UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچىن تۆمۈر باتۇر

چىن تۆمۈر باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمىدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ، خاپىلىقىنى بېسىش مەخسىتىدە ھەردائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ، پادىشاھىنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلدار بولۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق، پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ، بالىنى تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ: _ ئى پادىشاھىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى، _ دەپ خەۋەر قىلىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى ھىيلىگەرلىك بىلەن : _ ئۆلتۈرمىسىلە، پادىشاھى ئالەم. بۇ نۆۋەت مەن بىر قۇشۇق قېنىنى تىلىۋالاي، _ دەپ يالۋۇرغان بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى بىر قېتىمغا ئامان قالدۇرۇپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. كىچىك خوتۇنى يەنە ھامىلدار بولۇپتۇ. پادىشاھ يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە شىكارغا چىقىپ كەتكەنىكەن، بۇ قېتىم خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ. چوڭ خوتۇنى بۇنىمۇ كۆلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا مۈشۈك بالىسىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، چوڭ خوتۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۈشۈك بالىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ: _ ئى پادىشاھ ئالەم، بۇ قېتىم خوتۇنلىرى مۈشۈك تۇغدى، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى، بۇ نىمىدىگەن رەسۋاچىلىق، _ دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى: چوڭ خوتۇنى سۇغا تاشلىۋەتكەن بالىلارنى بىر چوڭ ئېيىق سۇدىن ئاچىقىپ، جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ بېقىپتۇ. بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇ. ئەقلىگە كەلگەندە ئۇلار بىر - بىرىگە ئات قۇيۇشۇۋاپتۇ. ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر باتۇر، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ. بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ساغلام، ھەم بەك چىرايلىق بولۇپ ئۆسۈپتۇ. كېيىنچە ئۇلار ئېيىقتىن ئايرىلىپ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگە ئۆي ياساپ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىلا ئوۋ قىلىشنى ئۆگەنگەچكە، تۈرلۈك جان - جانىۋارلارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۈن ئوۋ ئوۋلايدىكەن. مىسران قېلىچى بىلىدىن، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن، كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقى كېتىۋېتىپ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ: _ سىڭلىم مەختۇمسۇلا، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە، ئۆگزىگە چىقما، ئوتنى ئۆچۈرمە، سۇنى كۆچۈرمە، تۇخۇنى «تاخ» دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە، ئوت ئۈچۈپ قالسا، تۈتۈن چىققان تەرەپكە ئوت سوراپ كېتىپ قالما. شۇ گەپلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قېلىچىنى ئېسىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، كاپ - كاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا مېڭىپتۇ. ئارىدىن بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەختۇمسۇلا يالغۇزلۇقتىن زېرىكىپ، ئۆگزىگە چىقىپ بېشىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مۈشۈك بىلەن تۇخۇسىمۇ ئۇنى ئەگىشىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مۈشۈك مىياۋلاپ، تۇخۇسى قاقاقلاپ مەختۇمسۇلانىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ، مەختۇمسۇلا مۈشۈكنى «پەش» تۇخۇسىنى «تاخ» دەپ قوغلاپتۇ. مۈشۈك بىلەن تۇخۇسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ. مۈشۈك ئوچاق يېنىغا كېلىپ چۆگۈننى ئۆرۈۋېتىپتۇ. تۇخۇ كۈلنى تاتىلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچۈپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆيگە كېرىپ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ناھايتى قايغۇرۇپ يەنە ئۆگىزىگە چىقىپتۇ.«ئەمدى قانداق قىلارمەن » دەپ يىغلاپ ئولتۇرسا، ئوڭ تەرىپىدە ئىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، سول تەرىپىدە تۈتۈن كۆرۈنۈپتۇ. مەختۇمسۇلاغا ئوت تېپىش قايغۇسى چۈشۈپتۇ. «نېمە بولسا بولسۇن، پېشانەمدىن كۆرەي» دەپ ئىس چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن مورىسىدىن ئىس چىقىۋاتقان بىر ئەسكى تام ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۆي ئىچىدە بىر قېرى مۇماي ئولتۇرغۇدەك. مەختۇمسۇلا «ئەسسالام» دەپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ. مۇماي ئۇنىڭدىن كىملىكىنى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. مۇماي مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى قولىغا كۈل بىلەن تېرىق سېلىپ بېرىپتۇ ۋە بىر تال تېزەكنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇنى ياغاچقا سانجىپ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇپتۇ. ئاندىن مەختۇمسۇلاغا: _ ئىككى قولۇڭدىكى كۈل بىلەن تېرىقنى ئۆيۈڭگە بارغۇچە چېچىپ بارغىن، ئارقاڭغا قارىمىغىن، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا مۇماينىڭ دېگىنىنى قىلىپتۇ. شۇندىن كېيىن موماينىڭ ئۆيىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيىگىچە ھېلىقى تېرىقلار ئۈنۈپ بەلگە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ موماي ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئېكەن، مەختۇمسۇلا ئۇنى بىلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئوتنى ئېلىپ كېلىپ دەررۇ ئوت يېقىپ، بىر قازان گۆش پىشۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈن ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشۈپ، كەچ كىرىشى بىلەن ھېلىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىشىككە كېلىپ: _ چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟ ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟ مىسران قېلىچى قۇزۇقتا بارمۇ؟ ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟ كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا موماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ: _ چىن تۈمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر، مىسراق قېلىچى قۇزۇقتا يوقتۇر، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە كىرىپ، ئاۋۋال قازاندىكى گۆشنىڭ ھەممىنى يەپتۇ، ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئوزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ. كېتەر چېغىدا مەختۇمسۇلاغا: _ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتما، ئەگەر ئېيتىدىغان بولساڭ، مېنىڭدىن زادى قۇتۇلالمايسەن، _ دەپ پوپوزا قىلىپتۇ. مەختۇمسۇلا قورققىنىدىن ھېچىنېمە دېيەلمەپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈرنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ. ئەتىسى، كۈن كەچ بۇلۇشى بىلەن، ھېلىقى يالماۋۇز موماي يەنە كەپتۇ، ئۆيدە بار نەرسىنى يەپ بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شوراپتۇ. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە كۈن شۇ خىل داۋاملىشىپتۇ. مەڭزى ئاناردەك، ھۆسىنى گۈلدەك مەختۇمسۇلا كۈندىن - كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، زەپىرەڭ سارغىيىپ كېتىپتۇ. سارغىيىپ كېتىپتۇ. يەتتىچى كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ سىڭلىشىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران بولۇپتۇ، كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ، چۈنكى سىڭلىسى مەختۇمسۇلا بىر يىل كېسەل بولغان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىكەن. _ ھەي مەختۇمسۇلا، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە ئورۇقلاپ، سارغىيىپ، ھالىڭدىن كېتىپسەن، نېمە بولدۇڭ؟ كىمدىن ساڭا ئازار يەتتى؟ _ دەپ سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر. مەختۇمسۇلا يىغلاپ تۇرۇپ، يالماۋۇز مۇماينىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاكىسىغا بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چىن تۆمۈر باتۇر ناھايتى غەزەپلىنىپ: «ئەگەر مۇشۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرمىسەم، چىن تۆمۈر باتۇر بولماي كېتەي» دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا قاراپ: ھەي سىڭلىم، مېنىڭ كەلگىنىمنى چېچ كىشى بىلمىسۇن. مەن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئورا كولاپ مۈكۈپ ياتىمەن. ئەگەر يالماۋۇز كېلىپ مېنى سورىسا، كۈنىدىكىدەك «كەلمىدى» دەپ جاۋاپ بەرگىن ، _ دەپتۇ. ئاندىن ئېتىغا، بۈركۈتىگە ۋە كۈچۈكىگە قاراپ: _ ھەي، ۋاپادار جانۋارلىرىم، ئەگەر يالماۋۇز مۇماي كەلسە، ئۈن چىقارماڭلار، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرەيلى، _ دەپتۇ. بۇ جانۋارلار چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ گېپىنى ئۇقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، چىن تۈمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ، بېشىغا دۇبۇلغا كېيىپ، مىسران قېلىچىنى تۇتۇپ ئورىدا مۈكۈنۈپ يېتىپتۇ. بىر كەمدىن كېيىن يالماۋۇز موماي كېلىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ، بەدىنى شۈركىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ : «بۈگۈن چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، قايتىپ كەتمىسەم بولماس» دەپ يېنىپتۇ، لېكىن نەپسى قايتىپ كېتىشكە قويماپتۇ. موماي: «چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى بىر سوراپ كۆرەي. ئەگەر كەلگەن بولسا، قايتىپ كېتەي، كەلمىگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بەختىم» دەپ ئويلاپ، ئىشىككە يېقىن كېلىپ: _ چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟ ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بامۇ؟ مىسران قېلىچى قوزۇقتابارمۇ؟ ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟ كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا: _ چىن تۈمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر، مىسراق قېلىچى قۇزۇقتا يوقتۇر، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. موماينىڭ يۈرىكى توختاپ، يەتتە بېشىنىڭ ھەربىرىدىن تۈرلۈك سادالارنى چىقىرىپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك كىرىپ كەپتۇ. لېكىنى ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرمەي: _ ھەي مەختۇمسۇلا! ئاڭاڭ چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، ئۆيۈڭدە ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا تەمكىنلىك بىلەن: ئاكام تېخى كەلمىدى. ئەگەر كەلگەن بولسا، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا، مىسران قېلچى قۇزۇقتا، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بولماسمىدى، _ دەپتۇ. _ سەن يالغان ئېيتىسەن، چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، ئادەم پۇرىقى كىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ يۇشۇرۇنىۋالغان ئوخشايدۇ، _ دەپتۇ يالماۋۇز موماي. بۈگۈن ئاكامنىڭ كۆينەك، تامبىلىنى يۇيۇپ، سۈيىنى ئۆيگە تۆككەنىدىم، شۇنىڭ پۇرىقى بولسا كېرەك، _ دەپتۇ مەختۇمسۇلا. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يالماۋۇز موماي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئادىتى بويىچە، مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ، ئەمدىلا قېنىنى شوراي دەپ تۇرۇشىغا چىن تۆمۈر باتۇر ئورىدىن چىقىپ، مىسران قېلىچى بىلەن بىر ئورغانىكەن، يالماۋۇز موماينىڭ بىر بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. يالماۋۇز موماي «ئاھ» دەپتۇ _ دە، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراپ: _ بىر بېشىمنىغۇ ئالدىڭ، قالغان ئالتە بېشىمغا قانداق جاۋاب بېرىسەن؟! _ دەپ كەھر بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشىپتۇ. ئېلىشىش بىر كېچە - كۈندۈز بوپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئىلاجىسىنى تاپالماي، چىن تۆمۈر باتۇرغا يەنە ئېسىپتۇ، يەنە بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇر بۇ قېتىم يالماۋۇزنىڭ يەنە بىر بېشىنى چېچىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچ بېشىدىن ئايرىلغان يالماۋۇز تېخىمۇ غەزەپ بىلەن تۇتۇشۇپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز مۇماي ئۇياقتىن بۇياققا قېچىشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ بەشىنچى بېشىنى كېسىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئەمدى ماغدۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى پىيالىدەك بولۇپتۇ، ئىشكىتىن قېچىق چىقاي دېسە، مەختۇمسۇلا قېلىچ بىلەن چېپىپ چىقارماپتۇ. ئاخىر چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ ئالتىنچى بېشىنىمۇ چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئەمدى يالماۋۇز موماينىڭ «يەل مۈڭگۈز» دەپ ئاتالغان بىرلا بېشى قاپتۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن قۇيۇنغا ئايلىنىپتۇ - دە، ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ: _ ھەي مەختۇمسۇلا، خەپ توختا! _ دەپ بەدەر قېچىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ بىر بېشى قالغان يالماۋۇز موماينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مەختۇمسۇلا باغلاقلىق كاپ - كاپ كۈچۈكىنى قويۇۋېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز مومايغا يېتىشىپتۇ. يالماۋۇز مۇماي نائىلاج چىن تۆمۈر باتۇرغا ئېسىپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگۈچە ئېلىشىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ - پاك كۈچۈكى يېتىپ كېلىپ، يالماۋۇز موماينىڭ پاقالچىكىدىن چىشلەپ تارتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يالماۋۇز مۇماي ھالسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يالماۋۇز موماي ھالسىزلىنىپ يېقىلىپتۇ. كاپ - كاپ كۈچۈك ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەتتىنچى بېشىنى ئېلىپ، ئۆيگە خوشال قايتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە بىر نەچچە ۋاقىت خۇشال - خورام ئۆتۈپتۇ. مەختۇمسۇلانىڭ رەڭگى رويى ئاستا - ئاستا ئوڭلىنىپ، ئاۋۋالقى ھالىتىگە كەپتۇ. ئۇ، ئاي يۈزلۈك، خۇمار كۆزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قاشلىق، نازۇك بەدەن بىر گۈزەل بوپتۇكى، ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەقلى - ھوشىنى بىلمەي قالىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر زېرىكىپ، يەنە ئوۋغا چىقماچى بولۇپتۇۋە مەختۇمسۇلاغا: ھەي سىڭلىم ، مەن يەنە ئوۋغا چىقىمەن. سەن ھەرگىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىغىن، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ چېچېڭنى تارىمىغىن، _ دەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى بىلەن خوشىلىشىپ ئوۋغا چىقىپ كىتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ نەسھىتىنى يادىدا تۇتۇپ بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماپتۇ. لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىپتۇ. ئاقىۋەت تالاغا چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا، سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ چېچىنى تاراشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىر نەچچە تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاچلار ئىقىپ بېرىپ سانجۇ پادىشاھسىنىڭ ئوردىسىدىكى كۆلگە چۈشۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سانجۇ پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئوزموخ نەۋكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرغانىكەن. شاھزادە ئوزموخ كۆل بويىغا كېلىپ باش كۆزىنى يۇيۇۋاتسا، ئۇنىڭ قولىغا ھېلىقى چاچلار ئېلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچلارنىڭ ئوزۇنلىقى ۋە سۇمبۇللۇقى شاھزادىنى ھەيران قالدرۇرۇپتۇ. ئوزموخ نەۋكەرلىرىدىن: بۇ نېمىدىگەن ئوزۇن چاچ؟ كىمنىڭ چېچى؟ _ دەپ سوراپتۇ. نەۋكەرلەر: _ ھەي شاھزادە ، بۇ، ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن ئاكىسى بار، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئەر تېخى چىققىنىن يوق، _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئوزموخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تورۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ۋەس - ۋەسىگە چۈشۈپتۇ. دەرھال قول ئاستىدىكى بەگلەرنى يىغىپ مەسلىھەت ئاپتۇ. نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ، مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇلار بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئەتراپنى قورشاپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆگزىگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ: _ ھەي لەشكەرلەر، بۇ نېمە دېگەن ئوياتسىزلىق! يالغۇز بىر ئاجىز قىزغا شۇنچە لەشكەرلەرنىڭ كېلىشى نامەردلىك! ئاكام چىن تۆمۈر باتۇر كەلسە، قانداق جاۋاپ بېرىسىلەر؟! ئوزموخ مەختۇمسۇلانى كۆرۈپ ئوتتەك كۆيۈپ، مۇنداق دەپتۇ: _ ھەي مەختۇمسۇلا، ئۈزۈڭنى ماڭا قوبۇل قىلساڭ قىل، بولمىسا سېنى زورلۇق بىلەن ئالىمەن! مەختۇمسۇلا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غەزەپ بىلەن يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا كېتىشنىڭ ئالدىدا:«ناۋادا بېشىڭغا كۈن چۈشسە، بۇ قۇشنى قويىۋەتكىن، مەن قەيەردە بولسام ،شۇيەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ بارىدۇ» دەپ تاپىلاپ ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قويۇپ كەتكەنىكەن. مەختۇمسۇلا چۈمۈلىدەك قورشاپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ، ئۆزى قېلىچنى قولىغا ئېلىپ، بۇلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى يوقىتىپتۇ. ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇر خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ مىسران قېلىچىنى ئوينىتىپ، بىر ئۆزى نەچچە مىڭ لەشكەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. تەڭ كېلەلمىگەن لەشكەرلەر ئۆلەر - تىرىلىشىگە باقماي قېچىشقا باشلاپتۇ. ئوزموخ قېچىپ كېتىۋاتقان لەشكەرلىرىگە: _ سىلەر ئىككى كىشىدىن شۇنچە قاچامسىلەر؟ قاچساڭلارمەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىلەر! _ دەپ پىتىراپ كەتكەن لەشكەرلەرنى ئۆزى باشلاپ يەنە ئۇرۇش ئېچىپتۇ. ئوزموگ چىن تۆمۈر باتۇرغا بىر قانچە ئون پالۋانلىرى بىلەن بىراقلا ھۇجۇم قىپتۇ. نەيزە - قېلىچلارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلىشىدىن چاقماق چاققاندەك ئوتلار چاقناپتۇ. بىراق، ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى يىڭەلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ:«ئاكامغا زەخىم يەتمىگىدى،ئۇنىڭ مېيىپ بولغىنىدىن مېنىڭ مېيىپ بولغىنىم ياخشى» دەپ ئويلاپ، ئاكىسىغا مۇنداق دەپتۇ: _ جېنىم ئاكا، دۈشمەنلەر سان - ساناقسىز ھەم رەھىمسىز. شۇڭا، جەڭدىن يېنىڭ، ئۆلسەم مەن ئۆلەي، سىز ئامان قېلىڭ! شۇ چاغدا چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلاغا قاراپ: _ سىڭلىم، مېنىڭدىن تەشۋېش قىلما. چىن تۆمۈر ئېتىم بار، ماڭا دۈشمەن ئالدىدا باش ئېگىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ. سەن جان - جىگەر سىڭلىمدىن ئايرىلالمايمەن. شۇڭا، جەڭدىن يانمايمەن! _ دەپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئوزموخنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشكە ئاز قالغاندا، ياردەمگە ئەۋەتىلگەن سانجۇ لەشكەرلىرى نەرە تارتىپ يېرىپ كەپتۇ. ئۇلار قېلىچ - نەيزىلىرىنى يالىڭاچلاپ، ئوقيالىرىنى چەنلەپ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قارا قاغىدەك يېپىشىپتۇ. ئوزموخ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، مەختۇمسۇلانى تۇتۇۋېلىپ، پۇت - قولىنى مەھكەم باغلاپ ئېلىپ قېچىپتۇ.چىن تۆمۈر باتۇر قەھر- غەزەپكە تولۇپ، يەتتە كېچە كۈندۈز ئېلىشىپ ھەممە بۇلاڭچىنىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. كىيىن قارىغۇدەك بولسا، مەختۇمسۇلا ھېچ يەردە كۆرۈنمەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، مەختۇمسۇلانى ئىزدەپ دەشتى - چۆللەرنى كېزىپتۇ. ئىزلە- ئىزلە ئاخىرى ئىلى دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ، تېكەس تېغىنىڭ كۆك تۆپە دېگەن يېرىگە كەپتۇ. كىشلەر داڭقى داستان بۇ باتۇرنى ناھايتى خۇشال قارشى ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىن تۆمۈر باتۇر ئۇيەرگە جايلىشىپ قاپتۇ. چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ تىزلا باي بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ مال - دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادىلا كۆرۈنمەپتۇ. پۈتۈن ئوي - خىيالى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادىلا قاپتۇ. كۆزى كېچە - كۈندۈز ياشتىن قۇرۇماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، چىن تۆمۈر باتۇر تولا يىغلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى گەپنى مەختۇمسۇلادىن ئاڭلايلى: ئوزموخ ساھىپجامال مەختۇمسۇلانى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ، بۇلاڭچىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ كېچە - كۈندۈز ئاكىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەختۇمسۇلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ كىلىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئۆز كۆڭلىدە:«ھە، ئەمدى ئىككى بالىلىق بولغاچقا بىزگە رام بولدى» دەپ ئويلاپ، رۇخسەت قىلىپتۇ. سانجۇ پادىشاھلىقىنىڭ بىر تۇلپارى بولۇپ، بۇ تۇلپارغا پادىشاھنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ مىنىشى مەنئىي قىلىنغانىكەن. مەختۇمسۇلا ئەنە شۇ تۇلپارغا مىنىپ، قىرىق كىنىزەك ھەم قىرىق نۆكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە دەرياغا قاراپ يول ئاپتۇ. بۇ لار ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. قاتار - قاتار چىدىر بارگاھلارنى تىكىپ، ھەرخىل تائاملارنى پىشۇرۇپتۇ. سۈتتىن قىلىنغان شارابلارنى تۇلۇم تۇلۇمى بىلەن تىكلەپ قويۇپتۇ. چوڭ زىياپەت باشلىنىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ئاياقلارغا سۈت ھارىقى تولدۇرۇپ، كېنىزەك، نۆكەرلەرگە بىر - بىرلەپ سۇنۇپ، بىردەمدىلا ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇلارنىڭ مەستىلىكىدىن پايدىلىنىپ، چاققانلىق بىلەن تۇلپارغا مىنىپتۇ - دە، ئىلى دەرياسىنى كېچىپ ئۇ قاتقا ئۆتۈۋاپتۇ. پادىشاھ ئالدىدا بېشى كېتىشتىن قورققان نۆكەرلەر دەرھال ئارقىدىن قوغلاپ دەريا لېۋىگە كەپتۇ. بىراق ھېچقاسسىنىڭ ئېتى دەرياغا كىرەلمەپتۇ. ئەسلىدە پادىشاھنىڭ تۇلپارىدىن باشقا ھەرقانداق جانىۋار بۇ دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتەلمەيدىكەن. ئامالسىز قالغان نۆكەرلەر مەختۇمسۇلاغا قاراپ: _ ھەي مەختۇمسۇلا! ئىككى بالاڭنى يېتىم قىلماي، كەينىڭگە يانغىن، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا: _ ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ كەلسەڭلار يېنىپ ئۆتىمەن، _ دەپتۇ. نۆكەرلەر دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ چوڭىنىڭ «ئاقار»، كىچىكىنىڭ ئېتى«چۆكەر»&ئىكەن. مەختۇمسۇلا نۆكەرلەرگە قاراپ: _ چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلاڭلار، ئۇنىڭ پىراقىغا چىدىماي ئۇياققا ئۆتۈپ قالارمەن، _ دەپتۇ. نۆكەرلەر «ئاقار » بالىسىنى دەرياغا ئاققۇزۇپتۇ، بىراق مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. نۆكەرلەر «مەختۇمسۇلا كىچىك ئوغلىنى ئوبدان كۆرىدۇ. شۇنى دەرياغا تاشلىساق، ئوغلىنى تۇتۇۋالىمەن دەپ دەرياغا چۈشەر» دېيىشىپ، «چۆكەر» نى دەرياغا تاشلاپتۇ. بالا شۇزامان سۇغا غەرق بولۇپتۇ. مەختۇمسۇلاغا بۇ ناھايتى ئېغىر كەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاكسى چىن تۆمۈر باتۇرنى تېپىش ئارزۇسىدىن يانماپتۇ. ئۇ نۆكەرلەرگە قاراپ: _ ھەي ئىنسابسىز بۇلاڭچىلار! سىلەرگە نەسلىمنىمۇ قالدۇرمىدىم، ئەمدى مۇرادىم ھاسىل بولدى، _ دەپتۇ _ دە، ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇلاڭچىلار دەريادىن ئۆتەلمەي ئامالسىز قايتىپتۇ. مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگەنچە دەستىلەرنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، نۇرغۇن تۆگىلەر يايراپ يۈرگۈدەك. مەختۇمسۇلا تۆگىچىلەردىن: _ بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى؟ _ دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر: _ چىن تۆمۈر قارىغۇنىڭ تۆگىلىرى، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. _ ئۇ نېمە بولۇپ قارىغۇ بولدى؟ _ دەپ سوراپتۇ مەختۇمسۇلا. تۆگىچىلەر: _ ئۇنىڭ بىر سىڭلىسىنى بۇلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەنىكەن، شۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا يەنە: _ ھازىر ئۇ قەيەردە؟ دەپ سوراپتۇ. تۆگىچىلەر: _ قەيەردىلىكىنى بىلمەيمىز ، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا يەنە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن يىلقىلار ئۇچراپتۇ. يىلقىچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ. يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن كالا، قوي پادىلىرىنى كۆرۈپتۇ. قويچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا جاۋاپ بېرىپتۇ. ئاخىرى مەختۇمسۇلا ئەڭ چەتتە موزاي بېقىۋاتقان بىر پادىچى بالىدىن : _ جېنىم ئۇكام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قەيەردە؟ ئيتىپ بەرسەڭ، _ دەپ يېلىنىپ سوراپتۇ. پادىچى بالا تەسلىكتە: _ چىن تۆمۈر قارىغۇ ھازىر ئالتۇن ئارىشاڭ دېگەن يەردە، _ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: مەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى بولىمەن، مېنى ئاكامنىڭ قېشىغا باشلاپ بارساڭ، _ دەپتۇ. پادىچى بالا: _ پادىدىن ئايرىلالمايمەن، موزايلار يىتۈپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ ئۇنىماپتۇ. مەختۇمسۇلا: ئۇنداق بولسا، پادىلىرىڭغا مەن قاراپ تۇراي. قۇلۇڭغا مۇنۇ ئالمىنى ئال. ئەگەر چىن تۆمۈر باتۇر سۆزۈڭگە ئىشەنمىسە، ئالىمىنى كۆزىگە سۈرتمەڭ ، كۆزى ئېچىلىدۇ، _ دەپ قولىغا بىر ئالمىنى بېرىپتۇ. پادىچى بالا ئالمىنى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇ، چىن تۆمۈر باتۇرغا بېرىپ مەختۇمسۇلانىڭ خەۋىرىنى ئېيتقانىكەن، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ. شۇ ھامان پادىچى بالا: _ ئالمۇتىيار ئالمىسى، مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى. مەختۇمسۇلا بولمىسا ، قايدىن كېلۇر خالتىسى؟! دەپ ئالمىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىگە سۈتكىگەنىكەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ زامات ئېچىلىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر پادىچى بالىغا چوڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەختۇمسۇلانىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاكا - سىڭىل قېرىنداشلار بىر - بىرىن كۆرۈپ يىغلىشىپتۇ. ھال - ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇشال - خۇرام، تىنچ ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق