ئالدىراڭغۇلۇق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا ھېزىم ئسىملىك بىر بالا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناھايىتى ئالدىراڭغۇ مىجەزلىك بولۇپ ئۆسۈپتۇ. بىر كۈنى ياتا چاغدا دادىسى ئۇنىڭغا:
- بالام، ئەتە سەھەر تۇرغىن، ھاشىم ئاكاڭنىڭ ئۆيىگە ئىشقا ئەۋەتىمەن، - دەپتۇ.
توخو چىللىغاندا ھېزىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھاشىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ. بىراق دادىسىنىڭ نېمە ئىشقا ئەۋەتىمەكچى ئىكەنلىكىنى سوراشنى خىيالىغىمۇ كەلتەرمەپتۇ.
ھاشىم ئاكىنىڭ ئۆيى يېرىم كۈنلۈك يول ئىكەن، ھېزىم ھېرىپ - ئېچىپ ئاران يېتىپ بېرىپتۇ.
- نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ھاشىم ئاكا ھېزىمدىن.
- دادام ئاخشام: «ئەتە سېنى ھاشىم ئاكاڭنىڭ ئۆيىگە ئىشقا بويرۇيمەن» دېگەن ئىدى، شۇڭا سەھەر يولغا چىقىپ، ھازىر يېتىپ كېلىشىم، - دەپتۇ ھېزىم.
- نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىمىدىڭمۇ؟
ھېزىم بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي يەرگە قاراپ تۇرۇپتۇ.
ھېزىمنىڭ ئالدىراڭغۇلىقىنى بىلگەن ھاشىم ئاكا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ - دە:
- داداڭ سېنى مۇشۇ تۈگمەن تېشىنى ئېلىپ كېتىشكە بۇيرۇماقچى ئىدى، - دەپ تاشنىڭ تۈشۈكىدىن تانا ئۆتكۈزۈپ، ھېزىمنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە يۈدگۈزۈپ قويۇپتۇ ۋە سول مۈرىسىگە يوتكىمەي ئېلىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ.
ھېزىم تاشنى نېمىشقا سول مۈرىسىگە يۆتكىمەسلىكى كېرەكلىكىنى سورىمايلا ئالدىراپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. يولدا كۆپ جاچا تارتىپتۇ. تانا پېتىپ ئوڭ مۈرىسى قاناپ كېتىپتۇ.
ھېزىم ھاشىم ئاكىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، ھېزىمغا بولغان ئاچچىقىنى بىلدۈرمەي:
- بىزگە تۈگمەن تېشى كېرەك ئەمەس، قايتۇرۇپ ئاپىرىپ بەرگىن، دەپ تاشنى ئۇنىڭ سول مۈرىسىگە يۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ. ۋە ئوڭ مۈرىسىگە يۆتكىمەسلىكنى جىكىلەپتۇ.
ھېزىم نائىلاج يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. تانا ئۇنىڭ سول مۈرىسىنى تىلىپ تاشلاپتۇ. مىڭ بىر جاپا تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ھاشىم ئاكىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ - دە، بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىپلا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. ھاشىم ئاكا ئۇنى ئۆيىدە ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
ئەتىسى ناشتا ۋاقتىدا ھاشىم ئاكا ھېزىمغا مۇنداق دەپتۇ:
- بالا، ئەسلىدە داداڭغا تۈگمەن تېشى كېرەك ئەمەس ئىدى، مەن سېنىڭ ئالدىراقسانلىقىڭغا تەنبىھ بولسۇن دەپ تۈگمەن تېشىنى يۈتكۈزۈپ قويدۇم. سول مۈرەڭگە يوتكىمە دېسەم، نېمە ئۈچۈن دەپ سورىمىدىڭ،داداڭ، ئوڭ مۈرەڭگە يۆتكىمە دىسە، بۇنىڭمۇ سەۋەبىنى سورىماپسەن. يەنە شۇ ئالدىراڭغۇلۇقىڭ ئۈچۈن جاپا تارتىڭ، مەقسەتنى بىلمەي، ئالدىراپ كەتسەڭ ھىچ ئىشىڭ ئالغا باسمايدۇ.
ھېزىم بۇ ئىشتىن ئالدىراڭغۇلىقنىڭ زىيىنىنى چۈشىنىپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر ئىش قىلسا، ئالدى - كەينىنى ياخشى ئويلاپ، ئاندىن قول سالىدىغان بوپتۇ.