باي ۋە مالچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر باي بولۇپ، ئۇنىڭ ھېسابسىز يەر - زىمىن ۋە نۇرغۇن چارۋىسى بار ئىكەن. ئەمما تولىمۇ زالىم ۋە ئاچكۆز ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىشىلەر بەكمۇ بىزار ئىكەن، ئۇنىڭ چارۋىلىرىنى بېقىشقا يۇرتتىن بىرمۇ ئادەم چىقاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى باي بىر پەنت ئويلاپ تېپىپتۇ، ئۇ لېۋىنى چىشلەپ، پۈتۈن يۇرتقا نەزىر بېرىپ، جامائەت يىغىلغان سورۇندا: «كىمكى مېنىڭ چارۋىلىرىمنى بېقىپ بەرسە ئىككى كىشىلىك ھەق بېرىمەن» دەپ جاكارلاپتۇ.
بۇ يۇرتتا بىر تۇل خوتۇن بولۇپ ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئوغۇل زىرەك ۋە ئەقىللىق، ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئىكەن. ئۇ ئاچكۆز باينى بىر باپلاش نىيىتىگە كەپتۇ، ئوغلىنىڭ نىيىتىنى چۈشەنمىگەن ئانا:
- بالام، بۆرىنىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىش بىز ئۈچۈن نۇمۇس، ئاچلىقتا ئۆلۈپ قالساقمۇ سەن ئۇ يەرگە بارما، - دەپتۇ.
- ئانا، - دەپتۇ يىگىت، - سەن مېنى چۈشەنمەيۋاتىسەن، رەھمەتىلىك دادام شۇ زالىمنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن،سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ بىلىپ قۇي، مەن دادامنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمەن.
يىگىت ئانىسىدىن دۇئا - پاتىھە ئېلىپ باينىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. توختام بويىچە باي بۇنىڭغا ئىككى يۈز قوي تۇتقۇزۇپتۇ. باھار كېتىپ ياز كەپتۇ. باي پادىچى يىگىتنىڭ ئىشدىن قۇسۇر تېپىشقا، تىرناقتىن كىر ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ .
بىر كۈنى پادىلار يانغان چاغدا، قويلار ھويلىدا مەرىشىپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەچكۆز باي ھويلىغا چىقىپتۇ ۋە پادىچى يىگىتكە:
- ھەي تۇز كور ھارىمى، يىگەن نېنىڭغا چۇشلۇق ئىش قىلساڭچۇ، نىمىشقا قويلارنىڭ تويغۇزمىدىڭ؟ - دەپ ۋارقىراپ ئۇنى ساۋىداشقا باشلاپتۇ. پادىچى يىگىت ئوشۇق گەپ قىلماپتۇ. بىرئازدىن كېيىن باي يەنە:
- سەن ھازىر تاققا چىقىپ باغلاپ باققان بوداقلارنى ئېلىپ چۈش، تاڭ ئاتقىچە كېلىپ قويلارغا ياخشى قارا، بىرەرتىسى يوقاپ كەتسە كۆرگۈلۈگۈڭنى كۆرىسەن! - دەپتۇ.
پادىچى يىگىت ئاچكۆز باينىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلىپتۇ - دە، تاققىمۇ چىقماي قوتاننىڭ ئىشىكىگە باغلاپ قويغان تۆت ئىتنى قويۇپ بېرىپ، ئىشىك ئالدىغا تۆمۈر قاپقان قۇرۇپ قويۇپ، قوتاننىڭ ئۆگزسىدە مارىلاپ يېتىپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا، ئاچكۆز باي قوتاندىكى قۇيلاردىن بىرنەچچىنى يوشۇرۇپ قويۇپ پادىچىنى قاپقانغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوتانغا كىرمەكچى بولغان ئىكەن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى قاپقانغا چۈشۈپتۇ. ئۇ «ۋاي» دىيىشىگە تۆت ئىت كېلىپ تالاپ ئۆلتۇرۈپ قويۇپتۇ. خۇشال بولغان پادىچى يىگىت توقۇپ تەييارلاپ قويغان ئاتنى مېنىپتۇ. - دە، راسا چېپىپ يېزىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئات قارا تەرگە چۆمۈپتۇ. تاڭ ئاتقان چاغدا ئۇ ئوزۇن يول ماڭغان قىياپەتتە ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولۇپ ھويلىغا كىرىپتۇ. ھويلىدا يۇرت جامائەتنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، ئۇ ئاتتىن چۈشۈپ جامائەتكە سالام قىپتۇ. جامائەت بىر -بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپتۇ. شۇندىن كېيىن يۇرتتىكىلەر زالىم بايدىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم ياشايدىغان بولۇپتۇ.
«ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈش» دىگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.