تۆمۈرچىنىڭ جاۋابى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمقى زاماندا زىرەك بىر تۆمۈرچى بولغان ئىكەن. ئۇ ئىشنى سىپتا ۋە پۇختا ئىشلەيدىكەن. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن سېتىۋالغان سايماننى ئۇپراپ تۈگىگچە سۈيۈنۈپ ئىشلىتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ تۆمۈرچى سوققان ئوغاقلىرىغا خىلمۇ - خىل گۈل ئويۇۋاتسا، شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىككى ۋەزىرى بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا كېلىپ قاپتۇ. پادىشاھ تۆمۈرچىنىڭ ئىشىغا بىردەم قىزىقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشىنى ھالاللىق بىلەن قىلۋاتقىنىغا زوقلىنىپ، تۆمۈرچىنى سۆز بىلەن سىناپ باقماقچى بوپتۇ.
- ئۇستام، - دەپتۇ پادىشاھ تۆمۈرچىنىڭ قولى بوشىغاندىن كېيىن، - سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزگە قانچە يىل بۇلدى؟
ئۇستام بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىككى ۋەزىرى بىلەن يېنىدا تۇرغان، ئۇ بىر قاراش بىلەن پادىشاھنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپتۇ.
- مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ئەللىك يىل بولدى! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. تۆمۈرچى ئانچە ئۇزۇن ئويلانمايلا، ئۆزىنىڭ سوئالىغا كۆڭلى قانغىدەك جاۋاب ئالغان پادىشاھ:
- بۇ تاغقا قار چۈشكىنىگە قانچە يىل بولدى؟ - دەپ ئۇستامغا تىكىلىپتۇ.
- ئۈچ يىل بولدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. تۆمۈرچى شاھنىڭ ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم سىنماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ.
- سىز بىر يىلدا نەچچە كۈن ئىشلەپ، نەچچە كۈن دەم ئالىسىز؟ - دەپتۇ پادىشاھ ئۇستامنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولۇپ.
- 366 كۈننىڭ ھەممىسىدىلا مەن ئىشتا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تۆمۈرچى.
- ئالتە ئاي ئىشلەپ، ئالتە ئاي دەم ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئالتە ئاي ئەمەس، ئالتە كۈن دەم ئالسام، بالىلىرىم ئاچتىن ئۆلىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. تۆمۈرچى كۈلۈپ تۇرۇپ.
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ئۇستامنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگەن پادىشاھ، - مەن سىزگە بورداپ بېقىلغان ياراملىق ئىككى ئۆكۈزۈم بار، شۇنى ئەۋەتىپ بېرەي، گۆشى بىلەن يېغىنى شىلىۋېلىپ، ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتىۋېتىڭ.
پادىشاھ شۇ سۆزنى قىپتۇ - دە، ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. تۆمۈرچى ئۆز ئىشىغا كىرىشىپتۇ.
پادىشاھ يولدا كېتىۋېتىپ ۋەزىرلىرىدىن:
- ھېلىقى تۆمۈرچى مېنىڭ سۇئالىمغا قانداق جاۋاب بەردى، بايقىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئۇلۇغ شاھىم، - دەپتۇ ۋەزىرلەر، - ئۇ تۆمۈرچى يالغانچى ئىكەن، جانابلىرىنىڭ بۇرۇتىغا چاڭگا تىزىپ، كۈپ - كۈندۈزدە يالغان سۆزلىدى.
- سىلەر ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگىنىنى قانداق بىلدىڭلار؟
- بۇ تۆمۈرچى بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ يەرلىك ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ، «مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە 50 يىل بولدى» دىدى. ئۇ يەنە «بۇ تاغقا قارا چۈشكىلى ئۈچ يىل بولدى » دەيدۇ، بۇ سۆزمۇ يالغان. ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىسىدىن تارتىپ بۇ تاغدا قار بار ئىكەن.
- بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پادىشاھنىڭ غەزىپى كېلىپ، كۆزىدىن ئوت چاقناپتۇ.
- سىلەر ۋەزىر تۇرۇپ، تۆمۈرچىچىلىك ئەقلىڭلار يوق ئىكەن، - دەپتۇ پادىشاھ ئىككى ۋەزىرگە ، - بېرىڭلا ، مېنىڭ نېمىنى سورىغانلىقىمنى، تۆمۈرچىنىڭ جاۋابلىرىنىڭ مەنىسىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار. ئەگەر بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تاپالمىساڭلار، كۆزۈمگە كۆرۈنمەڭلار.
ۋەزىرلەر قورققىنىدىن بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىككى كۈنگىچە تېپىپ كېلىشكە مۆھلەت سوراپتۇ. پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلغان ۋەزىرلەر بىر كۈنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئەتىسى مەسلىھەتلىشىپ، تۆمۈرچىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈننى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ. تۆمۈرچى پادىشاھ ئەۋەتمەكچى بولغان ئىككى ئۆكۈز مۇشۇ ئىككى ۋەزىر ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئاپتۇ.
- ماقۇل، ياردەم قىلاي، - دەپتۇ تۆمۈرچى، - ئەمما ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى سىلەرگە بىكارغا سۆزلەپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق.
ۋەزىرلەر يالۋۇرۇپتۇ.، تۆمۈچى ئۇستام:
- قۇرۇق سۆز قۇلاققا خوش ياقمايدۇ، - دەپ ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماپتۇ. ئاخىرى ۋەزىرلەر يانلىرىدا بار پۇللىرىنى تۆمۈرچى ئۇستامنىڭ ئالدىغا قويۇپ يېلىنىپتۇ.
- ئاندىن بولسا، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار، - دەپتۇ تۆمۈرچى، - پادىشاھنىڭ «سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزگە قانچە يىل بولدى؟» دېگىنى - «قانچە ياشقا كىردىڭىز؟» دېگىنى، «بۇ تاغقا قار چۈشكىلى قانچە يىل بولدى؟» دېگىنى - «چېچىڭىزغا ئاق چۈشكىلى قانچە يىل بولدى؟» دېگىنى. ئاندىن كېيىن بالامنىڭ بار - يولۇقىنى سورىدى. مەن دەم ئالماي ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىش ئارقىلىق بالىلىرىمنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇم.
- «ئىككى ئۆكۈز ئەۋەتىمەن» دېگىنىچۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ۋەزىرلەر.
- بۇنى سىلەر سورىماڭلار، مەن ئېيىتماي، - دەپتۇ تۆمۈرچى، - بۇنىڭ سىلەرگە پايدىسى يوق.
- پايدىسى بولمىسىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، - دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ ۋەزىرلەر.
- ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ئايىمىغاندىن كېيىن، مەن خىجىل بولۇپ نېمە قىلاي، - دەپتۇ تۆمۈرچى، - پادىشاھنىڭ «ئىككى ئۆكۈز ئەۋەتىمەن» دېگىنى «ئىككىڭلارنى ئەۋەتىمەن» دېگىنى. «گۆش بىلەن يېغىنى شىلىۋېلىپ، ئۆزىنى ماڭا ئەۋەتىۋېتىڭ» دېگىنى - «ئۇلارنىڭ تونىلىرىنى ۋە يېنىدىكى پۇللىرىنى ئېلىۋېلىپ، سىزدىن سورىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ، ئاندىن ئۆزلىرىنى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىۋېتىڭ» دېگىنى. ئەپسۇسكى، مەن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىنى تۈگۈل ئورۇنلىمىدىم. پۇلۇڭلارنىلا ئالدىم، تونۇڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قالدى، ئادىمىگەرچىلىك قىلدىم.
ۋەزىرلەر تۆمۈرچىنىڭ ئەقلىگە ھەيران قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن بېشى چۈشكەن ھالدا ئوردىغا كېتىپتۇ.