قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىككى ئاكا - ئۇكا بولغانىكەن. بىر كۈنى بۇلار ئەرزىمەس بىر ئىش بىلەن خاپا بولۇشۇپ قاپتۇ - دە، ئاكىسى قېيداپ، باش ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.
ئارىدىن ئون يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاكىسىدىن ھېچقانداق ئىز - دېرەك بولماپتۇ. ئۇكىسى ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىپ كۆرۈپتۇ. دېرىكى بولماپتۇ، شۇڭا ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ، غايىبانە قەبرىسىنى تىكلەپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ، يامغۇر سىمىلداپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى كېچىسى تۇيۇقسىز ئىشىك قېقىلىپتۇ.
- بۇنداق چاغدا ئىشىك قاققان كىم؟ - ئىنىسىنىڭ ئۆي ئىچىدىن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
- مەن.
- مەن دېگەن كىم؟
- مەن - ئاكاڭ. ئىشىكنى ئاچقىن! - ئىنىسى بۇ گەپكە ئىشەنمەي، كۆڭلىدە: >بۇ پەيلىنىبۇزۇپ كەلگەن ئوغرى بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپتۇ - دە:
- مېنىڭ ئاكام يوق، ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا ئەتە كەل، ھازىر ساڭا ئىشىك ئاچمايمەن، - دەپتۇ.
نەچچە كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىپ، >ئىنىمنى كۆرىمەن< دېگەن ئۈمىد بىلەن كەلگەن ئاكىسىغا بۇ گەپ ناھايىتى ھار كەپتۇ - دە، يېنىدىكى ئىتتىك پىچاق بىلەن ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ.
سىرتتا دەرۋازا قايتا قېقىلمىغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ گېپى بىلەن ئويغىنىپ كەتكەن ئايالنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ ۋە ئېرىگە شۇنداق دەپتۇ:
- دەرۋازا قاققۇچى راستىن ئوغرى بولغان بولسا، سىلىنىڭ بىر قېتىملىق گېپىڭلار بىلەن جىمىپ كەتمەي، يەنە ئىشىك قېقىپ بىزنى پاراكەندە قىلغان بولاتتى، مېنىڭچە، بۇ ئوغرى ئەمەس، بەلكى راست ئاكاڭلا بولۇشى مۇمكىن، كېتىپ قالمىغان بولسا، چىقىپ سىرتقا قاراپ باقسىلا قانداق؟
- ئەر كىيىنىپ، ياندۇرغان چىراغنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئېرى قايتىپ كىرمىگەچ، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە چۈشۈپتۇ - دە، كىيىم - كېچەكلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن كىيىپ، قولىغا كەكە تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، بىردىنلا چۆچۈپ كېتىپتۇ. قارىسا، غەرق قانغا بويالغان ھالدا ئېرىنىڭ تېنى بىر يەردە، كاللىسى بىر يەردە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر جەسەت يېتىپتۇ. چىراغ بولسا ئىشىكنىڭ تۈۋىدە غۇۋا نۇر چېچىپ، جەسەتلەرنى سۇس يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ، ئايال بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئېرىنىڭ جەسىتىگە تاشلىنىپ، جەسەتنى قۇچاقلاپ: >ۋاي مۇرەببىم!< دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپتۇ.
يىغلاش بىر ھازا داۋاملاشقاندىن كېيىن بىرىنىڭ >قىزىم بولدى، سەۋرى قىلىڭ!< دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، چاچ - ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر مويسىپىت كىشى ئۈستىدە قاراپ تۇرغۇدەك.
ئايال ھەيران بولۇپ يىغىسىنى توختىتىپتۇ.
- قىزىم ھەيران قالماڭ، - دەپ سۆز باشلاپتۇ مويسىپىت كىشى، - مەن خىزىرى ئەلەيھىسسالام بولىمەن. يۈ بەرگەن ئەھۋالنى سىزگە قىسقىچە دېسەم، ئېرىڭىز ئىشىكنى ئېچىپ، >منىڭ ئاكام يوق< دېگەن گەپنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلىۋەتكەن بۇ يىگىتنى تونۇغان - دە، >ماڭا ئاكامسىز ياشاشنىڭ نېمە كېرىكى بار< دەپ، ئۆز كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان. مەن بۇ ئاقىۋەتنى ئوڭشاپ، ھەر ئىككىيلەنگە خۇدايىمدىن جان تەلەپ قىلىپ بېرەي. بۇنىڭدىن كېيىن بۇلار بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتسۇن.
ئايالغا خىزىرى ئەلەيھىسسالام ھەر كىمنىڭ بېشىنى ئۆز بوينىغا ھىملاشنى تاپشۇرۇپتۇ، بىراق، خۇشاللىقىنى سىغدۇرالمىغان ئايال بىخەستىلىك قىلىپ، ئېرىنىڭ كاللىسىنى قېيىن ئاغىسىنىڭ كاللىسىغا ئالماشتۇرۇپ جىپشىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. خىزىرى ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، جەسەتلەرگە ئاللاتائالادىن جان تەلەپ قىپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
بىر پەستىن كېيىن جەسەتلەر تىرىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. قارىسا بۇ ئىككىيلەننىڭ بېشى بىلەن تېنى بىر - بىرىگە ئالمىشىپ قالغان، ئايال بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆز ئېرى بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قاپتۇ.
قېنى، كۆپچىلىك ئايرىپ بېقىڭلار! ئايال بۇلارنىڭ قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