بوغا تېپىۋېلىش
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا نۆدەر ئىسىملىك بىر بالا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئەتىدىن - كەچكىچە يولدىن بىر نېمە تېپىۋېلىشنى ئويلايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئىشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ بازارغا مېڭىپتۇ. يېرىم يولغا بارغاندا ئىشەك بىر نەرسىگە پۇتلاشقاندەك قىپتۇ، نۆدەر ھارۋىنى توختىتىپ قارىسا، يولدا بىر دانە بوغا تۇرغۇدەك. ئۇ ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ - دە، بوغىنى قولىغا ئېلىپ:>پاھ - پاھ، ماۋۇ ئامەتنى كۆرۈڭ، يېپ - يېڭى بوغىكەن ئەمەسمۇ! بۇنى سېتىپ پۇل قىلىدىغان بولدۇم!< دەپتۇ ۋە بوغىنى ھارۋىغا تاشلاپ يولىغا راۋان بوپتۇ. نۆدەر بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن:>بوغىنىڭ ئىگىسى ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنى تونۇۋالمىسۇن يەنە< دەپ ئويلاپ، بوغىنى تاغارغا سېلىپ ئۆزى تاغارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋاپتۇ. ئۇ يولبۇيى شېرىن خىياللارغا چۆمۈپتۇ.
نۆدەر بازارغا يېقىنشلاندا تونۇش بىر بوۋايغا ئۇچراپتۇ.
- ھە، بازارغا مېڭىپسەندە؟ - دەپتۇ بوۋاي ۋە ھەيران بولۇپ ۋارقىراپتۇ، - ھوي، ئىشىكىڭنىڭ بوينىدا بوغا يوققۇ؟
نۆدەر ئىشەكنىڭ بوينىغا قارىسا بوغىسى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ تاغاردىكى بوغىنى ئېلىپ قاراپ باقسا، ئۆزىنىڭ بوغىسى ئىكەن. نۆدەر بىر بوغىغا، بىر ئىشەكنىڭ بوينىغا قاراپ ئاچچىق بىلەن:>پايدا ئالىمەن دەپ ئويلاپ، زىيان تارتىپتىمەن. ئىشىكىمنىڭ بوينىدىكى يېغىرنى داۋالىتىش ئۈچۈن پۇل كېتىدىغان بولدى< دەپتۇ.