پاراسەتلىك قىز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن. ئۇ ئۇزۇن يىللار دۆلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كۆپ چارچاپتۇ - دە، ئوڭ قول ۋەزىرىنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ھەمراھلىققا سول قول ۋەزىرنى ۋە بىجاندىل ئىشلەيدىغان مۇلازىمدىن بىرنى ئېلىپ، جاھان سەيلىسى ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
پادىشاھ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر دانە گۆھەر ئېلىۋالغان ئىكەن. گۆھەر ئېلىۋالغانلىقىنى ھەمراھلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېيتماپتىكەن. خۇپىيانە ساقلاپ يۈرگەن بۇ گۆھەر توساتتىن يۈتۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۇياقنى ئىزلەپتۇ، بۇياقنى ئاختۇرۇپتۇ. گۆھەرنى ئاقتىنمۇ، كۆكتىنمۇ تاپالماپتۇ. پادىشاھ ئىچ - ئىچىدىن تىت - تىت بوپتۇ. ئۇلار بىر ئاۋات شەھەرگە كېلىپ بىر ھەشەمەتلىك سارايغا چۈشۈپتۇ.
ئەتىسى پادىشاھ باشقىلارنى ئەگەشتۈرمەي ئۆزى يالغۇز كوچىغا چىقىپتۇ. بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ شەھەر پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتلىرى بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر دانە گۆھىرى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇنى ئىزلەپ تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ساھىپخان پادىشاھمۇ ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىپتۇ.
ساياھەتچى پادىشاھ:
- بۇ گۆھەر مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈتتى، >سەن ئالدىڭ< دەپ تۇتۇشقا مېنىڭ قولۇمدا ئاساسىم يوق. شۇڭلاشقا ئۈچىمىزنى بىر يەرگە دەرقەتمە قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا سۈرۈشتە قىلىپ تېپىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، - دەپتۇ.
- ۋاي ھەزرەتلىرى، شۇنداق قىلمامدىغان، بۇنىڭغا چوقۇم كۈچ چىقىرىمەن، - دەپ ۋەدە قىپتۇ. ساھىپخان پادىشاھ. ئۇ ساياھەتچى پادىشاھنى ئۇزىتىپ قويۇپ: >بۇ گۆھەرنىڭ بىزنىڭ شەھرىمىز تەۋەسىدە يۈتكىنى تولىمۇ سەتچىلىك بوپتۇ. بۇ بىزنىڭ شان - شۆھرىتىمىز، ئابروي - ئىناۋىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش<، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇيان ئويلاپتۇ - بۇيان ئويلاپتۇ، ئۈچەيلەننى دەرقەمدە قىلماسلىق شەرتى بىلەن گۆھەرنى تېپىشنىڭ ھېچ ئىلاجىنى قىلالماپتۇ. تولا ئويلاپ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. بارا - بارا تاماقمۇ يىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ.
ساھىپخان پادىشاھنىڭ شەھەربانۇ دېگەن پەم - پاراسەتلىك بىر كىنىزىكى بار ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ كەيپىياتىنىڭ كۈنسېرى ئوساللاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، بىر كۈنى شاھ قەسىرىگە كىرىپ:
- ئى ھۆرمەتتە تەڭدىشى يوق پادىشاھى ئالەم، يېقىندىن بۇيان تاۋىڭىز يوق، چىرايىڭىز سۇلغۇن، كۆڭلىڭىز يېرىم، خىيالچان بولۇپ كەتتىڭىز. نېمە ئىش كۆڭلىڭىزنى مالال ئەتتى؟ نېمىگە شۇنچە باش قاتۇرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن كۆيۈنگەن بۇ شەپقەتلىك كېنىزەككە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنىڭ جەريانىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- مۇشۇنچىلىك ئىشقا شۇنچە غەم يەپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىپسىز. بۇنى ھەل قىلىش ئاسان ئىدى. مەن، بۇ ئۈچەيلەننى بىر يەرگە دەرقەمدە قىلماي تۇرۇپ ھەل قىلىمەن. ئالدى بىلەن سىز ماڭا بۇ مېھنالار بىلەن تونۇشۇشۇمنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىڭ، - دەپتۇ شەھەربانۇ.
پادىشاھ كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ مېھمانلارنى چاقىرىپتۇ.
زىياپەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، شەھەربانۇ ئۈچ مېھماندىن ھېكايە ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن >قېنى ئۆزلىرىدىن كەلسۇن< دەپ قىزنى قىستاپ تۇرۇۋاپتۇ. قىز ھېكايە باشلاپتۇ:
>بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر چار بېغى بار ئىكەن. بۇ باغنىڭ شاھنىڭ بىر سادىق باغۋىنى مۇھاپىزەت قىلىدىكەن، باش ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىچىك قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ باغقا سەيلىگە كەپتۇ. قىز گۈللۈككە كىرىپ ھۈپپىدە ئېچىلغان بىر تال چىرايلىق گۈلنى كۆرۈپتۇ. گۈل ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە خۇشبۇي پۇرىقى بىلەن قىزنىڭ مەيلىنى تارتىۋاپتۇ. قىز باغۋەننىڭ ئوغلىغا قاراپ:
- ئاۋۇ گۈلنى ماڭا ئۈزۈپ بېرىڭا، - دەپتۇ. باغۋەننىڭ قولى شاھنىڭ قىزىغا چاقچاق بىلەن:
- سىزنىڭ مەيلىڭىز گۈلگە قانچىلىك چۈشكەن بولسا، مېنىڭ مەيلىممۇ سىزگە شۇنچىلىك چۈشۈۋاتىدۇ، بۇنى قانداق قىلىمىز؟ - دەپ مۇھەببەت ئىزھار قىپتۇ ۋە گۈلنى ئۈزۈپ قىزغا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش گۈلزارلىقتا كەلگۈسىدە بىرگە ئۆتمەكچى بولۇپ ۋەدىلىشىپتۇ.
ھايت - ھۇيت دېگىچە تۆت - بەش يىل ئۆتۈپتۇ. پادىشاھ قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش قۇدرەتلىك بىر پادىشاھنىڭ شاھزادىسىگە ياتلىق قىلماقچى بوپتۇ. داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى قىرىق كۈن داۋام قىپتۇ. قىز - يىگىتلەر تويى بولغان قىزنى ھوجرىغا كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ قويۇپ كېتىشىپتۇ. قىز بىلەن شاھزادە يالغۇز قاپتۇ. قىز شاھزادىگە:
- ئالدى بىلەن مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي، - دەپتۇ، - مەن بۇندىن تۆت - بەش يىل بۇرۇن بىر باغۋەننىڭ بالىسى بىلەن ئۆمۈرلۈك بىرگە بولۇشنى ۋەدىلەشكەن ئىدىم. ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەنمۇ - قىلمايمەنمۇ؟
شاھزادە بۇگۈزەل مەلىكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئويلاپتۇ، بىر پەستىن كېيىن ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ:
- ۋەدىگە ۋاپا قىلىش كېرەك، ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئادەم ۋىجدانلىق ئادەم ھېسابلانمايدۇ، - دەپتۇ.
- ئەمىسە بۇ ئىشنى قانداق قىلىمەن؟
- بېرىڭ، سىزگە ئىجازەت بەردىم، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، دەپتۇ شاھزادە.
قىز ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، شۇ كېچىدىلا باغۋەن يىگىت تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتسا، بىر توپ قاراقچى قىزنى تۇتۇۋېلىپ، باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ. قاراقچىلارنىڭ باشلىقى شاب بۇرۇتلىرىنى تولغاپ، ياۋۇز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئىككى مۇشتۇمىنى بېقىنىغا تىرەپ تۇرۇپ:
- بۇ تەرەپلەردە نېمە كويدا يۈرگەن قىز سەن؟ - دەپ سوراق قىپتۇ.
قىز كەچمىش - كەچۈرمىشلىرىنى بىر قۇر بايان ئەيلەپتۇ. قاراقچىلار باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ ئاڭلاپتۇ - دە، ئاندىن قىزغا:
- ھىم، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ ياخشى ئىش قىپسەن. مەنمۇ ساڭا تىلەكداش، تېزدىن ۋەدە قىلغان يىگىتنىڭ يېنىغا بار، - دەپ قىزنى قويۇپ بېرىپتۇ.
قىز يەنە يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ ئاخىرى گۈلزارلىق باغقا كەپتۇ. باغۋەن ئوغۇلنىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. يىگىت ئۆيدىن چىقىپ قىزنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.
- ھوي، - دەپتۇ يىگىت، - سىزنى دادىڭىز بىر شاھزادىگە ياتلىق قىلغان ئىدىغۇ؟ بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟
- شاھزادە مېنىڭ ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ، سىزنىڭ بولۇشۇمغا ئىجازەت بەردى، - دەپتۇ قىز...<
شەھەر بانۇ ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ:
- ئەمدى سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ: قىز كىمگە تەئەللۇق بولۇشى لازىم؟ - دەپتۇ ۋە سىنچى كۆزلىرى بىلەن ئالدىدىكى ئۈچەيلەنگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن بىر بىرىگە قارىشىپ >سەن دەپ باق<، >سىلى دەپ باقسىلا< دېيىشىپتۇ. ئاقىۋەت پادىشاھ سۆز ئېلىپ:
- مەنچە بولغاندا بۇ قىز شاھزادىگە تەئەللۇق، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى نۇرغۇن پۇل، دۇنيا خەجلەپ، كاتتا تەييارلىقلار بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزنى ئوغلىغا ئېلىپ بەردى، - دەپتۇ.
ۋەزىر ئۈندىمەي خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ، قولىنى قوشتۇرۇپ، بېشىن يەرگە سېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مۇلازىم سۆز ئېلىپ:
- بۇلار پادىشاھنىڭ قىزى، پادىشاھنىڭ ئوغلىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە شۇنداق كەڭ قورساق بولۇشلىرى كېرەك. يولدىكى قاراقچى يامان ئادەم بولسىمۇ، يەنە كەڭچىلىك قىلىپ >بار، ۋەدەڭگە ۋاپا قىل< دەپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قاراقچى يارايدىكەن، - دەپتۇ.
شەھەربانۇ لام - جىم دېمەي ئولتۇرغان ۋەزىرنى خىيال قۇچىقىدىن تارتىپ چىقىپ:
- تەخسىر، ئۆزلىرىچە كىمگە خاستۇ؟ - دەپتۇ.
- مېنىڭچە...، - دەپتۇ ۋەزىر دۇدۇقلاپ، - ئۇ پادىشاھنىڭ قىزىكەن، قانداقمۇ قاراقچىغا خاس بولسۇن؟! بۇ نەسەپكە توغرا كەلمەيدۇ. قىزنىڭمۇ باغۋەن يىگىتكە ئوتتەك مەيلى بار ئىكەن. قىز باغۋەن يىگىتنىڭ بولۇشى كېرەك.
ۋەزىرنىڭ ئەندىشىلىك قىياپىتى شەھەربانۇدا چوڭ بىر گۇماننى پەيدا قىپتۇ. شۇڭلاشقا پادىشاھ بىلەن مۇلازىمنى سارايدىن چىقىرىۋېتىپ ۋەزىرنى تەكلىپ بىلەن ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما ئاچكۆز ۋەزىر ئىچىدە: >بۇ شەھلا كۆزلۈك، زىلۋا بويلۇق مەلىكىنىڭ كۆڭلى ماڭا چۈشۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ بولمىسا نېمىشقا ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ مېنى يالغۇز ئېلىپ قالىدۇ؟...< دەپ ئويلاپ خۇشال ۋە مەغرۇر ئولتۇرۇپتۇ، شېرىن خىياللارغا چۆمۈپتۇ.
شۇ ئارىلىقتا شەھەربانۇ كېنىزەكلەرنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇسسۇلچىلار، سازەندىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلاپتۇ:
- ئويۇن باشلانغاندا سازنى شوخ ئۇسسۇل پەدىسىگە چالىسىلەر. ئۆزەم ئۇسسۇلغا چۈشۈمەن. ئويناپ بېشىم قايغاندا بىرسىڭلارنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىمەن. سىلەر >ۋاي خېنىكەم، ۋا خېنىكەم< دەپ يىغلاپ بىسەرەمجان بولىسىلەر، شۇ سەكپارىچىلىقتا بىرسىڭلار >مەلىكىگە گۆھەرنى چايقاپ سۈيىنى ئىچىرسەك ساقىيىپ كېتەتتى، گۆھەر ئەكىلىڭلار< دەپ چوقان سالىسىلەر، شۇنداق قىلىپ مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئاچىمىز.
شۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نەغمە قىزىپ كېتىپتۇ. شەھەربانۇ راسا جۇلانە ئۇسسۇل ئويناپتۇ. ساز ئەۋجىگە چىقىپتۇ. شەھەر بانۇ پىر - پىر پىرقىراپ كېلىپ، بىر كىنىزەكنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپتۇ. كېنىزەكلەر >ۋاي خېنىكەم ھوشىدىن كەتتى< دەپ ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپتۇ. يىغا - زارە قىلىپ ئۆينى بېشىغا كىيىشىپتۇ.
شەھەربانۇنىڭ جۇلانە ئۇسسۇلغا، كېلىشكەن قەددى - قامىتىگە، قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ، قاش تاشلاپ ئويناشلىرىغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ھالدا بېرىلىپ كەتكەن ۋەزىر يۈگۈرۈپ كېلىپ:
- مەلىكىگە نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بولمىدى، گۆھەرنى چايقاپ سۈيىنى ئىچكۈزۈۋەتسەك ساقىيىپ كېتەتتى، - دەپتۇ بىر كېنىزەك.
- غەزنىگە بېرىپ گۆھەر ئېلىپ كەلگىچە مەلىكىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇق، ۋاي ئىسىت، چىرايلىق مەلىكەم، - دەپ چاچلىرىنى تۇتۇپ راسا قاملاشتۇرۇپ يىغلاپتۇ يەنە بىر كېنىزەك.
ھودۇقۇپ كەتكەن ۋەزىر قوينىدىكى يانچۇقىدىن گۆھەرنى چىقىرىپ:
- ۋاي مانا گۆھەر، مەلىكىنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ كېنىزەكلەرگە سۇنۇپتۇ...
شەھەربانۇ گۆھەرنى ئۆز پادىشاھىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ساياھەتچى پادىشاھ يوقالغان گۆھىرىنى قولىغا ئېلىپ خۇشال بولۇپ:
- بۇ قىز ھەقىقەتەن پەم - پاراسەتلىك ئىكەن، - دەپ مەمنۇن بوپتۇ.