كەنجى باتۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۈچ ئاكا - ئۇكا بولغان ئىكەن. چوڭنىڭ ئېتى ئاسىم. ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئېتى قاسىم. كەنجىنىڭ ئېتى ھاشىم ئىكەن.
ئاسىم ئىلمىي نۇجۇمغا ماھىر بولۇپ، يۇلتۇزلاغا قاراپ قۇرئە ئاچالايدىكەن. كىشىلەرنىڭ بەخىت - تەلىيىنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن. شۇڭا ئۇ ئەل ئىچىدە «يۇلتۇز سانار» دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر ئىكەن.
قاسىم داۋالغۇپ، قۇتراپ ئېقىۋاتقان ھەر قانداق چوڭ ۋە ئىتتىك دەريانىڭ سۈيىنى توختىتىپ، يەنە ئېقىنغا سالالايدىكەن. شۇڭا ئۇنى «دەريا باغلار» دەپ ئاتىشدىكەن.
ھاشىم ناھايىتى ئەقىللىق، زېرەك، پالۋان يىگىت بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى «كەنجى باتۇر» دەپ ئاتىشىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، ئۈچ ئاكا - ئۇكا سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار يول مېڭىپتۇ، ماڭغاندىمۇ مۇل مېڭىپتۇ. يولدا چوڭ بىر قورغانغا ئۇچراپتۇ. قورغاننىڭ تاملىرى ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ ئىكەن. ئاكا - ئۇكىلار ھەيران بولۇشۇپ بىرىدىن:
- بۇ يەردە نىمە ۋەقە بولۇۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىپتۇ.
- بۇ قورغاندا ئەجدىھا بار. ئۇنىڭ يىمىگى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر كاللا ۋە بىر بالا بېرىمىز. بۇگۈنكى نۆۋەت پادىشاھىمىزنىڭ يەككە - يىگانە قىزىغا كەلگەن، - دەپتۇ ھېلىقى كىشى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كەنجى باتۇر ئاكىسىغا قاراپ:
- سىلەر شەھەرگە كىرىپ، بىرەر چايخانىدا دەم ئېلىڭلار. مەن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىپ كۆرەي. يەڭسەم ئۇچرىسىمىز. ھالاك بولسام قازاغا - رىزا، ئەلۋىدا! - دەپتۇ.
كەنجى باتۇر قورغان تېمىغا چىقىپ قارىسا، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كالا بىلەن بىر قىز تۇرغۇدەك.
كەنجى باتۇر سەكرەپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ. مەلىكە بۇ يات يىگىتنى كۆرۈپ:
- قايتىپ كېتىڭ، ئەجدىھاغا يەم بولىسىز! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
كەنجى باتۇر بۇ گەپكە پىسەنت قىلماستىن، قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، قىزنى بوشىتىپ قورغان سېپىلىغا چىقىرىپ قويۇپتۇ ۋە؛
- سىز مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ. سىزنى يەيدىغان ئەجدىھا مېنى يېسۇن! - دەپتۇ - دە، ئۆزى بىرىپ قىزنىڭ ئورنىدا تۇرۇپتۇ. بىر چاغدا، بىردىنلا قاتتىق بوران بىلەن قۇيۇن كۆتىرىلىپتۇ. بۇ ئەجدىھانىڭ ھەيۋىسى ئىكەن. ئەجدىھا ئېتىلىپ كېلىپ كالىنى بىر دەم تارتىپلا يۇتۇۋېتىپتۇ. كەنجى باتۇرقورۇقماستىن قىلىچىنى يالىڭاچلاپ تىك تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئەجدىھا ئۇنىمۇ دەم تارتىپتۇ. كەنجى باتۇر قېلىچنى تىك تۇتقان ھالدا ئەجدىھانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. قورغان ئۈستىدىكى خالايىق بۇ ناتۇنۇش يىگىتنىڭ ئەجدىھاغا يەم بولۇپ كەتكىنىگە تولىمۇ ئېچىنىپتۇ. ئارقىسىدىنلا باتۇرنىڭ ساپ - ساق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خوشاللىقىدىن چوقان كۆتىرىشىپتۇ ۋە يىگىتنى مەدىھىيلىشىپتۇ. كەنجى باتۇر ھېچنەرسە كۆرمىگەندەك ئاكىلىرىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەپتۇ.
ياش مەلىكە پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە، شاھ ھەيران بولۇپ:
- ئەجدىھانى كىم ئۆلتۈردى، قىزىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىر مۇساپىر يىگىت، - دەپتۇ مەلىكە ۋە ھەممە ئەھۋالىنى تولۇق سۆزلەپ بېرىپتۇ.
- سەن ئۇ يىگىتنى تونۇمىسەن؟
- كۆرسەم تونۇيمەن.
شاھ سەھەردىكى يەتتە ياشلاردىن يەتمىش ياشلارغىچە ھەممە كىشىنىڭ شاھ راۋىغى ئالدىدىن ئۆتۈشىنى بويرۇپتۇ. راۋاق ئۈستىدە مەلىكە ئالما تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.
راۋاق ئالدىدىن شەھەر كىلشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپتۇ. نۆۋەت ئۈچ ئاكا - ئۇكىغا كەلگەندە، مەلىكە قولىدىكى ئالمىنى كەنجى باتۇرغا قارىتىپ ئېتىپتۇ.
شاھنىڭ مۇلازىملىرى كەنجى باتۇرنى يولىغا پايانداز سېلىپ، تەختى - راۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ سارايغا ئېلىپ كىرىشىپتۇ. پادىشاھ قېرىق - كېچە كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى كۈيئوغۇلغا زەردىن تىكىلگەن تون كىيگۈزۈلىدىغان چاغدا:
سىلەرنىڭ ئادىتىڭلار بويىچە توننى ياقىسىدىن كىيەمدۇ ياكى ئىتىگىدىن؟ - دەپ سوراپتۇ كەنجى باتۇر.
- ئەلۋەتتە ياقىسىدىن. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شاھ.
- ئۇنداق بولسا توننى چوڭ ئاكامغا كىيدۈرۈڭلار، مەلىكە ئاكامنىڭكى، ئاكىسى قېلىپ، ئىنىسىنىڭ ئۆيلىنىشى ئادەىمىگەرچىلىككە خىلاپ، دەپتۇ كەنجى باتۇر. شاھ ئۇنىڭ ئالىجاناپلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىپتۇ. مەلىكىنى يۇلتۇز سانار ئاسىم ئېلىپ بىرىنچى ۋەزىر بولۇپ تەيىنلىنىپتۇ.
تويدىن كېيىن كەنجى باتۇر بىلەن دەريا باغلار قاسىم سەپىرىنى داۋام قىلىدۇرۇپتۇ.
ئۇلارغا يولدا چوڭ بىر تۈگمەن تېشى ئۇچرالپتۇ. كەنجى باتۇر كۈچىنى سىناپ، تاشىنى كۆتىرىپتۇ. تاش ئاستىدا نۇرغۇن چۈمۈلىلەر بېسىلىپ ياتقان ئىكەن. تاش ئاستىدىن ئازات بولغان چۈمۈلىلەرنىڭ پادىشاھى تىلغا كىرىپ:
- ھەي پالۋان يىگىت، بىزنى بۇ تاش ئاستىدىن ئازات قىلدىڭ، ساڭا كۆپ رەھمەت. بىزمۇ سېنىڭ ھاجىتىڭگە ياراپ قالارمىز. ساڭا تۇتاتقۇ بېرەي، بېشىڭغا قەيەردە مۈشكۈلات چۈشسە، شۇنى كۆيدۈرگىن. مەن ئالدىڭدا دەرھال پەيدا بولىمەن، - دەپتۇ.
ئىككى ئاكا - ئۇكا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بىر شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ ساھىپجامال بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭغا نۇرغۇن شەھەرلەنىڭ شاھزادە، بەگزادىلىرى ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن شاھ ئەلچىلەرگە ئىككى تۈرلۈك شەرت قويىدىكەن.
- بىرىنچى شەرتىم، چوڭ دادامدىن قالغان بىر ناغرام بار، - دەيدىكەن شاھ، - كىمكى بۇ ناغرىنى بىر تېپىپ يارالىسا، ئىككىنچى شەرتىم، ئىككى تاغار تېرىق قاچىلاپ، ئاختامىغا چاچىمەن. كىمكى شۇنى بىر تالدىن تېرىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاغارغا قاچلىيالىسا قىزىمنى شۇنىڭغا بېرىمەن.
ھېچكىم بۇ شەرتكەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماپتۇ.
بۇ ئىككى شەرتنى كەنجى باتۇر ئورۇنلىماقچى بوپتۇ. داقا - دۇمباق چېلىنىپتۇ. جاكارچىلار ھەر تەرەپكە چېپىشىپتۇ. ئوردىغا تاماشىچىلار توپلىشىپتۇ. شاھ ناغرىسىنى خالايىق توپلاشقان مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ كەپتۇ. كەنجى باتۇر جامائەتكە تەزىم قىلىپ، ئاندىن ناغرىنى كۈچەپ بىر تەپكەن ئىكەن، ناغرا «پاققىدە» يېرىلىپ كېتىپتۇ. كاناي، سۇناي چېلىنىپ چوقان - سۈرەن كۆتىرىلىپتۇ. كېيىن ئىككىنچى شەرت بويىچە، لىق قاچلانغان ئىككى تاغار تېرىق كەلتۈرۈلۈپ ئاختامغا چېچىلىپتۇ.
كەنجى باتۇر چۈمۈلە پادىشاھى بەرگەن تۇتاتقۇنى تۇتاشتۇرغان ئىكەن، چۈمۈلىلەر پادىشاھى دەرھال پەيدا بولۇپ:
- ھەي پالۋان يىگىت، بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپتۇ. كەنجى باتۇر ئەھۋالنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن:
- ئاختامغا چېچىلغان تېرىقنى توپىدىن ئاجرىتىپ - تېرىشىپ بەرسەڭلار، - دەپتۇ.
چۈمۈلىلە پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇپراققا ئارلىشىپ كەتكەن تېرىقلارنى بىر - بىرلەپ تېرىپ تاغارغا قاچىلاپ بېرىشپتۇ.
بۇ كارامەتلەرنى كۆرگەن شاھ ناھايىتى خوشال بوپتۇ - دە، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى كىمخاپ توننى كىيدۈرمەكچى بولغىنىدا كەنجى باتۇر:
- خالايىق، سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا چاپاننى ياقىسىدىن كىيەمدۇ ياكى ئېتىگىدىنمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ھەي يىگىت، توننى ياقىسىدىن كىيمەي ئىتىگىدىن كىيەمتى؟ - دىيىشىپتۇ ئەمەلدارلار.
- ئۇنداق بولسا توننى، ئاكامغا تۇتۇڭلار، قىزمۇ ئاكامغا بېرىلىشى كېرەك، - دەپتۇ كەنجى باتۇر.
شۇنداق قىلىپ مەلىكىنى دەريا باغلار قاسىمغا بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى باش خەزنىچى قىلىپ بەلگىلەپتۇ.
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە كېيىن، كەنجى باتۇر ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ ئۆز يولىنى داۋام قىلىپتۇ. چۆل - باياۋانلارنى كېزىپ، دەريا، تاغلاردىن ئېشىپ بىر قورغانغا يولۇقۇپتۇ. قورغاندىن ناھايىتىمۇ ھەيۋەتلىك، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان. كالپۇكلىرى يېرىلغان، چىشلىرى گۈرجەكتەك، قۇلاقلىرى چىلەكتەك، تىرناقلىرى بىلەكتەك، قوللىرىدىن قان تېمىپ تۇرغان بىر بەت - بەشىرە يالماۋۇز موماي چىقىپتۇ ۋە:
- خۇدا يەتكۈزگەن رىسقىمدىن ئۆرگىلەي! - دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ - دە، كەنجى باتۇرغا ئېتىلىپتۇ. كەنجى باتۇر قىلچە قورقماستىن قولىغا قېلىچ ئاپتۇ. ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ئاخىرى يالماۋۇزنى يىقىتىپ، بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. كېيىن قورغانغا كىرىپتۇ. قورغاننىڭ ئىچىدە تولىمۇ چىرايلىق، چولپان ئىسىملىك بىر قىز قەپەزگە سولاپ قويۇلغان ئىكەن. كەنجى باتۇر قىزنى قەپەزدىن ئازات قىپتۇ.
- خوش كەپسىز ئەي باتۇر يىگىت، - دەپتۇ قىز كۈلۈپ، - مېنى يالماۋۇزنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدىڭىز. سىزدىن ئۆلگىچە مىننەتدارمەن.
كەنجى باتۇر قىزنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرۈپ، قوڭغۇراقتەك ساپ ۋە يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاشىق - بىقارار بوپتۇ ۋە : «مۇرادىمغا يەتتىم» دەپ ئويلاپتۇ. شۇندىن تارتىپ ئۇلار قورغاننى ماكان قىلىشىپ ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشۈپتۇ.
ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يالماۋۇز موماينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى سەرەندۇت شەھىرىنىڭ پادىشاھى كۆك تۆمۈر شاھىنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپتۇ. ئىلگىرى چولپان قىزغا كۆيۈپ يۈرگەن كۆك تۆمۈر شاھقا جان كىرىپ، قىزنى قولغا چۈشۈرۈمەككە پىلان قۇرۇپتۇ.
- كىمكى چولپان گۈلنى تۇتۇپ ئەكېلىپ بەرسە، بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بېرىمەن! - دەپ جاكارلاپتۇ كۆك تۆمۈر شاھ.
شاھنىڭ جاكاسىنى ئاڭلىغان بىر جادىگەر موماي ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
- ماڭا بىر ھارۋا، بىر تۆمۈر ساندۇق، لەخمە كولايدىغان ئەسۋاپ، بىر ھارىۋىكەش ۋە ئۈچ ئايلىق ئوزۇق - تۈرلۈك ھازىرلاپ بېرىڭ. چولپاننى مەن ئېلىپ كېلمەن، - دەپ تازىم بىجا كەلتۇرۇپتۇ.
كۆك تۆمۈر شاھ دەرھاللا جادىگەر موماينىڭ ئېيتقانلىرىنى تەييارلاپ بېرىپتۇ.
جادىگەر موماي يولغا چىقىپتۇ. قورغانغا يېرىم كۈنلۈك يول قالغاندا جادىگەر موماي:
- ھەي ھارىۋىكەش ! مېنىڭ پۇت - قولۇمنى باغلاپ، كەنجى باتۇر ماڭىدىغان چوڭ يولغا تاشلاپ كەل. ئۆزەڭ مۇشۇ ئەتراپتا كۈتۈپ تۇر، - دەپتۇ.
شۇ كېچىسى كەنجى باتۇر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە مۇنداق بىر ئىش كۆرۈپتۇ: بىر كىشى: «ئەي كەنجىۋاي، سەن يېنىڭدىكى ئىسپات قىلىچىڭدىن ئايرىلما. سېنىڭ شەمشىرىڭ قاچان يوقالسا، سەن شۇ كۈنىلا ئۆلسەن!» دىگۈدەك. كەنجى باتۇر چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ. قارىسا چۈشى ئىكەن. كەنجى باتۇرنىڭ كۆڭلى ناھايىتى غەش بولۇپتۇ. كۆڭۈل غەشلىكىنى ئوۋ قىلىش بىلەن باسماقچى بولۇپ جاڭگالغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يولدا كېتىپ بېرىپ يول بويىدا ۋاي - ۋايلاپ ياتقان موماينى كۆرۈپتۇ دە، - دەرھال قېشىغا بېرىپتۇ. موماينىڭ قول - پۇتلىرىنى يېشىپ گەپ سوراپتۇ.
- ھەي بالام، - دەپتۇ موماي داتلاپ تۇرۇپ، - نىمىسىنى سورايسەن ؟ پەرزەنت دەردىدە كۆيگەن دىلى ئۈزۈك ئانىمەن دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلۇم بار ئىدى. ئۇنى ئۆيلىگەن ئىدىم. كېلىنىمنىڭ نىيىتى يامان چىقىپ قالدى. ئۇ ئوغلۇم بىلەن ئۇرۇش - جىدەل قىلىپ: «يە ئاناڭنى دىگىن، يە مېنى دىگىن. ئاناڭنى دىسەڭ مېنىڭ خېتىمنى بەر، مېنى دىسەڭ ئاناڭنى كۆزۈمدىن يوقات!» دىدى. ئوغلۇم كېلىنىمنىڭ گېپىگە كىرىپ، مېنى مۇشۇ كۈنگە سېلىپ، چۆلگە تاشلاپ كەتتى.
كەنجى باتۇرنىڭ مومايغا رەھىمى كېلىپ:
- ئەمدى قانداق قىلماقچى سىز ئانا؟ - دەپ سوراپتۇ. موماي يىغلاپ تۇرۇپ:
- بارار - تۇرار جايىم يوق، چۆل بۆرىلىرىگە يەم بولماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق، - دەپتۇ.
- ئۆيۈمگە ئېلىپ كەتسەم ماڭا ئانا بولۇپ تۇرامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ كەنجى باتۇر.
- خالىمامدىغان ئوغلۇم، نېمە خىزمەتكە بۇيرۇساڭ جېنىم بىلەن قىلاتتىم، - دەپتۇ موماي يىلىنىپ.
كەنجى باتۇر موماينى ئەگەشتۈرۈپ قورغانغا ئېلىپ كەپتۇ. موماينى كۆرگەن ھامان چولپاننىڭ رەڭگى ئۆچۈپ، بەدىنى جۇغۇلداپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشنى سەزگەن كەنجى باتۇر:
- ساڭا نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ قېرىنى كۆك تۆمۈر شاھ ئەۋەتتىمىكىن، دەپ قورقۇپ كەتتىم، - دەپتۇ چولپانگۈل.
- قوقمىغىن، - دەپتۇ كەنجى باتۇر چولپانگۈلگە تەسەلى بېرىپ، - سىناپ كۆرەيلى، ياخشى بولسا ئېشىنى يەر، يامان بولسا بېشىنى يەر...
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. موماي كۈندۈزلىرى چاندۇرماستىن ئۆي ئىشلىرىنى بېجىرىپ يۈرسىمۇ، كېچىلىرى تىنىم تاپماي ئۆز ھۇجۇرسىدىن كەنجى باتۇرنىڭ سارىيىغا لەخمە كولاشقا كىرىشىپتۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن لەخمە تەييار بولۇپتۇ. مانا شۇندىن كېيىن كەنجى باتۇر بىلەن خوتۇنى ئارىسىدا بولغان ھەممە گەپ - سۆزلەردىن خەۋەردا بولۇۋېرىتۇ.
موماي كەنجى باتۇرنىڭ رەھىمدىللىگىنى ماختاپ، چولپانگۈلنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىگىنى داڭلاپ، ئاخىرى ياش ئايالنى ئۆزىگە قارىتىپتۇ. ئۇ بىر كۈنى چولپانگۈلدىن:
- بالام پالۋانلارنىڭ جېنى تېنىدە بولمايدۇ. كەنجى باتۇرنىڭ جېنى نىمىدە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. چولپانگۈل بىلمەيدىكەن. موماي ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ:
- بۇ سىرنى شۇ كەمگىچە سىزگە ئېيىتمىغان بولسا، سىزنى چىن كۆڭلى بىلەن ياخشى كۆرمەيدىكەن. سىزگە ئىشەنمەيدىكەن، - دەپتۇ ۋە كەچتە سوراپ كۆرۈشنى تاپىلاپتۇ.
كەچتە كەنجى باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كەلگەندە چولپانگۈل ئۇنىڭ جېنىنى سوراپتۇ. كەنجى باتۇر ئېيتمىغان ئىكەن. چولپانگۈل يامانلاپ:
- ماڭا ئىشەنسىڭىز ۋە مېنى ياخشى كۆرسىڭىز ئېيتىپ بېرىڭ! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
- مانا مۇشۇ شەمشەردە، - دەپتۇ كەنجى باتۇر ئىلاجىسىز، - بۇ سىرنى ئاغزىڭىزدىن چىقىرىپ سالغۇچى بولما!
لەخمە ئىچىدە تىڭشاپ ياتقان موماي بۇنى ئاڭلىۋاپتۇ. ئۇ تۈن تەڭ بولغاندا، ئەر - خوتۇنلارنىڭ قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ سارايغا كىرىپتۇ - دە، شەمشەرنى ئېلىپ چىقىپ، قورغان يېنىدىكى دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ.
تاڭ ئېتىپتۇ، چولپانگۈل تۇرۇپ قارىسا باتۇر قېتىپ ياتقۇدەك، چولپانگۈل بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشتىن ئېغىر ۋەھىمىگە چۈشۈپ موماينى چاقىرىپتۇ يىغا - زارە باشلىنىپتۇ. چولپانگۈل دات - پەريات كۆتىرىپ زار قاخشاپتۇ. موماي ھىلىگەرلىك بىلەن:
- قىزىم قازاغا رىزا بولماقتىن ئۆزىگە چارە يوق. ئەمدى ئۇنى كۆمەيلى، - دەپتۇ.
- ياق، قىرىق بىر كۈن ساقلايمەن، - دەپتۇ. چولپانگۈل ۋە قولىدىكى ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈگىنى كەنجى باتۇرنىڭ قولىغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى دەريا بويىغا چىقىپ كۆز يېشى قىپتۇ. موماي:
- يۈرۈڭ قىزىم، يېزىغا بېرىپ، بىرەر تىۋىپ چاقىرىپ كۆرسىتىپ كۆرەيلى، - دەپتۇ. مانا شۇ ئۇسۇل بىلەن موماي ئۇنى ھارىۋىكەشنىڭ ئالدىغا باشلا بېرىپتۇ. ھارىۋىكەش چولپانگۈلنى تۇتۇپ، پۇت - قولىنى باغلاپ ساندۇققا ساپتۇ - دە، كۆك تۆمۈر شاھنىڭ سارىيىغا ئېلىپ كېتىپتۇ...
يۇلتۇزلارنىڭ قالايمىقان ئۆچۈشى يۈلتۇز سانار ئاسىمنىڭ كۆڭلىگە ئەندىشە ساپتۇ. شۇڭا ئۇ: «ئۇكىلىرىمدىن خەۋەر ئالاي. ئۇلارغا بىرگەپ بولغانغا ئوخشايدۇ.» دەپ ياراملىق قىرىق يىگىت بىلەن يولغا چىقىپتۇ.
سۇلارنىڭ لايىقىپ كەتكەنلىگىنى كۆرگەن دەريا باغلار قاسىم: «ئۇكامغا بىرە خەۋپ - خەتەر بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇمۇ قىرىق يىگىت بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ يولدا ئىككى ئاك - ئۇكا ئۇچرىشىپ كەنجى باتۇر كەتكەن يول بىلەن مېڭىپتۇ. كەچ كىرىپتۇ، يۇلتۇزلار چىقىشقا باشلاپتۇ. دەريا باغلار:
- يۇلتۇزلارغا قارىغىنا ئاكا، كەنجىمىزنىڭ يۇلتۇزى نېمىنى كۆرسىتىدىكىن ! ؟ - دەپتۇ. يۇلتۇز سانار ئاسمانغا قاراپ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇلار ئاتلىرىنى قامچىلاپ چېپىشىپتۇ. ئۇلار قورغان ياققىسىدىكى دەريا بويىغا يېتىپ كەپتۇ.
- ئۇكام دەريانى باغلا! - دەپتۇ يۇلتۇز سانار.
دەريا باغلىنىپتۇ. ئۇلار دەريادىن ئۆتىۋاتقاندا كەنجى باتۇرنىڭ شەمشىرىنى تېپىۋاپتۇ. ئۇلار شەمشەرنى ئېلىپ قورغانغا كىرىپتۇ. قورغان ئىچىدىكى قىرىق ھۇجۇرنىڭ ھەممىسى قۇلۇپلاقلىق ئىكەن. كېيىن چوڭ ساراينى ئېچىپ قارىسا كەنجى باتۇر سوزۇلۇپ ياتقۇدەك. ئاكىلىرى شەمشەرنى ئۇنىڭ يېنىغا قويغاندىن كېيىن كەنجى باتۇر قاتتىق بىر چۈشكۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئاكىلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ ۋە ئىچكىركى ئۆيگە قاراپ:
- چولپانگۈل، مېھمانلىرىمنى كۈتۈۋال! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
لېكىن ھېچقانداق جاۋاب بولماپتۇ. مانا شۇ چاغدىلا ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ - دە، دەرھاللا:
- قەدىردان ئاكىلىرىم، بۇ جادىگەر موماينىڭ ئىشى. مېنىڭ ئارقامدىن يۈرۈڭلار! - دەپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا يىگىتلەرنى باشلاپ، كۆك تۆمۈر شاھىنىڭ شەھىرىگە قاراپ راۋان بوپتۇ.
قىرىق كۈن دىگەندە كۆك تۆمۈر شاھىنىڭ يۇتىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار شەھەرگە كىرىپ بارغاندا داقا - دۇمباق، كارناي - سۇناي ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپتۇ. بۇ كۆك تۆمۈر شاھىنىڭ مەرىكىسى ئىكەن.
- مانا تويغا ئۈلگۈرۈپ كەپتىمىز، - دەپتۇ كەنجى باتۇر ۋە ئاكىلىرىنى بىر پىنھاندا قالدۇرۇپ، ئۆزى شاھنىڭ بېغىغا كىرپتۇ. بىر كېنىزەك كۆلدىن سۇ ئېلىۋاتقان ئىكەن. كېنىزەكتىن:
- سىڭلىم سۇنى قەيەرگە ئېلىپ بارىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- چولپانگۈلنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كېنىزەك.
كەنجى باتۇر قولىدىك ئۈزۈكنى ئاپتۇۋىغا سېلىپ، كېنىزەككە بىر تىللا بېرىپ:
- دەسلەپتە مېھمانلارغا، ئەڭ ئاخىرىدا كېلىننىڭ قولىغا سۇ بېرىڭ، - دەپتۇ.
- ماقۇل، - دەپتۇ كېنىزەك خوشال بولۇپ ۋە ئىچكىرى كىرىپ كېتىپتۇ. كېنىزەك ئەڭ ئاخىرىدا چولپانگۈلنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇۋاتقاندا ئۇنىڭ قولىغا سۇ بىلەن تەڭ ئۈزۈك چۈشۈپتۇ. قارىسا ئۆزى كەنجى باتۇرنىڭ قولىغا سېلىپ قويغان ئۈزۈك ئىكەن، ئۇ خۇشاللىقىدا كېنىزەكتىن:
_ ئۈزۈكنى ساڭا كىم بەردى؟ _ دەپ سوراپتۇ.
كېنىزەك باغنى ئىشارەت قىپتۇ. چولپانگۈل باققا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. قارىسا كەنجى باتۇر بىر تۈپ گۈلنىڭ تۈۋىدە شەمشىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك. چولپانگۈل خوشاللىق ياشلىرىنى تۆككىنىچە بېرىپ كەنجى باتۇرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپتۇ.
كەنجى باتۇر چولپانگۈلنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئاكىلىرى بىلەن يىگىتلەرنى باشلاپ ئۆز يۇرتىغا راۋان بوپتۇ.
شاھ ھاڭۋېقىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۆك تۆمۈر شاھ ھىلىمۇ ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ تۇرغۇدەكمىش.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ساۋۇت سەيدۇللا