UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋىجدانلىق مەلىكە

ۋىجدانلىق مەلىكە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا قاسىمئاخۇن دېگەن بىر قاسساپ ئۆتكەنكەن. ئۇنىڭ ئابدۇللا ۋە پەزىلەتخان ئىسىملىك ئىككى بالىسى بار ئىكەن. قاسىمئاخۇن قاسساپلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە ، ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىپ، بەزىلەرگە ياغ بىلەن پەش، بەزىلىرىگە گۆش بىلەن بەز سېتىپ بېيىپ كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاسىمئاخۇن بىر يامان چۈش كۆرۈپتۇ. ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، ئۇيان ئويلاپتۇ، بۇيان ئويلاپتۇ. ئاخىر ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان قازاخۇنۇمنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىپتۇ ۋە سۆز ئارىسىدا: _ قازائاخۇنۇم، تۈنۈگۈن ئاخشام بىر غەلىتە چۈش كۆرۈپ قالدىم. بۇچۈشۈمگە بىر دانا تەبىر بېرىپ ، مەن گۇناھكارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتار دېگەن ئوي بىلەن ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلغانتىم، - دەپ، چۈشىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. قازى: _ ھەي قاسىماخۇن، سېلىنىڭ بۇ كۆرگەن چۈشلىرى يامانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇ، گۇناھلىرىنىڭ تاغدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ بىشارىتىدۇر، - دەپتۇ. قاسىمئاخۇن قازىدىن: _ شەرىئەتتە بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قازى: _ ئەلۋەتتە بار،مەنچە بولغاندا ھەج قىلىشنىڭ ساۋابىغا ھېچنېمە يەتمەيدۇ. ھەج قىلىپ يانسىلا ، ئىنشائاللا خۇدا ۋەندى كېرىم گۇناھلىرىنى ساقىت قىلىپ، ھەر ئىككىلا ئالەمنى سىلىگە يۇرۇق قلىغاي، - دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قاسىماخۇن سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ. تەييارلىقلار پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، ئۇ يەنە قازى بىلەن كۆرۈشۈپ سوراپتۇ: _ سەپىرىمدە بىر نازۇك مۈشكۈلات تۇرىدۇ؟ _ ئېيتسىلا ، ھەر نىچۈك مۈشكۈلات بولسا، مەن - پىقىر كۈچۈمىنىڭ يېتىشىچە قارىشىپ بېرەي، - دەپتۇ قازى. _ ئۇ بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە ئايانكى، - دەپتۇ سودىگەر، - بالىلىرىمنىڭ ئانىسى يوق. مەن بولسام ئوغلۇم بىلەم سەپەر قىلماقچى، قىزىم پەزىلەتخاننى بىللە ئېلىپ يۈرۈش بىئەپ. شۇڭا، ئۆزلىرىدەك ئۆلىما زاتنى مەن سەپەردىن يانغۇچە قىزىمغا ئاتىدارچىلىق قىلارمىكىن ، دېگەن نىيەتتە بولغانتىم. قازى ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاسساپ يۈك - تاقلىرىنى، تېڭىپ، ئالتۇن - كۆمۈشلىرىنى كولاپ ئېلىپ، قازىغىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىرىپ، يولغا چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەزىلەتخان قازىنىڭ ئۆيىدە قاپتۇ. پەزىلەتخاننىڭ بەدەنلىرى قاشتېشىدەك سۈزۈك، چىرايى قىزارغان ئالمىدەك راڭدار، ئاۋازى بۇلبۇلنىڭكىدەك خۇشخۇي، كۆزلىرى بۇلاقتەك، ئاغزى ئويماقتەك، ئۆزى زېرەك بىر قىز ئىكەن. ماڭسا، ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى يىپەكتەك ئەۋرىشىم بويلىرىغا چىرمىشىپ، تاپىنىنى يۆگەپ تۇرىدىكەن. قازى پەزىلەتخاننى كۆرۈش بىلەنلا ئىچىگە ئوت چۈشۈپ، كۆكسىگە چۈشكەن ئاق ساقىلى كۆيۈپ تۈتۈنگە ئايلىنىپ كەتكەندەك بوپتۇ. پەزىلەتخاننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، پەيت كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. پەزىلەتخان قازىنىڭ كۆزلىرىدىكى شەھۋانىيەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يالقۇنجاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قورقىدىكەن. كېچە - كېچىلىرى ئاتا - ئانىسىنى، ئاكىسىنى ئەسلەپ زار - زار يىغلاپ چىقىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ خوتۇنلىرى قازىنىڭ ئۆي ئىچىنى چايغا چىللاپتۇ. پەزىلەتخانمۇ مېھمانغا تەييارلىنىپتۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىگەن قازى پەزىلەتخانغا: _ سىز كىشىنىڭ ئامانىتى، چايغا بېرىشىڭىزنى ماقۇل كۆرمەيمەن، - دەپ رۇخسەت قىلماپتۇ. قىز نائىلاج ئۆيدە قاپتۇ. چۈشكە يېقىن قازى پەزىلەتخاننى قىچقىرىپ: _ ئۆيدىكىلەر كەلمىدى، سىز ماڭا تەرەتكە سۇ تەييارلاپ بېرىڭ، - دەپتۇ. قىز ئاپتۇۋىغا سۇ ئېلىپ كەلگەنىكەن، قازى ئاپتۇۋىغا قول ئۇزارتقان بولۇپ،قىزنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ: مېنى قىينىماڭ، - دەپتۇ. پەزىلەتخان: _ سىلى دادامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم، بۇ ئىشلىرى پەقەت توغرا ئەمەس، - دېسە، قازى: _ ھازىر ماڭا ئۇنداق گەپنىڭ كېرىكى يوق. مەن سىزنى ئاران قولغا چۈشۈردۈم، - دەپ پەزىلەتخانغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپتۇ. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان پەزىلەتخان ئاپتۇۋا بىلەن قازىنىڭ بېشىغا بىر ئۇرغانىكەن، قازىنىڭ پېشانىسى يېرىلىپتۇ. قازى پېشانىسىنى تۇتۇپلا قاپتۇ، قىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قېچىپ چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىۋاپتۇ. شۇ كۈنىلا قازى قىزىنىڭ دادىسىغا:«قىزىڭىز سىز كەتكەندىن كېيىنلا يولدىن چىقىپ، نامىڭىزنى بولغاشقا باشلىدى. ئاتا ئورنىدا تۇرۇپ نەسىھەت قىلسام، مېنى ھاقارەتلەپ، ھەتتا بېشىمنىمۇ ياردى. شۇڭا، قىزىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىڭ . . . » دەپ خەت يېزىپ، كارۋانلاردىن ماڭدۇرىۋېتىپتۇ. خەتنى يول ئۈستىدە قاسساپ غەزەپكە كەپتۇ ھەم ئوغلى ئابدۇللانى قەسەم ئىچكۈزۈپ، پەزىلەتخاننى ئۆلتۈرۈپ يۈرىكىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئابدۇللا كېچە - كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. سىڭلىسىنى كۆرۈپ، يىغىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قولى بارماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللا سىڭلىسىغا: _ دادامنىڭ ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچكەن بولساممۇ، لېكىن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارمىدى. بۇ يۇرتتىن بېشىڭنى ئېلىپ چىقىپ كەت. ئالەمنىڭ ئېتىكى كەڭ، - دەپتۇ. ئابدۇللا سىڭلىسىنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بىر قوينى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى ئېلىپ، يەنە دادىسىنىڭ يېنىغا يېنىپ كېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاندىن ئاڭلايلى: پەزىلەتخان قەلەندەرچە كىيىنىپ، شەھەردىن چىققاندىن كېيىن، دەريانى بويلاپ يول يۈرۈپتۇ، يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. سۇلارنى كېچىپتۇ، چۆللەرنى كېزىپتۇ، دۆڭلەردىن ئېشىپتۇ، ئاخىر ئادەمزاتتىنمۇ، گىياھدىنمۇ ئەسەر بولمىغان قۇملۇققا كېرىپ قاپتۇ. ئۇيان مېڭىپتۇ، بۇيان مېڭىپتۇ، بۇ يەردىن ھېچقانداق قىلىپ چىقىپ كېتەلمەپتۇ. قىز ئۇسسۇزلۇقتىن ھەم ئاچلىقتىن ھالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇ «ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ، بىر قۇم دۆڭىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۆزىنى قۇمغا تاشلاپتۇ، يىغلا - يىغلا ھوشىدىن كېتىپتۇ. دەل شۇچاغدا باشقا بىر يۇرتنىڭ پادىشاھى ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىققانىكەن. ئۇ، كېتىۋاتسا قولىدىكى قۇش ئۇچۇشقا تەلپۈنۈپتۇ. پادىشاھ ئەتراپىغا قاراپ ھېچقانداق بىر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرمەپتۇ. قۇش بولسا، ھەدەپ ئۇچۇشقا تەلپۈنگۈدەك. ئۇنى كۆرگەن ئەتراپىدىكىلەر: _ پادىشاھىم ، قۇشىنى قويۇۋىتەيلى ، - دەپتۇ. پادىشاھ قولىدىكى قۇشنى قويوۋېتىپتۇ. قۇش تىك ئۆرلەپ، ئاندىن يىراقتىكى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئېتىپتۇ. پادىشاھ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، قۇشنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر قىز ھوشسىز ياتقۇدەك. پەزىلەتخاننىڭ ھۆسىن - جامالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بولغان پادىشاھ: _ سىز پەرىزاتمۇ ياكى ئادەممۇ؟ بۇ يەرگە نەدىن كېلىپ قالدىڭىز ؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بىرىپتۇ. ئۇنداق بولسا، مەن سىزگە قىيامەتلىك يولداش بولاي، - دەپتۇ پادىشاھ ۋە پەزىلەتخاننى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ ، قېرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ نىكاھىغا ئاپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەي پەزىلەتخان يەڭگىپتۇ. بالىسى قوشكېزەك بولۇپ، ئايدەك بىر جۈپ ئوغۇل ئىكەن. پادىشاھ ئىنتايىن خوشال بوپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ بىرقانچە خوتۇنلىرى بولسىمۇ، پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن. ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى پەزىلەتخان كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن راۋاققا چىقىپ ئەتراپىغا قاراپتىكەن، يىراقتا كېلىۋاتقان كارۋانلارنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاتىسىنى ئەسلەپ يىغلاپتۇ. پەزىلەتخان راۋاقتىن چۈشكەندە، پادىشاھ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ: - نېمە ئۈچۈن يىغلىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. _ مەن سىزگە چۈشكىلى بىر قانچە يىللار بولدى. سىز بىر قېتىممۇ مېنىڭ ئاتامنى ئەسلىمىدىڭىز. ئاتامنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. پادىشاھ: _ بۇ، يىغلايدىغان ئىش ئەمەس، ئەگەر ئاتا - ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلسە، مەن سىزنى سەلتەنەت بىلەن يولغا سالىمەن، - دەپتۇ ۋە ۋەزىرنى مەلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ. بۇلار بىر قانچە كۈن يول يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى بىر قونالغۇغا كېلىپ قونۇپتۇ. قاتتىق چارچىغان لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ۋەزىر بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، پەزىلەتخاننىڭ چىدىرىغا كىرىپتۇ. پەزىلەتخان ئىككى ئوغلىنى يېنىغا ئېلىپ ياتقانىكەن. ۋەزىر پەزىلەتخانغا: _ سىزنى پادىشاھى ئالەم بىلەن ئىككىمىز بىللە تاپقانىدۇق. مېنىڭمۇ سىزدە ھەققىم بار. شۇڭا بۈگۈن بىر كېچە ئىككىمىز بىللە ياتساق، - دەپتۇ. پەزىلەتخان رەت قىپتۇ. ۋەزىر يەنە تەكلىپنى قويۇپتۇ، ئەگەر يەنە رەت قىلسا ئىككىلا ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. پەزىلەتخان يەنىلا ئۇنىماپتۇ. ۋەزىر ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى چېپېۋېتىپتۇ. چوڭقۇر قايغۇغا چۆككەن پەزىلەتخان ئاخىر: _ بۈگۈن كېچىنى ئىككى ئوغلۇمنىڭ ماتىمى بىلەن ئۆتكۈزەي، ئەتىگە مەن سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا بولاي، - دەپتۇ. ۋەزىر نائىلاج «ماقۇل» دەپ قايتىپ چىقىپ ئۇخلاپتۇ. پەزىلەتخان ئىككى ئوغلىنى چېدىرنىڭ ئىچىگە كۆمۈپ، ئۆزى ئەرەنچە ياسىنۋېلىپ قېچىپتۇ. ۋەزىر ئەتىسى پەزىلەتخاننىڭ چېدىرىغا كېشى كىرگۈزسە، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولۇپتۇ. تەرەپ - تەرەپكە لەشكەر چاپتۇرۇپ ئىزلەپ تاپالماي، ئاخىر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپتۇ. ۋەزىر ئۆز يۇرتىغا يېتىپ بېرىپ پادىشاھقا: _ سىزنىڭ ئايالىڭىز كېچىدە ئىككى بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كەتتى، ئىزلەپ تاپالمىدۇق، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، پەزىلەتخاننىڭ دەردىدە روھىي چۈشۈپتۇ. ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچالماپتۇ. ئاخىر سودىگەرچە ياسىنىپ، پەزىلەتخاننى ئىزلەپ يۇرتمۇ يۇرت كېزىپتۇ. ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاندىن ئاڭلايلى: مەلىكە شۇ قاراڭغۇ كېچىدە قېچىپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. تاغنىڭ ئەتراپىغا قارىسا بىر قويچى قوي بېقىپ يۈرۈپتۇ، تاغنىڭ تۈۋىدە بولسا بىر چوڭ كۆل تۇرغۇدەك. پەزىلەتخان بۇنى كۆرۈپ:«دادامنىڭ دوستىدىنمۇ، پادىشاھنىڭ ۋازىرىدىنمۇ ماڭا ۋاپا كەلمىدى، ئەمدى قويچىدىن ئەسلا ۋاپا كەلمەيدۇ » دەپ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنى ھېلىقى كۆلگە تاشلاپتۇ، كۆل چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن چۆكمەپتۇ. ھېلىقى قويچى قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە ھەيدەپ ئەكەلگەنكەن. قويلار بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ كۆلگە يېقىن كەلمەي تۇرۇۋاپتۇ. قانچە ھەيدىسىمۇ سۇ تەرەپكە يېقىن كەلمەپتۇ، ئاخىر قويچى كۆلنىڭ يېنىغا كېلىپ قارىسا كۆلنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم تۇرغۇدەك، قويچى كۈيۈمچانلىق بىلەن: _ ھەي ئادەم، سۇدىن چىقىڭ، قويلار ئۈچ كۈندىن بېرى سۇ ئىچىمىگەن. ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز ، مېنىڭ جان دوستۇم بولىسىز، ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز، مېنىڭ قىيامەتلىك سىڭلىم بولىسىز، ئۇنداق قىلماي سۇدىن چىقىڭ، - دەپتۇ. پەزىلەتخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇدىن چىقىپتۇ. قويچى ئۆز ۋەدىسى بويىچە«سىز مېنىڭ ھەقىقىي قىيامەتلىك سىڭلىم بولىسىز» دەپتۇ. قويلار قانغۇچە سۇ ئىچىپتۇ. پەزىلەتخان ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى قويچىغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاكا - سىڭىل بولۇپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ.بۇ قويچىنىڭ بېقىۋاتقان قويلىرى پەزىلەتخاننىڭ دادىسىنىڭ قويلىرىكەن. ئەمدى گەپنى پەزىلەتخاننىڭ دادىسىدىن ئاڭلايلى: قاسىماخۇن بىر يىلدىن كېيىن ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كەپتۇ، لېكىن قىزىنىڭ قايغۇسى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھەرە چاققاندەك ئازابلانغاچقا، كۆزلىرىدىن ياش قۇرۇماپتۇ، كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي ئاپئاق تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. بېرىپ -بېرىپ ئەس - ھوشىنىمۇ يوقىتىپ قويۇپتۇ. شۇڭا ئۇ، قاسساپلىققا ئوغلى ئابدۇللانى قويۇپ ئۆزى چوڭ بىر كارۋان ساراينى بىنا قىلىپ، ئۇياق - بۇياقتىن كەلگەنلەر بىلەن مۇڭدىشىپ، قىزىنىڭ قايغۇسىنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. بىر كۈنى بۇ سارايغا چوڭ بىر كارۋان كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ كارۋان سودىگەرچە ياسىنىپ پەزىلەتخاننى ئىزلەپ يۈرگەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىكەن. قاسىماخۇن كەچتە ئادىتى بويىچە كارۋان بېشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. بۇ ئىككى دەردمەن دەرھال بىر - بىرىگە يېقىپتۇ. قاسىماخۇن دەررۇ تۇتۇش قىلىپ كارۋان بېشىغا كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. ئۇلار داسىتخان ئۈستىدە بىر پەس مۇڭداشقاندىن كېيىن، كارۋان بېشى: _ شەھەرلىرىدە كۆكسىدە ئوتى، يۈرىكىدە مۇڭى بار كىشى بولسا چاقىرسىلا ، ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر ئاز گەپ ئاڭلىساق، - دەپتۇ. قاسىماخۇن تەرەپ - تەرەپكە ئادەم چىقىرىپ، گەپچى، ھېكايىچى دېگەنلەرنى يىغىپ كەپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭمۇ گەپلىرى كارۋان بېشىنىڭ كۆڭلىنى ئاچالماپتۇ. مۇشۇ زىياپەت ئۈچۈن قوي ئەكىرگەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ: _ مەن بىر ھېكايە ئېيتىپ باقسام، ئەگەر ھېكايەم ياراپ قېلىپ كارۋان بېشىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ. قاسىماخۇن ئۇنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت قىپتۇ. _ ئاڭلىغاننى ئېيتايمۇ، كۆرگەننىمۇ؟ - دەپتۇ قويچى. _ كۆرگىنىڭنى ئېيت دەپتۇ كارۋان بېشى . قويچى بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ئۆز شەھىرىدىن قېچىپ چىققان يېرىگە كەلگەندە يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئەسلىدە بۇ قويچى قويچىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان پەزىلەتخانىكەن. شۇنىڭ بىلەن قاسىماخۇن بۇ قويچىنىڭ ئۆز قىزى ئىكەنلىكىنى بېلىپ، قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. سۆزنىڭ ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كارۋان بېشى ئالدىراپ: _ ھاجىم، سەۋر قىلسىلا، بۇ ئايالنىڭ گېپى تېخى تۈگىمىدى، قېنى ئاخىرىنى ئاڭلايلى، - دەپتۇ. پەزىلەتخان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ ئىككى ئوغلىنى ۋەزىنىڭ ئۆلتۈرىۋەتكەن يېرىگە كەلگەندە، كارۋان بېشى- پادىشاھمۇ يىغلاپ ئۆزىنى يەرگە تاشلاپتۇ. پادىشاھ بىلەن پەزىلەتخان تېپىشىپتۇ. ئەتىسى يۇرت - جامائەت بۇ ئاجايىپ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، قازىنى تاش بوران قىپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن پادىشاھ سۆيۈملۈك ئايالى پەزىلەتخاننى، ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەپتۇ. قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ۋەزىرنى دارغا ئېشسقا پەرمان قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇلار قايتىدىن تېپىشىپ، خاتىرجەم ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. بۇرۇنقى زاماندا يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، يۈز - كۆزنى قورۇق باسقان، ساقال - بۇرۇتى ئاپئاق بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن. بۇ بوۋاي يەتتە يېشىدىن تارتىپ باياۋاندىن يانتاق چېپىپ، بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ جان باقىدىكەن. بۇ بوۋاينىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بار ئىكەن. يانتاقچى بوۋاي يانتاق سېتىپ تاپقان پۇلىغا بالىسىنى ئوقۇتۇپتۇ. بالىسى مەدرىسلەرنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسىغا: «دادام مېنى ئەمدى ئۆيلەپ قويسۇن » دەپ كىشى قويۇپتۇ. بوۋايمۇ «كېلىن كۆرىدىغان بولدۇم» دەپ خوشال بولۇپ، كەلگەن كىشىدىن: _ ئوغلۇم كىمنى ئالىدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. _ مۇشۇ شەھەردىكى پادىشاھنىڭ يالغۇز قىزىنى ئالىمەن دەيدۇ، - دەپتۇ كەلگەن كىشى. بوۋاي «بالام نېمە دەيدىغاندۇ؟ بىز گاداي تۇرساق، ئۇ پادىشاھ تۇرسا، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان گەپ . . . . . . »دەپ بالىسىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا چاقىرىپتۇ. بالا بوۋاينىڭ چىرايىدىن «بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى ئۇقۇپ، دادىسى گەپ سورىغىچە: _ دادا، غەم قىلماڭ، پادىشاھقا بىز تەڭ كېلەلەيمىز، - دەپتۇ. بوۋاي تەڭقىسلىقتا قېلىپ: _ قانداق تەڭ كېلىمىز؟ - دەپتۇ. بالىسى: _ ئەتە يانتىقىڭىزنى بازارغا ئېلىپ كىرىپ سېتىپ، پۇلىغا ماڭا بىر قۇتا قىزىل بوياق، بىر قۇتا سېرىق بوياق، بىر قۇتا يېشىل بۇياق ، ئون تاختا قەغەز ئەكىلىپ بىرىڭ، ئاندىن كېيىن كارامەتنى كۆرىسىز، - دەپتۇ. بوۋاي بازارغا بېرىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ. بالا شۇ كىچىسى تۈن بويى ئولتۇرۇپ گۈل ياساپتۇ، تاڭ ئاتاي دېگەن چاغدا دادىسىغا: _ دادا، ھازىر قولىڭىزغا تىۋىلغا سۈپۈرگە بىلەن چېلەكنى ھەم مۇنۇ گۈللەرنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسغا بېرىپ، ئوردىسىنىڭ ئالدىنىنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇچېچىپ، گۈللەرنى دەرۋازىنىڭ بېشىغا قاداپ قويۇپ كېلىڭ، - دەپتۇ. يانتاقچى بوۋاي بۇ ئىشنى دېگەندەك ئورۇنلاپ قايتىپ كەپتۇ. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پادىشاھ تالاغا چىققۇدەك بولسا، دەرۋازىنىڭ بېشىدا چىرايلىق گۈللەر ھىد چېچىپ تۇرغان ، قارىسا ئوردىنىڭ ئىچى - تېشى نۇرلىنىپ كەتكەن. پادىشاھ بۇنىڭغا ئەقلى ھەيران بولۇپ، «ۋاھ، بۇ نېمە ئىش؟ » دەپ ۋەزىرلەرنى قىچقارتىپتۇ. ۋەزىرلىرىمۇ ھەيران بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ يۇرتتىكى جىمى ئادەمنى يىغىپ خەلققە يالۋۇرۇپ: _ ۋاي خەلقىم، بۇنداق ئىش زامان - زاماندىن بېرى بولمىغان،بۇ، سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ياخشلىق.ئېيتىپ بېرىڭلار، كىمكى ئېيتىپ بەرسە، شۇ ئادەمگە ۋەزىرلىك ئەمەل بېرىمەن، - دەپتۇ. شۇ چاغدا خەلىقنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەم سەكرەپ قوپۇپ: _ يانتاقچى بوۋاي تاڭ يورۇي دېگەندە مۇشۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى، - دەپتۇ. پادىشاھ يىغىلغانلار ئىچىدىن يانتاقچى بوۋاينى ئىزلەتكۈزسە، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلمىگەنلىكى ئېنىقلىنىپتۇ. ئاخىر ئۆيىگە ياساۋۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ياساۋۇللار يانتاقچى بوۋاينى ماڭ دېسە ماڭ دەەپ قىستاپتۇ. بوۋاي مېڭىشتىن ئاۋۋال ئوغلىغا : _ جېنىم بالام، مىنى پادىشاھ بىكارغا قىچقارمىدى، ئەمدى مېنى ئۆلتۈرىدۇ. خوش بالام،رازى بولغىن، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دارنىڭ ئۈستىگە بىر تال ساقىلىمنى ئىلىپ قويۇپ ئۆلىمەن. سەن شۇ ساقىلىمنى ئېلىپ قورسىقىڭدىكى ئىلىمىڭنىڭ كۈچىنى كۆرسىتەرسەن، - دەپ خوشلىشىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھلىق بىلەن يۇمشاقلىق بىلەن سوراپتۇ.بوۋاي«پادىشاھنىڭ بىز گە مىھرى - شەپقىتى بار ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ: _ پادىشاھ جانابلىرى، مېنىڭ بىر يالغۇچ ئوغلۇم بار ئىدى، ئۇنى ئوقۇتۇپ ئالىم قىلىپ قويدۇم. ئۇنىڭ سىزنىڭ قىزىڭىزغا كۆڭلى بار ئىكەن. شۇ ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسى بىلەن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان، - دەپتۇ. پادىشاھ يانتاقچى بوۋاينىڭ ئۈستىۋېشىغا قاراپ«مەن بىر پادىشاھ تۇرسام، بۇ بىر يالاڭغىداق، مۇشۇنىڭ بىلەن قۇدا بولارمەنمۇ» دەپ غەزەبلىنىپ كېتىپتۇ، جاللاتلىرىنى چاقىرىپ: _ بۇ يالاڭغىداق يانتاقچى بوۋاينى دارغا ئېسىڭلار ! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. جاللاتلار بوۋاينى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. يانتاقچى بوۋاينىڭ بالىسى دارغا كېلىپ قارىسا، دادىسى ئېسىقلىق، ساقىلىنىڭ بىر تېلى دارنىڭ تۆپىسىدە تۇرغۇدەك. بالا دەررۇ بىر تال ساقالنى ئېلىپ دەم ساپتىكەن، دادىسى تىرىلىپ، دارنىڭ ئارغامچىلىرى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دادىسى خوشال بولۇپ، بالىسى بىلەن ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بالا دادىسىغا: _ ۋاي دادا، بۈگۈن بازارغا يەنە يانتاق ئەكىرىپ سېتىپ، ئۆتكەن قېتىمدىكىدەك بوياق، قەغەزلەرنى ئېلىپ چىقىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي تېخىمۇ ئوبدانراق قەغەز بىلەن بوياقلارنىڭ ئېلىپ چىقىپتۇ. بالا شۇ كېچىسى ئاۋۋالقى گۈللەردىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىق ياساپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىنى ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە پاكىز سۈپۈرۈپ، سۈزۈك سۇلارنى چېچىپ، گۈللەرنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك جايغا ئېسىپ قايتىپ كەپتۇ. تاڭ ئاتقاندا پادىشاھ تالاغا چىقسا كۆزلىرىنى گۈللەر چېقىپ، ئوردىنىڭ ئىچى - تېشى پال - پۇل قىلىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ سوراپتۇ. ۋەزىرلىرى جاۋاب بېرەلمەپتۇ. خەلقنى چاقىرتىپتۇ. ئاۋۋالقى قېتىم كەلگەن خەلقلەر «پادىشاھ يالغانچى» دېيىشىپ ئازلا بىر قىسىم ئادەم كەپتۇ. پادىشاھ يەنە ھېيلىگەرلىك بىلەن يالغان ۋەدىلەرنى بېرىپ سوراپتۇ. شۇ چاغدا توپنىڭ ئىچىدىن بىرى سەكرەپ تۇرۇپ: _ يانتاقچى بوۋاي بۈگۈن سەھەردە مەشەدە يۈرەتتى، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ : _ يانتاقچى بوۋاي ئۆلگەن ئەمەسمۇ! - دەپ ئېشەنمەپتۇ. ھېلىقى ئادەم: _ يانتاقچى بوۋاينى راست كۆردۈم، يالغان ئېيتقان بولسام كۆزۈمنى ئويۇڭ، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. پادىشاھ يانتاقچى بوۋاينىڭ ئۆيىگە چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتسە، يانتاقچى بوۋاي ئۆيىدىكەن. ئۇلار دەررۇ يانتاقچى بوۋاينىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي پادىشاھنىڭ ئالىدىغا ئېلىپ كەپتۇ. يانتاقچى بوۋاي بىرىنچى قېتىم ئېيتقان سۆزىنى يەنە ئېيتىپتۇ. پادىشاھنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، قويقا چېچى تەتۈر ئۆرۈلۈپ، يەنە دارغا ئاستۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ قېتىممۇ يانتاقچى بوۋاي يەنە بىر تال ساقىلىنى دارنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ قويۇپتۇ. بالىسى كېلىپ دادىسىنىڭ ساقىلىنى ئېلىپ بىر «سۈپ» دەپ دەم ساپتىكەن، شۇ زامان بوۋاي تىرىلىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. بوۋاي بالىسى بېلەن ئۆيىگە يېنىپ كەپتۇ. كەلگەندىن كېيىن يەنە گۈل ياساپ شۇ ئىشنى قىپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىم ئاۋۋالقىدىنمۇ چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپتۇ. «يانتاقچى بوۋاي ئەۋلىيا ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. ئويلاپ - ئويلاپ يانتاقچى بوۋايدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ۋەزىرلىرىگە«قانداق قىلىمىز ئەمدى؟» دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. ۋەزىرلەردىن بىرى: _ يانتاقچى بوۋاينىڭ ئوغلىغا مەلىكىنى بەرمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بېرەيلى، - دەپتۇ. يەنە بىرى: _ يانتاقچى بوۋاينى چاقىرىپ ئەكىلىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر سېلىق سالايلى. شۇنى قىلالىسا، ئاندىن بېرەيلى، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇ بوپتۇ. يانتاقچى بوۋاينى چاقىرىتىپ كېلىپ: _ ھوي يانتاقچى، سەن مېنىڭ بىلەن قېرىشىپ قالدىڭ، ماقۇل، قىزىمنى بېرەي، ئەمما بىر شەرتىم بار، شۇ شەرتىمنى ئادا قىلىسەن، - دەپتۇ. بوۋاي: _ بولىدۇ، قېنى ئېيتسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ: _ مۇشۇ ئوردىنىڭ ئالدىدىكى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاستى - ئۈستى ئۈنچە - مەرۋايىتتىن، بۇسۇغىسى گۆھەردىن يەتتە قەۋەت ئۆي ياسايمەن. دەريانىڭ سۈيىنى يەتتە گەز قىلىپ ئاقتۇرىسەن. بۇنى 15 كۈندە پۈتتۈرىسەن. شۇچاغدا ساڭا كېلىنلىككە قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ. بوۋاي: _ خوپ بولىدۇ پادىشاھى ئالەم، ئوغلۇم بىلەن مەسلىھەتلىشەي، - دەپ ئوردىدىن كەينىچە مېڭىپ چىقىپ توپتوغرا ئۆيىگە كەپتۇ. بولغان ۋەقەنى بالىسىغا دەپ بېرىپتۇ. بالىسى: _ بىز ئۇنى 15 كۈندە ئەمەس، دادا، ئۈچ كۈندە پۈتتۈرىۋېتىمىز، پادىشاھقا بېرىپ ئېيتىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە: _ ۋاي پادىشاھى ئالەم، سىز ئونبەش كۈنلۈك مۆھلەت بېرىۋىدىڭىز، ئۇنداقتا بەك كىچىكىپ كېتىدىكەن. بالام «ئۈچ كۈندە پۈتتۈرىۋېتىمىز» دەيدۇ. مۇددەتنى ئۈچ كۈنگە قىسقارتىپ بېرىڭ، - دەپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. يانتاقچى بوۋاينىڭ بالىسى غېمىدە يوق ئىككى كۈن بىكار يۈرۈپ، ئۈچىنچى كۈنى كىتابىنى ئېچىپ بىر ئوقۇپتىكەن، پادىشاھنىڭ دېگىنىدەك جاي بىنا بوپتۇ. پادىشاھ شۇ كۈنى سول قول ۋەزىرىنى «قېنى، كۆرۈپ كەلگىن، يانتاقچى بوۋاي سېلىقنى ئورۇندىدىمۇ - يوق؟» دەپ ئەۋەتسە، سول قول ۋەزىرى : ۋاي پادىشاھى ئالەم سىلى دېگەندىن ئارتۇق قىلىۋېتىپتۇ، - دەپ كەپتۇ. پادىشاھ بونىڭغا ئىشەنمەي، ئوڭ قول ۋەزىرىنى ئەۋەتىپتۇ. بۇمۇ شۇنداق دەپ كەپتۇ. بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمەي، ئۆزى بېرىپ قارىسا، راست، ئۆزى ئېيتقان جاي پۈتكەن. پادىشاھ ئەمدى ھېچقانداق گەپ قىلماستىن، قىرىق بىر كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزىنى يانتاقچى بوۋاينىڭ ئوغلىغا بېرىپتۇ. بىر كۈنى كۈيئوغلىدىن: _ سىز قانداق قىلىپ شۇنچە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتىكەن، كۈيئوغۇل: _ دادام ئۆزى يانتاق سېتىپ قىينىلىپ، مېنى ئوقۇتقان، دادامنىڭ پېشانە تەرى بىكار كەتمىسۇن دەپ ياخشى ئوقۇدۇم، ئاخىر مۇشۇنداق ئادەم بولدۇم، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا قايىل قىلىپ«ماڭا ئوخشاش بىلىمسىزلەر پادىشاھ بولغۇچە، مۇشۇنىڭدەك بىلىملىك ئادەم پادىشاھ بولسۇن»دەپ پادىشاھلىقىنى كۈيئوغلىغا بېرىۋېتىپتۇ. ئوغۇل: «مېنى مۇشۇنداق ياخشى ئادەم قىلغان دادام پادىشاھ بولسۇن» دەپ دادىسىغا بېرىپتۇ. يانتاقچى بوۋاي پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن يۇرت ئاۋات ۋە مەمۇرىيچىلىكتە ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق