تايغان بىلەن بۈركۈت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر ئەر - خوتۇن بولۇپتىكەن. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولپ، خۇدادىن بىر قىز سوراپ يىغلايدىكەن. ئەر قېرى ئىكەن، خوتۇن ياش ئىكەن. تىلىكى >ئىجاۋەت< بولۇپ، خوتۇن ھامىلدار بولۇپتۇ. ئاي - كۈنى توشۇپ، ئۇ بىر قىز تۇغۇپتۇ. قىز تۇغۇلغان كۈنى قوتاندىكى بىر قوي يوقاپتۇ، ئوغلى ھەيران بولۇپ، بۇنى ئىزلەپ يۈرگەندە، يەنە بىر قوشقار يوقاپ كېتىپتۇ. بالا قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئاخشىمى قوتانغا كىرىپ، ئۇخلىماي ماراپ يېتىپتۇ. سەھەردە كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن، يەنە بىر قوي يوقاپ كېتىپتۇ؛ ئەلەمگە چىدىمىغان بالا ئۆز - ئۆزىنى ئەيىبلەپ:
- خەپ،! - دەپ قويۇپتۇ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە قولىدىن قان چىقىرىپ، تۇز سېلىپ قويۇپتۇ. قولىنىڭ ئېچىشىشىغا ۋاي - ۋايلاپ ئۇخلىماي تۇرسا، ئاسماندىن بۇ ئوت يۇلتۇزدەك ساقىپ قوتانغا چۈشۈپتۇ. بالا قىلىچ بىلەن بىر چاپقان ئىكەن، ئوت چىقىراپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ.
بالا بۇ ۋەقەگە ھەيران بولۇپ، يورۇق چۈشكەندە ئېغىلغا قارىسا، كىچىك بالىنىڭ چىمەلتىكى چۈشۈپ قاپتۇ. بالا بۇ ئەھۋالنى ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئوغرىنى تاپماق بولۇپ، خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئىزلەپتۇ، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزلەپتۇ، ھېچيەردىن تېپىلماپتۇ، ئانىسى كېچىسى بۆشۈككە يۆلىنىپ قىزىنى ئېمىتىۋاتقاندا، كۆزىگە ئۇيقۇ كەپتۇ، شۇ چاغدا بۈشۈكتىن بىر ئوتنىڭ سوزۇلۇپ چىقىپ، سەھەردە سوزۇلۇپ كىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆز قىزى ئۈستىدە يامان ئويغا كېلىش يۈرىكىگە پاتماپتۇ، ئەمما ئوغلى پۈتۈن شەھەردىن ئىزلەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، ئانىسىغا:
ھېچيەردىن تاپالمىدىم، ئەمدى قىزىڭنى كۆرۈپ باقايلى! - دەپتۇ. ئۇلار قارىسا، قىزىنىڭ بىر چىمەلتىكى يوق.
- يائاللا، بۇ نېمە بالادۇ! - دەپتۇ ئانىسى.
- قىزىڭنى ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ ئوغلى.
بۇنىڭغا ئانىسى رازى بولماپتۇ. دادىسى قىيماپتۇ. بالا جىق ئېيتىشىپتۇ. بىراق، ئاتا - ئانىسى كۆنمىگەچكە ئىلاجى قىلالماپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، ماڭا دۇئا بېرىڭلار، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن، - دەپتۇ ئوغلى.
ئاتا - ئانىسى يىغلاپ - قاقشاپ ئوغلىغا دۇئا بېرىپ، ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
ئوغۇل قولىغا بىر تال چىۋىق ئېلىپ يول مېڭىپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، بىر كۆلنىڭ قېشىغا كېلىپ دەم ئاپتۇ. ئۇ قولىدىكى چىۋىقنى كۆل بويىغا سانجىپ قويۇپ، باشقا بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، شەھەرگە بېرىپ، بەش - ئون يىل مەدىكارلىق قىلىپتۇ، پۇل تېپىپ ئۆي ساپتۇ، مىنىدىغان ئات ئاپتۇ. بىر بۈركۈت بىلەن بىر تايغان بېقىپ، ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرۈپتۇ. تۇرمۇشى ئاز - تولا تۈزەلگەندە ئۆيلىنىپتۇ. يىل ئۆتۈپتۇ، خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. خوتۇنى تۇغقان كۈنلەردە بۇ يىگىت ئاتا - ئانىسىنى ئەسلەپتۇ، ئانىسىنىڭ تۇغقان قىزىنى ئېسىگە ئاپتۇ، تۇغۇلۇپ - ئۆسكەن يۇرتىنى سېغىنىپتۇ. بۇنى خوتۇنى سېزىپ:
نېمە خىيال سۈرۈۋاتىسىز؟ - دەپ سوراپ قاپتۇ.
