېرىمەن< دەپتۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھۈنىرىنى كۆرۈشكە بۇ يۇرتتىكى يەتتە ياشىتىن 70 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى يىغلىپتۇ. ساناقسىز قوي، كالا، تۆگە، ئاتلار سويۇلۇپ زىياپەت بېرىلىپتۇ. شىرزاتنىڭ پالۋانلىرى ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇشقان ئىكەن. تۆمۈرخان ئۇلارنى تويغۇزىمەن دەپ ھەر قانچە ئاش ۋە گۆش ئېلىپ كەلسىمۇ،ئۈلگۈرمەپتۇ. زىياپەتكە تەييارلانغان ھەممە نەرسىنى بىرلا كۆل باتۇر دەپ تۈگىتىپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان تۆمۈرخان بىلەن كاھىشخان مەسلىھەتلىشىپ، پالۋانلارغا زەھەر بەرمەكچى بولۇشۇپتۇ. ئۇ ئوغا سېلىنغان ساق قۇلاق باتۇر چىۋەر پالۋانغا خەۋەر قىلغانىكەن. ئۇ ئوغا سېلىنغان ئاشنى كاھىشخاننىڭ ئېشى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. كاھىشخانىنىڭ ۋەزىر - ۋۇزرالىرىدىن ئۈچ كىشى ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدا مەغلۇپ بولغان تۆمۈرخان ئات بەيگىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەممە يۈگۈرۈك ئاتلىرىنى بەيگىگە ساپتۇ. شىرزات قاراگىرنى تەييارلاپتۇ. شۇ چاغدا قارا گىرغا زۇۋان كىرىپ:
- ئەگەر بەيگىنى يىراقتىن باشلىسا، مېنىڭ يۈگۈرۈشۈممۇ تېز بولىدۇ. ئۈچ كۈن چاپسام تۇياقلىرىنى قىزىپ، ئۆزۈمنى توختىتىشقا قۇدرىتىم يەتمەي قالىدۇ. مەن كېلىۋاتقاندا،ئالدىمدىن ئارقان تارتىپ قوي، ئارقاننىڭ بىر قەۋىتى كەندىردىن بولسۇن، ئارقان قەۋىتى ئۈزۈلمەي قالسا، مەن توختايمەن. يىقىلىپ جان ئەزسەممۇ، يەنە جان كىرىدۇ. ئۈمىد ئۈزمە! - دەپتۇ.
بەيگە بىر ھەپتىلىك جايدىن باشلىنىپتۇ. ئۇنىڭغىچە چېلىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپتۇ. تاغ باتۇرغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەپتۇ. تاغ باتۇرغا كىشى چىقمىغاندىن كېيىن، باتۇر ئىككى تاغنى ئىككى قولىدا كۆتۈرۈپ، يۇرتقا كۈچىنى نامايان قىلىپتۇ. تۆمۈرخان بىلەن كاھىشخان ھودۇقۇپ قاپتۇ - دە، شىرزاتقا :>تاغنى بىز تەرەپكە قويمىسۇن!< دەپ يېلىنىپتۇ. شىرزات تاغنى ئۆز ئورنىغا قويغۇزۇپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن بەيگە ئاتلىرى يېنىپتۇ. ئىككى تەرەپ ئاتلرىىنى كۈتۈپتۇ. بىر چاغدا يىراقتىن چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپتۇ. كېيىن بىر قارا نەرسە كۆرۈنۈپتۇ. بۇ قارا گىر ئىكەن. شىرزات دەرھال ئۆچ قەۋەت ئارقاننى تارتىپتۇ،قارا گىر ئۇچقاندەك كېلىپ، ئارقانغا ئۆزىنى ئۇرۇپ يېقىلىپتۇ. ئارقاننىڭ ئىككى قەۋىتى ئۈزۈلۈپ، بىر قەۋىتى قالغانىكەن، قاراگىر ھوشىدىن كېتىپتۇ. شۇ چاغدا شىرزات ئېتىنىڭ بېشىغا كېلىپ:
- ئۈچ جېنىڭ بار ئىدى. ئىككىسى چىقسىمۇ بىرى قالغاندۇر، تۇر، قارا گىرىم، تىرىل گىرىم! - دەپتۇ.
