ئىسىمدىكى ھېكمەتلەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر بالا بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى خامۇش ئىكەن. ئۇ موللىدا ئوقۇيدىكەن. بىر كۈنى خامۇشنىڭ ساۋاق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، قانداقتۇر بىر ئىش ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى سەزگەن موللا:
- ھەي خامۇش! نېمىشقا سۆزگە قۇلاق سالمايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن ئىسمىم توغرىلىق ئازابلىنىۋاتىمەن، - دەپتۇ خامۇش، - چۈنكى مېنىڭ ئىسمىمنى ئاڭلىغان كىشىلەر مېنى چېچەن ئەمەسكەن دەيدۇ، شۇڭا مېنىڭ ئىسمىم ئاتالغاندا بەك بىئارام بولىمەن. ئەسلىدە مەن خېلى چېچەن، زېرەك ئىدىم. نېمە ئۈچۈن ماڭا خامۇش دەپ ئىسىم قويۇلۇپ قالدىكىن؟
موللام بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن دەپتۇ:
- ئۇنداق بولسا، سەن پۈتۈن جاھاننى كېزىپ كۆر. ئۆزۈڭگە ياققان ئىسىمنى تاپساڭ، ئىسمىڭنى شۇنىڭغا ئۆزگەرتىۋالساڭ بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن خامۇش جاھان كېزىپ يۈرۈپتۇ. بىر كەنتكە بارسا، بىر توپ جامائەت بىر مېيىتنى دەپىن قىلىۋاتقانىكەن، خامۇش ئۆلگىچىنىڭ ئىسمىنى سوراپ كۆرسە >ھايات< ئىكەن.
- >ھايات< ئىسىملىك كىشىمۇ ئۆلەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ خامۇش بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ.
- مەيلى >ھايات< ئىسىملىك ئادەم بولسۇن، ياكى >ۋاپات< ئىسىملىك ئادەم بولسۇن، بەرىبىر ئۆلىدۇ، - دەپتۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرى.
خامۇش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. بىر شەھەرگە كەلسە كوچىدا بىر ئەر كىشى خوتۇنىن ئۇرۇۋاتقۇدەك.
- بۇ نېمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ خامۇش.
- بۇ ئەر كىشىنىڭ ئىسمى >ياۋاش< ئايالنىڭ ئىسمى >سائادەت<، - دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ بىر كىشى، - بۇ ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان، بىچارە ئايال بەك نامراتچىلىقتا تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگەنلىكتىن، ئىككىسى دائىم جېدەل قىلىپ ئۇرۇشىدۇ.
خامۇش بۇنىڭغا چۈشەنمەستىن سوراپتۇ:
- بۇ ئادەمنىڭ ئسىمى >ياۋاش< تۇرۇقلۇق نېمىشقا مۇنداق سەپرا، قوپالدۇ؟ ئۇنىڭ ئىسمى >سائادەت< تۇرۇقلۇق نېمىشقا شۇنچە نامراتتۇ؟
ھېلىقى كىشى ھومىيىپ تۇرۇپ:
- سەن تازا ساراڭ ئىكەنسەن! - دەپتۇ.
خامۇش بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەي يولىغا راۋان بوپتۇ. بىر كىشى ئۇنىڭدىن يول سوراپتۇ. خامۇش ئۇنىڭغا يولنى ئېيتىپ بېرىپ، ئىككىسى بىللە مېڭىپتۇ. ھېلىقى كىشى ئۆزىنىڭ ئىسمى >يولباش< تۇرۇقلۇقمۇ يەنە يول سورايدىكەنسىزغۇ؟ - دەپتۇ.
>يولباش< خامۇشنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، >بۇ تازا ساراڭ نېمە ئىكەن< دەپ ئويلاپ، ئۆز يولىغا كېتىپ قاپتۇ.
خامۇش بىر بازاردىن ئۆتكەندە، بىر ئادەم:
- ھەي گاداي! بۇ قېتىمقى ئوقىتىڭدە بىر مۇنچە پۇل تاپقانسە؟ - دېسە، يەنە بىرى:
- كۆپ ئەمەس، جەمئىي بىرەر مىليون ئەتراپىدا، دەۋاتقۇدەك. خامۇش >گاداي كىشى قانداق قىلىپ بايغا ئايلىنىپ قالغاندۇ؟< دەپ چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ.
ئاخىرى خامۇش موللىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ دەپتۇ:
- موللام مەن ھەممىنى كۆردۈم، >ھايات< ئىسىملىكمۇ ئۆلىدىكەن، >ياۋاش< ئىسىملىكمۇ بەدخۇي قوپال كېلىدىكەن، >سائادەت< ئىسىملىكمۇ نامرات بولىدىكەن. >يولباش< ئىسىملىكمۇ يولدىن ئادىشىپ قالىدىكەن. >گاداي< ئىسىملىكمۇ باي بولىدىكەن. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، گەپ ئىسىمدە ئەمەس، ھەرىكەتتە ئىكەن. شۇڭا ئىسمىمنى ئۆزگەرتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.