شاتۇتنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
شاتۇتى ئەسلىدە چىرايلىق ئايال ئىكەن. ئۇ ئېرى بىلەن >قايسىمىز ئۆلۈپ كەتسەك، تۇپراق بېشىدا قىرىق يىل قۇرئان ئوقۇيمىز< دەپ ۋەدىلەشكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئايال ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ قاپتۇ. ۋەدىگە بىنائەن، ئېرى قەبرە بېشىدا قىرىق يىل قۇرئان ئوقۇپ، خۇداغا نالە قىلىپ يىغلاپتۇ. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كېلىپ ئايالنى تىرىلدۈرۈپتۇ. ئايال ئۆلۈپ كەتكەن چېغىدىكىدەكلا ياش تىرىلىپتۇ. ئېرى بولسا قېرىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلار ئاۋالقىدەكلا تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر - بىرىگە ئامراقلىشىپ كېتىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆل بويىدا ئولتۇرغاندا، ئايالىنىڭ تىزىدا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. مۇشۇ چاغدا ئوۋغا چىققان بىر شاھزادە كېلىپ قاپتۇ. شاھزادە بۇ ئايالنىڭ كۈندىن نۇرلۇق، ئايدىن سۈزۈك، گۈلدەك جامالىغا قاراپ ئاشىق - بىقارار بولۇپتۇ. ئۇ ئايالغا:
- بۇ كىشى سېنىڭ داداڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئايال ئۇخلاۋاتقان بۇ كىشىنىڭ ئۆز ئېرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە:
- سەن ئۆزەڭ غۇنچىدەك تۇرۇپ، نىمىشكە مۇشۇنداق بىر قېرى چالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىڭ؟ - دەپتۇ ۋە ئايالنى ئازدۇرۇپ ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەر بىر چاغدا ئويغىنىپ قارىسا يېنىدا ئايالى يوق تۇرغۇدەك. ئۇ زار - زار يىغلىغان پېتى ئايالىنى ئىزلەشكە باشلاپتۇ. ئىزلەپتۇ، ئىزلەپتۇ. ئەمما ئايالىنى تاپالماپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئاخىرى شاھزادىنىڭ بېغىغا كىرسە، ئايالى باغ ئىچىدىكى راۋاقتا غەسىز، نازلىنىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرغۇدەك. ئۇ ئايالىنى تاپقانلىقىدىن كۆڭلى سۆيۈنۈپ، قاتتىق خوشال بولۇپ كېتىپتۇ ۋە:
- سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى ئىزلەپ ئاران تاپتىم. بۇ يەرگە قانداق كىرىپ قالدىڭ؟ يۈر، ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى! - دەپتۇ. لېكىن ئايال شاھزادىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىللە كېتىشكە ئۇنىماپتۇ. ئەر ئوردىغا كىرىپ پادىشاھقا ئەھۋالىنى دەپ شاھزادىنى ئۇناتقاندىن كېيىن، ئايال خۇددى بوينىدىن باغلىغان كىيىكتەك ئېرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خۇدادىن مۇنداق ۋەھى چۈشۈپتۇ:
- >سىز ئايالىڭىزغا بەكمۇ ئامراق ھەم سادىق. قىرىق يىل ئايالنى دەپ شۇنچە ئازاب چەكتىڭىز، لېكىن ئايالىڭىز ياش، سىز بولسىڭىز قېرى. شۇ سەۋەبلىك ئايالىڭىزنىڭ يەنىلا سىزنى تاشلاپ قېچىپ كېتىش ئېھتىمالى بار. شۇڭا ئۇنى بىز بىر قۇشقا ئايلاندۇرۇۋەتسەك قانداق<.
خۇدانىڭ بۇ مەسلىھىتى ئەرگە مايدەك يېقىپتۇ. شۇ زامان ھېلىقى ئايال قۇشقا ئايلىنىپ پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاتۇتى پەيدا بولۇپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ئۈچ ئۆستەڭ گۇڭشې ئارا ئۆستەڭدىن: قاسىم.