UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئالتۇن تاغ

ئالتۇن تاغ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا، دۇنياغا مەشھۇر بىر تاغ بار ئىكەن. ئۇنىڭ چوققىسىدا ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت، لەئلى - ياقۇت، گۆھەر قاتارلىق ئىسىل تاشلار ھېساسىز بولغانقا«ئالتۇن تاغ» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ تاغنىڭ ئىگىزلىكى بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن، ئۇ تاغقا بىرەر كىشىنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ئادەممۇ يوق ئىكەن. شۇ تاغقا يېقىن بىر شەھەردە جاۋاھىر پۇرۇشلۇق (جاۋاھىر پۇرۇش - زەرگەر، ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملارنى ساتقۇچى.) قىلىدىغان بىر كىشى بولۇپ، «ئالتۇن تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردىكى بارلىق دۇنيانى ئېلىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى چوڭ بايلار قاتارىدا شۆھرەت قازانسام» دەپ كېچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىكەن، لېكىن بۇ مەقسىدىگە يېتىشنىڭ ئامالىنى ھېچ تاپالمايتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە جاۋھىر پۇرۇش دۇكىنىدا جاۋاھىرات ( جاۋاھىرات - قىممەت باھا تاشلار، ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملار،ئۈنچە - مەرۋايىت.) سېتىپ ئولتۇرسا، بىر ئاقساقال بوۋاي ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام قىپتۇ. - ئوغلۇم، - دەپتۇ. بوۋاي، - ماۋۇ تۇلۇمنى ساتاي، ئېلىپ قويمامسىز؟ تۇلۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئالسىڭىز قاچا بولىدۇ. «ئۇچۇڭ تۇلۇم، ئۇچۇڭ» دىسىڭىز، ھەرقانچە ئىگىز جايغىمۇ ئۇچۇپ چىقالايدۇ، لېكىن يەرگە ئۇچۇپ چۈشەلمەيدۇ. جاۋاھىر پۇرۇش بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تۇلۇمنى سېتىۋاپتۇ. ئۇ كەچتە ئۆيىگە كېلىپ، تۇلۇمغا جىق تاش ئېلىپ، بالىخانىسىغا قاراپ: «ئۇچۇڭ تۇلۇم، ئۇچۇڭ» دېگەن ئىكەن، تۇلۇم ئۇچۇپ بالىخانىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپتۇ. جاۋاھىر پۇرۇش بۇنى كۆرۈپ تۇلۇمنىڭ ئالتۇن تاغقا ئۇچۇپ چىقالىشىغا كۆزى يېتىپتۇ - دە، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، تاغقا چىقىشنىڭ ھېلىسىنى تېپىپ چىقىپتۇ. ئەتىسى جاۋاھىر پۇرۇش مەدىكار بازىرىغا بېرىپ، بىر مەدىكارنى ئېلىپ كېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئوبدان بېقىپتۇ، ئاندىن مەدىكارغا تۇلۇمنىڭ خاسىيىتىنى سۆزلەپ، ئۇنى ئالداپ تۇلۇمغا كىرىشكە كوندۇرۇپتۇ. مەدىكار تۇلۇمغا كىرگەندىن كېيىن، جاۋاھىر پۇرۇش «ئۇچۇڭ تۇلۇم، ئۇچۇڭ» دەپتىكەن، تۇلۇم مەدىكارنىڭ كوتىرىپ تاغقا ئۇچۇپ چىقىپتۇ. مەدىكار تۇلۇمدىن چىققاندىن كېيىن، جاۋاھىر پۇرۇش: - تۇلۇمنى ئالتۇنغا توشقۇزۇپ يەرگە تاشلا، ئاندىن سېنى يەرگە چۈشۈرۈپ قويىمەن، - دەپ توۋلاپتۇ. مەدىكارلىق ئالتۇن تولدۇرۇلغان تۇلۇمنى يەرگە تاشلاپ بېرىپتۇ. جاۋاھىر پۇرۇش تاغىرىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇلۇمنى ئاپتۇ - دە، ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي، شەھەرگە قاراپ بەردەر كېتىپتۇ. مەدىكار تاغ ئۈستىدە قېلىپ، يەرگە چۈشكىلى يول تاپالماي، ئاچلىق ۋە ئۇسسىزلىق ئازاۋىدىن ئۆلۇپتۇ. جاۋاھىر پۇرۇش مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىككى ئۈچ - يىل ئىچىدە نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت يىغىۋاپتۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە نەچچە يۈزلىگەن يىگىتنى ئۆلۈمگە گىرىپتار قىلىپ، قاغا - قوزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىپتۇ. بىر كۈنى جاۋاھىر پۇرۇش بازارغا بېرىش، ئادىتى بويىچە «مەدىكار ئالىمەن» دەپ ۋارقىراپتۇ، بۇنى بىر يېتىم بالا ئاڭلاپ قېلىپ: - باي ئاكا، ئاتا - ئانام يوق يېتىم بالىمەن، مېنى ئېلىڭ! - دەپتۇ. جەۋاھىر پۇرۇش بۇ بالىنى تاغ تۈۋىگە ئاپىرىپ، ئادىتى بويىچە تۇلۇمغا سولاپ تاغقا چىقىرىپتۇ. ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى تاشلىتىپ ئالغاندىن كېيىن، بالىغا قاراپمۇ قويماي شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. يېتىم بالا ھەر قانچە توۋلاپ، يىغلاپ يالۋۇرسىمۇ، جاۋاھىر پۇرۇش قۇلاق سالماپتۇ. بالا جاۋاھىر پۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ ئەتراپىغا قارىسا، ئادەمنىڭ سوڭەكلىرى تاغ ئۈستىدە ساينىڭ تېشىدەك ياتقاندەك. بالا بۇ ئادەملەرنى جاۋاھىھر پۇرۇشنىڭ ھىلە بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ ۋە «خەپ، تىرىكلا بولسا، سېنىمۇ تۇلۇمغا سولاپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالمىسام» دەپ ئويلاپ، قوسىغى ئاچسا ئوتنىڭ يىلتىزىنى يەپ، ئۇسىسا يامغۇر سۇيىنى ئىچىپ بىرنەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. بالا ماڭا - ماڭا تاغ باغرىدا ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، تەۋەككۇل قىلىپ ياردىن ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپتۇ. دەريا سۇيى بالىنى ئېقىتىپ قىرغاققا چىقىرىپ قويۇپتۇ. بالا ھوشىغا كېلىپ، كىيىملىرىنى يېشىپ سىقىپتۇ - دە، ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە كىيىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، چاچ - ساقاللىرىنى چۈشۈرتىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن مەدىكار بازىرىغا بېرىپتۇ. ئۇزۇن ئۆيمەي جاۋاھىر پۇرۇشمۇ مەدىكار بازىرىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە ھېلىقى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ، ئۇلار تاغ تۈۋىگە كەلگەندە جاۋاھىر پۇرۇش بالىغا: - ئۇكام، ماۋۇ تۇلۇمغا كىر، مەن سېنى بىر ئىشارەت بىلەن تاغقا چىقىرىمەن، بىر ئىشارەت بىلەن تاغدىن چۈشۈرىمەن، - دەپتۇ. - باي ئاكا، - دەپتۇ بالا، - مەن ئومرۈمگە كېلىپ تۇلۇمغا كىرگەننى كۆرمەپتىكەنمەن، ئۆزىڭىز كىرپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىز.. جاۋاھىر پۇرۇش بالىغا قاراپ: كۆرۈپتۇ - ھە، تۇلۇمغا مۇنداق كىرىدۇ، - دەپ تۇلۇمغا كىرىشىگە، بالا تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى بۇغۇپ: - ئۇچۇش تۇلۇم، ئۇچۇش! - دەپتىكەن، تۇلۇم جاۋاھىر پۇرۇشنى تاغ ئۇستىگە كوتىرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. جاۋاھىر پۇرۇش تۇلۇمدىن چىققاندىن كېيىن، بالا يەردە تۇرۇپ: - ھەي ئادەمخور باي، ئۆتكەن نوۋەت تۇلۇمغا كىرىپ تاغقا چىققان مەن بولىمەن، خەققە قىلغان يامانلىغىڭ ئاقىۋەت بېشىڭغا چىقتى، - دەپ ۋارقىراپ جاۋاھىر پۇرۇشنىڭ خېچىرىنى مېنىپ شەھەرگە قايتىپتۇ، جاۋاھىر پۇرۇش تاغ ئۈستىدە ئاچلىقىتىن ئۆلۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئالتۇن تاغ | UyghurWiki | UyghurWiki