دانىشمەن بىلەن نادان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا، مەلۇم شەھەرگە بىر دانىشمەن كەپتۇ. ئۇ شەھەردىكى ئۆلىمالار بىلەن بىلىم جەھەتتە بىر سىنىشىپ باقماقچى بولۇپتۇ. بۇ شەھەردىكى ئۆلىمالار ھېلىقى دانىشمەننىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىشكە پېتىنالماپتۇ. بۇ ئىشتىن باش تارتايلى دىسە، ھەممىسى بىلىمسىزلاركەن، دېگەن كۈلكە - مەسخىرىگە قېلىپ، ئابرويلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن قورقۇپتۇ. بۇ ئۆلىمالار دانىشمەنگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەي باش قاتۇرۇپ تۇرۇشقاندا، كۈننى جىدەل - ماجرا بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىر نادان يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، ئۇلارغا:
شۇنچىلىك ئىشقىمۇ باش قاتۇرامدىكەن؟ ئۇنى ماڭا قويۇپ بېرىڭلار، ئۇ ھەرقانچە دانىشمەن بولسىمۇ گەپتە ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ، - دەپتۇ.
دەسلەپتە ئۆلىمالار ناداننى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپتۇ. لېكىن نادان مەيدىسىگە ئۇرۇپ قايتا - قايتا تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، نىمىلا بولسۇن بىر سىناپ كۆرمەكچى ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇ خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلماقچى بولۇشۇپتۇ. بەلگىلەنگەن كۈنى ئۇلار بۇ ئادەمگە يوغان سەللە يۆگىتىپ، ئېسىل بەقسەم تون كىيگۈزۈپ، چوڭ ئاخۇن سۈپىتىدە ياساپتۇ. ئۇ بىر خىشنى شايى ياغلىقا ئوراپ، قولتۇقىغا قىستۇرۇپ مۇسابىقە مەيدانىغا ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەپتۇ. ھېلىقى دانىشمەننى مەڭسىتمىگەن قىياپەتتە گىدىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ھەيران بوپتۇ. چۈنكى باشقا دانىشمەنلەر بۇ دانىشمەننىڭ ئالدىدا گىدىيىش بۇياقتا تۇرسۇن، تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىكەن. دانىشمەن بۇ ئادەمدىن:
- قولىڭىزدىكى قايسى كىتاب؟ - دەپ سوراپتۇ.
- كىتاۋى خىش، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ نادان. دانىشمەن ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن ئەيمىنىپتۇ، گەپ بىلەن سىناشقا قىلالماي، ئىشارەت ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا بىر بارمىقىنى كۆرسىتىپتۇ. نادان ئۇنىڭغا ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپتۇ. دانىشمەن يەرگە بىر دۈگلەك سىزىپتۇ. نادان ئۇنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر سىزىق سىزىپ، دۈگلەكنى ئىككىگە بۆلۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دانىشمەن نادانغا «بولدى، مەن سىزگە قايىل» دەپتۇ - دە، ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشقا ھەممە كىشى ھەيران بولۇپتۇ شۇنچە چوڭ دانىشمەننىڭ نېمىشقا يېڭىلگەنلىكىنى، مۇسابىقە قانداق سۇئال قويۇلۇپ، قانداق جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشىپتۇ. يولدا كېتىپ بارغاندا، دانىشمەننىڭ ئادەملىرى دانىشمەندىن بۇ سىرنى سوراپتۇ. دانىشمەن ئۇلارغا:
- مەن ئۇنىڭغا بىر بارمىقىمنى كۆرسىتىپ خۇدا بىر بولىدۇ، ئىشارىتىنى بىلدۈردۈم. ئۇ مۇھەممەت پەيغەمبەر بىلەن قوشقاندا ئىككى، دېگەن ئىشارىدا ئىككى بارمىقىنى كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئاسماندىكى ئاينىڭ شەكلىنى سىزىپ كۆرسەتتىم. ئۇ، ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ دۈگلەكنى ئىككىگە بۆلدى. قولىدىكى كتاۋىنى سورىسام «كىتاۋى خىش» دەپ جاۋاب بەردى. مەن بۇنداق كىتابنى ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ چىڭ ئالىم ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭدىن قايتا سوئال سورىيالماي يېنىپ چىقتىم، - دەپتۇ دانىشمەن كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر ناداندىن بۇ سىرنى سوراپتۇ. ئۇ:
- دانىشمەن كۆزۈڭنى ئويىمەن دەپ بىر بارمىقىنى تەڭلىدى. مەن ئىككىلا كۆزۈڭنى ئويىمەن ، دەپ ئىككى بارمىقىمنى تەڭلىدىم. ئۇ بېشىڭغا ئاگاھ بول، دەپ دۈگلەك سىزدى. مەن بېشىڭنى يارىمەن. دەپ ئۇنى ئىككىگە بۆلدۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغۇچىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ساۋۇت سەيدۇللا.