شۇ ھامان قاراگىرگە جان كىرىپ كىشنەپ، پۇشقۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. باشقا ئاتلار بىر قانچە كۈندىن كېيىن كېلىشىپتۇ. نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان تۆمۈرىان بىلەن كاھىشخان >ئەمدى يۈگۈرۈش ئۆتكۈزەيلى< دەپتۇ.
يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى بىر كۈنلۈك يەردىن باشلىماقچى بولۇپتۇ. شىرزات يەل تاپاننى چىقىرىپتۇ. تۆمۈرخان بىر جادىگەر موماينى چىقارنىكەن. ئۇ:
- بۇ يەرگە كەلگۈچە ھېرىپ قالدىڭ، ئۇخلا! يۈگۈرىدىغان چاغدا ئۆزۈم سېنى ئويغىتمەن، - دەپتۇ يەل تاپانغا. يەل تاپان موماينىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇ ئەتىسى چۈش مەزگىلىدە ئويغىنىپتۇ. قارىسا موماي ئاللىقاچان كېتىپ قالغانىكەن. ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سەزگەن يەل تاپان بىر چاڭگال قۇمنى ئېلىپ كەينىدىن يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ قۇشتەك ئۇچۇپ، قۇيۇندەك پىرقىراپ ھېلىقى مومايغا يېتىشىۋېلىپ، قولىدىكى قۇمنى جادىگەرنىڭ كۆزىگە چېچىۋېتىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. جادىگەر موماي كۆزىنى ئوۋىلاپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ يۈگۈرۈشتىمۇ شىرزات تەرەپ يېڭىپ چىقىپتۇ.
تۆمۈرخاننىڭ 40 غۇلاچ كەڭلىكتىكى بىر قازىنى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەنىكەن. ئىلاجىسىز قالغان خان ئەنە شۇ قازاننى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، >كۆل سۈيىنى قۇرۇتۇۋەت!< دەپ شىرزات كۆل باتۇرغا بۇيرۇپتۇ. كۆل باتۇر ئىككىلا سۈمۈرۈپ كۆل سۈيىنى تۈگىتىپتۇ. تاغ باتۇرى كۆلگە چۈشۈپ قاننى تارتىپ چىقىپتۇ. تۆمۈر خاننىڭ ھېچ ئىلاجى قالماپتۇ. ئاخىر پالۋانلارغا ئاتاپ ئالاھىدە تۆمۈر ساراي سالدۇرۇپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ساراي ئالاھىدە، ھېكمەت بىلەن سېلىنغانىكەن. پالۋانلار كىرىشى بىلەنلا ئىشىك يېپىلىپ قاپتۇ. تۆمۈرخان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئالدىن تەييارلانغان ئوتۇننى تۆمۈر ساراينىڭ ئەتراپىغا دۆۋىلىتىپ ئوت ياقتۇرۇپتۇ. ساراي قىزىشقا باشلاپتۇ، دەل شۇ چاغدا تاغ باتۇر ئىشىكنى بىر تەپكەنىكەن. ئەبجىقى چىقىپ كېتىپتۇ. كۆل باتۇر قورسىقىدىكى سۇنى پۈركۈپ ئوتنى بىردەمدىلا ئۈچۈرۈپتۇ. تۆمۈرخاننىڭ ھېيلىسى بەربات بولۇپتۇ - دە، شىرزاتقا قىزىنى بېرىپ يولغا ساپتۇ. شىرزات باتۇرخاننىڭ يۇرتىغا قايتىپتۇ. يولدا ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىگە شىرزات بىلەن خۇشلىشىپ، ھەر قايسىسى ئۆز يېرىدە قاپتۇ.
شىرزات يول مېڭىپ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپ، باتۇرخاننىڭ ئېلىگە كەپتۇ. باتۇرخان شىرزاتتىن بەكمۇ رازى بوپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىزىنى بېرىپ:
- يەنە نېمە خالايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. شىرزات:
- يەر ئۈستىگە چىقىپ كېتەي، ئەل - يۇرتۇمنى سېغىدىم، - دەپتۇ. باتۇرخان شىرزاتنىڭ تەلىپىنى ئوۇرنلاپ، بىر قانچە ھەمراھلارنى قوشۇپ، يەر ئۈستىگە چىقىدىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىپ، خۇشلىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. بۇ يەرگە كەلگۈچە ئالتە ئايلىق يول ئىكەن. يول ئازابىغا چىدىماي، باتۇرخاننىڭ قىزى ۋە بىر قانچە ھەمراھلىرى قازاغا ئۇچراپتۇ. قىزنىڭ باش كېنىزىكى قەمەرگۈل، شىرزات ۋە قاراگىر يەر ئۈستىگە قاراپ مېڭىپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن يول مېڭىپ بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كېلىپ، دەم ئېلىشقا توختاپتۇ. بۇلاق تۈۋىدە چوڭ بىر تۈپ چىنار دەرىخى بار ئىكەن. بىر چاغدا چىنار ئۈستىدىن ھەسرەتلىك چۇۋۇلدىغان تاۋۇش ئاڭلىنىپتۇ. قارىسا سۇمرۇغ قۇشنىڭ بالىلىرى ئىكەن. بۇلار يېيىشكە بىر ئەجدىھا يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىۋاتقان ئىكەن. شىرزات سادىقنى ئېلىپ، ئەجدىھانى ئېتىپ چۈشۈرۈپتۇ. سۇمرۇغ بالىلىرى چۇۋۇلداشتىن توختاپتۇ. سۇمۇرۇغ شۇ ئارىدا قاتتىق بوران كۆتۈرۈلۈپ، ئانا سۇمرۇغ ئۇچۇپ كەپتۇ- دە، شىرزاتقا ئېتىلماقچى بولۇپتۇ. بىراق، بالىلىرى چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى توختىتىپتۇ.
سۇمرۇغنىڭ ئىككى بېشى بار ئىكەن؛ بىر بېشى ئادەمنىڭكىدەك، بىر بېشى قۇشنىڭكىدەك ئىكەن. ئانا سۇمرۇغنىڭ ئادەم بېشى شىرزاتقا:
- ھەي، ئادەمزات، بۇ يەرگە نېمە ۋەجىدىن كېلىپ قالدىڭ؟ - دەپتۇ.
- مەن يەر ئۈستىنىڭ ئادىمى، بالىلىرڭنى ئەنە ئاۋۇ ئەجدىھادىن قۇتۇلدۇرۇۋالدىم، - دەپتۇ شىرزات.
سۇمرۇغ ھەر يىلى بىر قېتىم بالا چىقىرىدىكەن. بىراق، ئەجدىھا ھەر يىلى يەپ كېتىدىكەن. سۇمرۇغنىڭ بالىلىرىنى سالامەت كۆرۈشى پەقەت مۇشۇ قېتىملا ئىكەن. سۇمرۇغ بالىلىرى شىرزاتنىڭ ياخشىلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، سۇمرۇغ شىرزاتنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلماس دوست بولۇپتۇ - دە:
- نېمە خالايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
شىرزات كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ يەر ئۈستىگە چىقىشنى تەلەپ قىپتۇ. سۇمرۇغ شىرزات، قاراگىر ۋە قەمەرگۈلنى ئۈستىگە مىنگۈزۈپ يەر ئۈستىگە چىقىرىپتۇ،خوشلاشقان چېغىدا بىر تال قانىتىنى ئۈزۈپ بېرىپ:
- بېشىڭغا كۈن چۈشسە، مۇشۇنى كۆيدۈرسەڭ مەن ھازىر بۇلىمەن - دەپتۇ.
يەر ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇلار دەم ئېلىپ، كۆزلىرى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
شىرزاتنى تۇتالمىغاندىن كېيىن، جادىگەر قىز ئاچچىقلىنىپ، موماينى بوغۇپ ئۆلتۈرگەنىكەن. مومايدىن چويۇنقۇلاق دېگەن بىر ئوغۇل قالغان بولۇپ، جادىگەر قىز ئۇنىڭغا شىرزات چىقىدىغان ئورۇننى گۈزەت قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلىغانىكەن. چويۇنقۇلاق شۇنىڭدىن بۇيان شىرزاتنى كۆزىتىپ يۈرگەنىكەن. ئۇ يەر ئۈستىگە چىققان شىرزاتنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تونۇپ، پۇت - قولىنى باغلاپ جادىگەر قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ، ئۇ شىرزاتنى زىندانغا تاشلاپ، قەمەرگۈلنى چويۇنقۇلاققا بېرىپتۇ. قاراگىر ئاتقا تۆمۈر كىشەن سېلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىرزات ئۇزۇن ۋاقىت زىنداندا تۇرۇپ قاپتۇ. قەمەرگۈل چويۇنقۇلاقتىن بىر بال تېپىپتۇ. چويۇنقۇلاق قاراگىرنى ئۆزىنىڭ قىرىق غۇلاچ تاسما بەلبېغى بىلەن باغلاپ قويۇپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن تاسما يېشىلىپ كېتىپتۇ. ئات دەرھال زىندان بېشىغا كېلىپ، يەرنى چاپچىپ تاسما ئارقاننى زىندانغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ. شىرزات تاسمىغا يامىشىپ زىنداندىن چىقىپ، سۇمرۇغنىڭ قانىتىنى كۆيدۈرۈپتۇ. سۇمرۇغ يېتىپ كەلگەندىن كېيىن شىرزات بېشىغا كەلگەن كۈننى سۆزلەپ بېرىپتۇ. سۇمرۇغ:
- چويۇنقۇلاقنىڭ جېنى ئۆزىدە ئەمەس، ئۇ جېنىنى باشقا يەردە ھېچكىمگە سەزدۈرمەي ساقلايدۇ. ھەر نېمە قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى تېپىۋال. بولمىسا ئۇنىڭدىن زادىلا قۇتۇلالمايسەن، - دەپتۇ.
شىرزات ئېتىغا مىنىپ چويۇنقۇلاقنىڭ ئۆيىگە كەلسە، چويۇنقۇلاق ئاتنى ئىزدەپ كەتكەنىكەن. قەمەرگۈل شىرزات بىلەن يىغلاپ كۆرۈشۈپ، كۆرگەن خورلۇقلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ:>چويۇنقۇلاقتىن مېنى قۇتۇلدۇر!<دەپ يېلىنىپتۇ. شىرزات قەمەرگۈلدىن چويۇنقۇلاقنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى سوراشنىڭ ئۇسۇل - چارىلىرىنى ئۆگىتىپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى بۆشۈكنىڭ نەق ئاستىنى قېزىپ، يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. كەچتە چويۇنقۇلاق كەپتۇ. شىرزات دېگەندەك، قەمەرگۈل ئېرىنى تاماققا راسا تويغۇزۇپ تايقۇزۇپتۇ. ياتقاندىن كېيىن بالىسىنى چىمداپ يىغلىتىپتۇ. بالا يىغلاۋەرگەچكە، چويۇنقۇلاق:
- قەمەر، بالىنى پەس قىل! - دەپ ۋارقىراپتۇ. قەمەر ئالىنى ئەللەي ئەتكەن بولۇپ، تېخىمۇ قاتتىقراق چىمداپ يەنە يىغلىتىپتۇ. بالا يىغلاۋەرگەندىن كېيىن چويۇنقۇلاق:
- بالا نېمىشقا يېغلايدۇ؟ - دەپتۇ. قەمەر بالىسىنىڭ نېمىشقا يىغلىغانلىقىنى سورىغا بولۇپ چويۇنقۇلاققا:
- بالاڭ>مەن چويۇنقۇلاقنىڭ بالىسى ئەمەس، شىرزاتنىڭ بالىسى بولسام كېرەك، ئەگەر چويۇنقۇلاق ئاتام بولسا، جېنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتمىدى. شىرزات بولسا، جېنىنىڭ نەدىلىكىنى ئاللىقاچان ئېيتىپ بەرگەن بولاتتى. شۇنىڭغا يىغلايمەن< دەيدۇ، دەپ چويۇنقۇلاقنى ئىشەندۈرۈپتۇ، چويۇنقۇق:
- بالام جۆيلىمىسۇن، ئۇنىڭ ئاتىسى شىرزات ئەمەس، ئۇنىڭغا مېنىڭ جېنىم كېرەك بولسا، ئۆزىگىلا ئېيتىپ بېرىمەن، - دەپ قەمەرگۈلنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپتۇ، - جېنىم يىراقتا. ئۇنى ئۆزۈمدە ساقلىيالمايمەن. >تامچى بولاق< نىڭ ئەتراپىدا 40 ئېرىك بار. شۇنىڭ ئىچىدىكى قارا ئېرىكنىڭ قارنىدا توققۇز قارا ساندۇق بار. شۇ ساندۇقنىڭ ئەڭ كىچىكىدە، توققۇز چۈجە بار. شۇ توققۇز چۈجە مېنىڭ جېنىم. جېنىڭ گەۋدەڭگە سىقمايۋاتقان بولسا، شۇنىڭغا قوشۇپ قوياي، بىراق، ھېچكىم بىلمىسۇن، سېزىپ قالسا، تىرىك قالمايمىز، - دەپتۇ - دە، ئورنىغا بېرىپ يېتىپتۇ. شىرزات چويۇنقۇلاقنىڭ جېنىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، شۇ ھامان >تامچى بۇلاق< نىڭ بېشىغا بېرىپ، ئېرىكلەر سۇ ئىچىدىغان يەردە يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ. چىڭقى چۈش مەزگىلىدە ئېرىكلەر كېلىپ بىردىنلا توختاپ قاپتۇ ۋە ئۆز ئارا سۆزلىشىپ >ئادەم پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ، بەلكىم چويۇنقۇلاققا قەست قىلغۇچىدۇر!< دېيىشىپتۇ. بولۇپمۇ قارا ئېرىك ھەممىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا شىرزات ئېرىكلەرگە مۇنداق دەپتۇ:
جان ھەمرىيىم قارا ئېرىك،
جېنىم سەندە بىلگىن ئېرىك.
جان ساقلىغىن قارا ئېرىك.
چۆچۈتكەن كىم سېنى كېلىپ.
سۈيۈڭ تىنىق بۇلغانمىغان،
قاچىسىلەر نېمە سېزىپ؟
شىرزاتنى مەن ئولجا ئادىم،
قەمەرگۈلنى ۋەئاتنى ئېلىپ.
چۆچۈتكەنمەن ھەممىڭىزنى،
ئادەم ھىدى شۇندىن سىڭىپ.
ۋاقتىم بولماي كېلەلمىگەن،
ھازىر كەلدىم قولۇم تېگىپ.
يالغۇز ئوغلۇم جېنىنىمۇ،
ئۆزۈم بىلەن كەلدىم ئېلىپ.
جان ساقلىغان قارا ئېرىك،
تالاي بولدۇڭ ماڭا شىرىك.
ئادەم ھىدى كەلدى دېمە،
مەندىن قېچىپ يىراق يۈرمەن.
ئېرىكلەر يەنىلا ئىشەنمەي،ھۈركۈپ، چەكچىيىپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا شىرزات يەنە مۇنداق دەپتۇ:
سۆزلىرىمگە ئىشەنمەي،
بەرمەي قاچساڭ جېنىمنى.
چويۇن ئېتىم قۇرۇسۇن،
ئالمىسام مەن جېنىڭنى.
ھەمراھلىقتىن قول يۇيۇپ،
سۇدەك چاچاي قېنىڭنى!
پەقەت شۇ چاغدىلا ئېرىكلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىپ سۇ ئىچىشكە باشلاپتۇ. ئەڭ كەينىدە قارا ئېرىكمۇ سۇ ئىچىپتۇ. دەل شۇ چاغدا شىرزات ئۇنى چەنلەپ تۇرۇپ ئوقيا ئاتقان ئىكەن، ئېرىكنىڭ قارنى چۇۋۇلۇپ توققۇز قارا ساندۇق يەرگە چېچىلىپ چۈشۈپتۇ. شىرزات ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىنى ئېلىپ ئېچىپ، سەككىزچۈجىنىڭ بوينىنى يۇلۇپ تاشلاپ، >چويۇنقۇلاقنى جان تالىشىۋاتقاندا بىر كۆرەي< دەپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ ۋە قەمەرگۈلدىن:
- چويۇنقۇلاق قانداق؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۇ ھالسىراپ قالدى، - دەپتۇ قەمەرگۈل. شىرزات ئۆيگە كىرىپ قارىسا، چويۇنقۇلاقنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ ئاران - ئاران نەپەس ئىلىۋاتقانىكەن. شىرزات ئۇنى >ھە، باتۇر قانداق؟< دەپ مەسخىرە قىلىپ يېقىن كەلگەنىكەن، چويۇنقۇلاق ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئاپتۇ - دە، شىرزات بىلەن ئېلىشىپتۇ. چويۇنقۇلاق ئېلىشقانسېرى كۈچىيىپ كېتىپتۇ. شىرزات كۈچەپ، قارا تەرگە چۆمۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاغ يىقىلىۋاتقاندەك، گەۋدىسىنى تۆمۈر ئىسكەنجە بۇغۇۋاتقاندەك بولۇپتۇ. شۇ چاغدا شىرزات قەمەرگۈلگە مۇنداق يېلىنىپتۇ:
قارا يەرنىڭ قەرىدىن،
باتۇر خاننىڭ ئېلىدىن،
شىرزاتقا ئەگىشىپ،
بىللە كەلگەن قەمەرگۈل.
شىرزاتتىن ئايرىلىپ،
قاناتلىرى قايرىلىپ،
چويۇنقۇلاق قولىدا،
تۇتقۇن بولغان قەمەرگۈل.
كىيىمىڭ يوق كىيگۈدەك،
چۈشلۈكۈڭ يوق يېگۈدەك،
خورلۇق بىلەن كۈن كۆرۈپ،
ۋەيران بولغان قەمەرگۈل.
قېتىپ ئاجىز باشلىرىڭ،
تۆكۈلدى كۆز ياشلىرىڭ.
زۇلۇم بىلەن خار بولۇپ،
ئازاب چەككەن قەمەرگۈل.
جان چىقىشقا ئاز قالدى،
ھالىمغا بىر يەتسەڭچۇ.
سەندە قالدى ئۈمىدىم،
ياردىمىڭنى بەرسەڭچۇ.
قوينىمدا بىر قۇتا بار،
ئىلدام كېلىپ ئالساڭچۇ.
ئۇنىڭدىكى چۈجىنىڭ بوينىنى تېز يۇلساڭچۇ.
ئىلتىماسىم قۇتىنىڭ،
تېز ئاغزىنى ئاچساڭچۇ.
رەھىم قىلىپ ھالىمغا،
بىرەر تۆھپە قاتساڭچۇ!
قەمەرگۈل دەرھال شىرزاتنىڭ قوينىدىن قۇتىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىكى چۈچىنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. چۈجە ئۆلگەندىن كېيىن، چۆيۈنقۇلاقمۇ ئۆلۈپتۇ. دادىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن بالا بۆشۈكتە تۇرۇپ:
- خەپ ئاتامنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمىسام! - دەپ يىغلاپتۇ. شىرزات بونى ئاڭلاپ بالىنى بۆشۈك - مۈشۈكى بىلەن قوشۇپ سۇغا تاشلىۋېتىپتۇ.
شىرزاتنىڭ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتكىنىگە ئۇزاق يىللار بولۇپ كەتكەچكە پرىزاتتىن باشقىلىرى ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنىكەن.
بىر كۈنى پەرىزات سەھەر تۇرۇپ قارىسا، ئاقباش تۆگە يوق ئىمىش، ئۇنى ئىزدەپ ماڭغاندا، بېلىگە ئورالغان بەلبېغى يېشىلىپ پۇتىغا يۆگىلىۋاپتۇ. ئۇ رومىلىنى ئېلىپ ئاقباش تۆگىسىنى ئىزدەپ بارسا بىر سايدا بوتىلىغان ئىكەن. ساينىڭ ئۇ تەرىپىدە ئاقساق قاراگىرغا مىنگەن بىر ئاقساقال كۆرۈنۈپتۇ.
پەرىزات تۆگىنىڭ تۇغقانلىقىنى، بەلبېغىنىڭ يېشىلگەنلىكىنى كۆرۈپ >شىرزات ۋاپات بوپتۇ، ھايات بولسا ئاللىقاچان بىر خەۋىرى كېلەر ئىدى< دەپ ھەسرەت بىلەن مۇنداق كۈيلەپتۇ:
جان تۆگەم ئاقباش تۆگەم،
شەرتلەشكەنتىڭ مەن بىلەن.
شىرزاتتىن خەۋەر كەلسە،
سۆزلىشەتتىڭ مەن بىلەن.
ھاياتلىقتىن ۋە ماماتلىقتىن،
بەلگە بېرەي دېگەنسەن.
ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم،
قانچە يىللار ئۆتسىمۇ.
بىر كېلەر دەپ كۈتكەنتىم،
ئۆمرۈم ئۆتۈپ كەتسىمۇ،
ئۆزى ساغۇش بوتىلاق،
بوتىلايسەن ئېسىلىپ،
تولدۇڭمۇ سەن شادلىققا،
بوتىلاققا ئېتىلىپ.
كېلىشىدىن خەۋەر يوق،
بەلكىم شىرزات ئۆلدىمۇ؟
رومىلىم ھەم يېشىلدى.
تۇرمىدى ھېچ بەلدىمۇ.
شىرزاتتىن خەۋەر بەر.
بۇزمىغىن سەن شەرتىڭنى،
بەلدىن رومال يېشىلدى،
بۇ شىرزاتنىڭ ئۆلگىنى!
پەرىزات ئەنە شۇنداق زار - زار يىغلاپ تۇرغاندا، ئاق ساقال بوۋاي مىنگەن قاراگىر كىشنەۋېتىپتۇ. پەرىزات ئاتنىڭ تاۋۇشىدىن ئۇنىڭ ئۆز ئېتى ئىكەنلىكىنى تونۇپتۇ. شىرزاتمۇ پەرىزات بىلەن ئاقباش تۆگىنى تونۇپتۇ. ئۇلار يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھوشلىرىدىن كېتىپتۇ. ئۇلار ھوشىغا كەلگەندە دەسلەپ ئايرىلغان كۈنلىرىدىكىدەك ياش ھالىتىگە كېلىپ قاپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ مۇرات - مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ.
يۇقىرىقى ئىككى چۆچەكنى قەشقەرق يېڭىشەھەر يايلاق يېزىسىدىكى تۇرىدى ئاخۇن ئېيتىپ بەرگەن.
رەتلىگۈچى: ماخمۇتجان ئىسلام