ۋەقەنى خوتۇنىغا ئېيتماپتۇ، ئەمما خوتۇنىنىڭ بېشىنى سىلاپ، پىشانىسىگە سۆيۈپتۇ.
- ئېيتىڭ، - دەپتۇ خوتۇنى.
- ئاتا - ئانامنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ ئاخىر يىگىت.
- بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ، - دەپتۇ خوتۇنى.
- سەن يېڭى تۇغۇتلۇق تۇرساڭ، مەن قانداق بارىمەن، ئەڭ بولمىغاندا بالىمىزنىڭ قىرقى سۈيىنى قۇيۇپ ئاندىن باراي، دەپتۇ يىگىت.
ھەش - پەش دېگۈچە قىرىق كۈن ئۆتۈپتۇ. يىگىت بالىسىنىڭ بۆشۈك تويىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈشكە تەييارلىنىپتۇ. ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا ئۇ بىر قاچىغا سۈت، بىر قاچىغا قېتىق قۇيۇپ قويۇپتۇ. بۈركۈتىنى قونداققا قوندۇرۇپ، تايغىنىنى تۈۋرۈككە باغلاپتۇ.
ئاندىن كېيىن خوتۇنىغا:
- سەن ۋاقتى - ۋاقتىدا بۇ سۈت بىلەن قېتىققا قاراپ تۇرغىن، ئەگەر سۈت قانغا، قېتىق يىرىڭغا ئايلانسا، تايغان بىلەن بۈركۈتنى قويۇپ بەرگىن، - دەپتۇ. بۈركۈتى بىلەن تايغىنىغا يېقىن بېرىپ، ئۇلارنىڭ باش - كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- ئەگەر بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشسە، مەن سىلەرنى ئۈچ قېتىم ۋارقىراپ تۇرۇپ چاقىرىمەن، شۇ چاغدا ئۈلگۈرۈپ بارساڭلار مەن ئامان قالىمەن، بولمىسا بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىمىز - دەپتۇ.
شۇندىن كېيىن خوتۇنىنى، ئوغلىنى، بۈركۈتىنى سۆيۈپ، تايغىنىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ قويۇپ، تۇغۇلغان يۇرتىغا قاراپ راۋان بولۇپتۇ.
ئۇزۇن مېڭىپتۇ، كۆل تۈۋىگە كەپتۇ. ھېلىقى تىقىپ قويغان چىۋىقى كارامەت يوغان دەرەخ بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ سايىسىدە ھاردۇق ئېلىپ، ئېتىنى ئوتقا چالدۇرۇۋېلىپ، يەنە مېڭىپ كېتىپتۇ. شەھەرگە يېقىن بېرىپ قارىسا، شەھەر پۈتۈنلەي ئەسكى تام بولۇپ قالغان، قىمىرلىغان جان كۆرۈنمەپتۇ. دەرەخلەر سۇسىراپ قۇرۇق قاقشال بولۇپ قاپتۇ. ئەسكى تاملار جىنخانىدەك كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ توختاپ ئويلاپتۇ، بىر تۇرۇپ قايتىپ كەتمەك بولۇپتۇ. شۇنداق ئويدا تۇرسا، بىرلا تۇرخۇندىن ئىس چىقىۋاتقانلىقى چېلىقىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ؟ >شۇنچە يەردىن كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇقماي كەتسەم مەرتلىك بولماس< دەپ ھېلىقى تۇرخۇنىدىن ىس چىقىپ تۇرغان ئۆينىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەپتۇ، ئۆي ئىچىدە پېشانىسىدە بىر كۆزى بار بىر قىز چىقىپ.
- ئەسسالام ئاكا... ۋاي سادىقىڭىز بولاي، مېنىڭ ئاكامغۇسىز! - دەپ ئاكىسىنى تونۇۋاپتۇ، ئۇنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، ئۆيىگە باشلاپتۇ. ئاكىسىمۇ سىڭلىسىنىڭ بوۋاق ۋاقتىدا ئۆزى چېپىۋەتكەن چىمەلتىكىگە قاراپ تونۇپتۇ. ئەمما پېشانىسىدىكى بىر كۈزىنى كۆرۈپ، ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ. ھەممە ۋەقە چۈشىنىشلىك بولغاچقا، سىڭلىسىدىن ئاتا - ئانىسىنىمۇ سورىماپتۇ. لېكىن ئاشۇ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنى پۈتۈن شەھەر خەلقىگە قوشۇپ، توخۇ - تۇمان، مال - ۋارانلارنىمۇ قويماي يەپ بولغانلىقىنى خىيالىدىن كەچۈرۈپتۇ. قىز شۇ ئارىدا >ئاكا< دەپتۇ.
- خۇش سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى ئەنسىرەپ.
- قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ، مەن سىزگە ئاش ئېتىپ بېرەي، - دەپتۇ قىز. ئەمما كۆڭلىدە: >مېنىڭ بىر چىمەلتىكىمنى چاپقانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى بىر يالماپ يەۋەتمەي، تىرىكلا قايناق سۇغا سېلىپ، پىشۇرۇپ يەي< دېگەن نىيەتكە كەپتۇ.
- بولىدۇ، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى ۋە >بۇ مېنى قازانغا سېلىپ پىشۇرىدۇ، ئەمدى بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمۇ - يوقمۇ؟< دەپ خىيال قىلىپتۇ.
ئاڭغىچە قىز تۇرۇپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئوچاققا ئوت يېقىپتۇ. ئوتۇنغا بىر چىقىپ كىرگىنىدە، ئاتنىڭ بىر پۇتىنى يەپتۇ.
- ئاكا، سىز ئۈچ پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ھەئە، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى.
يەنە بىر چىقىپ كىرىپتۇ - دە:
- ئاكا، سىز ئىكى پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ.
- شۇنداق سىڭلىم، ئىككى پۇتلۇق ئات مىنىپ كەلدىم، - دەپتۇ يىگىت.
سىڭلىسى تالاغا يەنە بىر چىقىپ كەتكەندە، >ئەمدى بۇ ئاتنى يەپ بولۇپ، مېنى يەيدۇ< دەپ ئويلاپ تۇرغىنىدا، سىڭلىسى كىرىپ:
- ئاكا، ئېتىڭىزنى دومىلىتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ.
- ھەئە، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپ، - مەن چارچاپ قالدىم، دۇتارىڭىزنى بېرىڭ، تاماق پىشقىچە مەن ئۆگزىدە تۈڭلۈكتىن پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ چېلىپ ئولتۇراي!
- بولىدۇ، - دەپتۇ قىز ۋە ئاكىسىنى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ، قازاننى قاينىتىشقا باشلاپتۇ. ئاكىسى دۇتار چېلىپ ئولتۇرسا، بىر ئاغمىخان كېلىپ:
- بۇ سېنڭ سىڭلىڭ پۈتۈن شەھەردىكى ئادىمىزاتنى، مال - ۋاراننى، توخۇ - تۇماننى قويماي يەپ بولدى، بىزنىمۇ كۆرسە قويمايدۇ، پەقەت ئۇگىمىزدىن چىقمايمىز، ئەمدى ئېتىڭنى يەپ بولۇپ، سېنى يەيدۇ، جېنىڭنى ئال، - دەپتۇ.
- مەن قانداق قېچىپ كېتەلەيمەن، - دەپتۇ يىگىت.
- بۇ بىر كۆزلۈك يالماۋۇزنىڭ قىرىق تۇمشۇقى، سۈزگۈچ - تارغىقى، ئەينىكى بار، مەن ساڭا شۇلارنى ئوغرىلاپ بېرەي، سەن شۇلارنى ئېلىپ قاچ، يېتىشىپ كەلگەندە، بىرىنى تاشلاپ بەر، ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ، يەنە قوغلاپ كېلىدۇ، ھەر كەلگەندە، بىرىنى تاشلا، شۇنداق قىلىپ قاچمىساڭ، قۇتۇلالمايسەن، - دەپتۇ.
يىگىت ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ئاغمىخان دېگەنلىرىنى ئوغرىلاپ بېرىپتۇ. بۇ يىگىت ئىككى ئۆتۈكىنىڭ قونچىسىغىچە قۇم سېلىپ، تۈڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە ساڭگىلىتىپ قويۇپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئاغمىخان بولسا، بۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا دۇتارنى دىرىڭلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر كۆزلۈك يالماۋۇز ئېغىلغا كىرىپ، ئاكىسىنىڭ ئېتىنى پۈتۈنلەي يەۋېتىپتۇ، ئۇ ئاتنى ھەزىم قىلىپ سىڭدۈرگىچە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بىر چاغدا قورسىقى ئېچىپ، ئاكىسىنى يېمەك بولۇپ:
- ئاكا، چۈشۈك، تاماق پىشتى، - دەپتۇ.
ئاكىسى جاۋاب بەرمەۇي، دۇتارنى چېلىۋېرىپتۇ. سىڭلىسىنىڭ غەزىۋى كېلىپ، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ بىر تارتقان ئىكەن، پىشانىسىدىكى بىر كۆزىگە قۇم تولۇپ كېتىپتۇ.
- خەپ! - دەپتۇ يالماۋۇز كۆزىنى ئۇۋىلاپ، ئۇ كۆپ جاپا بىلەن كۆزىدىكى قۇمنى چىقىرىۋېتىپ، >قېنى سېنىڭ قېچىپ قۇتۇلغىنىڭنى كۆرەي< دەپ ئاكىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بىر موللاق ئېتىپ ئاكىسىغا يېتىپ بېرىپتۇ، ئاكىسى ئارقىسىغا قارىسا، بىر قارا قويۇن كېلىۋاتقۇدەك، يېقىن كېلىپ:
- ھە، قېچىپ قۇتۇلماقچىمۇسەن، پۈتۈن شەھەر خەلقى قۇتۇلالمىغاندا، سەن ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن، - دەپتىكەن. ئاكىسى بىر قوشۇقىنى تاشلاپتۇ.
- خەپ! - دەپتۇ سىڭلىسى قوشۇقنى ئېلىپ. قىز قوشۇقنى ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ يەنە كەپتۇ. ئاكىسى يەنە بىر قوشۇقنى تاشلاپتۇ، شۇنداق قىلىپ، يالماۋۇز قىرىق قېتىم ئۆيىگە بېرىپ كەپتۇ. قوشۇقلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئاكىسى تارغاقنى تاشلاپتۇ. تاغاق ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر تاغ بولۇۋاپتۇ. بىر ھازادا يالماۋۇز تاغدىن ئۆتۈپ يەنە يېتىپ كەپتۇ. يىگىت سۈزگۈچىنى تاشلاپتۇ. بۇ سۈزگۈچ - ئۆتكىلى بولماس بىر كەڭ ئورمانلىققا ئايلىنىپتۇ. ئاكىسى قېچىۋېرىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا، يالماۋۇز يەنە يېتىپ كەپتۇ. ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئەينەكنى تاشلاپتۇ. ئۇ ئەينەك - كۆز يەتمەس دەريا بولۇپتۇ. يالماۋۇز بۇ دەريادىن ئۆتكىچە ئاكىسى قېچىپ، ھېلىقى كۆلنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بېرىپتۇ. ئەمدى قېچىپ قۇتۇلۇشقا ھېچ ئىلاجى قالمىغاچقا، ھېلىقى چىۋىقتىن ئۆسكەن يوغان تېرەكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. يالماۋۇز دەريادىن ئۆتۈپ، ئاخىرى كۆل بويىدىكى تېرەك تۈۋىگە كېلىپ، ئاكىسىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. كۆپ ئىزلەپ، ئاخىرى كۆرۈپ قاپتۇ. تېرەككە چىقىشنىڭ ئىلاجىسىنى قىلالماپتۇ.
- ئاكا، ئاكا! - دەپتۇ يالماۋۇز.
- نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ ئاكىسى.
- سىزنى تېرەكتن قانداق چۈشۈرىمەن؟
- ھەر بىر چىشىڭنى بىردىن سۇغۇرۇۋېلىپ، ئوتتۇز ئىككى چىشىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەرە قىلىپ تېرەكنى كەسسەڭ يىقىلىدۇ، شۇ چاغدا، مېنى چۈشۈرەلەيسەن، - دەپتۇ يىگىت.
يالماۋۇز بىرىنچى چىشىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ھەرە قىلىپتۇ - دە، تېرەكنى كېسىشكە باشلاپتۇ. ئاكىسى تېرەك ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاسمانغا، يەرگە قارىسا، يا بۈركۈتى، يا تايغىنى كۆرۈنمەپتۇ.
بۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز يىگىتنىڭ ئۆيىدىن گەپ باشلايلى:
- يىگىت ئاتا - ئانىسىنىڭ شەھىرىگە كەتكەندىن بېرى خېى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. خوتۇن كۈندە سۈت، قېتىققا بارسا، يا قان، ياق يىرىڭ كۆرۈنمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خوتۇنى ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا كېتىپتۇ. تايغان بىلەن بۈركۈت ئۆز جايىدا ئولتۇرۇپ، سۈت - قېتىققا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىردىنلا سۈت قانغا، قېتىق يىرىڭغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ، ئەمما بۈركۈتمۇ، تايغانمۇ، ھە دەپ زەنجىرىنى ئۇزۈشكە زورۇقۇپ بېقىپتۇ، ھېچ بوشىنالماپتۇ. بۈركۈت چاكىلداپ بېقىپتۇ، تايغان ھاۋىشىپ بېقىپتۇ. بۇلارنى بوشىتىپ قويۇپ بېرىدىغان كىشى چىقماپتۇ. تاق مۇشۇ چاغدا بىر كۆزلۈك يالماۋۇز ئوتتۇزىنچى چىشىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، تېرەكنى ھەرىدەۋېتىپتىكەن، بۈركۈت بىلەن تايغاننىڭ قۇلىقىغا ئۇلارنى چاقىرغان بىرىنچى ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. تايغان بار كۈچى بىلەن بىر يۇلقۇنۇپتىكەن، زەنجىرىنى ئۈزۈۋاپتۇ. ئۇ دەررۇ بۈركۈتنىڭ پۇتىدىكى يىپنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپتۇ - دە، ئىككىسى ئىگىسى تەرەپكە قاراپ ياردەمگە مېڭىپتۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، ئىگىسىنىڭ ئۇلارنى چاقىرغان ئىككىچى ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. بۈركۈت تايغانغا:
- سەن مېنىڭ كەينىمدىن باراسەن، - دەپ، ئېگىز ئاسماندىن كۆل تەرەپكە پۈتۈن كۈچى بىلەن شۇڭغۇپتۇ - دە، بوراندەك كېلىپ، بىر كۆزلۈك يالماۋۇزغا چاڭگال ساپتۇ. بۇ ئىككىسى تۇتۇشۇپ كېتىپتۇ. يالماۋۇز ھالسىراپ، قاچار جاي تاپالماي، بۈركۈتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆلگە سۆرەپتۇ. شۇ چاغدا دەرەخ يېقىلىپتۇ. يىگىت كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر كۆزلۈك يالماۋۇز ئۆلەر ھالەتتە ئاكىسىنى يەۋېتىشكە ئىنتىلىپتۇ. بۈركۈت بىر پۇتىدا يىقىلغان دەرەخ شاخلىرىنى تۇتۇپ، بىر چاڭگىلىدا ئۇنى مىجىقلاپ قويۇپ بەرمەپتۇ. شۇ چاغدا تايغان يېتىپ كەپتۇ. ئۇ پۈتۈن غەزىۋى بىلەن بىر كۆزلۈك يالماۋۇزنىڭ گەجگىسىدىن چىشلەپ، ئىككى سىلكىپ، بېشىنى كۆلنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تالاپتۇ، بۇ چاغدا يالماۋۇز بۈركۈتتىن ئاجراپ، تايغان بىلەن ئېلىشىپتۇ. بىر - بىرىنى سۆرىشىپ ھەر ئىككىسى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. يىگىت بولسا، ناھايىتى تەسلىكتە كۆلنىڭ قىرغىقىغا قاراپ ئۈزۈپ، بىر چۆكۈپتۇ، بىر چىقىپتۇ، ئاخىرى ھالسىزلىنىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بۈركۈت قانىتىنى سوزۇپ، ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىپتۇ، بۈركۈت قانات كېرىپ، ئىگىسى غۇلاچ يېيىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار كۆلدىن تايغان تىرىك چىقامدۇ ياكى يالماۋۇز تىرىك چىقامدۇ؟ دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
- ئەگەر، - دەپتۇ بۈركۈت، - يالماۋۇز چىقسا، سەن مېنى پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئات، مەن ئۇنى مىجىقلاپ ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، تاغۇ - تاشلارغا ئۇرۇپ، كۆزىنى چوقۇپ قارغۇ قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، - دەپ تۇرۇشىغا، كۆلنىڭ سۈيى زەرداپ بولۇپ، يىرىڭغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا تايغان كۆلدىن ئۈزۈپ چىقىپ، بىر سىلكىنىپ، ئىگىسىنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. يىگىت تايغىنىنى قۇچاقلاپ ئەركىلىتىپتۇ، بۈركۈتنى سۆيۈپ، قولىغا قوندۇرۇپتۇ، ئاخىرى ئۇلار بىللە ئۆز يۇرتىغا قايتىپتۇ.