قادىر ئەۋلىيا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا قادىر ئەۋلىيا دىگەن بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيى يوق ئىكەن. مازارلىقتا يېتىپ - قوپىدىكەن. ئۇ زادىلا باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرىنى سالمايدىكەن.
قادىر ئەۋلىيا بىر كۈنى پادىشاھ ئوردىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر چىرايلىق قىزغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە ئۇنىڭغا شۇ ھامان ئاشىق - بىقارار بولۇپتۇ ۋە بۇ قىزنىڭ پادىشاھنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزى بىۋاستە پادىشاھ ئالدىغا ئەلچى بولۇپ كىرپتۇ ۋە:
- ئەي پادىشاھى ئالەم! ئۆزلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى سورايمەنكى، مېنى ئۆزلىرىگە ئوغۇل قىلىۋالسىلا، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قادىر ئەۋلىيانىڭ تۇرقىغا قاراپ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپتۇ ۋە >كەمبەغەل بىر نىمىكەن، بۇنىڭ قانچىلىك پۇلى بولماقچىدى...< دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا:
- ئىككى تىللا ئېلىپ كەل، ئاندىن قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
قادىر ئەۋلىيا ئوردىدىن چىقىپ، ئۇدۇل دەريا بويىغا بېرىپتۇ ۋە بېلىقلارغا مۇراجەت قىلغان ئىكەن، بېلىقلار شۇئان ئۇنىغا نۇرغۇن تىللا تاشلاپ بېرىپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىن پەقەت تۆت تىللانىلا ئېلىپ پادىشاھ ئالدىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ تىللانى كۆرۈپ، نامەرتلىك قىلماي قىزىنى قادىر ئەۋلىياغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋاپتۇ.
پادىشاھنىڭ بىر قارا نىيەت ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ پادىشاھنىڭ مۇشۇنداق جۇل - جۇل كىيىم كىيگەن بىر گاداينى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلغانلىقىنى كۆرەلمەي، ئىچى قايناپ، تىللالارنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ قاراپ چىقىپ، پادىشاھقا:
- پادىشاھى ئالەم، بۇ بىزنىڭ غەزىنىدىكى تىللاغا ئوخشايدىكەن. ئۇ بۇنى غەزىنىدىن ئوغرىلىغان ئوخشايدۇ! - دەپ داتلاپتۇ.
- پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، تىللاغا قارىسا، ھەقىقەتەن ئۆز غەزىنىسىدىكى تىللاغا ئوخشاپ كەتكۈدەك. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، قادىر ئەۋلىيانى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ ۋە بىكارغىلا تۆت تىللاغا ئىگە بولغىنىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
قادىر ئەۋلىيا پادىشاھنىڭ نامەردلىكىدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالماپتۇ ۋە يەنە دەريا قىرغىقىغا كېلىپ بېلىقلارغا مۇراجەت قىلىپتۇ. بېلىقلار يەنە تىللا تاشلاپ بېرىپتۇ. قادىر ئەۋلىيا ئون تۆت تىللا ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. بۇ ئاجايىپ تىللالارنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپتۇ. لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا:
- مەن قىزىمنى باشقا بىر پادىشاھنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بولۇپ قالدىم، - دەپتۇ. قادىر ئەۋلىيا بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ، ئون تۆت تىللانى پادىشاھنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ - دە، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى قادىر ئەۋلىيا خۇداغا >ئەي خۇدايا - پەرۋەردىگارا، سەن ئاشۇ توينى ماتەمگە ئايلاندۇرساڭ!< دەپ نالە قىلىپتۇ. خۇدا ئۇنىڭ تەلىپىنى بىجا كەلتۈرۈپ، توينى ماتەمگە ئايلاندۇرۇپتۇ. قادىر ئەۋلىيا مەلىكىنى كۆمىدىغان گۆرگە كىرىپ مۆكۈۋاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مەلىكىنى يەرلىكىگە قويۇپتۇ. قادىر ئەۋلىيا مەلىكىنى گۆردىن تەستە ئېلىپ چىقىپ، خۇدادىن ئۇنى تىرىلدۈرۈپ بېرىشنى تىلەپتۇ. مەلىكە تىرىلىپتۇ. بۇ ئىككىسى بىر گۈمبەزنى ئۆي قىلىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. مەلىكە بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلار ئوغلىنى مەكتەپكە بېرىپتۇ. بىر كۈنى ئوغۇل مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتسا مەلىكىنىڭ ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ چىرايىنى قىزىنىڭ چىرايىغا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماراپ مېڭىپتۇ. ئۇ ھېلىقى بالىنىڭ گۈمبەز ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ - دە، دەرھال قايتىپ، ئەھۋالنى پادىشاھقا خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ نەۋكەرلىرىنى باشلاپ گۈمبەزگە بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن قىزى تىرىك تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيرانۇ - ھەس قاپتۇ ۋە قادىر ئەۋلىيادىن بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا، چىقىۋالغىلى ئاچا تاپالماپتۇ. پادىشاھلىقنى قادىر ئەۋلىياغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارغا باشقىدىن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ.
قادىر ئەۋلىيا بىلەن مەلىكە دۆلەتنى ئادىل سوراپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپتۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئيېتىپ بەرگۈچى: ئوسمان ئىبراھىم.