UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچوكان

چوكان

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر كەمبەغەلنىڭ يالغۇز ئوغلى بار ئىكە، ئۇ باينىڭ قويلىرىنى بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بالا قوينى ھەيدەپ كېلىۋاتسا، قاش - كۆزى جايىدا كەلگەن بىر اچوكان بوخچىسىنى قولتۇقىغا قىسىپ ئوچراپ قاپتۇ. بالا چوكاندىن: _ سىلى كىم بولىلا؟ - دەپ سورىغانىكەن. _ ئاتا- ئانام يوق، ئۇرۇق - تۇققانلىرىممۇ يوق، بالىسى يوققا بالا، خوتۇنى يوققا خوتۇن بولىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بال چوكاننى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، بۇ تەكلىپ چوكانغىمۇ خوش يېقىپتۇ. ئوغلىنىڭ ئۆيگە چوكان باشلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئاتا - ئانىسى ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ، چوكاننى «كىلىنىمىز » دەپ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئاپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بالا چوكاننى رەسىم - يۇسۇنلار بىلەن ئۆز نىكاھىغا ئاپتۇ. بۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىر قانچە كۈن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن بالا بارغانسىرى سارغىيىشقا باشلاپتۇ. بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن ئاتا - ئانا ھەيران بوپتۇ، نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنى قىپتۇ. ھېچقانداق داۋا شىپاھ بولماپتۇ. بالابارغانسىرى ئوساللىشىپ ئۆلەر ھالەتكە يېتىپتۇ. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى «ئوغلىمىز ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى. بالىمىز بالدۇر ساپساق ئىدى، خوتۇن ئالغاندىن كېيىن مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، خوتۇنىدا بىر گەپ بولۇشى كېرەك» دەپ، بالىنىڭ ئۆيىنىڭ روجىكىدىن ماراپتۇ. قارىسا، بالا بىھوش ياتقۇدەك. چوكان بالىنىڭ تاپىنىنى تېشىپ، قېنىنى شوراۋاتقۇدەك. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بالا ئۆلەر ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان، چوكاان بولسا، كۈندىن - كۈنگە ئايدەك تولۇپ، كىشىنىڭ ئەقلى ھەيراق قالغۇدەك بىر گۈزەلگە ئايلىنىۋاتقانىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئاتا - ئانا چوكاننى يوقىتىشىنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. بۇلار بىر كۈنى با مەسلىھەت نان يېقىش باھانىسى بىلەن تونۇرنى قىزىتىپتۇ. بالىنىڭ ئانىسى چوكانغا قاراپ: _ ئەمدى تونۇر قىزىدى، سىز تۇز چېچېڭ، مەن زۇگىلا قىلاي، - دەپتۇ. چوكان: _ ماقۇل، - دەپ يوغان تونۇرغا ئېڭىشىپ تۇز چېچىشقا باشلاپتۇ. ئاتا - ئانسى ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، چوكاننى تونۇرغا ئىتتىرىپ، ئاغزىنى قاپقاق بىلەن يېپىۋاپتۇ. كەچقۇرۇن تونۇرنى ئېچىپ قارىسا، كۈل ئورنىدا چېلەكتەك ئالتۇن تۇرغۇدەك. بۇ ئاشۇ چوكاننىڭ كىشلەرنىڭ قېنىنى شوراپ يۈرۈپ يىغقان ئالتۇنى ئىكەن. چوكان شۇ ئالتۇننىڭ تەسىرىدىن كۈندىن - كۈنگە گۈزەللەشكەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق