UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن ۋەزىر

دانىشمەن ۋەزىر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق، دانىشمەن بىر ئوڭ قول ۋەزىرى بولغان ئىكەن. ئۇ دائىم خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىكەن،ئاجىز، كەمبەغەلەرنىڭ ئەرز - ھالىغا يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئابرويى كۈندىن - كۈنگە كۆتىرىلىپتۇ. بۇنى كۆرەلمىگەن سول قول ۋەزىر بىلەن ئەمەلدارلار بىرئىلاج قىلىپ ئۇنى يوقىتىشنى قەستلەيدىكەن. بىر كۈنى بۇلار مەسلىھەتلىشىپتۇ. - بۇنى زەھەر بېرىپ ئۇجۇقتۇرايلى، - دەپتۇ. بىر ئەمەلىدار. - ياق، ئۇنداق قىلساق پادىشاھ بىلىپ قالىدۇ، - دەپتۇ سول قول ۋەزىر. - ئەمسە قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ باشقا ئەمەلدارلار. - پادىشاھنىڭ ئۆز قولى بىلەن يوق قىلىمىز. پادىشاھقا: «سىزنىڭ دانىشمەن ئوڭ قول ۋەزىرىڭىزنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ. سىز پادىشاھنىڭ ئىچىدە ئابرويلۇق پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن ئاسمانغا تۈۋرۈكى يوق تەخت سېلىشنى تاپشۇرسىڭىز» دەيمىز. بۇ ئىشنى ئوڭ قول ۋەزىر قىلالمايدۇ. ئاندىن ئۇنى پادىشاھ ئۆزى يوقىتىدۇ، - دەپتۇ سول قول ۋەزىر. بۇ مەسىلھەتنى ھەممىسى ماقۇل كۆرۈپتۇ. ئەتىسى سول قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ يالغۇز ئولتۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھېلىقى سۆزنى دەپتۇ. ئابرويپەرەس پادىشاھ بۇنى ماقۇل كۆرۈپتۇ، ئوڭ قول ۋەزىرنى چاقىرىپ، ئاسمانغا تۈرۈكى يوق تەخت سېلىشنى تاپشۇرۇپتۇ. بۇ مۇشكۈل ئىش ئۈچۈن بىر ئاي ۋاقىت بېرىپتۇ. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بىلەن تالىشىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ۋەزىرگەپ قىلماي چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئۇزاق ئويلاپتۇ. ئاخىرى ئىلاجىنى تېپىپتۇ. ئەتىسى ئوڭ قول ۋەزىر يىراق بىر جاڭگالغا بېرىپتۇ. ئادەم تىلىنى ئۆگەتسە ئۆگىنىدىغان قۇشنىڭ بالىسىدىن بىر نەچچىنى تۇتۇپ، «لاي - لاي، كېسەك -كېسەك» دېگەن سۆزلەرنى ئۆگىتىپتۇ. ئاندىن ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. - پادىشاھ ئالەم، - دەپتۇ. ۋەزىر پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ، - مەن ئاسمانغا تۈۋرۈكى يوق تەخت سالىدىغان ئۇستىلارنى تاپتىم. ئۇلار ئوردىنىڭ ئۈستىگە كېلىپ: «لاي - لاي، كېسەك - كېسەك» دەيدۇ. سول قول ۋەزىرلىرى ئۇلارغا لاي، كېسەك يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرسا، مەن ئۇستلارنىڭ قېشىدا تۇرۇپ تەختنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. ۋەزىر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ سول قول ۋەزىرنى چاقىرىپ، ئۇستىلارغا لاي، كېسەك يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاپشۇرۇپتۇ. قۇشلار ئوردىنىڭ ئۈستىدە چۆگلەپ ئۇچۇپ «لاي - لاي، كېسەك - كېسەك» دەپ سايرىشىپتۇ. سول قول ۋەزىرنىڭ ئادەملىرى لاي، كېسەكلەرنى ئاسمانغا ئېتىپتۇ. يەتكۈزەلمىگەنسېرى بەكمۇ ئېتىپتۇ. بىردەمدە ئوردىنىڭ ئىچى لاي، كېسەكلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئىشك، دەرىزە، تاملارنىڭ رەسۋاسى چىقىپتۇ. پادىشاھ تېرىكىپ ۋارقىراپتۇ. سول قول ۋەزىر قورقۇنچاقلىقتا پايپىتەك بولۇپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر كېلىپ پادىشاھقا: - ئۇستىلارغا لاي، كېسەك يەتكۈزۈپ بېرەلمەپتۇ. ئۇلار ھازىر بىكار تۇرۇپ قالدى، - دەپتۇ. غەزىبىگە بەس كېلەلمەي تۇرغان پادىشاھ سول قول ۋەزىرنى چاقىرىپ: - سەن نېمىشقا لاي، كېسەكنى يەتكۈزۈپ بېرەلمەيسەن؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. - ئۇلۇغ پادىشاھىم، ئۇستىلار ئاسماندا تۇرسا، قانداق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ ئىش ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن، - دەپتۇ سول قول ۋەزىر. - شۇنچىلىك ئىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىسە، ئاسمانغا تۈۋرۈكى يوق تەخت سېلىش مەسىلھىتىنى نەدىن تاپتىڭ؟ بۇنىڭغا كېلىدىغان ئۆلۈم ساڭا لازىم، - دەپ پادىشاھ كورەلمەس سول قول ۋەزىرنى توسۇن ئاتنىڭ قويرۇقىغا چاتقۇزۇپ قويۇپ بېرىپتۇ. كۆرەلمەس ئەمەلدارلارنى ئەمەللىىرىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئوردا تازىلاشقا قويۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق