UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۇر توقماق

ئۇر توقماق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ئۆزىنىڭ ئۈچ - تۆت يېتىم نەۋرىلىرىنى بېقىپ، بىر دەريانىڭ بويىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ پەقەت بىر تۈپلا قاغا جىگدىسى بار ئىكەن. ئۇلار تولىسى شۇ جىگدە بىلەن كۈن كەچۈرىدىكەن. ئەمما بۇ جىگدىگە قاغىلار ئۆگىنىۋاپتۇ. بىرى كەتسە، بىرى كېلىپ جىگدىگە ئارام بەرمەپتۇ. بوۋاي جىگدىنى قاغىلاردىن ساقلاشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. ئويلا - ئويلا ئاخىر چارە تېپىپتۇ؛ بىر كەپتەرنىڭ باچكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى پۇتلىرىغا، كىندىكلىرىگە، باشلىرىغا سۇۋاپتۇ - دە، جىگدىنىڭ ئاستىغا كېلىپ، ئۆلۈپ قالغاندەك بولۇپ يېتىپتۇ. بىر چاغلاردىن كېيىن بىر قاغا جىگدىگە كېلىپ قونۇپ، كېپەك باسقان كانىيىنى سوزۇپ قاقىلداپتۇ، بوۋاينىڭ يۈزىگە جىگدىلەردىن بىر نەچچىنى چوقۇلاپ چۈشۈرۈپ سىناپتۇ. قارىسا جىم، >ھە، بۇ بىر تاپ ئوخشايدۇ< دەپ پەسكە چۈشۈپتۇ. ئاستا ئالچاڭلاپ كېلىپ، بوۋاينىڭ قورسىقى ئۈستىگە چىقىپ، كىندىكتىكى قېتىپ قالغان قانلارنى ئېلىپ يەپتۇ. ئاغزىنى تامشىپ شۇنداق قارىسا، راستلا خۇدا بەرگەن بىر ئولجا. شۇ يەردىن قاغا ئاۋۋال>ئۈلۈك< نىڭ كۆزىنى چوقۇپ يەي دەپ بىر سەكرەپ بوۋاينىڭ ئېچىلىپ قالغان ئاغزىغا قونۇپتۇ. نەدە تۇرسۇن كۆىنى چوقۇش... قاغا ئۆز كويىدا قاپتۇ. قارىسا بارماقلىرى بوۋاينىڭ ئاغزىغا قىسىلىپ قاپتۇ. قاغا دەررۇ بىر ھىيلە ئويلاپ: >مۇبارەك بولسۇن تىرىلىپ قالغانلىرىغا بوۋاي!< دەپتۇ. بوۋاي >ھىم< دەپ ئاغزىنى شۇنداق ئېچىشىغا قاچماقچى بولغان قاغا ئەمدى ئۆزىنىڭ بوۋاينىڭ چاڭگىلىدا كۆرۈپتۇ. ئاخىر قاغا: باش كۆزىڭىزنىڭ سادىغىسى بولاي، مېنى قويۇپ بەرسىڭىز! - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. - تاس قالدىم كۆزۈمنىمۇ ساڭا سادىغا قىلغىلى، ئەمدى سېنى قويۇپ بېرىش دېگەن نەدىكى گەپ، - دەپ، ئۇنۇماپتۇ بوۋاي. - مەن سىزنى تۈگىمەس دۇنياغا يەتكۈزۈپ قوياي،... - دەپ يەنە يالۋۇرۇپتۇ قاغا. - مەن چىرايلىق سۆزلەرگە ئالدىنىپ قېرىغاندا مۇشۇ كۈنلەرگە قالغان، ئەمدى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىسىدا ساڭا ئالدىنىپ نەگە باراي، - دەپتۇ بوۋاي. - مەن بولسام قاغىلارنىڭ ئەڭ قېرىسى، يېشىم بولسا مىڭدىن ئاشتى. ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ۋەدەمگە شۇنداق بىر ۋاپا قىلىپ ئۆتەيكى ئادەم بالىسى مېنى بىر بىلىپ قالسۇن... - دەپ كوسا ئىڭەكلىرىنى بوۋاينىڭ ئوتۇندەك بارماقلىرىغا سۈركەپ يىغلاپتۇ. >قېرى - قېرىنىڭ قاياشى< دېگەندەك بوۋاينىڭ كۆڭلى ئېرىپ: >خەير، بۇنىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي< دەپ قاغىنى قويۇپ بېرىپتۇ. قاغا ئىنتايىن خۇش بولۇپ، تەزىم قىلىپ: - قېنى، مېنىڭ ئارقامغا كىرىپ مېڭىڭ، - دەپتۇ قاغا. قاغا بىردەم ئۇ دەرەخكە بىردەم بۇ دەرەخكە قونۇپ، ئاخىر بىر جاڭگالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ يوغان قېرى بىر توغراققا كېلىپ قونۇپتۇ. بوۋاي ھاسىسى بىلەن دوڭغاقلاپ كېلىپ، ئەتراپقا شۇنداق قارىسا، مال - چارۋا دېگەن مىغىداپ يايلىغان. قويلارنىڭ ئۈستىدە تورغايلار ئۇگىلىغان، سۇلۇق، ئوتلۇق... شۇنداق چىرايلىق بىر جاڭگال، قاغا توغراقنىڭ تۈۋىدىكى كامانىڭ يېنىغا چۈشۈپ: - خوش، بوۋاي، قېنى ئىلتىپات قىلسىلا، - دەپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. بوۋاي: - بۇ كاماغا مەن قانداق پاتىمەن؟ - دەپتۇ قاغا: - قېنى، قەدەملىرىنى قويسىلا، بىر گەپ بولا، - دەپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. بوۋاي >خەير< دەپ شۇنداق قەدەم تاشلىغاننى بىلىپتۇ، قالغىنىنى بىلمەپتۇ. كۆزلىرىگە ھەر خىل يورۇقلۇق كۆرۈنۈپ، قۇلاقلىرىغا خىلمۇ خىل يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلىىپتۇ، ئالدىغا ئۈنچىلەر چېچىلىپ، قۇلۇپلار جاراڭلاپ، چوڭ ئىشىكلەر ئېچىلىپتۇ. قارىسا بوۋاي بىر بوستانلىقتىكى سۇپىغا كېلىپ قاپتۇ. قاغا بوۋاينى سۇپىنىڭ ئۈستىگە تەكلىپ قىلىپتۇ، ئۆزى سۇپىنىڭ بىر چېتىدىكى پۇتلىرىغا رەڭمۇ رەڭ گۈللەر يامىشىپ كەتكەن بىر كۇرسىنىڭ ئۈستىگە قونۇپ: - مەن بولسام قاغىلارنىڭ خىزىرى، شۇنداق بولسىمۇ ئادىتىمىزنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، سىزگە يولۇقۇپ قالدىم... خەير، ۋەدىگە ۋاپا قىرراق! - دەپتىكەن، سۇپىنىڭ ئالدىغا بىر قارا ئېشەك پەيدا بوپتۇ. قاغا: - مانا بۇ ئشەك سىزگە ۋاپالىق سوۋغىسى. سىز بۇ ئېشەككە شۇنداق مىنگەندە ئۆزىڭىزنى بىر يول ئۈستىدە كۆرىسىز؛ شۇ يول بىلەن مېڭىپ، كەچ قالسىڭىزمۇ ھېچكىمنىڭكىدە قونماي، ئۆيىڭىزگە بېرىڭ. ئەگەر دۇنيا لازىم بولسا مۇشۇ ئېشەكنى بىر كۆرپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ: >ساڭقاڭ ئېشىكىم، ساڭقاڭ، ئالتۇن - كۈمۈش ساڭقاڭ!< دېسىڭىز، سىزگە ئالتۇن - كۈمۈش ساڭقاپ بېرىدۇ، لېكىن بۇ سىرنى ھېكىمگە ئېيتماڭ، - دەپتۇ. بوۋاي >خوپ< دەپ ئېشەككە شۇنداق مىنىشىگە، راست دېگەندەك، ئۆزىنى يول ئۈستىدە كۆرۈپتۇ. ماڭە - ماڭە كەچ بوپتۇ. ئالدىغا بىر تۈگمەن ئۇچراپتۇ. تۈگمەنچى چىقىپ >ۋاي قونۇپ كەتسىلەر...< دەپ ئۆيىگە باشلاپتۇ. ئاخشىمى ياتاردا بوۋاي تۈگمەنچىگە: - ئېشىكىمگ ئالتۇن - كۈمۈش ساڭقاڭ دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ. تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا چىقىپ، ئېشەككە ھېلىقى گەپنى دەپتىكەن، بىر مۇنچە تەڭگە تېزەكلەپ بېرىپتۇ. تۈگمەنچى ئېشەكنى تېگىشىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلىۋاپتۇ. بوۋاي سەھەر تۇرۇپ، ئېشەكنىڭ ئالماشتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى سەزمەي مىنىپ يولغا راۋان بوپتۇ، ئۆيىگە بېرىپ بولغان ۋەقەنى مومىيىغا ۋە نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. يىراق - يېقىندىكى تونۇش - بىلىشلىرىدىن زىلچە - گىلەم سوراپ كېلىپ، ئۆيىگە ساپتۇ ۋە پادىشاھنىمۇ بۇ كارامەتنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئېشەكنى كۆرپىگە چىقىرىپ قاغا ئۆگىتىپ قويغان ھېلىقى سۆزلەنى دەپتۇ. ئېشەك جىم تۇرۇپتۇ، ئىككىنچى قېتىم دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم تۇرۇپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە دەپتۇ، ئېشەك يەنە جىم، ئاخىر كالتەك بىلەن راسا بىرنى ئۇرۇپ، ۋارقىراپ دەپتۇ. ئېشەك تاياققا چىدىماي بىر ئىنجىقلاپتىكەن، ئالتۇن - كۈمۈشكە تىكىلىپ ئولتۇرغان پادىشاھ تېزەك ئاستىدا قاپتۇ. پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ >جاللات!< دەپ ۋارقىراپتۇ، بىراق ئەتراپىغا قارىسا جاللات يوق، >كىمىڭنى ئەخمەك قىلىسەن ھە!< دەپ بوۋاينى تازا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋېتىپ كېتىپتۇ... بىچارە بوۋاي ئەتىسى كۆزىنى ئاچسا، موماي ھەم يىغلاپ، ھەم تاپا - تەنە قىلىپ بېشىدا ئولتۇرغۇدەك. بوۋاي چىىشنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېشەككە مىنىپ جاڭگالغا يول ساپتۇ. قاغىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بولغان ئىشلارنى بايان قىپتۇ. قاغا بوۋاينىڭ گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن >قىرراق< دەپتىكەن، دەررۇ بىر سۇپرا پەيدا بوپتۇ. قاغا: - مانا بۇ سۇپرىنى ئېلىڭ! قاچانكى غىزا - تاماق لازىم بولسا، >ئېچىل سۇپرام، ئېچىل< دېسىڭىز، دەررۇ ئېچىلىپ، ئۈستىدە خىلمۇ ىىل تائاملار ھازىر بولىدۇ. يولدا ھېچ يەردە قونماڭ، سۇپرىنىڭ سىرىنىمۇ ھېكىمگە ئېيتماڭ، - دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ، سۇپرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ماڭە - ماڭە كۈن كەچ بولۇپتۇ، يەنە ھېلىقى تۈگمەنچىنىڭكىگە چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا: - ماۋۇ سۇپۇرىغا >ئېچىل سۇپرام، ئېچىل!< دېمەي، ئوبدان قاراپ قويسىلا، دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ. تۈگمەنچى كېچىدە ئاستا قوپۇپ، خوتۇن بالىلىرى بىلەن گەپنى بىر قىلىپ، >ئېچىل سۇپرام، ئېچىل!< دېگەنىكەن، سۇپرىدىن خىلمۇ خىل غىزالار چىقىپ كېتىپتۇ. تۈگمەنچى باي ئۇ غىزالارنى بالىلىرى بىلەن ھاپىلا - شاپىلا يېيىشىپ، قالغىنىنى جىمىقتۇرۇپ، سۇپرىنىمۇ تېگىشىۋاپتۇ. بوۋاي ئەتىگىنى سۇپۇرىغا زەن قويمايلا قولتۇقىغا قېسىپ، يولغا چۈشۈپتۇ. ئۆيىگە كىرە - كىرمەيلا مومايغا سۇپۇرىنىڭ سىرىنى سۆزلەپ، موماينىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي ئۆي راسلىتىپ، پادىشاھقا خەۋەر بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ قېتىم ئۆزى كەلمەي ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپتۇ. ۋەزىرلەر سورۇن تۈزۈشۈپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاچ قالغان نەۋرىلەرمۇ قوللىرىنى يۇيۇشۇپ، ئىشىكتە تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ھەممە تەييار بولغاندىن كېيىن، بوۋاي >ئېچىل سۇپرام، ئېچىل< دەپتۇ... ئىككى قېتىم دەپتۇ، ئۈچ قېتىم دەپتۇ، سۇپرىدىن ھېچ سادا چىقماپتۇ. ۋەزىرلەر كايىپ، بوۋاينى ئۇرۇپ يۇمىلىتىۋېتىپ، ئوردىلىرىغا قايتىپتۇ. موماي يىغلاپ تۇرۇپ بوۋاينى يەنە تاپا - تەنە ئاستىغا ئاپتۇ. بوۋاي قانداق قىلىشىنى بىلمەي، ھەر مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپ يەنە جاڭگالغا يول ساپتۇ. بېرىپ قاغىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ۋەقەنى يەنە بايان ئەيلەپتۇ. قاغا: - خەير، بۇ ئاخىرقىسى بولغاي، قىرراق...! - دەپتۇ. بوۋاينىڭ ئالدىغا بىر تۇلۇم پەيدا بوپتۇ. قاغا: - مانا بۇ تۇلۇم ئىچىدە بىر توقماق بار. قاچانكى بېشىڭىزغا كۈن چۈشىدىكەن، >ئۇر توقمىقىم، ئۇر!< دېسىڭىز، ھەر قانداق مۈشكۈل ئىشىڭىز ئاسان بولىدۇ، دەپ يەنە باشتا ئېيتقان گەپلەرنى جېكىپ، بوۋاينى يولغا ساپتۇ. بوۋاي يەنە ھېلىقى تۈگمەن ئالدىغا كېلىشىگە تۈگمەنچى چىقىپ: - ۋاي ئاكا، قونۇپ كەتسىلە... دەپ توسۇپتۇ. بوۋاي، خەير، دەپ ئېشەكتىن چۈشۈپتۇ. يېتىش ئالدىدا: - ماۋۇ تۇلۇمنىڭ ئىچىدە بىر توقماق بار، >ئۇر توقمىقىم، ئۇر< دېمەي، ئوبدان قاراپ قويۇشسىلا، - دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ. تۈگمەنچى خوتۇنى بىلەن تۇلۇمنى ئاستا باشقا ئۆيگە ئوغرىلاپ ئاچىقىپ، ئوتتۇرىغا قويۇپ، >ئۇر توقمىقىم، ئۇر!< دېگەنىكەن، تۇلۇمدىن توقماق چاچراپ چىقىپ، تۈگمەنچى ۋە ئۇنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى شۇنداق ئۇرغىلى تۇرۇپتىكى، ئاللا - توۋىنىڭ دەستىدىن جاھاندا تۇرۇپ بولغىلى بولماپتۇ. بوۋاي يۈگۈرەپ چىقسا، ئىش باشقىچە... شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا تېخىمۇ چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ. تۈگمەنچى: >ۋاي ئېشەكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرەي،< دەپ ئېشەكنى تېپىپ كەپتۇ. توقماق توختىماي خوتۇنىنى سېلىۋېرىپتۇ. تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى مىڭبىر توۋا ئوقۇپ، سۇپرىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. توقماق يەنە توختىماپتۇ. ئۇلار: >بالىمىزدىن بالىمىزغا پەندىيات، يۈز مىڭ توۋا، توقماقنى توختىتىڭ بوۋا،< دەپ نالە قىلىپتۇ. بوۋاي: - تۇر توقمىقىم تۇر! - دەپتۇ. توقماق توختاپتۇ. بوۋاي ھەممە نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى ئېشىكىگە مىنىپ، ناخشىسىنى دۆڭ ئېيتىپ، يولغا راۋان بوپتۇ. تەلەي كەلسە بېشىمغا، يايرىم كېلەر قېشىمغا. توقماق يەيدۇ ئالدامچى، توپا سالسا ئېشىمغا... بوۋاي ئۆيگە كېلىپ، موماينى قايىل قىلىپ، تونۇش - بىلىشلەرنى قىچقارتىپ يەنە پادىشاھقا يۈگۈرەپتۇ. پادىشاھ، نېمە بالاغا قالدى. بۇ ئەخمەق گادايدىن، دەپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئارقىدىن پادىشاھنىڭ تاماغا ئۆگىنىپ قالغان كۆڭلى بېسىلماي يەنە بېرىپ بېقىڭلار! دەپ بىر نەچچە ياساۋۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ. غىزادىن كېيىن ئېشەكنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ياساۋۇللاردىن پادىشاھقا نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىلىپتۇ. پادىشاھ سوۋغىلارغا قانائەت قىلماي، نىيىتىنى بۇزۇپتۇ؛ بوۋاينىڭ ئۆيىنى قۇچقاچنىڭ ئۇگىسىنى بۇزغاندەك بۇزدۇرۇپ، ھەممە نەرسىلەرنى خەزىنىگە ئالماق بوپتۇ. بۇنى ئوردىدىكى باغۋەن قېرى ئاڭلاپ قېلىپ، بوۋايغا خەۋەر قىلىپتۇ. بوۋاي ئۆگزىگە چىقىپ تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. قارىسا، راست دېگەندەك بىر مۇنچە لەشكەرلەر كېلىۋاتقۇدەك. لەشكەرلەر يېقىنراق كەلگەندە بوۋاي توۋلاپتۇ: - ھەي! لەشكەرلەر، ئارقاڭلارغا قايتىڭلار. ئالتۇن كېرەك بولسا ئەۋەتىپ تۇراي، بىزنى ئارامخۇدا كۈن كۆرگىلى قويۇڭلار، - دەپتۇ. لەشكەرلەر ئۇنىماي باستۇرۇپ كەپتۇ. بوۋاي خەير دەپ توقماققا ئەمىر بېرىپتۇ: - >ئۇر توقمىقىم، ئۇر!< توقماق لەشكەرلەرنى شۇنداق سالغىلى تۇرۇپتىكى، جاھان توپا - چاڭغا ئايلىنىپ، ئاران ئۈچ كىشى ئوردىغا قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. پادىشاھ غەزەپكە كېلىپ، ھەممە لەشكەرلىرىنى چىقىرىپتۇ. توقماقمۇ ھەممە كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. خەلقلەر توقماقنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپتۇ. لەشكەرلەر ساينىڭ تېشىدەك قىرىلىپتۇ. ئوردا ئېلىنىپ، جەڭ تامام بولۇپتۇ. ئەل ئامان قاپتۇ. خەلقلەر ئۆز ئىچىدىن ئادىل بىر كىشىنى تېپىپ، پادىشاھ سايلاپتۇ. بوۋاي بىلەن مومايمۇ مۇرادىغا يېتىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق