UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقيېرىل تېشىم، يېرىل

يېرىل تېشىم، يېرىل

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا، بىر ئېگىچە - سىڭىل بولغان ئىكەن. ھەدىسىنىڭ ئېتى ئاينۇرى، سىڭلىسىنىڭ ئېتى ئايگۈلى ئىكەن. ئۇلار كىچىكىدىلا ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئىكەن. ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى كۈندۈزى بىللە ئويناپ، كېچىسى بىللە ياتىدىكەن. كۈنلەر ئاشۇنداق ئۆتسىمۇ، بۇ ئىككى قىز ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلايدىكەن. ئۆزىنىڭ كىچىكلىدىنمۇ ياكى ئانىسىنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ئايگۈلى بىر كۈنى دادىسىغا: - دادا، ئۆيدە ئانام بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە! - دەپ يىغلاپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ يۇمران تىلى ئاتىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ، كۆزىدىن ياش تۆكۈپتۇ. ئۇ نېرى ئويلاپ، بېرى ئويلاپ، ئاخىرى: >ئۆز ئاتىسىدەك بولمىسا، كىندىك ئانىسىدەك بولار، قىزلىرىمغا كۆز قىرىنى سالار< دېگەن ئويغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر تۇل خوتۇنغا ئۆيلىنىپتۇ. خوتۇن سەت ھەم قاڭرۇق بىر ئوغلىنى باشلاپ، بۇ ئۆيگە كەپتۇ. بۇلار ئۆينىڭ خوجىسى، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى ئۆينىڭ قۇلى بولۇپتۇ. ئۇ خوتۇن ئوغلى كوزا چاقسىمۇ گەپ قىلماي، ئاينۇرى بىلەن ئايگۈلى جىم ئولتۇرسىمۇ زەردىنى تىقىپ، زەھىرىنى چېچىپ يۈرىدىغان بولۇپتۇ؛ بىچارە قىزلار بارا - بارا جىمغۇر بولۇپ كېتىپتۇ. قاڭرۇق ئوغۇل ئۆيدىن قاچا بىكارلاپ تالاغا چىقىپ، تالادىن كوچا بىكارلاپ ئۆيگە كىرىپ يۈرۈيدىكەن. ئاينۇرى بولسا، ئۆينى چىنىدەك تۇتۇپ، سۇ ئەكىرىپ، ئوتۇن يېرىپ، ئاش ئېتىپ، قاچا - قۇمۇچ يۇيۇپ بىردەممۇ بىكار تۇرماي ئىشلەيدىكەن. ئەمما، ئۆگەي ئانا زادىلا رازى بولماي، ئاينۇرنى ئەتىدىن - كەچ كىرگىچە قارغايدىكەن؛ ئاينۇرى تاياق يېسىمۇ، تىل - ئاھانەت ئىشتسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، دادسىغا ئېيتمايدىكەن. >ئىتنىڭ قاغىشىغا پىت ئۆلمەپتۇ< دېگەندەك، ئاينۇرى كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، تولۇن ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ يېتىلىپتۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قاڭرۇغى چوڭ بولغانسېرى سەتلىشىپ كېتىپتۇ. ئۆگەي ئانا چېچەن قىزنىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كېتىشىدن قورقۇپ، ئۇنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي، ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن قاڭرۇق ئوغلىغا ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپتۇ. ئۆگەي ئانا ئاينۇرنىڭ دادىسىنى قىستا، ئۆز ئوغلىنى ماختاپ، توي قىلىپ ئىككىسىنى قوشۇپ قويۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. كۆپ ئۆتمەيلا توي تەييارلىقىمۇ ھازىرلىنىپ بولۇپتۇ، بارا - بارا ئۆي ئىچىدە كېلىم - كېتىم، گەپ - سۆز كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن بىر نېمىنى سەزگەن ئاينۇرى بىر كۈنى سىڭلىسى ئايگۈلنى يېنىغا تارتىپ: - ئۆيدە نېمە گەپ - سۆز بار، - دەپ سوراپتۇ. - جېنىم ھەدە، دادام بىلەن ئانام سېنى تالالىق قىلىدۇ، - دەپتۇ سىڭلىسى. - راستمۇ؟ كىمگە بەرمەكچى؟ - ئاكامغا. بۇنى مەن بىلىپ قالدىم، - دەپتۇ ئايگۈلى. شۇ ھامان ئاينۇرنىڭ پۈتۈن ئەزاسى تىكەنلەشكەندەك بولۇپ، قاپقارا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ. ئۇ ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ ئويلاپ ئاسان قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تاپالماي، ئاخىرى قېچىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ. ئاينۇرى توي بولۇۋاتقان كېچىسى سىڭلىسى ئايگۈلنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ: - مەن كېتىمەن، - دەپتۇ - دە، پەنجىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قېچىپتۇ. ئاينۇرنى كىيىندۈرۈپ يۆتكەن كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان يەڭگىلەر ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاڭرۇق، توي ئىگىلىرى يۈگۈرۈشۈپتۇ. لېكىن ئاينۇرى بولسا، بۇ سەھرادىن ئۇ سەھراغا، بۇ ئېتىزدىن ئۇ ئېتىزغا، ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا قاراپ قېچىپتۇ. ئۇ ئېگىز ھاڭلاردىن، چوڭقۇر غارلاردىن قورقماي ئۆتۈپ، ئۆزىگە ئەپلىك جاي ئىزلەپتۇ. ئەمما ھەممىلا يەر ئۇنىڭغا تۈپتۈزدەك، ئەپسىزدەك بىلىنىپتۇ. قوغلاۋاتقانلار تۇتۇۋېلىپ يەنە ئاشۇ ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاينۇرى ئەتراپقا كۆز تاشلاپتۇ، تاغ - تاشلارغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپتۇ. بارا - بارا ئادەملەرنىڭ تاۋۇشى، ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. تاغۇ - تاش ئىچىدە يالغۇز كېتىۋاتقان ئاينۇرى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ توسىلىپ قاپتۇ - دە، تاشقا قاراپ: - يېلىندىم، ھەي يوغان تاش. رەھىم ئەيلە، ھالىمغا باق! دەپتۇ ۋە يەنە: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، قۇتۇلۇپ قالغاي ئەزىز بېشىم! دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تاغنىڭ ئىچىنى قاراڭغۇلۇق بېىسپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپتۇ، ئاينۇرى قورقۇپ كېتىپتۇ؛ يەنە بىر شاراقلىغان ئاۋاز چىقىپ چوڭ تاش يېرىلىپتۇ، قىزنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي قاپتۇ، ئۇ غۇلاچلىرىنى كېرىپ، تاشنىڭ ئىچىگە كىرىپ: - ھەي يوغان تاش، ھەي يوغان تاش. خۇشاللىقتىن كۆزۈمدە ياش! يېپىل تېشىم، يېپىل تېشىم، قۇتۇلۇپ قالدى ئەزىز بېشىم، - دەپتۇ. تاش يەنە تاراسلاپ تۇرۇپ يېپىلىپتۇ. بىراق، قىز ئۇششاق ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چېچىنى تۈرۈۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، چېچىنىڭ ئۇچى تاش ئارىسىغا قىسىلىپ قاپتۇ. ئاينۇرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ دادىسى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ تۆت ئەتراپقا كۆز تاشلاپ، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپتۇ، ئاينۇرى كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ تاشنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ قارىغان ئىكەن، بىر تۇتام چېچىنىڭ قىسىلىپ قالغانلىقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئەمما ئۇ تاشنىڭ ئىچىگە كىرىشنىڭ چارىسىنى تاپالماي، بار ئاۋازى بىلەن: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن قىزىمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا تاش ئىچىدىن: - يېرىلما تېشىم، يېرىلما،مەن دادامنى كۆرمەيمەن. دىدارىغا باقمايمەن، ئاۋال ئىدى ئۆز دادام، ئەمدى بولدى قېيىنئاتام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. دادىسى يىغلاپ - يىغلاپ قورسىقى ئاچقاندا قايتىپ كېتىپتۇ. ئاندىن ئۆگەي ئانا كەپتۇ. ئۇمۇ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن قىزىمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تاش ئىچىدىن: - يېرىلما تېشىم، يېرىلما، مەن ئانامنى كۆرمەيمەن، دىدارىغا باقمايمەن. ئاۋۋال ئىدى ئۆگەي ئانام، ئەمدى بولدى قېيىئانام، - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ - دە، تاش ئېچىلماپتۇ. كەينىدىن ھېلىقى سەت ئاكىسى كەپتۇ. ئۇ خىقىراپ تۇرۇپ: يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن سىڭلىمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپتۇ. تاش ئىچىدىن يەنە: - يېرىلما تېشىم يېرىلما، مەن ئاكامنى كۆرمەيمەن. دىدارىغا باقمايمەن...، دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. ئۇمۇ قايتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئايگۈلى كەپتۇ. ئۇ تاشقا باغرىنى يېقىپ تۇرۇپ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن ھەدەمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا تويۇۋالاي، - دەپتۇ. تاش ئىچىدىن بىر مۇڭلۇق سادا چىقىپتۇ: - يېرىل تېشىم، يېرىل تېشىم، مەن سىڭلىمنى كۆرۈۋالاي، دىدارىغا تويۇۋالاي، مۇرادىمغا يېتىۋالاي. تاش چاراسلاپ ئېچىلىپتۇ. ئايگۈلى >جېنىم ھەدە< دېگەن پېتى ھەدىسىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. ئۇلار يىغلاپ - قاقشاپتۇ، بىر - بىرىنى باغرىغا بېسىپتۇ. تاڭ ئېتىپ، كۈن چىققاندا، ئېگىچە - سىڭىل ئىككىسى تاغدىن ئېشىپ يايلاققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپتۇ، كۈن قاتتىق ئىسسىپ كەتكەچكە، يول ئۈستىدە ئايگۈلى بەك ئۇسساپ كېتىپ: - ھەدە، ئۇسساپ كەتتىم، سۇ، - دەپتۇ. - سەۋر قىل، سىڭلىم، - دەپ ئاينۇرى ئايگۈلىنى كۆندۈرۈپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە سۇ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار كۆرۈنگەن سۇ بويىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ بىر كۆلچەك ئىكەن، ئايگۈلى سۇ ئىچكىلى ئىڭىشىپتۇ. - ئىچمە، - دەپتۇ ئاينۇرى، - بۇ كۆلچەك بۆرە سۈرەتلىك ئىكەن. - ئۇسساپ كەتتىم، چىدالمايۋاتىمەن، - دەپتۇ ئايگۈلى. - ئىچسەڭ بۆرە بولۇپ قالىسەن، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ. ئالدىدا يەنە بىر كۆلچەك ئۇچراپتۇ. ئايگۈلى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سۇنى چاڭگىلىغا تولدۇرۇپ ئېلىپ ئىچمەك بولۇپتۇ. - ئىچمە، ئېيىق بولۇپ قالىسەن، - دەپ ۋارقىراپتۇ ئاينۇرى. ئايگۈلى: - مېنى ئالداۋاتىسەن، - دەپ ئۇسسۇزلۇققا چىدىماي ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ. - ئاپپاق سىڭلىم، راست، - دەپتۇ ئاينۇرى. ئۇلار يەنە مېڭىپتۇ، بىر يەرلەرگە كېلىپ بىر تۈپ سېدىنىڭ تۈۋىدە ھاردۇق ئېلىشقا ئولتۇرۇپتۇ. ھاردۇق يېتىپ كەتكەن ئايگۈلى ئاينۇرىنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپتۇ - دە، پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. سېدىگە قونۇپ سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئاينۇرىمۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە: بىر ئاق كەپتەر بالىلىرىنى ئۇچۇرۇپ، پەرۋاز قىلىپ يۈرۈپتىكەن، نەدىندۇر بىر قۇرغۇي پەيدا بولۇپ كەپتەر بالىلىرىغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئانا كەپتەر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇرغۇيغا قارشى ئۇچۇپ، ئۇنى بىر تېپىپتۇ. ئەمما كۈچى يەتمەپتۇ. قۇرغۇي ئانا كەپتەرنى بىر تېپىپ مېيىپ قىلىپ قويۇپتۇ، كەپتەر موللاق ئېتىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاينۇرى ئۇنى يەردىن ئالغىنىدا ئانا كەپتەر ئارانلا نەپەس ئاپتۇ. ئاسماندا بولسا، قۇرغۇي باكشكىلارغا چاڭگال سېلىشقا باشلاپتۇ. ئاينۇرى قۇرغۇيغا غەزەپ بىلەن ۋارقىراۋېتىپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. قارىسا ئايگۈلى يوق. شۇ ھامان ئەتراپتىن ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ، ۋىژىلداپ كېلىۋاتقان ئوقلار سېدىگە كېلىپ تېگىشكە باشلاپتۇ. ئاينۇرى ئالاقزادە بولۇپ، سىڭلىسىنى ئىزلەپ ۋارقىراپتۇ: - ئايگۈلى! ئايگۈلى! - مە، مە، مەن، - دېگەن بىر ئاۋاز كەپتۇ - دە، ئاينۇرىنىڭ ئالدىدا بىر چىرايلىق كىيىك پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئاينۇرى: - سىڭلىم، - دەپ ھېلىقى كىيىك بالىسىنى باغرىغا بېسىپتۇ. ئەسلىدە، ئاينۇرى ئۇخلاپ قالغاندا، ئايگۈلى ئۇسساپ ئويغىنىپ كېتىپ، >كىيىك كۆلى< بويىغا بارغان ئىكەن، شۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كىيىك بولۇپ قاپتۇ. - يۈر قاچايلى، - دەپتۇ ئوق ئاۋازىنىڭ ئەدەب كەتكەنلىكىدىن چۆچىگەن ئاينۇرى. سىڭلىسى ئاينۇرنى ئەگىشىپ قېچىپ كۆل بويىدىكى بىر تۈپ سېدىگە چىقىۋاپتۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ شولىسى >كىيىك كۆلى< گە چۈشۈپ قاپتۇ. ئوق ئۈزۈپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىۋاتقان پادىشاھ ئۇلارنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ: - ئەنە كۆردۈڭلارمۇ؟ - دەپتۇ. ھەممە شۇ تەرەپكە قارىسا، كۆل ئىچىدە گۈزەل بىر قىز بىلەن چىرايلىق بىر كىيىك بالىسى تۇرغىدەك. پادىشاھ: >ئېلىپ چىقىڭلار!< دەپ بۇيرۇغان ئىكەن، لەشكەرلەر كۆلگە كېچىپ كىرىشىگە ھېلىقى گۈزەل قىز بىلەن كىيىك بالىسى غايىپ بولۇپتۇ. شاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسا، سېدە ئۈستىدە بىر گۈزەل قىز بىلەن بىر كىيىك بالىسى بىللە تۇرغان. شاھ ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.: - ئادەممۇ سەن، پەرىمۇ؟ - ئادەم. - بۇ نېمە كىيىك؟ - ھەمرىيىم، - دەپتۇ ئاينۇرى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ. شاھ بىر قارا شىر بىلەنلا ئاينۇرىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ ئۆز ئىلىكىگە ئاپتۇ. شاھنىڭ خانايىم دېگەن خوتۇنى بولۇپ، توينىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا ئاينۇرىنى يانان كۆرۈپ قاپتۇ، شاھنى كۆڭۈلسىز قىلدۇرۇپتۇ، شاھنىڭ ئاينۇرىغا بەرگەن سوۋغاتلىرىنى تارتىۋاپتۇ. ئىشقىلىپ، ئاينۇرىغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماپتۇ. كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خانايىمنىڭ نىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ. ئاينۇرى بولسا ئېغىر بوي بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى شاھ يەنە لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. پۇرسەتنى ئوڭ بىلگەن خانايىم كۆل بويىدىكى قارا ياغاچقا گۈلەڭگۈچ سېلىپ، ئاينۇرىنى ئۇچۇشقا چاقىرىپتۇ. ساددا قىز خانايىمنىڭ ئىلتىپاتىدىن كۆڭلى خۇش بولۇپ، گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇپ ئويناپتۇ. ئاينۇرى گۈلەڭگۈچتە بىر پەسلەپ، بىر ئېگىزلەپ، تازا قىرىق ئۇچۇۋاتقاندا، خانايىم كېلىپ، >شارت< قىلىپ ئارغامچىنى كېسىۋېتىپتۇ. ئاينۇرى: - ۋاي! - دەپ ۋارقىرىغان پېتى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن پەقەت كىيىكلا خەۋەردار بولۇپ قاپتۇ. ئوردا ئىچىدە ئالا - توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، شاھنى چاقىرغىلى ئادەم مېڭىپتۇ. شاھ كەلگىچە خانايىم ئېغىر ئاغرىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يوتقانغا يۆگىنىپ يېتىۋاپتۇ، بىر تىۋىپ خانايىمنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرۈپتۇ. ئەھۋالنى كۆرگەن شاھ ئېغىز ئاچقىچىلىك، خانايىم: - بەختسىزلىك، - دەپ يىغلاپتۇ. نېمە گەپ؟ - دەپتۇ شاھ. - ئۇنى سېھىرگەر دېسەم ئىشەنمىدىلە، ئاقىۋەت نېمە بولدى، ئۇ، ماڭا... زەھەر، - خانايىم گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي تىۋىپقا قاراپتۇ. تىۋىپ ئۇنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ: - كۈندەش خانايىمغا زەھەر ئىچكۈزۈپ قېچىپ كېتىپتۇ، - دەپتۇ. - ھەي، مەككار، دەپتۇ - دە، پادىشاھ دەرھال لەشكەرلىرىنى چاقىرىپ: - ئاڭلاڭلار! ئاينۇرى قاچقۇن، خىيانەچى، ھازىر ئاتلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىڭلار! - دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ئاتلىنىپ تەرەپ - تەرەپكە ئاينۇرىنى ئىزلەپ چىقىپ كېتىپتۇ... - ھەدىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىيىك بالىسى كۈندىن - كۈنگە شۈمشەرەپ، كۆل بويىدىن كەتمەي يىغلاپ يۈرگەن ئىكەن. بۇ ھال خانايىمنى غەزەپلەندۈرۈپتۇ. ئۇ تىۋىپنىڭ دورىسى شىپالىق بەرمىگەن، كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ يېتىۋاپتۇ. بىر كۈنى تىۋىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرىپ، خانايىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى مەلۇم قىلىپتۇ. - نېمە قىلىش لازىم؟ - دەپتۇ پادىشاھ. - بۇنىڭ بىردىن بىر داۋاسى...، - دەپ جىم بولۇپ قاپتۇ تىۋىپ. نېمە داۋا بولسا قىلايلى، - دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى سىلاپ تۇرغان كىيىك بالىسىنى نېرى ئىتتىرىپ، تىۋىپ مەقسەتنى ئېيتىشقا پېتىنالماي كىيىك بالىسىنى شەرەت قىلىپتۇ. - كىيىكمۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ. سويۇپ، گۆشىنى خانايىمغا يىگۈزۈپ، ئاشقىنىنى نەزىر قىلىۋەتسە ساقىيىدۇ، - دەپتۇ تىۋىپ. شاھ جىم بولۇپ قاپتۇ. كىيىك بالىسى بولسا يەنە كۆلنىڭ بويىغا بېرىپ مۇڭلىنىپ يىغلاپتۇ. - ئوۋچىلارغا بۇيرۇق قىلاي، مۇشۇنداق كىيىك ئېتىپ كەلسۇن، - دەپتۇ پادىشاھ يېنىدىكى كىيىك بالىسىنى قىيماي. - ياق، ئاللا مېنىڭ دىلىمغا مۇشۇ كىيىكنى سالغان، - دەپتۇ تىۋىپ. كىيىك بالىسى ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلاپتۇ ۋە يەنە كۆل بويىغا بېرىپ باغرىنى يېقىپ يېتىپتۇ. شۇ ھامان كۆلنىڭ ئىچىدىن: - ئەللەي بالام، ئەللەي، كېچىلىرى چىراغىم. ئوڭ يېنىمدا ئالتۇن بولۇڭ، سول يېنىمدا كۈمۈش بولۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي - دېگەن ئاۋاز كەپتۇ. بىردەمدىن كېيىن يەنە: - ئايلىنىپ مەن ئاي دەيمەن، سېغىنىپ ئايگۈلۈمنى. ئەللەي ئېتىپ ھارمايمەن، قارچۇغۇمنى، ئوغلۇمنى، - دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىيىك بالىسى كۆل بويىدىن يۆتكەلمەپتۇ. ئەتىسى ئوردا ئىچىدە ئادەملەر كۆپىيىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئوچاقلار كولىنىپ، قازانلار ئېسىلىپتۇ، قاسساپ كېلىپ پىچىقىنى بىلەشكە باشلاپتۇ، ئاندىن كۆل بويىدىكى كىيىك بالىسىنى تۇتۇپ يىقىتىپ، پۇت - قولىنى چۈشەپ، قىلچتەك ئىتتىك پىچاقنى كىيىك بالىسىنىڭ گېلىغا ئۇرۇشقا كىرىشكەندە، كىيىك بالىسىغا زۇۋان كىرىپ: ھەي پادىشاھ، گېپىمگە قۇلاق سال، - دەپتۇ.قاسساپ ئۆمرىدە كۆرمىگەن بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، قولىدىكى پىچاقنى چۆرۈۋېتىپتۇ. قول - پۇتى چۈشەكلىك تۇرغان كىيىك بالىسى كۆل تەرەپكە قاراپ يۇمۇلاپ بېرىپ: - ياخشى كۆرگەن جېنىم ھەدە، سىڭلىڭ ساڭا يالۋۇرار. سەن چىقمىساڭ بۇ كۆلدىن. سىڭلىڭ سەندىن ئايرىلار! - دەپتۇ. ھەممە جىمجىت بۇلۇڭ تىڭشىغان ئىكەن، كۆل ئىچىدىن: - يۈرەك باغرىم ئېزىلدى، غەم چېكىشتىن ئاپپىقىم. چىقاي دېسەم ھالىم يوق، ئۇچاي دېسەم قاناتم! - دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ. كىيىك كۆلگە يەنىمۇ يېقىن كېلىپ مۇنداق دەپتۇ: - داش قازانلار ئېسىلدى، قاسساپ ئاشپەز يىغىلدى. چاپسان چىققىن جان ھەدە، پىچاق گالغا قادالدى! شۇ چاغدا كۆلدىن يەنە مۇنداق ئاۋاز كەپتۇ: - يېڭى گىلەملەر ئاستىمدا، قوش بۆشۈكلەر يېنىمدا. قانداق چىقاي جان ئۇكام، ھەسەن - ھۈسەن يېنىمدا! بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئورنىدا تۇرالماي قاپتۇ. كۆپچىلىك: >كۆلدىن چىققان ئاۋاز ئاينۇرىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، بۇ ئاينۇرى ئىكەن< دەپ ئويلاپ، ھەممىسى قاپاق، سوغا، تەڭنە ئېلىپ چىقىپ، ئولاش - چولاش كۆلنىڭ سۈيىنى توشۇۋەتكەن ئىكەن، ئىچىدىن ئىككى يېنىغا ئىككى ئالتۇن بۆشۈكنى قويۇپ، ئالتۇن كونۇلىلىق، ھەسەن - ھۈسەننى بۆلەپ تەۋرىتىپ تۇرغان ئاينۇرى چىقىپتۇ. ئاينۇرى كۆلدىن چىقىپلا كىيىكنى باغرىغا بېسىپ، بىر دورا ئىچكۈزگەن ئىكەن، كىيىك تىك تۇرۇپ، بىر سىلكىنىپلا، تېرىسىنى تاشلاپ، بىر گۈزەل قىز سىياقىغا كىرىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خانايىم بىلەن تىۋىپ نەگىدۇر قېچىپتۇ. شۇئان پادىشاھ: - ئالدامچى خوتۇن بىلەن ھىيلىگەر تىۋىپ تۇتۇلسۇن، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. كۆپچىلىك دەرھال خانايىم بىلەن تىۋىپنى تۇتۇپ كەپتۇ. بۇ ئىككىسىنى 41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ سۆرىتىپ، چۆلگە تاشلاڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ پادىشاھ يەنە بۇيرۇقتىن رازى بولمىغان خانايىم سەكرەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ شاھقا: - ئىككىمىز بىللە ياشىدۇق، بىللە ئۆلەيلى، - دەپتۇ - دە، شاھنىڭ كۆكسىگە خەنجەر ئۇرۇپتۇ. شاھ >ئاھ< دەپ يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. جامائەت شاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ، خانايىم بىلەن تىۋىپنى 41 ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. پادىشاھلىقنى ئاينۇرىغا بېرىپ، ئۇنى تەختكە چىقىرىپتۇ. ئاينۇرى، سىڭلىسى ئايگۈلى، ئوغۇللىرى ھەسەن - ھۈسەنلەر خەلق بىلەن ئىجىل - ئىناق بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق