سالىق باي
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇندىن - بۇرۇن سېلىم باي دىگەن بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ مال - دۇنياسىنى ئاللادىن ئۆزگە ھىچكىم بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ سالىق دىگەن بىرلا ئوغلى بار ئىكەن.
سېلىم باي بىر كۈنى كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئوغلىغا:
- بالام، مەن ئۆلۈپ كەتسەم دۇنيانىڭ ھەممىسى ساڭا قالىدۇ. ئۆزەڭنى ئاۋايلاپ يۈرگىن. يامانلىق قىلما. غېرىپ - مىسكىنلەرگە خەيرى - ساخاۋەتنى ئايىما. يامانلىق قىلغان، باشقىلارنى بوزەك قىلغانلارنىڭ جازاسىنى ئاللا ئۆزى بېرىدۇ، دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ.
سېلىم باي ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. سالىق ئاتىسىنى يەرلىكىگە قويۇپتۇ. يىغلاپتۇ. قاقشاپتۇ. بارلىق نەزىرلىرىنى ئوبدان بېرىپتۇ. سالىق باينىڭ قىرىق ئاغىينىسى بار ئىكەن. سالىقنىڭ بۇ ئاغىينىلىرى سالىق قىرىق نەزىرنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن:
- دۇنيادا ئۆلمەيدىغان ئادەم يوق. ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئەمدى كۆپ يىغلىما. سەۋرى قىل. ئەمدى بىر مەزگىل كۆڭلۈكنى ئاچ، - دەپتۇ. سالىق ئاغىينىلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەيش - ئىشرەت، تاماشا بىلەن ئۆتۈپتۇ. ھەر كۈنى بەزمە قىلىپ يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن سالىق باينىڭ مال - دۇنياسى تۈگەپتۇ. بۇ چاغدا ئاتىسىنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا >شام دىگەن شەھەردە مېنىڭ ئامانىتىم بار، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە شۇنى تېپىپ ئالغىن< دىگەن سۆزى يادىغا كەتپۇ. شۇنىڭ بىلەن سالىق باي شامغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مەنزىلگە يېتىپ شام شەھىرىگە كىرىپ قارىسا شەھەرنىڭ ئىچى شۇنداق تىنجىق ئىكەن. شۇنداق ئىسسىقتا ئۇچىسىغا ئالتە جۇۋىنى قاپلاپ كىيىۋالغان، يۈز ياش ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بوۋاي ئوقتەك تېزلىكتە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقۇدەك، سالىق باي ھەيران بولۇپ بوۋاينىڭ ئالدىنى توساپ:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا، - دەپتۇ.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي.
- نەدىن كېلىشلىرى بوۋا؟ - دەپ سوراپتۇ سالىق.
- سىز نەدىن كەلدىڭىز بالام؟ - دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ بوۋاي.
- مەن بەسرى شەھىرىدىن كەلدىم، - دەپتۇ سالىق.
- سىز مېنىڭ ئالدىمنى توسماڭ ئوغلۇم. ئىشىم ئالدىراش، - دەپتۇ بوۋاي.
- چىرايىڭىزغا قارىسام يۈز ياشلىق بوۋايغا ئوخشايسىز، لېكىن يىگىرمە ياشلىق يىگىتتەك ئىش قىلىۋاتىسىز. نىمە ئۈچۈن ئالدىرايسىز؟ سىزگە بىرەر پىشكەللىك كەلدىمۇ ياكى باشقا ئىش بولدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ سالىق. بوۋاي:
- باشقا ۋەقە يوق بالام. كېچە ئۇلاپ، چۈشۈمدە بىر ئاينى كۆردۈم. ئاي قوينۇمدىن كىرىپ يېڭىمدىن چىقىپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىم ئۇخلاپ يەنە شۇ چۈشنى كۆردۈم. ئۈچ قېتىم ئەنە شۇ چۈشنى كۆردۈم. غايىپتىن >سەن پالانى يەرگە بارساڭ سېنىڭ چۈشۈڭنىڭ تەبىرى شۇ يەردە< دەپ ئاۋاز كەلدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ >شۇ چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى ئۇقسام، ئۇنى بىر كىشىگە ساتسام. چۈشنىڭ ساۋابىنى شۇ كۆرسە< دەپ كېتىۋاتىمەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سالىق باي:
- ئى بوۋا ئۇنداق بولسا، چۈشىڭىزنى ماڭا ساتامسىز؟ - دەپتۇ.
- ساتاي بالام، قېنى، مىڭ تىللا بەرگىن، - دەپتۇ بوۋاي.
سالىق چۈشنى مىڭ تىللاغا سېتىۋاپتۇ. كەچ بولۇپتۇ. سالىق باي ياتىدىغان جاي ئىزلەپ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ قارىسا، يىراقتا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي تۇرغان. سالىق باي شۇ ئۆيگە بېرىپتۇ. بىر ئۆيگە ئېتىنى قويۇپتۇ. يەنە بىر ئۆيدە ئۆزى يېتىپتۇ. تاڭغا يېقىن ئاتنىڭ دۈپۈرلىگەن تىۋىشى كەپتۇ. ئاتلار شۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. سالىق باي >مېنى بۇلايدىغان قاراقچىلار كەلدىمىكىن؟ ئاخشام مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمنى بىرسى كۆرۈپ قالغان بولسا، ئەمدى قاراقچىلارنى باشلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ، ئەندىشە قىلىپ خۇدادىن پانا تىلەپتۇ. شۇنداق تۇرغاندا سىرتتىن بىرسى:
- چاپسان چىقىڭ، - دەپ چاقىرىپتۇ. سالىق باي قورقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۇ ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. سالىق باي قورقۇنچلىقىدا يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپتۇ. ئىشىك ئالدىدا يۈزىگە نىقاپ تارتىۋالغان، ئاتقا مىنگەن بىرەيلەن بىر ئاتنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك. سالىق باي چىققاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم.
- ماۋۇ ئاتنى مىن، - دەپ ئۆزى تۇتۇپ تۇرغان ئاتنى سالىق بايغا بېرىپتۇ. ئۇلار ئاتقا مىنىشىپ بۇ يەردىن غايىپ بولۇپتۇ. شۇنداق مېڭىپ ئەتىسى چۈش ۋاقتىدا بىر گۈلىستانغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ يەردە سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان. ھەر خىل قۇشلار سايرىشىپ، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ جايغا كەلگەندىن كېيىن ھېلىقى نىقاپلىق ئادەم يۈزىنى ئېچىپتۇ. سالىق باي قارىغۇدەك بولسا، بۇ قاراقچى ئەمەس. شۇنداق ساھىپجامال بىر مەلىكە ئىكەن. بۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ ھەيران بولۇپ قاپتۇ. قىز:
- سىز نىمە ئادەم؟ نەدىن كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. سالىق باي كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قىز:
- مەن مۇشۇ دۆلەت پادىشاھنىڭ قىزى. دىلناۋاز بانۇدۇرمەن. مەن بىر يىگىتكە ئاشىق ئىدىم. ئاتام مېنى ئۇ يىگىتكە بېرىشكە ئۇنىمىدى. مەن تۈنۈگۈن ئۇ يىگىتكە خەت يېزىپ >ئاتام ئەتە شىكارغا چىقىدۇ. سەن كېچىسى شەھەر سىرتىدىكى كونا ئۆيگە بېرىپ تۇر، مەن ئاتلارنى ئېلىپ شۇ يەرگە بارىمەن. ئىككىمىز قېچىپ كېتىمىز< دىگەن ئىدىم. مەن سىزنى شۇ يىگىتمىكىن دەپتىمەن، - دەپتۇ مەلىكە. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سالىق باي:
- خۇدايتائالا نىمىنى كۆرسەتسە شۇنى كۆرمەكتىن باشقا چارە يوق. سىزنى ئاللا ماڭا نىسىپ قىلغان ئىكەن. مەنمۇ ھەر قانداق شاھزادىدىن قالمايدىغان يىگىت. ئىش مۇشۇ ھالغا يەتتى. قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ، - دەپتۇ.
- تەلىيىڭىز بار ئىكەن. خەير - دەپتۇ مەلىكە.
ئۇلار ئاش - تاماق ئېتىپ يەپ، بىر ھازا ھاردۇق ئالغاندىن كېيىن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ. بىركەمدىن كېيىن بىر دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ دەرياغا قارىسا ھەر خىل تاشلار نۇر چېچىپ تۇرغۇدەك. مەلىكە سالىق بايغا:
- ئاشۇ تاشلاردىن بىر نەچچىنى ئېلىۋېلىڭ، - دەپتۇ.
سالىق باي تاشتىن بەش - ئالتىنى ئېلىپ قوينىغا سالغاندىن كېيىن مەلىكە بىلەن دەريادىن ئۆتۈپ بىر شەھەرگە كەپتۇ. شەھەرنىڭ ئاقساقىلى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆيلۈك يەر - جاي سېتىۋاپتۇ. پادىشاھ بىلەن سۆھبەتتە بولۇپتۇ. سالىق باي پادىشاھقا ياراپتۇ. پادىشاھ سالىھ باينى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋاپتۇ.
كۈنلەردن بىر كۈنى سالىق باي بەزمە تۈزۈپتۇ. بەزمىدە سالىق باي مەلىكىنى ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. مەلىكە بۇ بەزمىدە ئۇسسۇل ئويناپتۇ. ئۇسسۇلنى كۆرۈپ پادىشاھ مەلىكىگە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر - ۋۇزرالار پادىشاھنىڭ دەرگاھىغا كىرسە، شاھنىڭ چىرايى ئۆمسە. ئۇلار پادىشاھتىن نىمە بولغانلىقىنى سورىغان ئىكەن. پادىشاھ ئاخشام بولغان ۋەقەنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- ھە دىمىدۇققۇ پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ ۋەزىرلەر، - ئۆزلىرىنى بۇ سالىق دىگەن سېھىر بىلەن كېرەكتىن چىقاردى. ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر كىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا مەسلىھەتچى قىلدىلا. ئۇنى ھەممىمىزدىن بەكرەك ھۆرمەتلىدىلە. ئەمدى ئۇ چىرايلىق خوتۇنلارنى تېپىپ، گۈلنى گۈلگە قوشماي گۈلنى تىكەنگە قوشۇپتۇ. ئۆزلىرىگە لايىق ئايالنى ئۆزى ئېلىۋېلىپ سىلىنى مۇشۇنداق دەرتتە قويسا بولامدۇ؟
ۋەزىرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پادىشاھ يولدىن ئېزىپتۇ.
- ھەي ۋەزىرلەر، سالىق باينى قانداق قىلىمىز؟ قانداق مەسلىھەتىڭلار بار؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
- سالىق باي يېڭى كەلگەندە ئۆزلىرىگە تۆت گۆھەر بەرگەن. ئەمدى سالىق بايغا >مەن بىر شەھەر سالدۇرىمەن. ماڭا بىر يۈز يىگىرمە گۆھەر تېپىپ بەرگىن< دەيلا. ئۇ گۆھەر تېپىپ كېلىمەن دەپ ئۆلۈپ قالىدۇ. ئايالى ئۆزلىرىگە قالىدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ ۋەزىرلەر. پادىشاھ بۇ مەسلىھەت بويىچە سالىق باينى ئوردىغا چاقىرىپ:
- ئى سالىق. سىز مېنىڭ ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىم. سىزدىن بىردەممۇ ئايرىلغىم يوق. لېكىن مەن مۇشۇ شەھەرنىڭ يېنىغا يانداپ يەنە بىر شەھەر بىنا قىلماقچىمەن. ئۇنىڭغا پۇل كېرەك سىز بىر يۈز يىگىرمە دانە گۆھەر تېپىپ كېلىڭ. ئەگەر تېپىپ كەلمىسىڭىز كاللىڭىز كېتىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سالىقنىڭ بېشى قېيىپ نىمە قىلارنى بىلەلمەي ئايالىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئايالى ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سالىق بايدىن سوراپ بىلگەندىن كېيىن:
- سىز مۇشۇ گۆھەرنى ئالغان دەريانىڭ بويىغا بېرىڭ. دەريانىڭ بويىغا بېرىپ سولغا قاراپ يېرىم كۈن ماڭسىڭىز بىر كۆۋرۈككە بارىسىز. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ قارىسىڭىز بىر تاغ كۆرۈنىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىگە چىقسىڭىز بىر سېپىل بار. سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز بىر قەسىر پەيدا بولىدۇ. قەسىرنىڭ ئىچىدە تىللادىن ياسالغان بىر ھوجرا بار. ھوجرىنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز بىر مەلىكە بار. ئۇ مەلىكە ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ. بۇ مەلىكىنىڭ چىرايى ماڭا ئوخشايدۇ. مەلىكىنىڭ بېشىدا بىر ئەينەك بار. ئەينەكنى ئوڭغا توغرىلىسىڭىز مەلىكە ئويغىنىدۇ. سولغا توغرىلىسىڭىز مەلىكە ئۇخلايدۇ. قالغان گەپنى مەلىكە ئۆزى ئېيتىپ بېرىدۇ، - دەپتۇ.
سالىق باي مەلىكىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھېلىقى قەسىرگە بېرىپ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. دىگەندەك، قىز ئۇخلاپ ياتقان ئىكەن. سالىق باي قىزنى كۆرۈپلا ئاشىقى بىقارار بولۇپتۇ. سالىق باي ئەينەكنى ئوڭغا توغرىلىغان ئىكەن، قىز شۇ زامان ئويغىنىپتۇ.
- ئى يىگىت، بۇ يەردىن تېز كېتىڭ. بۇ دىۋىنىڭ ماكانى، - دپتۇ قىز.
- مەنسىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم، - دەپتۇ سالىق باي.
- ياق، مېنى قۇتقۇزۇش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ. قۇتۇلدۇرۇشقا بولىدىغان بولسا مېنى ئاتام قۇتۇلدۇرار ئىدى. ئۇ قولىدا نۇرغۇن ئەسكەرلەر تۇرۇپ مېنى قۇتۇلدۇرالمىغان يەردە سىز قانداقمۇ قۇتۇلدۇرالايسىز؟ مەن بۇ دىۋىنىڭ قولىغا بەنت بولۇپ، بۇ يەردە ياتقىلى يەتتە يىل بولدى. سىز نىمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ قىز، سالىق باي پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى، ئايالىنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى مەلىكىگە ئېيتىپ بېرىپتۇ.
- سىز ئالىدىغان گۆھەر ئاشۇ دەريادا بار. دىۋىنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ، گۆھەرنى ئالالمايسىز، - دەپتۇ قىز:
- دىۋىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ سالىق باي.
- سىز ئالدى بىلەن ئورمانلىققا بېرىپ تۇرۇڭ. مەن بىر ئامالىنى قىلىپ باقاي، - دەپتۇ قىز. شۇنىڭ بىلەن سالىق باي چىقىپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بۇ ھوجرىغا دىۋە كىرىپ كەپتۇ. دىۋە:
- ئى مەلىكەم، مېنى بىر خوش قىلسىڭىز قانداق؟ مەن سىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگىلى يەتتە يىل بولدى. مېنى بىر قېتىممۇ خوش قىلاي دىمىدىڭىز، - دەپ قىزغا يالۋۇرۇپتۇ. قىز دىۋىگە پىسەنت قىلماي يۈزىنى باشقا ياققا بۇرۇۋاپتۇ.
- ئى مەلىكەم، نىمە ئۈچۈن يۈزىڭىزنى باشقا ياققا بۇرۇۋالىسىز؟ - دەپتۇ دىۋە.
- ئى ئاشىقىم، بىز بىرگە بولۇشتىن بۇرۇن شاراپ ئىچىشەيلى. ئاندىن مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىمەن، - دەپتۇ قىز. شاراپ تەييار بولۇپتۇ. دىۋە ھەدەپ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ. قىز ھاراقنى ئىچمەي يېڭىگە تۆكۈپتۇ، دىۋە تازا مەس بولغان چاغدا قىز ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
- سىز مېنى راست ياخشى كۆرسىڭىز مەندىن سىرىڭىزنى يوشۇرماسلىقىڭىز كېرەك. ناۋادا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىن ئايرىلىپ قالسام سىزنىڭ قانداق ھادىسە بىلەن ئۆلگەنلىكىڭىزنى ئۇقماي قالسام قانداق بولار؟ دىۋىلەرگە نەيزە - قىلىچ كار قىلمايمىش. سىزنىڭ جېنىڭىز قەيەردە؟ - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىۋە:
- بۇ سورايدىغان ئىش ئەمەس، - دەپتۇ.
- ئانداق بولسا سىزمۇ مېنىڭ يېنىمغا كەلمەڭ، - دەپتۇ قىز ناز قىلىپ، دىۋە مەسلىكتە ئاستا - ئاستا يۇمشاپ:
- ئەي مەلىكەم، ئەمىسە ھىچكىمگە تىنماڭ. كىمدە - كىم مېنىڭ ئوقيارىمنى ئېلىپ >بىسمىللا< - دەپ قىرىق قەدەم چامدىغاندىن كېيىن ئاۋۇ دەرەخكە بىر قاغا قونىدۇ. ئۇ كىشى ئوقيادىن قاغىغا ئوق ئۈزگەي، تەلىيى بولسا ئوق قاغىغا تېگىپ قاغا يەرگە چۈشكەي، ئەگەر ئوق تەگمەيلا قالسا جاھان گۇمران بولىدۇ. مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ. ئوق قاغىغا تەگسە، قاغا نەگە چۈشسە شۇ يەرنى كولاش كېرەك. يەرنى كولىغاندىن كېيىن بىر ئىشىك پەيدا بولىدۇ. ئىشىكتىن كىرسە بىر ھوجرىغا قەپەز ئېسىقلىق. قەپەزدە بىر شاتۇتى بار. مېنىڭ جېنىم شاتۇتى بىلەن بىرگە. ئەگەر ئاشۇ شاتۇتىنى ئۆلتۈرسىلا مەنمۇ بىللە تۈگەيمەن. ھە مەلىكەم، ئەمدى نىمە تەلىپىڭىز بار؟ - دەپتۇ.
- ئى ئامرىغىم، جاڭگىلى مازار دەيدىغان يەردە ناھايىتى چىرايلىق بىر گۈل بار ئىمىش. مەن بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ بەكمۇ زېرىكىپ كەتتىم. شۇ گۈلنى ئەكىلىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ قىز. دىۋە مەلىكىگە شۇ گۈلنى ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپتۇ.
سالىق باي قىز كۆرسەتكەن ئورمانلىقتا بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن >ئەمدى قىز بىر ئامال تاپقاندۇر< دەپ ئويلاپ مەلىكىنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. قارىسا قىز يەنە ئۇخلاپ ياتقان. سالىق باي كېلىپ قىزنى ئويغىتىپتۇ. قىز دىۋە دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى سالىق بايغا دەپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىرىدا:
- بۇ ئىش بەك تەس. سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەسمىكىن، - دەپتۇ. سالىق باي ھىچقانداق ئىككىلەنمەي قولىغا ئوق - يانى ئېلىپ قاغىنى ئۆلتۈرۈپ قاغا چۈشكەن يەرنى كولاپ شاتۇتنى تېپىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزۈپتۇ. شۇ زامان ئالەم قاپ - قاراڭغۇ بولۇپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەپتۇ. دىۋىمۇ قاتتىق بىر ۋارقىراپ ئۆلۈپتۇ. سالىق باي قىزنى ئېلىپ ھېلىقى دەريانىڭ بويىغا بېرىپتۇ. گۆھەردىن بىر يۈز يىگىرمىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئىككى ئايال بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان سالىق باي:
- بۇ ئىككىڭلار قانداقلارچە تونۇش؟ - دەپ سوراپتۇ. سالىق باينىڭ ئايالى:
- بۇ مەلىكىنىڭ ئىسمى پەرەڭكۆر بانۇ. بۇ مەلىكە پەرىلەر پادىشاھىنىڭ قىزى. مەن ئادىمىزات پادىشاھىنىڭ قىزى. پەرەڭكۆر بانۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتىسى: >مېنىڭ قىزىم بىلەن كىم بىر كېچىدە تۇغۇلغان بولسا، ئەگەر ئۇ ئوغۇل بولسا قىزىم بىلەن جۈپ بولىدۇ. قىز بولسا بىر - بىرىگە ھەمرا بولۇپ ئۆتىدۇ< دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. مېنىڭ پەرەڭكۆر بانۇ بىلەن بىر كېچە تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىپ مېنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. مەن ئۇ يەردە ئالتە يىل ئوقۇپ پەرەڭكۆر بانۇ بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم. ئون ئىككى ياشقا كىرگىنىمدە مېنى ئۆز جايىمغا ئاپىرىپ قويدى. شۇ چاغدا پەرەڭكۆر بانۇنى دىۋە بۇلاپ كەتكەن، - دەپتۇ. دىلناۋاز بانۇ سۆزنى تۈگەتكەندىن كېيىن سالىق باي قازى - مۇپتىلارنى چاقىرىپ پەرەڭكۆر بانۇنىمۇ ئۆز نىكاھىغا ئاپتۇ. سالىق باي پادىشاھنىڭ ئالدىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا دىلناۋاز بانۇ:
- سەن پادىشاھقا ئۆتكەندە تۆت گۆھەر بەرگەن. بۇ نۆۋەت بىر يۈز يىگىرمە گۆھەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋەتمەي تۆت گۆھەرنى قالدۇرۇپ قوي. پادىشاھنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى. ئۇ چوقۇم >بۇ بىر يۈز يىگىرمە گۆھەرنى مېنىڭ غەزىنەمدىن ئوغۇرلاپسەن، مېنىڭ غەزىنەمدە دەل بىر يۈز يىگىرمە گۆھەر بار ئىدى< دەپ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا سەن ئۆيدىكى تۆت گۆھەرنى ئېلىپ بېرىپ >مانا ماۋۇ تۆت گۆھەرنى نەدىن ئوغۇرلاپتىمەن؟< دىگىن. قالغان ئامالىنى ئۆزەم قىلىمەن، - دەپتۇ. سالىق باي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ:
- قېنى ئامانەتنى ئەكەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەكەلدىم دەپتۇ سالىق باي.
- قېنى؟
- مانا، دەپ گۆھەرنى پادىشاھقا بېرىپتۇ سالىق باي. شۇ چاغدا پادىشاھ.
- ئى سالىق باي، يەتتە يىل بۇرۇن مېنىڭ غەزىنەمگە ئوغرى چۈشكەن. گۆھەردىن بىر يۈز يىگىرمىسى يوقالغان. سىز ئوغرى ئىكەنسىز. مېنىڭ گۆھىرىم دەل مۇشۇ، - دەپتۇ. سالىق باي:
- پادىشاھى ئالەم، سىزنىڭ غەزىنىڭىزدىكى گۆھەر نەچچە ئىدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- دەل بىر يۈز يىگىرمە دانە.
- ئۇنى مەن ئوغرىلىغانمۇ؟
- شۇنداق، سىز ئوغرى، - دەپتۇ پادىشاھ. شۇ چاغدا سالىق باي يانچۇقىدىن تۆت گۆھەرنى چىقىرىپ:
- ئى پادىشاھى ئالەم، بۇ گۆھەرمۇ ئۆزلىرىنىڭمۇ؟ مەن بۇنى نەدىن ئوغرىلىدىم؟ - دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پادىشاھنىڭ تىلى تۇتۇلۇپتۇ. ئەمما ۋەزىرلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سالىق بايغا >پادىشاھ ئوردىسىدىن گۆھەر ئوغرىلىغان ۋە ئۇنىڭغا تەن بەرمەي پادىشاھ بىلەن تاكاللاشقان< دىگەن بەتنامنى چاپلاپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. سالىق باينىڭ ئىككى ئايالى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئوردىدا بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار بىر دانە پەينى كۆيدۈرگەن ئىكەن. بىر مۇنچە پەيلەر چىقىپ كەپتۇ. بۇ ئىككى ئايال پەرىلەر بىلەن بىرگە ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ. پەرەڭكۆر بانۇ پەرىلەرگە:
- ئالدى بىلەن پادىشاھنىڭ بېشىنى ئېلىڭلار! - دىگەن ئىكەن. ھايت - ھۇيت دىگۈچىلا پادىشاھنىڭ كاللىسى يەرگە چۈشۈپتۇ. پەرىلەر ئوردا ئىچىدىكى يەنە بىر قانچە كىشىنىڭ بېشىنى ئالغان ئىكەن، ئوردىدىكى بارلىق كىشىلەر سالىق بايغا تىز چۆكۈپ:
- ئى سالىق باي، تۆۋە قىلدۇق، بىر قوشۇق قېنىمىزنى تىلەيمىز. ئوردىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇڭ. - دپتۇ. سالىق باينىڭ پەرمانى بىلەن پەرىلەر ئادەملەرنى قىرىشتىن توختاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سالىق باي پادىشاھ بولۇپتۇ. ئىككى ئايالى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئىبراھىم