>شەرىئەتتە چۈشكە دەۋا يوق<
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بۇزۇقلۇقتا ئۇچىغا چىققان بىر باي ئۆتكەنىكەن. كۈندۈزلىرى پۇشۇلداپ ئۇخلايدىكەن. كېچىلىرى بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا يۈرۈپ >توشقان< ئوۋلايدىكەن. خوتۇنى سارەم ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق ئايال ئىكەن. باي كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈنمۇ سارەمنى تىللايدىكەن، ئۇرىدىكەن. سارەم باينى ئىنسابقا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تاپالماپتۇ. باي ئەسكىلىكىنى توختاتماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچە تەڭ بولغاندا باي ئۇشتۇمتۇتلا:
-سارەم، ھوي سارەم! - دەپ ئىككى قېتىم قىچقىرىپتۇ.
سارەم ئويغاق ئىكەن، لېكىن ئۇ باينىڭ غەرىزىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ جاۋاب بەرمەپتۇ. باي يوتقاندىن ئاستا سۇغۇرلۇپ چىقىپتۇ - دە، باغ تەرەپكە مېڭىپتۇ. سارەممۇ باينىڭ ئارقىسىدىن ئاستا چىقىپتۇ. ئالەم قاپقاراڭغۇ بولغانلىقتىن، بىرەر نەرسىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىكەن، باي ياڭاق تۈۋىگە قويۇلغان كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىشىگە، نامەلۇم بىر ئايالنىڭ:
- ئەجەپ ساقلاتلىغۇ، تاس قالدىم كېتىپ قالغىلى، - دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
-سارەكنى ئۇخلىتىمەن دەپ كېچىكىپ قالدىم، خاپا بولما، - دەپتۇ باي ئايالغا يېقىنلىشىپ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان سارەمنىڭ ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلەپتۇ، >توختاپ تۇرۇش، سەنلەرنى بىر رەسۋا قىلمىسام ...< دەپتۇ ئىچىدە ۋە كينىگە يېنىپتۇ. ئۇ ھويلىدىكى يۇندا تۆكۈلىدىغان كۈپنى كۆتۈرۈپ، تۇيدۇرماستىن كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، چاققانلىق بىلەن كۈپنى ئىككىسىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپتۇ. باي بىلەن ھىلقى ئايالنىڭ باش - كۆزلىرى يۇندىغا مىلىنىپتۇ، بويۇنلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن يۇندا پۈتۈن ئەزايىنى بۇلغاپتۇ.
- ... كىم؟.. سە - سەن؟! - دەپ توۋلاپتۇ باي تىلى كالۋالىشىپ. ھېلىقى ئايالمۇ:
- ۋاي ئانام، بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ.
سارەم ئۈن چىقارماستىن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، چىراغنى ياندۇرۇپ، ھېچنىمە ئۇقمىغان كىشىدەك يەنە باغ ئىچىگە كىرىپتۇ.
- ۋاي دادىسى، قېنى سىلە؟ - دەپتۇ ئۇ قولىدا چىراغ تۇتقان ھالدا كارۋاتقا يېقىنلىشىپ، - نېمە بولدى، نېمىگە ۋارقىرايلا؟ ۋاي خۇدايىم، ئۈستىباشلىرىنىڭ قارىغۇچىلىكى يوققۇ؟ يېرىم كېچىدە سىلىنى بۇ يەرگە ئالۋاستى باشلاپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
باي لام - جىم دېيەلمەپتۇ. لېكىن چىراغ يۈزىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقاندا پۈۋلەپ ئۆچۈرۋېتىپتۇ. ھېلىقى ئايال كارۋاتنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالغانىكەن، ئاغزى - بۇرنىنى يۇندا قىچىشتۇرۇپ قاتتىق چۈشكۈرۈپ تاشلاپتۇ.
- ۋاي، بۇ نېمە ئىش؟ ئوڭۇممۇ - چۈشۈممۇ؟ ئالۋاسىت مانا بۇ كارۋات ئاستىغا كىرىۋاپتۇ، چېچىنى يۇلۇۋېلىپ كۆيدۈسەڭ، ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولىدۇ! - سارەم شۇنداق دەپلا، ھېلىقى ئايالنىڭ بىر تۇتام چېچىنى جېنىنىڭ بارىچە تارتقانىكەن، ھېلىقى ئايال >ۋايجان< دەپ ۋارقىراپتۇ.
سارەم يۇلۇۋالغان چاچنى كۆتۈرگەن پېتى ئۆيگە يۈگۈرۈپتۇ، بايمۇ سارەمنىڭ ئارقىسىدىن ئۆيگە كىرىپ، يۈز - كۆزلىرىنىمۇ سۈرۈتمەستىن يوتقانغا بېشىنى چۈمكەپ يېتىۋاپتۇ - دە، دەرھال يالغاندىن خورەك تارتىشقا باشلاپتۇ. باينىڭ بۇ قىلىقىغا سارەمنىڭ ھەم ئاچچىقى ھەم كۈلگىسى كېلىپ:
- ھوي، قانداق ئادەم سىلە؟ - نېمە بوللا؟ - دەپ نوقۇپتۇ. باي ئۇيقۇسىنى تەستە ئاچقان بولۇپ، كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپتۇ - دە:
- ھە، نېمە بولدى، ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي نېمىشقا ئۇيغىتىسەن؟! - دەپ چالۋاقاپتۇ.
باينىڭ خۇپسەنلىك قىلۋاتقانلىقىغا تېخىمۇ غەزىپى كەلگەن سارەم:
- ھوي بىزەڭ، سەن كىمنى ئەخمەق قىلماقچى، باياتىن بېرى نېمە ئىش قىلدىڭ؟! - دەپتۇ.
باي ھەممە ئىشنى قىلغان ئۆزىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇنىڭغا نەشتىرىنى سانچىشنىڭ پەيتىنى پايلاپ يۈرگەن ئىكەن. سارەمنىڭ يۇقىرىقى سۆزى ئۇنىڭغا بىر باھانە بوپتۇ - دە، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ:
- ھۇ، شور پېشانە قېرى، مەن ئۇيقۇمدا يامان چۈش كۆرۈپ، قارا بېسىپ بىئارام بولغانىدىم، ئەسلىدە سەن تېگى پەسنىڭ يامانلىقىدىن شۇنداق بولغانىكەن - دە! - دېگىنىچە سارەمنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ.
سارەم بۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئەتىسى قازىنىڭ ئۆيىگە ئەرز قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۆيدە قازى يوق، خوتۇنى يالغۇز ئولتۇرغانىكەن. سارەم ">ئايال دېگەن ئايالنىڭ قاياشى< دەپ ئويلاپ، ئىچىدىكى دەرتلەرنى ئۇنىڭغا بىرمۇ بىر تۆكۈپ بېرىپتۇ. لېكىن قازىنىڭ خوتۇنى پەرۋا قىلماي:
- سىلە ھەقىقەتەن ئەخمەق ئىكەنلا، ئەر كىشى دېگەن ئۆينىڭ چوڭى، باي غوجام ھېلىغۇ سىلىنى جۆيلۈپ كېتىپ ئۇرۇپتۇ، كېچىدە بوغۇپ قويسىمۇ ئاماللىرى قانچە؟ - دەپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي قازىمۇ كەپتۇ، سارەم گەپ قىلغىچە قازىنىڭ خوتۇنى سارەمنىڭ باي ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كەلگەنلىكىنى، باينىڭ جۆيلۈپ كېتىپ ئۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قازى:
- ئەلمىساقتىن تارتىپ چۈش ئۈستىدە ئەرز قىلغاننى ئاڭلىمىغاندىم، شەرىئەتتىمۇ چۈشكە دەۋا يوق، - دەپ سارەمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ.
باي يامان يولدىن قايتماپتۇ. سارەم قانچە يىغلاپ - قاقشىسىمۇ، بايغا قىلچە تەسىر قىلماپتۇ. سارەمنىڭ بۇنداق دەرد - ئەلەم ئىچىدە ياشىغۇسى كەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇ ھويلىدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالماقچى بوپتۇ، بۇ چاغ ئەل ئۇيغۇغا چۆككەن كېچە ئىكەن. ئۇ بىر كۆتەككە دەسسەپ تۇرۇپ، بوينىغا سىرتماق سېلىپ كۆتەكنى تىپىۋېتىپتۇ، ئەمما شۇ ھامان پالاققىدە يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. قارىسا، ئارغامچا باغلاقلىق يېرىدىن يېشىلىپ كېتىپتۇ. ئىككىنچى قېتىم ئارغامچىنى راسا چىڭ باغلاپ ئېسىلغانىكەن، يەنە يېقىلىپ چۈشۈپتۇ، بىر قېتىم قارىسا ئارغامچا كېسىلىپ كېتىپتۇمىش. سارەمنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپ، ئۈجمە ئۈستىگە سىنچىلاپ قارىغانىكەن، بىركىشى پەسكە چۈشۈۋاتقۇدەك، سارەمنىڭ قورققىنىدىن پۇت - قوللىرىدا جان قالماي، لاغىلداپ تىترەپ، لاسسىدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ھېلىقى ئادەم يەرگە چۈشۈپ، سارەمنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئۇنىڭمۇ قولىدا بىر تال قىل ئارغامچا تۇرغۇدەك، سارەم ئۇنىڭ مال باقار چاكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ:
- ئۈجمىدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. چاكار سارەمنىڭ بايغا غەزىپى بارلىقىنى بىلىدىكەن، شۇڭا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى يوشۇرماستىن ئېيتىپ بېرىپتۇ:
- بۈگۈن ئاق ئۆشكە تاغدىن دومىلاپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى، بۇنى ئۇققان باي مېنى ئۇرۇپ ھالىمنى قويمىدى، تېخى يەنە بىر تىيىن بەرمەستىن ئىشتىن بوشاتتى. شۇڭا جېنىمدىن تويۇپ، باي بۈگۈن كېچىدە ھويلىغا چىقسا بوينىغا سالما تاشلاپ، مۇشۇ ئۈجمىگە ئېسىپ قويۇپ قاچاي دېگەنىدىم، - دەپتۇ.
بۇ پىلان سارەمنىڭ كۆڭلىگىمۇ يېقىپتۇ. لېكىن بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرگەندە قۇتۇلۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ئويلاپ، ئىككىسى باشقا يول بىلەن جايلاشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار ئۆشكىنى سويۇپ، يۇڭىدا ساقال - بۇرۇت ياساپتۇ.
ئەتىسى يېرىم كېچىدە باي ئادىتى بويىچە سارەمنى ئىككى قېتىم تولاپ، زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن باغقا چىقىپ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا قاراپ مېڭىپتۇ. سارەم دەرھال چىقىپ چاكارنى ئويغىتىپتۇ. ئۇلار تۇيدۇرماستىن باراڭغا يېقىنلىشىپتۇ، قارىسا، باي بىلەن بىر خوتۇن كۇسۇرلىشىپ سۆزلىشىۋاتقۇدەك، ئەسلىدە ئۇ ئايال قېرى قازىنىڭ ياش خوتۇنى بولۇپ، باي بىلەن ئىككىسى قازىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەخپى پىلان تۈزۈۋاتقانىكەن.
شۇ ئەسنادا، ئاپتاق ساقاللىق، بېشىغا قازاندەك سەللە يۆگىگەن، ئۇزۇن چاپان كىيگەن بىر كىشى ئوڭ تەرەپتىن چىقىپ كەپتۇ - دە، ئاۋازىنى ھەيۋەتلىك چىقىرىپ:
- ئەسسالامۇ ئەيكۇم باي، مەن خېزىر بولىمەن، - دەپتۇ.
يۈزىگە چۈمبەل تارتقان، ئاق شايى كۆڭلىكى تاپىنىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر ئايال سول تەرەپتىن كەپتۇ - دە:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خېنىم، مەن پەرىشتە بولىمەن، - دەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، باي بىلەن قازىنىڭ خوتۇنىنى قارا بېسىپ، خوددى مۇردىدەك قېتىپ قاپتۇ. >خىزىر< بىلەن>پەرىشتە< پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، باينى كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، ئايالنى سول تەرىپىگە، بىر - بىرسىگە قارىتىپ باغلاپتۇ. ئاندىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئاغزىغا لاتا تىقىپ، >خىزىر< گال ئۇستۇرا بىلەن باينىڭ بىر باغلام بىدىدەك ساقىلىنى كارتىلدىتىپ چۈشۈرۈپ تاشلاپتۇ. سارەم قازىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۇشۇقىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى كېسىپتۇ. ئاندىن ئايالنىڭ چېچىنى باينىڭ ئېڭىكىگە، باينىڭ ساقىلىنى ئايالنىڭ ئېڭىكىگە يىلىم بىلەن چاپلاپ، باي بىلەن ئايالنىڭ ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىغا يار يىلىمىنى راسا سۈركەپ، ئىككى ئۇستىرىنى تۇتقۇرۇپ، قوللىرىنى يۇمۇپ قويغان ئىكەن، قېتىپ قاپتۇ. بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن>خىزىر< بىلەن >پەرىشتە< ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى لاتىنى ئېلىپ تاشلاپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئەتىسى سەھەردە سارەم ھېچنەرسىنى ئۇقمىغان كىشىدەك بىخارامان ھالدا باغقا كىرىپ، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەندەك بوپتۇ - دە، كوچىغا چىقىپ ئاللا - توۋا كۆتۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا جامائەت نامازدىن چىقىۋاتقانىكەن، ئۇلار سارەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل باغقا كېلىشىپتۇ.
ئەھلى - جامائەت قارىسا باينىڭ ئېڭىكىدە ئۇزۇن چاچ، ئايالنىڭ ئېڭىكىدە بىر باغلام ساقال، قوللىرىدا ئۇستىرا. ئۆزلىرى باغلاقلىق تۇرغۇدەك. بۇ شەرمەندىلىكنى كۆرگەن جامائەت قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. ئىمام:
- بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ سارەمدىن.
- ئۇلار چۈش كۆرۈپتۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سارەم.
شۇ ئارىدا ئىككى ئادەم كېلىپ ئۇلارنى يېشىپتۇ. قازى ھاسسىنى توكۇلدىتىپ، باينىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- بۇ نېمە قىلىق؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
شەرمەندە بولغان باي بىلەن قازىنىڭ خوتۇنى بىر - بىرىگە قارىغىنىچە زۇۋان سۈرمەپتۇ.
-ۋاي بۇ نېمە قىلىق؟! - دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىراپتۇ قازى ھاڭ - تاڭ قېلىپ.
- ئۇلار چۈش كۆرۈۋاتىدۇ، قازىم، بۇنىڭغىمۇ شەرىئەتتە دەۋا يوققۇ دەيمەن؟! - دەپتۇ سارەم كۈلۈپ تۇرۇپ.
)>تاىم< ژورنىلىدىن ئېلىندى(