UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۆمۈر توغرىسىدا

ئۆمۈر توغرىسىدا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېرىلىق يەتكەنلىكتىن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرمەي ياتىدىغان بولۇپ قالغان بىر بوۋاي، ئامالسىزلىقتىن بالىلىرىغا «ئۇنى قىلۋەت، بۇنى قىلۋەت» دىسە بالىلىرى ئاليىپ قارايدىكەن. تەپ تارتماستىن ۋارقىرايدىكەن. بۇۋاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ: «ھەي بەدبەختلەر، ھەرقايسىڭ تېخى ماڭ گەپ ياندۇرۇپ، ۋارقىرايدىغان بولۇشتۇڭمۇ؟» دەپ ھاسىسىنى قولىغا ئېلىپ، بالىلىرىغا ھەيۋە قىلسا، كەمپىر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، «ھوي دادىسى، ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە، سىلىمۇ ياش ۋاقتىلىرىدا مۇشۇ بالىلارغا ئوخشاش شاش بولغان، ياشلىق قىلىپ دادىلىرىغا ۋارقىرىغان، سۆز ياندۇرۇغان، ئالىيىپ قارىغان بولغىتتىلە، شۇ قىلغانلىرى ئەمدى ئۆزلىرىگە يېنىۋاتىدىغاندۇ. بۇنىمۇ ئويلاپ قويسلا، بالىلار چىرايلىق سۆزلەشنى سىلىدىن ئۆگەنسۇن...» دەپ بوۋاينىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي بالىلىرى ۋاقىرىسمۇ ئاچچىغىنى ئىچىگە يۇتۇپ، جىم بولۇپ قالىدىكەن. بىر كۈنى، بىر ئاغىنىسى يوقلاپ كەپتىكەن، بوۋاي ئۇنىڭغا قوساق كۆپىكىنى تۆكۈپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىن داتلاپ بېرىپتۇ. ئاغىنىسى بوۋاينىڭ شىكايىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئالەم، ئادەم ۋە پۈتۈن مەخلۇقات - مەۋجۇداتلار يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياراتقۇچى پەرىشتىگە بىر كىتاپ بېرىپ: - مېنىڭ ئىشىمنىڭ «يارىتىش» دىگەن باسقۇچى تاماملاندى. ھەممە جانلىقلارنى ئەركەك، چىشى قىلىپ بىر جۈپتىن ياراتتىم. ئەمدى ئىككىنچ باسقۇچقا، ياتىلغۇچىلارنىڭ نامى نېمە ئىش قىلىدىغانلىغى ۋە قانداق تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقى ... قاتارلىقلارنى جاكارلاش باسقۇچىغا ئۆتىمىز. بۇ باسقۇچنىڭ ھەممە تەپسىلاتى مۇشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان. سەن بېرىپ مېنىڭ نامىمدىن ئۇلارغا جاكا قىلغىن! - دەپتۇ. ياراتقۇچىنىڭ پەرىشتىگە ئېيىتقان بۇ سۆزىنى ئەڭ دەسلەپ ئۇزۇن قۇلاق ئىشەك ئاڭلاپتۇ قاپتۇ - دە، ھاڭىرىغىنىچە پەرىشتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەي ئۇلۇغ پەرىشتە، بىزنىڭ نامىمىز نېمە ئىكەن. بىز نېمە ئىش قىلىمىزكىن، نېمە يەپ كۈن كەچۈرىمىزكىن، بۇلارنى ئىتتىگرەك بىلگۈمىز كېلىۋاتىدۇ. چاپسانراق ئېيتىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. - بولىدۇ، - دەپتۇ پەرىشتە، - سىلەرنىڭ نامىڭلار ئىشەك. سىلەرنى ئالەمدىكى جېمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى بولغان ئادەملەر ئىشلىتىدۇ، مىنىدۇ، ئۈستىڭلەرگە يۈكلەرنى ئارتىدۇ، ھارىۋىلارغا قاتىدۇ، خامانلاردا تۇلۇق سۆرىتىدۇ. قىسقىسى ئادەملەر ئۆزلىرىگە ئىھتىياجلىق بولغان، سىلەر يارايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە سىلەرنى سالىدۇ. بېشىڭلارغا نوختا سېلىپ قوزۇققا باغلايدۇ، ئېغىلغا سولاپ قويىدۇ. ئوت - خەس يەپ كۈن كەچۈرىسىلەر، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىشەك چۆچۈپ كېتىپ تاقەتسىزلىك بىلەن: قانچە ۋاقىت ئۆمۈر كۆرىمىزكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. - قىرىق يىل، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پەرىشتە. - ۋاي - ۋۇي... قىرق يىل مۇشۇندق جاپا چېكىپ ئۆتىمىزمۇ؟ ياق، مەن بۇنىڭغا چىدالمايمەن. ئۇلۇغ پەرىشتەم، رەھىم قىلىپ مېنىڭ جاپالىق ئۆمرۈمنى بىر ئاز قىسقارتىپ بەرسىلە، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئىشەك. - ياراتقۇچىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئۆمرى قىرىق يىل. لېكىن ئۆزەڭ بۇنى ئۇزۇن دەپ بىلگەن ئىكەنسەن، تەلىۋىڭ بويىچە تەڭشەشكە تىرىشىپ كۆرىمەن. قىرىق يىلنىڭ يېرىمىگە رازى بولامسەن؟ - دەپتۇ پەرىشتە. - مەن رازى، - دەپتۇ ئىشەك. پەرىشتە ئۇنىڭ ئۆمرىنى قىرىق يىلنى ئېلىپ قاپتۇ. ئارقىدىن ئىت كەپتۇ. ئۇمۇ پەرىشتىگە ئىشەك قويغان سوئالنى قويۇپتۇ. - سىلەرنىڭ نامىڭلار ئىت، تۈرۈڭلار كۆپ. بەزىلىرىڭلا كوچا - كويلاردا سوكۇلداپ سەرسان بولۇپ يۈرۈيسىلەر. بەزىلىرىڭلار ئادەملەر خىزمەتكە سالىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ قوراجايلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىسىلەر چارۋىلىرىنى بۆرە ۋە باشقا يىرتقۇچلاردىن قوغدايسىلەر. باشقا ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنىمۇ بېجىرىسىلەر. ئادەملەر قايسىڭلارنى ئۆز خىزمىتىگە قۇبۇل قىلسا، بوينىڭلارغا زەنجىر سېلىپ بىر بۇلۇڭغا قوزۇق قېقىپ ياكى تۈۋرۈك ئورنىتىپ شۇنىڭغا باغلاپ قويىدۇ. ئالدىڭلارغا ئۇستىخان تاشلاپ بېرىدۇ. يالاققا يۇندىلارنى تۆكۈپ بېرىدۇ. سۆڭەك غاجاپ، يۇندا يالاپ كۈن كەچۈرىسىلەر. ياراتقۇچى سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلارنىمۇ قىرىق يىل قىلىپ بېكىتكەن، - دەپتۇ پەرىشتە. ئىت ھودۇققىنىدىن پەرىشتىگە قاراپ ھاۋشىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئۆزىنى تەستە بېسىۋېلىپ: - ئەي ئۇلۇغ پەرىشتە. بىز زەنجىگە باغلىنىپ، سۆڭەك غاجاپ، يۇندا يالاپ قىرىق يىلنى قانداقمۇ ئۆتكۈزىمىز؟ ئىلتىپات قىلىپ ئۆمرىمىزنى بىرئاز قىسقارتىشقا ئامال قىلىپ بەرسىلە، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئىت. - ئۇنداق بولسا يىگىرمە يىلنى ئېلىۋەتسە رازىمۇ سىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ پەرىشتە. - ئۇنداقتا بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى، - دەپتۇ ئىت. پەرىشتە ئىتنىڭمۇ يىگىرمە يىللىق ئۆمرىنى ئېپقاپتۇ. ئاندىن ئادەم كەپتۇ. پەرىشتىگە ئېھتىرام بىلەدۈرۈپتۇ ۋە پەرىشتىدىن بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ھەققىدە سوراپتۇ: - سىلەرنىڭ نامىڭلار ئادەم. دۇنيادىكى جىمىكى جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئەزىز، ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ئۇلۇغى بولىسىلەر. سىلەر خىلمۇ - خىل نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىسىلەر. گاھىدا ھاۋادا ئۇچىسىلەر، گاھىدا دېڭىز ئوكىياندا ئۈزىسىلەر. ئەڭ لەززەتلىك نەرسىلەرنى يەيسىلەر. ئازادە كىيىنىسىلەر. ئالەمنىمۇ، جىمى مەخلۇقات - مەۋجۇداتلارنىمۇ بوي سۇندۇرالايسىلەر. ئەمما، پەقەت قىرىق يىللا ياشايسىلەر، - دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ پەرىشتە. پەرىشتىنىڭ بايانىنى ئاڭلىغان ئادەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە پەرىشتىگە قاراپ: - ئەي ئۇلۇغ پەرىشتەم، بىز ئادەملەر شۇنچە ئۇلۇغ ئىكەنمىز، بىراق ئۆمرىمىز تولىمۇ قىسقا بولۇپ قاپتۇ. بۇنى بىر ئاز ئۇزارتىپ بېرىشكە بولماسمىكىن؟ - دەپتۇ. - ماڭا ياراتقۇچىنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. ئەمما ئىشەك بىلەن ئىتنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆمرىدىن ئېپقالغان قىرىق يىل بار. بۇنى سىلەرگە قوشۇپ بەرسەك قانداق؟ - دەپ سوراپتۇ پەرىشتە. ئادەم بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ... بوۋاينىڭ دوستى ھېكايىسىنى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە: ھەي بۇرادەر، بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ياراتقۇچى بارلىق جانلىقلارنىڭ ئۆمرىنى قىرىق يىل قىلىپ بەلگىلىگەن. ئەمما يۇقۇرقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى مەخلۇقلار ناھايىتى قىسقا ئۆمۈر كۆرىدۇ. پەقەت ئادەملەرلا سەكسەن ياش ئەتراپىدا ياشايدۇ. لېكىن بىزگە بېرىلگەن ئالدىنقى قىرىق يىللىق ئۆمۈر ياراتقۇچىلارنىڭ خەزىنىسىدىن بېرىلگەن. شۇڭا مۇشۇ دەۋردە كىشى ئاجايىپ ساغلام كۈچلۈك، رۇھلۇق، چىرايلىق، غەيرەت - شىجائەتلىك، ئىشتەيلىك، خۇشخۇي، ئىجاتكار... بولىدۇ. كېيىنكى قىرىق يىل بولسا ئالدىنقى قىرىق يىلغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. بۇ دەۋردە ئادەم يۇۋاشلاپ، يۇمشاپ كېتىدۇ. ئۇندىن ئۆتكەندە يېنى يەر تارتىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلىرىڭنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن جىم بولۇپ قېلىشىڭ، ئېھتىمال بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قالغانلىغىڭدىن بولسا كېرەك، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ. («تارىم» نىڭ 1933 - يىل 9 - سانىدىن ئېلىندى) رەتلىگۈچى: نەجمىدىن سىدىق
← بارلىق تېمىلار چوچاق