UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۆرى، تۈلكە ھەم بۆدۈنە

بۆرى، تۈلكە ھەم بۆدۈنە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن زاماندا، كونا خاماندا، ئۈچى تۇيۇقسىز كۆرۈشكەنىكەن. كىشى بارمىغان چۆللۈك باياۋاندا، سەپەر قىلىشىپ يۈرۈشكەنىكەن. جاڭگاللىقلارنى تۈلكە ئارىلاپتۇ، ھېقايسىسى بۇنى تۇيمىغانىكەن. ئاچكۆز بۆرىدىن جانلار زارلاپتۇ، ئۇچرىغاننىلا قويمايدىكەن. تۈلكە مۇغەمبەر، بۆرىسى ئاچكۆز، بۆدۈنە ساددا، ئۇقمىغانىكەن. ئۈچى سەپەردە، پەسلى دەل كەچ كۈز، ئەمما بۆدۈنە قورقمىغانىكەن. ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە ، كەنجى بىدە ئورۇمى ۋاقتىدا، بى بۆدۈنە بىر كونا خاماننىڭ قىرغىقىدىكى چىقملىقتا ئۆز جورىلىرىنى ئىزدەپ «ۋىت - ۋىلاق، ۋىت - ۋىلاق» دەپ سايراپ تۇرغاندا ، بىر تۈلكە قۇيرۇقىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بۆدۈنىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇشقاننىڭ ئارىلىقىدىلا، بىر بۆرى بىر چامداپ، ئىككى ئالىيىىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. بۆدۈنە، بۆرى، ئۈچى ئۇشتۇمتۇتلا ئۇچرىشىپ قالغانلىقتىن، لام - جىم دېيىشمەي، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە بىر - بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن تۈلكە ئاۋۋال بۆرىگە، كېيىن بۆدۈنىگە تازا سەپسېلىپ قارىۋېلىپ، ئاستا ئېڭىشىپ سالام بېرىپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ: _ ئۈچىمىز ئۈچ ياقتىن كەلدۇق، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئاران تېپىشتۇق. دوست بولايلى، دوست بولغاندىمۇ، تازا چىڭ دوستلاردىن بولايلى، تاپقان - تەرگىنىمىز تەڭ بولسۇن، ئۆمىرىمىز بىللە ئۆتسۇن. بۆدۈنە بىلەن بۆرى ئاۋۋال بىر - بىرىگە قاۋىشىۋېلىپ، كېيىن ئىككىسى تەڭ ئېگىلىپ تۈلكىگە تەزىم قىلىپشىپتۇ - دە، تۈلكىنىڭ تەكلىپىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. بۇ ئۈچى شۇ كۈندىن باشلاپ دوست بولۇپ، ئۇزۇن زامانغىچە بىر كونا خاماندا كۈن ئۆتكۈزۈشۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۈچى يىراق بىر جايغا سەپەرگە جابدۇنۇپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار قۇيۇق چاتقاللىق جاڭگاللارنى، ئېگىز - ئېگىز تاغ - ئېدىرلارنى ۋە ئويمان چوڭقۇر سايلارنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ. سەپەرنىڭ دەسلىپىدە غەملىۋالغان ئوزۇقلىرىدىن كەڭتاشا يەپ - ئىچىپ مېڭىشىپتۇ، يول يۈرۈشىمۇ كۆڭۈللۈك بوپتۇ. ئەمما، يولى بەك ئۇزىراپ ئۇرۇقلىرى تۈگەشكە باشلاپتۇ، ئاخىرىدا يېگۈدەك بىرەر نەرسىمۇ قالماپتۇ ھەم يولدىنمۇ تېپىلماپتۇ. بۆرى قورساق ئاچلىقىغا چىداشلىق بېرەلمەپتۇ، بۆدۈنە بىلەن تۈلكە بۆرىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ، لىپىلداپ كېتىۋېرىپتۇ. بۆرى غەيرىتىگە ئېلىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن خېلى يەرلەرگىچە مېڭىپ بېقىپتۇ. ئاخىر بولالماي يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىۋاپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئارقىسىغا قارىسا، بۆرى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پالازدەك سوزۇلۇپ ياتقۇدەك. يېقىن كېلىپ قارىسا بۆرىنىڭ چىرايى تاتىرىپ، يەتتە يىل كېزىك تارتقاندەك سارغىيىپ كەتكەن. بۆرى: _ قوسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، يەيدىغانغا بىرەر نەرسە تېپىلمىسا يول يۈرەلمەيمەن، - دەپتۇ. تۈلكە بۆرىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ، بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىپتۇ. ئاندىن سوزۇلۇپ ياتقان يولغا كۆز ساپتۇ. بايقىغۇدەك بولسا، بىر خوتۇن ئېتىزدا كۈزگى ئېڭىز ئاغدۇرۇۋاتقان ئىرىگە قاچىدا تاماق ئېلىپ كېتىۋاتقۇدەك. تۈلگە دەررۇ بۆرىگە قاراپ: _ دوستۇم، غەم قىلما. قوسىقىڭنى ھازىر تويغۇزىمىز، - دەپتۇ ۋە بۆدۈنىنى يېنىغا تارتىپ، _ بۇرادەر بۆدۈنە، ئاۋۇ كېتىۋاتقان خوتۇننى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئاشۇ خوتۇن كېتىپ بارغان تەرەپكە قاراپ ئۇچىسەن، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا،ئالدىغا چۈشىسەن، ئۇ سېنى تۇتۇۋالىمەن دەپ قاچىسىنى قويۇپ قوغلايدۇ. سەن بولساڭ بىر قونۇپ، بىر ئۇچىۋېرىسەن. قاچىدىكى تاماق بولسا بىزگە قالىدۇ، - دەپتۇ. بۈدۈنە تۈلكىنىڭ مەسلىھىتىگە «ماقۇل» بولۇپ، ھېلىقى خوتۇن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. بۆدۈنىنىڭ ئارقىسىدىنلا تۈلكە بىلەن بۆرى ھېلىقى خوتۇن كېلىۋاتقان يولنىڭ چېتىدىكى ئېرىقنىڭ ئىچىگە يېتىپ بېرىپ ماراپ يېتىشىپتۇ. بۆدۈنە ئۇچقان بويىچە خوتۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ چۈشۈپ، بوينىنى ئوزۇن سوزۇپ چۇرۇلداپ يورغىلاپ مېڭىپتۇ. تەشتەك كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن: _ ئەجەب چىرايلىق جانىۋار - دە،سەن، چۇرۇلداشلىرىڭ خويمۇ يېقىملىق. سېنى تۇتۇپ بالامغا بېقىپ بېرەي، - دەپ قاچىنى يەرگە قويۇپ، بۆدۈنىنى قوغلاپتۇ. بۆدۈنە بولسا، ھېلىقى خوتۇننىڭ ئالدىدا بىر ئۇچۇپ، بىر يورغىلاپ كېتىۋېرىپتۇ. ئۇ خوتۇن خۇشال بولۇپ «ئەنە تۇتۇۋالىدىغان بولدۇم، مانا تۇتۇۋالىدىغان بولدۇم» دەپ بۆدۈننىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېتىۋېرىپتۇ. قاچا بولسا ئۇنىڭ يادىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. خوتۇن شۇ قوغلىنىچە ئېرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كېلەي دەپ قاپتۇ. قوش ھەيداۋاتقان ئېرى خوتۇنىغا قارىسا پۇلاڭلاپ چىقىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئۇنىڭ چاچلىرى چوۋۇلۇپ كەتكەن، يېقىنراق كەلگەندە بايقىسا، بىر بۆدۈنە خوتۇنىنىڭ ئالدىدا بىر ئۇچۇپ، بىرقونۇپ يورغىلاپ كېلىۋاتقۇدەك. دېھقان ھەيدەۋاتقان قوشنى توختىتىپتۇ، ئاڭغىچە بۆدۈنىمۇ ئۇچۇپ كېلىپ قوشقا قېتىقلىق ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە قونۇۋاپتۇ. ئەتىدىن كەچكىچە قوشقا قېتىلغان ئۇي ھېرىپ كەتكەنلىكتىن مۈڭگۈزىنى سىلكىپمۇ قويماپتۇ. _ توختا خوتۇن، توختا! - دەپ دېھقان ئالدىراشلىق بېلەن قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ ئاتقانىكەن، بار كۈچ بىلەن ئېتىغان كالتەك بىچارە ئۇينىڭ بىر مۈڭگۈزىنى تاق تۈۋىدىن قومۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. بۆدۈنىگە كالتەك تېگەمدۇ، ئۇ ئاللىقاچان پەيدەك ئۇچۇپ كۆزدىن يىتۈپتۇ. ئۇينىڭ مۈڭگۈزى مۈڭگۈزى كالتەك بىلەن تەڭ يەرگە چۈشكەندە،دېھقاننىڭ خوتۇنى قاچىسىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ يۈگۈرۈپتۇ. بېرىپ قاچىنى قولىغا ئاپتۇ - دە،« ئۇينىڭ مۈڭگۈزى يامان بولدى. ئەمدى قوش توختاپ قالسا، بار بالانى تەرگەن سەن خوتۇن ، دەپ ھېلىقى كىشى مېنى ئۆلگۈچە دۇمبالاپ يۈرمىسە بولاتتىغۇ» دەپ قايغۇ ئىچىدەئېرى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئېرىنىڭ يېنىغا يېقىن بېرىپ قارىسا، ئۇنىڭ رەڭگى - روھى قار - يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرغۇدەك. خوتۇن ئېرىنىڭ بۇ پەيلىدىن قورقۇپ، پۇتنىڭ ئۇچچىدا بىر دەسسەپ، ئىككى چامداپ كەپتۇ. ئەندىشە خىيالى تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن خوتۇن نېمە قىلارىنى بىلمەستىن ئورنىدا تۇرۇپ قاپتۇل. ئېرى خاپىلىق بىلەن ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان بېشىنى كۆتۈرۈپ: _ ھوي ھاڭۋاقتى، بولساڭچۇ، قورساق ئېچىپ ئۆلەي دىدىغۇ كىشى، - دەپ خوتۇنىنى بىر مۇنچە جونۇپتۇ. خوتۇن قاچىنىڭ ئاغزىدىكى ئورالغان لۆڭگىنى يىشىپ قارىسا، تەشتەكنىڭ ئاغزى بىلەن تېزەك تۇرغۇدەك. بۇ ئالامەتنى كۆرگەن خوتۇن «ۋاي ئۆلدىمەي» دەپ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ - دە، بېشىدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولۇپ، تۇرغان جايىدا تاشتەك قېتىپ قاپتۇ. بىچارە خوتۇن تەشتەكنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىگە قارىمىغانىكەن. ئۇ بۆدۈنىنى تۇتىمەن دەپ، قوغلاپ ماڭغاندا، ئېرىقنىڭ يېنىدا ماراپ ياتقان تۈلكە بىلەن بۆرە مانتىنى تويغۇچە يەپ، ئېشىپ قالغانلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، قاچىنىڭ ئىچىگە ئاغزى بىلەن تەڭ ئات تېزىكىنى تولدۇرۇپ، ئۈستىنى ئاۋۋالقىدەك لۆڭگە بىلەن ئوراپ قۇيۇشقانىكەن. خوتۇن ھوشىنى يىغىپ ئەتراپقا قارىسا، ئالدىدا تۇرغان ئېرى يوقتەك. ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، ئېرى ئۇيىنى يىتىلەپ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋاتقۇدەك. خوتۇن نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپتۇ - ئويلاپتۇ، ئۇنىڭ چېگىش ئويى بىر تەرەپكە يېشىلىپ چىقماپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ «ئۇھ»دەپتۇ، «ئاھ» دەپتۇ. ئاخىرىدا «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى خاپىلىق بىلەن ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ئىشنى تەگىشىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاجرىشىپ كەتتىمۇ ياكى «ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات» دەپ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۆي تۇتۇشۇۋەردىمۇ، ئۇنىڭ تېگى تەكتىنى سۈتۈشتۈرۈپ كۆرگەن كىشى بولماپتۇدەك. بۆدۈنە مەسلىھەت قىلغان جايغا كېلىپ ، تۈلكە بىلەن بۆرىدىن ئېشىپ قالغان بىر مانتىنى كىچىك تۇمشۇقى بىلەن چوقۇلاپ ئۇششاق توغرالغان كاۋا بىلەن توگۇرلىشىپ قالغان چىگىرتەكلەرنى يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. ئاندىن بۇ ئۈچى يەنە يولىغا چۈشۈپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بۆرە تۈلكە بىلەن بۆدۈنىنى توختىتىۋېلىپ: _ ئاغىنىلەر قورسىقىم ئاچقاندەك قىلىۋاتىدۇ. قورساقنىڭ ئاچقىنىنى ئىلگىرىرەك ئېيتىپ قويمىسام، كېيىن چىداپ تۇرالمايدىكەنمەن، - دەپتۇ. تۈلكە بۆدۈنىگە قاراپتۇ - دە، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرىگە؛ _ راست دەيسەن، دوستۇم، قورسىقىڭنىڭ ئېچىۋاتقىنىنى ئالدىنراق ئېيتقىنىڭ ياخشى بولدى، ئالدىنراق مەسلىھەتلىشىۋالايلى، - دەپ بۆدۈنىنى يولنىڭ بىر چېتىگە تارتىپ: _ دوستۇم بۆدۈنە، بۇ بۆرە بىزگە بىر بالا بولدى، بۇنىڭدا قورساق جېدىلىدىن باشقا ھېچگەپ يوق. ئولتۇرسا - قوپسا يەيمەنلا دەيدۇ، - دەپتۇ تۈلكە. بۆدۈنە تۈلكىگە يېقىنراق كېلىپ: _ دوستۇم، بۆرىنىڭ پەيلى شۇنداقلا بولسا، بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بىزنىمۇ يەپ قويىدىغانغا ئوخشايدۇ، - دەپتۇ. _ ياق، ئالدىرىما، بۇنى جايلايمىز، - دەپتۇ تۈلكە. _ قانداق جايلايمىز؟ - دەپ سوراپتۇ بۆدۈنە. _ ھازىر ئالدىمىزغا قاراپ ماڭىمىز، بىر دۆڭدىن ئۆتۈپ توختايمىز، ئۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بىر باغ بار. سەن شۇ باغنىڭ ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىسەن، ئارقاڭدىنلا بۆرى بىلەن ئىككىمىز سۈڭگۈچتىن كىرىپ بارىمىز، سەن باغدىكى باراڭغا قونۇپ تۇرۇپ ئۈژمىنى چوقۇلاپ يەرگە چۈشۈرۈپ بېرىسەن، بىز ئۇنى يەيمىز، يېگەندىمۇ ئاغزى - بۇرنۇمىزدىن چىققۇچە يەيمىز، ئاندىن مەن ساڭا شەرەت قىلىمەن، سەن شۇ چاغدا«ۋاي ئىگىسى ، باغقا ئوغرى كىردى» دەپ راسا ۋارقىرايسەندە، قاچىسەن، ئەنە شۇ چاغدا ئۇ تەييار تاپتىن قۇتۇلىمىز، - دەپتۇ تۈلكە. بۆدۈنە «ماقۇل » دەپتۇ. ئاندىن بۇ ئۈچى يولغا چىقىپ، خېلى يوللارنى بېسىشىپ ھېلىقى باغقا يېتىپ كەپتۇ. باغنىڭ ئەتراپى ئېگىز سېپىلدەك تاملار بىلەن قورشالغانىكەن بۆدۈنە ئۇچقان پېتىچە باغقا كىرىپ كېتىپتۇ. تۈلكە بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا، مېڭىپ بېقىپ، بىر سۈڭگۈچنى تېپىپ بۆرىنى يېنىغا قىچقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: _ دوستۇم، باغقا كىرگەندىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك تاماقنى بىرلا يەۋالىمىز. مۇنداق قىلمىغاندا يولدا تاماق تېپىلمايدۇ. بۇ باغدىكى ئۆزۈم ناھايىتى شېرىن، قانچە كۆپ يېسە، شۇنچە سىڭىۋىرىدۇ. بۇرنىمىزدىن ئۈزۈم چىققۇچە يېيىش كېرەك، بولمىسا قورساق تويغان ھېسابلانمايدۇ، - دەپ جېكىپتۇ. بۆرى: _ بولدى، يەيدىغانلا نېمە بولسا، مەن تەييار، - دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپتۇ. تۈلكە بىلەن بۆرە سۈڭگۈشتىن قىسىلىشىپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ قاراشسا، باراڭدىكى ئۆزۈملەر پىشىپ راسا مەي بولۇپ كەتكەنىكەن. بۆدۈمە ئۆزۈمنى چوقۇپ يەرگە چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، مۆلدۈردەك يەرگە چۈشۈۋاتقان ئۈزۈملەرنى بولسا، بۆرى بىلەن تۈلكە نەرقىنى سورىماي يەۋېرىپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن تۈلكە بۆرىگە كۆرسەتمەي ئىككى تال ئۆزۈمنى بۇرنىنىڭ ئىككى تۈشۈكىگە تىقىۋاپتۇ. بۆرى بىر ئارىلىقتا تۈلكىگە قارىسا، ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ تۆشۈكىدە ئۈزۈم تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن بۆرە تۈلكىدىن سوراپتۇ: _ دوستۇم، بۇ نېمەڭ؟ _ يادىڭدىن چىقىرىپ قويدۇڭمۇ؟ بايا ساڭا ئېيتمىدىممۇ، قورسىقىم تويۇپ، ئۆزۈم بۇرنىمدىن چىقىتى، -دەپتۇ. بۆرە گەپ - سۆز قىلماستىنلا يەردىكى ئۆزۈملەرنى ئوچۇملاپ ئاغزىغا سېلىشقا باشلاپتۇ، لېكىن قانچە يېسىمۇ بۇرنىدىن چىقماپتۇ. تۈلكە بولسا: _ بۇرنۇڭدىن چىقمىغىنغا قارىغاندا ، قورسىقىڭ تويماپتۇ، يەنە يېگىن، - دەپ زورلاۋېرىپتۇ. بۆرى بولسا يەۋېرىپتۇ. ئاخىرىدا بۆرىنىڭ قورسىقى تويۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇرنىدىن تۇرالماي قالغۇدەك ھالغا چۈشۈپتۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا تۈلكە بۆدۈنىگە ئىشارەت قىلىپ قويۇپتۇ. بۆدۈنە قونۇپ تۇرغان ئورنىدا ئۆزىنى جۆندىۋېلىپ: _ ۋاي ئېگىسى، باغقا ئوغرى كىردى، ۋاي ئىگىسى ئۈزۈمنى بۆرى يەپ كەتتى، - دەپ باغنى چاڭ كەلتۈرگۈدەك بەش - ئالتە قېتىم ۋارقىراپتۇ -دە، ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۆزىنى راسلاپ تۇرغان تۈلكىمۇ قۇيرۇقىنى دىڭ تۇتۇپتۇ، - دە، سۈڭگۈچتىن چىقىپ قېچىپتۇ. بۆرە بولسا كۆك بېدە يەپ قارنى كۆپكەن كالىدەك پۇشۇلداپ ئۇرنىدىن ئاران تۇرۇپتۇ ۋە قورسىقىنى سۆرەپ سۈڭگۈچكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. بىراق، سۈڭگۈچكە كەپلىشىپ قاپتۇ. باغنىڭ ئىگىسى «ماھ - ماھ» دەپ تايغانلىرىنى ۋارقىرىغانىكەن،بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغان بۆرە ھازىرلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇ كېتىپتۇ. ئۇ سۈڭگۈچنىڭ ئىچىدە بىردەم دۈم بولۇپ بېقىپتۇ، بىردەم ئوڭدا بولۇپ بېقىپتۇ، سۈڭگۈچتىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ. ئاخىر سۈڭگۈچنىڭ يان - يېنىنى بار كۈچى بىلەن تاتىلاپتۇ - دە، سۈڭگۈچنى بىر ئاز كېڭەيتكەن بوپتۇ ۋە سۈڭگۈچتىن چىقىپ قېچىپتۇ. باينىڭ ئېگىسى ئوزۇن بىر كۆسەينى ئاپتۇ - دە، جەدە بايتىلىنى ياۋداق مېنىپ، تايغىنىنى ئەگەشتۈرۈپ، بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بۆرى ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي ئويمان - چوڭقۇرلاردا پۇتلىشىپ يېقىلىپ قېچقىۋېرىپتۇ. قانداق قىلىپ جان ساقلاپ قېلىشقا كۆزى يەتمىگەن بۆرە گاڭگىراپ ئەتراپىغا كۆز سالسا، بىر بوۋاي قوش ھەيدەۋاتقۇدەك. بۆرە بوۋاينىڭ قارىسىنى ئاپتۇ - دە، بوۋاي تەرەپكە بۇرۇلۇپ: _ ۋاي بوۋاي، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ، ۋاي بوۋاي، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ! - دەپ يۈگۈرۈپتۇ. بوۋاي ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا زارلاپ كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ، ھەيداۋاتقان قوشنى توختىتىپ، تاغارنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى بۆرىگە قاراپ ئېچىپ تۇرۇپتۇ. بۆرە ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ تاغارنىڭ ئىچىگە كىرىپ جايلىشىپتۇ. بوۋاي بولسا تاغارنىڭ ئاغزىنى بوغۇپ، ئۇنى سۆرەپ بىر دالدىغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويۇپتۇ. بوۋاي قوشنىڭ يېنىغا كېلىشىگە باغنىڭ ئېگىسى بوۋاينىڭ يېنىغا يېتپ كېلىپ: _ يېنىڭىزدىن بىر بۆرە ئۆتتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي پاڭ ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ: _ ئۇكام، بۈگۈن سەل كىچىكىپرەك كېلىۋىدىم، يامان ئەمەس بىر يېرىم پۇت ئۇرۇق چېچىپ بولدۇم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. باغنىڭ ئېگىسى بوۋاينىڭ قولىقى ئېغىرراق بولسا كېرەك دەپ ئېتىنى بىر - بىرىگە دېۋىتىپ، بوۋايغا تېخىمۇ يېقىنراق كېلىپ: _ بوۋاي، مەن قانچىلىك ئۇرۇق چاچقانلىقىڭىزنى سورىمىدىم، يېنىڭىزدىن بىر بۆرى قېچىپ ئۆتتىمۇ دەۋاتىمەن؟! - دەپتۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ. بوۋاي بىر كۈلۈپ قويۇپ: _ ھەي ئۇكام، سىلەرگە ئۇخشاش ھال - ئوقىتى بار كىشىلەر يەرنى جېق تۇتمىسا، بىز كەمبەغەللەر جىق يەرنى نېمە قىلىمىز! - دەپتۇ. _ باغنىڭ ئېگىسى بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ «ئاينىپ قالغان بوۋايمۇ نېمە، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ يۈرمەمدۇ» دەپ، ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ ئارقىسىدىن بېشىنى بۇراپ ئارقىسىغا يېنپ كېتىپتۇ. باغنىڭ ئېگىسى خېلى ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن بوۋاي تاغارنىڭ ئاغزىنى يېشىۋېتىپتۇ. بۆرى تاغاردىن چىقىۋېلىپ، رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا بوۋاينىڭ قوشقا قېتىقلىق ئۇيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىگە ئۆتۈپ: _ بوۋاي، قورسىقىم ئاچتى، ئويلىرىڭدىن بىرنى يېمىسەم بولمىدى، قايسىنى يېسەم بولىدۇ؟ - دەپتۇ. بوۋاي بۆرىنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ،: _ ئۇيۇمدىن بىرنى يېسەڭ دېھقانچىلىقىمنى قانداق قىلىمەن؟ - دەپتۇ. بۆرى: _ دېھقانچىلىقىڭ بىلەن نېمە كارىم، قورسىقىم تويسا بولدى، - دەپتۇ. بوۋاي قەھر - غەزىپى بىلەن كەتمەننى قولىغا ئېلىپ: _ ئۇينى يەيدىغان ھەددىڭ ئەمەس! - دەپ بۆرىنىڭ ئالدىنى توساپتۇ. تازا مۇشۇ جاڭجالنىڭ ئۈستىگە بۆدۈنە بىلەن تۈلكە كېلىپ قاپتۇ. تۈلكە: ھوي دوستۇم، بارمۇ سەن؟ ئەھۋالىڭ قانداق؟ قانداق قۇتۇلدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۆرى بۈگۈن ئۆتكەن ۋەقەنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. تۈلكە: _ دوستۇم، بۇ سۆزۈڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تاغارنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ پاتىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە باغنىڭ ئېگىسى ئىككى تايغان بىلەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىۋاتسا، سىنىڭ قەيەرگە مۆكۈۋالغىنىڭنى كۆرمەي قالامدۇ؟ - دەپتۇ. بۆرى: _ مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئىشەنمەمسىلەر؟ قانداق قىلىپ قۇتۇلغىنىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بوۋاي ئەنە قاراپ تۇرىدىغۇ، سوراپ كۆرمەمسىلەر، - دەپتۇ. تۈلكە بىلەن بۆدۈنە يەنە: _ ياق - ياق، بۇ گەپلىرىڭگە زادى ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئەگەر گېپىڭ راست بولسا، شۇ ئامالىڭنى بىزگە يېڭى باشتىن كۆرستىپ باققىنا، - دەپتۇ. _ بۆرى ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ - دە، يىراق يەردىن يۈگۈرۈپ كېلىپ تاغارغا كىرىپ كۆرەتمەكچى بولۇپ مېڭىپتۇ. بۆرى سەل يىراققا كەتكەندىن كېيىن تۈلكە بوۋايغا قاراپ: _ بوۋاي، بۆرىنىڭ ساڭا قىلغان بىۋاپالىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق. ئەمدى پەيتى كەلدى. ئەپلەپ تۇرۇپ بۆرىنىڭ جاجىسىنى بېرىشنىڭ چارىسىنى قىلمامسەن، - دەپتۇ. ئاڭغۇچە بۆرى يۈگۈرۈپ كەپتۇ - دە: ۋاي بوۋاي،تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ . . . تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچ! - دەپ ۋارقىراپتۇ. بوۋاي تاغارنىڭ ئاغزىنى يوغان كېرىپ بۆرىگە قارىتىپ تۇرىدۇ. بۆرى كېلىپ تاغارنىڭ ئېچىگە كىرىپتۇ. بوۋاي «ھىم» دەپ چېشىنى - چىشىغا بېسىپتۇ - دە، ئارغامچىنى قولىغا ئېلىپ، ئاۋۋالقى قېتىمدا تاغارنىڭ ئاغىزىنى ئىككى قات قىلىپ باغلىغان بولسا، بۇنۆۋەت تۆت قات بوغۇپتۇ. _ خوش، قولغا چۈشتۈڭمۇ؟ ئۇينى يەيدىغان ھەددىڭ ئەمەس، دېمەپمىدىم، - دەپتۇ بوۋاي. _ تاغارنىڭ ئاغزىنى يېسىۋەت، چاپسان بول، - دەپ بۆرى بىردەم مەممەدانلىق بىلەن ۋارقىراپ بېقىپتۇ. لېكىن تاغاردىن چىقىشنىڭ ھېچبىر ئىلاجىسىنى تاپالماپتۇ. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك كۈلۈشۈپتۇ - دە، بوۋايغا قاراپ: _ بوۋاي، بۆرىنىڭ ئەدىپىنى كېلىشتۈرۈپ بېرەرسەن، - دەپ بۇ جايدىن كېتىشىپتۇ. بوۋاي بۆرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن غەزىپى ئۆرلەپ ئۇنى كەتمەن بىلەن سالغىلى تۇرۇپتىكەن، ئاي - ھاي، بۆرە دۇنياغا كەلگەنلىكىگە مىڭبىر پۇشايمان يەپتۇ. بوۋاي ھېرىپ - چارچاپ تاغارغا قارىسا، بۆرىنىڭ پۇت - قوللىرى كۈكۈم تالقان بولۇپ، تېنى بىر تۇلۇمغا ئوخشىشىپ قاپتۇدەك، بوۋاي ئۇنىڭ تېرىسىنى پىچاق تەككۈزمەستىن سويۇپ ساتقانىكەن، بولىغا بىر ئات كەپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي يېراق - يېقىنغا پىيادە يول ماڭماس بولغانىكەن. بۆدۈنە بىلەن تۈلكە ئاچكۆز بۆرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە بىللە ياشاپ، بىللە ئويناپ، بىللە كۈلۈپ يۈرۈشۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى تۈلكە بۆدۈنىگە: _ دوستۇم، ئىككىمىز تولىمۇ چىرايلىق ئۆتتۇق.. ھەممىلا جايدا ئويۇن - كۈلكە بىلەن كۈن ئۆتكۈزدۇق. كۈلىۋېرىپ زېرىكتىم. ئەمدى مېنى بىر قورقىتىپ باقمامسەن، قورقۇش دېگەن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. بۆدۈنە: _ بولىدۇ دوستۇم، شۇ كەمگىچە سېنىڭ سۆزۈڭنى يەردە قويمىدىم. ھېلى بولسىمۇ بۇ سۆزىڭنى بەجا كەلتۈرەي. بىراق، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى خاپىلىق بىلەن ئاياغلىشارمىكىن دەيمىنا، - دەپتۇ. بۇ چاغدا تۈلكە: _ ياق دوستۇم، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلماس. ئۇياقلاردىن خاتىرجەم بول، - دەپتۇ. بۆدۈنە تۈلكىنى جاڭگاللىقتا تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ، جاڭگاللىقنىڭ ئەتراپىغا كۆز سالس، بىر ئوۋچى قۇشنى قولىغا قوندۇرۇپ، ئىككى تايغىنىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاتلىق كېلىۋاتقۇدەك. بۆدۈنە كۆرۈپ تۈلكىنىڭ يېنىغا كەپتۇ، ئۇنى ئارقىسىغا سېلىپ جاڭگالىقتىن چىقىپ، لويلا كۆكتاتلىق جايلار بىلەن ئوۋچىنىڭ ئالدىغا ئۇدۇل ئېلىپ مېڭىپتۇ. كوكتاتلىقلار تۈگەپ، داق يەرگە چىققان ۋاقتىدا ئوچى تۈلكىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئۇ تايغانلىرىنى قىچقىرىپ، قۇشنىڭ بۆكىنى بېشىدىن ئېلىپ تۈلكىگە قاراپ قويىۋېتىپتۇ. ئاسماندىن قۇش، يەردە تايغانلار تۈلكىگە قاراپ ئوقتەك ئېتىلىپتۇ. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوۋچى ئېتىنى بولۇشىغا چېپىپ، قىقاس بىلەن مېڭىپتۇ. بۆدۈنە ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. تۈلكە ئۆزىنى بىلىپ، بىر بىلمەي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ جاڭگاللىققا قاراپ قېچىپتۇ. مىڭ مۇشەققەتتە جاڭگاللىققا ئۇلىشىپتۇ، لېكىن تۈلكە جاڭگاللىققا كىرىپمۇ جان ساقلىغۇدەك جاي تاپالماي گاڭگىراپ قاپتۇ. دەل - دەرىخى شالاڭراق يەرگە بېرىپ تۇراي دېسە، ئۈستىدە ئەگىپ يۈرگەن قۇش ئۇنى كۆرىۋالدۇ. قۇيۇق جاڭگالىققنىڭ ئىچىگە كىرىپ بىر يەردە ياتاي دېسە،ئىككى تايغان ئۈستىدىن چۈشۈپ باسىدۇ. تۈلكە نەگە بارسا، تايغانلار ئىز بېسىپ ئۇنى ئارقسىدىن قوغلاپ كېلىۋېرىپتۇ. ئۇ جاڭگالمۇ جاڭگال قېچىپ يۈرۈپ ھېچبىر دەرمانى قالماپتۇ، بەدىنىنى چىغانلار سىقاپ ھېچبىر ھالىنى قويماپتۇ، تەنلىرىدىن قان چىقىشقا باشلاپتۇ. تۈلكە شۇنداق قۇرقۇپتىكىن، ئۇنىڭغا جېنى ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپتۇ، بۆدۈنە بولسا ئېگىز دۆۋلەنگەن بېدىنىڭ ئارىسىغا كېرىۋېلىپ، تۈلكىنىڭ تاماشىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. تۈلكە ھېچ بولالماي بۈك جاڭگاللىق بىلەن ئورالغان يانباغرىغا بۇرۇلۇپتۇ، قارىسا بىر ياردا تۆشۈك تۇرغۇدەك. تۈلكە شۇ تۆشۈككە بار كۈچى بىلەن ئېتىلىپتۇ. تايغانلارمۇ تۈلكىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي تۆشۈككە كىرىپتۇ. بىراق تايغانلار قاراڭغۇ تۆشۈكنىڭ نېرىسىغا بارغاندا، سىغماي قايتىپ كېتىپتۇ. بىر مەزگىللەردىن كېيىن تۈلكە تۆشۈكتىن قېچىپ چىقىپتۇ، ئەمما ئۇ بەك قۇرقۇپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈن بەدىنى لاغىلداپ تىترەيدىكەن. تۈلكىنى كۆرگەن بۆدۈنە: _ دوستۇم تۈلكە، قورقۇش قانداق بولىدىكەن؟ - دەپ كۈلۈپ سوراپتۇ. تۈلكە بۆدۈنىگە يېقىن كەپتۇ - دە، ئۇن كاپلا قىلىپ چىشلىۋاپتۇۋە ئاچچىق بىلەن : قورقات دېسە، شۇنچىۋالا قورقتامسەن - ھە؟! يۈرىكىم ئورنىدىن قوزغىلىپ، جان تۇمشۇققا كېلىپ قالدى. سېنى بىر چاينايكى، ئۇستىخىنىڭنى ئاسمانغا پۇرقۇي! - دەپتۇ غەزەبلىنىپ. تۈلكىنىڭ ئاغزىغا تۇيۇقسىز چۈشۈپ قالغان بىچارە بۆدۈنە بىر توغرام تېنى بىلەن نېمە ئامال قىلالىسۇن. كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ: _ بوپتۇ دوستۇم، مەن ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، كەڭچىلىك قىلساڭ. ئاتا - ئانا،قەۋمى - قېرىنداشلىرىم بىلەن خوشلىشىۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تۈلكە «بوپتۇ» دەپ بۆدۈنىنى بوشراق چىشلەپ تۇرۇپتۇ. بۆدۈنە «ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق، ۋىتۋالداق» دەپ ئۈچ قېتىم سايراپتۇ. _ بولدۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن تۈلكە بۆدۈنىدىن. بۆدۈنە جىم تۇرۇپتۇ، تۈلكە يەنە تېرىكىپ: _ بولدۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۆدۈنە ئۈن چىقماي تۇرۇۋاپتۇ. تۈلكە ئاچچىقى بىلەن: _ ھوي بولدۇڭمۇ؟ - دەپ قەھربىلەن سوراپتىكەن، ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ يوغان ئېچىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بۆدۈنە پىررىدە قىلىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىراق بۆدۈننىڭ قويرۇقى تۈلكە چىشلەپ ئۈزۈپ قاپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۆدۈننىڭ قۇيرۇقى ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ چولاق بولۇپ قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق