قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىسى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئەۋەلنىڭ ئەۋىلىسىدە بىر ئاكا _ ئۇكا ئۆتكەن ئىكەن. ئاكىنىڭ تۆت بالىسى بار بولۇپ، بىر _ بىرىگە يار _ يۈلەكتە بولۇپتۇ ۋە ئۆز - ئارا ھۆرمەتلىشىپتۇ، ھېچقانداق نەرسىدىن قىزغىنىشماپتۇ.
بىر يىلى بۇ ئاكا - ئۇكا بۇغداي تېرىشىپ، مو ھوسۇل ئېلىشىپتۇ. چىققان مەھسۇلاتنى تەڭ بۆلۈشىپتۇ. ئۆيگە يۆتكەپ كەتكىچە كەچ بولۇپ قاپتۇ - دە، خاماندا قونۇشۇپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ئاكىنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ مۇنداق ئويلاپتۇ: ئۇكامنىڭ بالا - چاقىسى بولمىغان بىلەن يالغۇز ئادەمگە خىراجەت كۆپ كېتىدۇ. بالا - چاقا قىلىش ئۈچۈنمۇ پۇل لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ياش، تەجربىسى كەم، تېرىقچىلىقنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش لازىم.
ئۇكىسىنىڭ ئۇخلاپ قالغاغلىقىدىن پايدىلانغان ئاكا بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى ئۇكىسىنىڭ بۇغدىيىغا تۆكۈپ قويۇپتۇ.
ئۇكىسى سەھەرگە يېقىن ئويغىنىپ: «مېنىڭ بالا - چاقىلىرىم يوق، چىقىمىم ئاز، ئاكام بالا - چاقىلىق، ئالغان مەھسۇلاتى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىم لازىم. مەھسۇلات ئېلىشتا ئاكامنىڭ ئەجرى كۆپ كىردى. قاراپ تۇرۇپ بوغداينى تەڭ بۆلۈپ ئېلىشم ئىنساپلىق ئىش ئەمەس» دەپ ئويلاپتۇ - دە، بىر قانچە غەلۋىر بۇغداينى ئاكىسىنىڭ بۇغدىيىغا قوشۇپ قويۇپتۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قارىغۇدەك بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ بۇغدىيى ئوخشاش تۇرغۇدەك ھەيران بولۇشۇپتۇ - يۇ، مەلۇم سەۋەبنى بانا قىلىپ ئەتىسى يەنە خاماندا قونۇشۇپتۇ.
ئاكا - ئۇكا يەنە ئالدىنقى كېچىدىكى ئىشلىرىنى تەكرارلىشىپتۇ. سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قاپتۇ - دە، ئەھۋال ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ، شۇندىن كېيىن بۇ ئىككى تۇغقاننىڭ ئىتتىپاقى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ.
(«قەشقەر ئەدەبىياتى»نىڭ 1981 - يىل 4 - سانىدىن ئېلىندى)
رەتلىگۈچى: مەمتىمىن قۇربانى