UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئەقىللىق بالا

ئەقىللىق بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، بىر كەمبەغەلنىڭ بوۋاينىڭ ياقۇپ، غازى، غۇلام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولغان ئىكەن. بوۋاي بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن ئۆز يېزىسىدىكى بىر بايغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلەپتۇ. بىراق ئۇ، باي ئۈچۈن تىنىم تاپماي بىر يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، يىل ئاخىرىسىدا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەي قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ ۋە قاتتىق كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى بوۋاي ئوغۇللىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مەن كېسىلىمدىن ساقىيالمايدىغان بولدۇم. نەپسىمنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگە مۇنۇ ئۈچ ئىشنى تاپىلايمەن: بىرىنچىسى ئاكا - ئۇكا ئىناق ئۆتۈڭلار، ھەرقانداق ئىشنى قىلماقچى بولساڭلار، ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن ئىش كۆرۈڭلار، ئىككىنچىسى، ياش چېغىڭلاردا كىشىلەردىن بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت ئۆگىنىڭلار، قېرىغان چاغدا پايدىسىنى كۆرىسىلەر؛ ئۈچىنچىسى، ھەرقانچە كۈلپەت - ئەلەملەرنى تارتساڭلارمۇ، يېزىمىزدىكى پىخسىق بايغا يىللىقچى بولماڭلار . . . . »دەپتۇ - دە، جان ئۈزۈپتۇ. بالىلار زار يىغلاپ، ئاتىسىنى يەرلىككە قويۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيدە تىرىكچىلىك قىلغۇدەك ھېچنەرسە قالماپتۇ. بالىلارنىڭ چوڭى ياقۇپنىڭ بېشى قېتىپ، ئىككى ئىنىسىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. _ مېنىڭچە، بىزگە جېنىمىزنى بېقىش ئۈچۈن بايغا ئىشلىمەكتىن ئۆزگە چارە يوق، - دەپتۇ غازى. _ ياق، بولمايدۇ، - دەپتۇ بالىلارنىڭ كىچىكى غۇلام،- بۇنداق قىلساق ئاتىمىزنىڭ نەسھىتىنى ئەستە تۇتمىغان بولىمىز. مېنىڭچە تاغدىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ جېنىمىزنى باقايلى. بۇ مەسلىھەتكە ھەممىسى قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۈچ يېتىم ئوغۇل ئەتىسىدىن باشلاپ تاغدىن ئوتۇن ئەكېلىپ سېتىشقا كىرىشىپتۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ چارىسى ئۇزۇنغا بارماي ھېلىقى پىقسىق باي تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جان بېقىشى يەنە تەسكە چۈشۈپتۇ. ئىككىنچى يىلى باھار كېلىپ دەل - دەرەخلەر ياشىرىشقا باشلاپتۇ. باي يەرلىرىنى تېرىشقا مەدىكار ئىزلەپ مەھەللىمۇ مەھەللە چېپىشقا باشلاپتۇ. لېكىن بايغا ئىشلەپ بېرىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇ. باي بۇ كۈتمىگەن ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆز ئىچىدە بىر ھىيلە ئويلاپ چىقىپتۇ ۋە يوغان بىر پارچە قەغەزگە: «كىمكى ماڭا بىر يىل تۇلۇق ئىشلەپ بەرسە يىل ئاخىرىسىدا ئىش ھەققى ئۈچۈن قىرىق بەش چارەك بۇغداي بېرىمەن. لېكىن شۇ بىر يىل ئىچىدە قىلالمىغان ئىشى ئۈچكە يەتسە ھەققىنى پۈتۈنلەي تۇتۇپ قالىمەن» دېگەن بىر ئېلاننى يازدۇرۇپ، چوڭ يول بويىغا چاپلاپ قويۇپتۇ. بۇ ئېلان ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى يېتىم بالىلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. بۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ھالى ناھايىتى يامانلاشقان ئىكەن. ياقۇپ ئىككى ئۇكىسىنى ئالدىغا چاقىرىپ يەنە مەسلىھەت سوراپتۇ. بالىلار ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى باي ئۈچۈن ئىشلىمەكچى بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككى ئاكىسى بايغا ئىشلەيدىغان، غۇلام ئۆيگە قارايدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ياقۇپ بىلەن غازى باينىڭ ئېتىزىدا ئىشلەشكە باشلاپتۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدىكارلار بايدىن ھەق تەلەپ قىلىشىپتۇ. _ قانداق ھەقكەن ئۇ؟ - دەپ كۆزىنى ئالايتىپتۇ باي، - ھېلىقى ئۈچ ئىشنى قىلدۇرۇپ باقتىم. ھېچقايسىڭ قىلالمىدىڭ، مېنىڭ ئەمدى سەنلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق. ماڭ! مېڭىش! يوقال كۆزۈمدىن! شۇنداق قىلىپ، مەدىكارلار باي ئۈچۈن بىر يىل ئىشلەپ، ئاخىرى ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپتۇ. ئەمدى گەپنى ھېلىقى ئۈچ يېتىم بالىدىن ئاڭلايلى. ياقۇپ ۋە غازى ئاشۇ ئون نەچچە مەدىكار قاتارىدا بايدىن ھېچنەرسە ئالالماي، ئۆيىگە بىر قۇرساق دەرد - ئەلەمنى ئېلىپ قايتىپتۇ. ئىككى ئاكىسىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن غۇلام باينىڭ ھويلىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىردىن - بىر سوراپ ئەھۋالنى تولۇق چۈشىنىپتۇ - دە، ئىككى ئاكىسىغا قاراپ: _ ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى. كېلەر يىلى بايغا ئۆزۈم يىللىقچى بولايمىكىن دەيمەن. قېنى ، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ - دەپتۇ. - سەن دائىم ئاتىمىزنىڭ نەسىھىتىنى ئەستە تۇتۇش توغرىسىدا گەپ قىلاتتىڭغۇ؟ - دەپتۇ ياقۇپ ئەجەبلىنىپ. _ ئۇغۇ راست، - دەپتۇ غۇلام ئىككى ئاكىسىغا، - بىراق، مەن ئاتامنىڭ ۋە سىلەر ئىككىڭلارنىڭ بىكار كەتكەن ئاشۇ ئەجرىڭلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بارماقچىمەن. _ قانداق قىلىپ قايتۇرۇۋالىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئىككى ئاكىسى ھەيران بولۇپ. _ بۇنى ھازىرچە مەندىن سورىماڭلار، لېكىن ئۇنىڭغا ئامال تاپىمەن، - دەپتۇ غۇلام. شۇنداق قىلىپ، غۇلام ئىككىنچى يىلى بايغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھويلىسىغا بېرىپتۇ. باي ئۇنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. غۇلاممۇ باي نېمە ئىشقا بۇيرۇسا شۇنى بىجا كەلتۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە باي ناشتىدىن كېيىن ئېتىغا مىنىۋېتىپ غۇلامنى چاقىرتىپتۇ ۋە خوش ياقمىغان تەلەپپۇزدا: _ سەن بۈگۈن ئايۋان - سارايلارنى تېگىنى ئاپتاپقا سېلىۋەت! - دەپتۇ - دە، ئېتىنى قامچىلاپ شەھەرگە يۈرۈپ كېتىپتۇ. باي كەتكەندىن كېيىن غۇلام بىر سەكرەپلا باينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئالدى بىلەن ئايۋاننىڭ، ئاندىن ساراينىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىپ، ياغاچلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەرگە تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان باينىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئالاقزادە بولۇپ، غۇلامنى تىللاشقا باشلاپتۇ. _ كەچۈرسىلە خېنىم، - دەپتۇ غۇلام تەمكىن تۇرۇپ. بۇ باي غوجامنىڭ ئەمرى، ئەگەر ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىسام قىرىق بەش چارەك بۇغداينى بەرمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشتىن كېيىن باي شەھەردىن قايتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئايۋان - سارايلىرىنىڭ ئۆگزىسى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىنىپ، خوتۇن، بالا - چاقىلىرى تالادا يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ باينىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ. _ ھوي، غۇلام دېگەن ھارىمى قېنى سەن؟ بۇ زادى نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ باي. _ بۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەمرى، ئۆزلىرى بۇيرۇغان ئىشنى قىلماسلىققا مېنىڭ نېمە ھەددىم بار دەيلا؟ بېگىمنىڭ ئەمرى خۇدانىڭ ئەمىرى ئەمەسمۇ؟ -- دەپتۇ غۇلام. باي گەپتە تۇتۇلۇپ قېلىپ، ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى تاڭ سەھەردە باينىڭ خوتۇنى غۇلامنى چاقىرتىپ: بۈگۈن بىز باي ئاكاڭ بىلەن شەھەرگە كىرىمىز ھويلا - ئاراملارغا ئوبدان قاراپ، ئايۋاندىكى كۈپكە سۇ توشقۇزۇپ قوي ئەگەر توشقۇزالمىساڭ كۆرىدىغىنىڭنى كۆرىسەن، - دەپتۇ. غۇلام كۆڭلىدە«باي بۈگۈن ماڭا ئىككىنچى ئىشنى قىلدۇرماقچى بوپتۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، شۇ ھامان بىر جۈپ ياغاچ تۇڭنى ئەپكەشكە سېلىپ دەريادىن سۇ ئەكېلىپ كۈپكە تۆكۈشكە باشلاپتۇ. كۈن چۈشتىن ئېشىپتۇ. لېكىن كۈپتىكى سۇ كۆپەيمەپتۇ. ئۇ بىر ھازا ئويلاپ كۈپتە بىر سىر بارلىقىنى پەملەپتۇ - دە، ئەپكەشنى قويۇپ، كۈپنىڭ ئىچى - تېشىغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا باينىڭ ئون ئۈچ - ئون تۆت ياشلاردىكى بىر ئوغلى ئارقا ھويلىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، «شاتۇتىمنى تۇتۇپ بەر» دەپ غۇلامنىڭ پېشىدىن تارتقىلى تۇرۇپتۇ. _ مەن خېنىمنىڭ بۇيرۇغان ئىشىنى قىلمىسام بولمايدۇ، ئۇ بىر نېمەڭنى ئۆزەڭ تۇتۇۋال، مەن سۇ تۇشۇيمەن، - دەپتۇ غۇلام. باينىڭ ئوغلى ئاتىسىنىڭ شاتۇتىمنى قاچۇرۇپ قويۇپسەن، دەپ دۇمبالىشىدىن ئەنسىرەپ؛ _ ئاكا، ئۇنداق قىلما، گېپىمنى ئاڭلىغىن. ئەگەر سەن شاتۇتىنى تۇتۇپ بەرسەڭ مەن ساڭا بۇ كۈپنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان غۇلام: _ سەن ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن شاتۇتىنى تۇتۇپ بېرەي، - دەپتۇ. _ ئۇنداق بولسا، بۇ سىرنى ئۆزەڭدىن باشقا ھېچكىمگە ئېيتمىغىن. كۈپنى تېگىدىن دەرياغا قارىتىپ بىر مىس تۇرۇبا ئورنىتىلغان. سەن ئۇنىڭغا مىڭ كۈن سۇ قۇيساڭمۇ توشقۇزالمايسەن. ئۇ تۇرۇبىنىڭ ئاغزى دەريادىن سۇ ئېلىپ چىقىدىغان كېچىكنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى چوڭ قارا تاشنىڭ تېگىدە. غۇلام بۇ سىرلارنى بىلىۋالغاندىن كېيىن شاتۇتىنى تۇتۇپ بېرىپتۇ - دە، ھېلىقى چوڭ قارا تاشنى ئىزلەپ تېپىپتۇ، بىراق تاش بەك يوغان بولغانلىقتىن مىدىرلىتالماي، مەدىكارلارغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ قارا تاشنى يۆتكۈۋېتىپ قارىغۇدەك بولسا، راست دېگەندەك بىر مىس تۇرۇبىدىن سۇ چۈشۈۋاتقۇدەك. مەدىكارلار قولمۇ - قول تۇتۇش قىلىپ، تۇرۇبىنىڭ ئاغزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ھىملەپ قويۇپتۇ . . . كەچتە باي خوتۇنى بىلەن شەھەردىن قايتىپ كەپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ھويلىغا كېرە - كىرمەيلا غۇلامنى چاقىرىپ: _ كۇپنى توشقۇزۇپ بولدۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ئەنە قارىماملا كۈپ لىقمۇ - لىق توشۇپ كەتتى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ غۇلام. باي ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئىشەنمەستىن ئايۋانغا كىرىپ قارىسا كۈپكە لىقمۇ - لىق سۇ توشقۇزۇلغان ئىمىش. ئۇلار ئۈن - تىسىز ھالدا ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە يەنە بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ مەدىكارلارنىڭ باي بىلەن ھېسابلىنىدىغان ۋاقتى كەپتۇ. ئۇلار قاپ - تاغارلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ باينىڭ ھويلىسىغا كىرىشىپتۇ. باي سوغۇق كۈلۈپ: _ سىلەرگە ھەق كېرەك بولسا، ئالدى بىلەن مەن دېگەن ھېلىقى ئۈچ ئىشنىڭ ئۈچنىچىسى ھېساپىدا بىر سوئالىم بار. شۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭلار، ھەققىڭلارنى ئاندىن بېرىمەن، - دەپتۇ. ئەمىسە بۇيرۇسىلا بىگىم، بىز ئىشلەيلى، - دەپتۇ مەدىكارلار. مېنىڭ بېشىمنىڭ ئېغىرلىقى قانچە جىڭ كېلىدۇ؟ - دەپتۇ باي. _ بېگىم، چاقچاق قىلماي، بىزگە قىلىدىغان ئىشنى بۇيرۇسىلا، - دەپتۇ باي ۋە مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ. ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى پەملىگەن غۇلام دەرھال ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ: _ بېگىمنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن، - دەپتۇ. _ ئۇنداق بولسا جاۋاب بەر، - دەپتۇ باي، - بېشىمنىڭ ئېغىرلىقى قانچە جىڭ؟ مىسقال كەم - زىيادە بولسا بولمايدۇ. _ سېلىنىڭ باشلىرى توپ - توغرا بەش جىڭ چىقىدۇ، - دەپتۇ غولام. _ توغرا ئەمەس، - دەپتۇ باي قاقاقلاپ كۈلۈپ. ئىككىسى گەپ تالىشىپ، ھېچقايسىسى قايىل بولماپتۇ. غۇلام مەدىكارلارغا قاراپ: _ بۇنداق تالىشىپ ھېچقاسسىمىز قانائەتلەنمەيدىكەنمىز. ئۇنىڭدىن كۆرە بېگىمنىڭ بېشىنى كېسىپ تارازىدا ئۆلچەپ باقايلى. بۇنداق قىلساق بېگىممۇ رازى بولىدۇ، بىزمۇ رازى بولىمىز. قېنى ئاكىلار، بېگىمنىڭ بېشىنى كېسىڭلار، - دەپتۇ. مەدىكارلار يۈگۈرۈپ كېلىپ، باينىڭ پۇت - قولىنى باغلاپتۇ. باينىڭ خوتۇن بالا - چاقىلىرى ئاللا توۋا قىچقىرىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ . . . . غۇلام قولىغا يوغان بىر پىچاقنى ئېلىپ: _ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەك ئۈچۈن باشلىرىنى كەسمەك دۇرۇس. رازى بولسىلا بېگىم، - دەپتۇ. باي ئاغزىنى مىڭ تەستە ئېچىپ: _ جېنىم ئۇكام . . . تەخر قىلغىن، بىر . . . بىر قۇشۇق قېنىمنى تىلەي. مەن . . . مەن سىلەرگە نېمە كېرەك بولسا شۇنى بېرەي، - دەپتۇ. _ ياق، بىزگە سېنىڭ بېشىڭ كېرەك، - دەپ پىچاقنى باينىڭ گېلىغا سۈركەپتۇ غۇلام. _ رەھىم قلغىن . . . .مەن . . . مەن ھەرگىز يالغان ئېيتمايمەن، بېشىمنى ئامان قويساڭلا دېگىنىڭنى بېرىمەن. جېنىم ئۇكام، خۇدا ھەققى ، - دەپ تىپىرلاپتۇ باي. مەدىكار باينى بوشىتىپتۇ ۋە ئېلاندا يېزىلغىنى بويىچە قىرىق بەش چارەكتىن بۇغداي ئېلىشىپتۇ. غۇلام بولسا ئىككى ئاكىسىنى باشلاپ كېلىپ ، ئاتسىنىڭ بىر يىللىقىنى، ئىككى ئاكىسىنىڭ بىر يىللىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققىنى يۇلۇپ ئاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق