UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھاجى مۈشۈك

ھاجى مۈشۈك

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەنۇ - يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ - توق ئىكەن. كۆزلىرى چەكچەيگەن، دۈمبىسى مۈكچەيگەن، پۇتلىرى ماغدۇرسىز، ئاغزىدا چىشى يوق بىر مۈشۈك بار ئىكەن. ئۇ ئالدىدىن ئۆتكەن بىر بالا چاشقاننى قوغلاپ تۇتالماستىن >ھەسسىنە!< دەپ ئولتۇرۇپ قېلىپ ياشلىغىدىكى چەبدەسلىكى ئېسىگە چۈشۈپتۇ - دە، كۆزىگە لىق ياش ئاپتۇ، قورسىغىنىڭ ئاچلىقى ئۇنى ئويغا ساپتۇ. ئۇ ئويلا - ئويلا بىرق قۇۋلۇقنى ئويلاپ تېپىپتۇ: بېشىغا سەللە ئوراپ، قولىغا تەسۋى تۇتۇپ، ئالدىغا جايناماز سېلىپ قىبلىگە قاراپ، ئىنتايىن مۇلايىم قىياپەتتە چاشقانلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرۇۋاپتۇ. ئۇۋىسىدىن چىققان چاشقان ئاۋال بېشىنى چىقىرىپلا قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. كېيىن يەنە چىقىپ قاراپ تۇرۇپتۇ، ئۇ مۈشۈكنىڭ تېچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇۋىسىغا قايتىپ كىرىپتۇ - دە، ھەممە چاشقانلارغا مۈشۈكتىكى ئۆزگىرىشنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. چاشقانلار بۇنىڭغا ئىشەنمەستىن، ئالدى بىلەن يۈرەكلىكرەك، چاققانراق سىنچى چاشقاننى چىقىرىپتۇ. ئۇ ئۇۋىدىن چىقىپ بايقىغاندىن كېيىن، ھېلىقى چاشقاننىڭ خەۋىرىنىڭ راستلىقىغا كۆزى يەتكەن بولسىمۇ، سىناپ كۆرگۈسى كېلىپ، ئاۋال يىراقتىن ئۆتۈپتۇ. مۈشۈك بۇنىڭغا پىسەنت قىلماپتۇ. چاشقان ئاندىن مۈشۈكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ، مۈشۈك قوغلماپتۇ. بۇنى كۆرگەن چاشقان ئۇۋىسىغا قايتىپ، چاشقانلارغا كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، چاشقانلار يەنە ئىشەنمەي، بىر ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. ئەلچى چاشقان قورقۇپ - تىترەپ مۈشۈكنىڭ ئالدىغا كەپتۇ يۇ، گەپ - سۆز قىلمايلا قېچىشقا تەمشىلىپتۇ. بۇنى بايقىغان مۈشۈك كۆزىنى ئاچماستىنلا ئۇنىڭغا: - توختا، سەن قاچما، مەن ساڭا چېقىلمايمەن، مەن قېرىدىم، ياش ۋاقتىمدا سىلەرگە تولا زورلۇقلارنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولدۇم. مەن ھەجگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدىم. ھازىر بولسا خۇدا ئالدىدا ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىمغا توۋا قىلىۋاتىمەن، سەن ھەمم چاشقانلارغا ئېيتقىن، ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلسۇن، مەن ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ بالىسىنى، بىرسىنىڭ ئانىسىنى، بىرسىنىڭ ئاتىسىنى، بىر مۇنچىلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. مانا شۇ گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىماقچىمەن، - دەپتۇ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ. ئەلچى چاشقان ئورنىدىن قوزغىلپ، مېنى يەپ قويمىسىدى، دېگەن گۇمان بىلەن ئارقىسىغا قاراپ - قاراپ ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. چاشقانلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - زادى نېمە ئىش ئىكەن ئۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - مۈشۈك ھەجگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەپتۇ، گۇناھىغا تۆۋە قىلماقچى ئىكەن، ئۆتمەشتە قىلغانلرى ئۈچۈن بىزدىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىكەن، بۇندىن كېيىن ئۆز ئارا دوست بولۇپ ياشىساق، دەيدۇ، - دەپتۇ ئەلچى چاشقان. شۇنداق بولسىمۇ، چاشقانلار يەنە سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، بىردىن، ئىككىدىن چىقىپتۇ. ھەتتا مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى جاينامازدىن ئۆتۈپ بېقىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىر شىتلە چاشقان مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپمۇ بېقىپتۇ، ئەمما مۈشۈك يەنىلا تەسۋى سىرىپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. ئاخىرى كۆڭلى تىنجىغان چاشقانلار بىر - بىرىگە تەشۋىق قىلىشىپ، مۈشۈك بىلەن دوست بولماقچى بولۇپ، ھەممىسى ئۇۋىسىدىن چىقىشىپتۇ - دە، مۈشۈكنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، جاينامازنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، سەمىمىي سۆھبەتكە چۈشۈپتۇ. ھاجى مۈشۈك يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. چاشقانلار ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىنى كۆرۈشكە قىزىقىپ، قاراپ تۇرۇشۇپتۇ. مۈشۈك >تاھارەت ئېلىۋالاي< دەپ چۆگۈننى كۆتىرىپ بۇلۇڭغا بېرىپ، بېشىدەىكى سەللىسىنى يىرتىپ، چاشقانلار قاچىدىن تۆشۈكنى ئېتىپتۇ، ئاندىن ھەممە چاشقانلارنى بىر باشتىن تۇتۇپ، بوغۇپ تاشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ھاجى مۈشۈك | UyghurWiki | UyghurWiki