جاۋابخور قىز ۋە پەملىك دادا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا سايىم ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ گۈلھەسەل ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. گۈلھەسەل ياتلىق بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق يامانلاپ كېلىدىكەن. سايىم: >قىزىم نېمىشقا تولا يامانلاپ كېلىسەن؟< دېسە گۈلھەسەل: >ئۇ مېنى ئۇرىدۇ< دەيدىكەن.
بىر كۈنى كۈيئوغلى گۈلھەسەلنىڭ جاۋابخور جاۋىلداقلىقىدىن داتلاپتۇ.
سايىم ئىچىدە: >خوتۇن جاۋابخور بولسا، ئەر ئەلۋەتتە ئۇرىدۇ، بىر چارە قىلاي< دەپ، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر ئاجايىپ بىر تەدبىر قىپتۇ.
بىر كۈنى سايىم قىزىغا:
- بالام مەن ساڭا بىر تۇمار پۈتۈپ قويدۇم، مۇندىن كېيىن ئىرىڭ ئۇراي دەپ قولىنى شۇنداق كۆتۈرگەندە، سەن بۇ تۇمارنى چىشلەپ جىم تۇرۇۋال، ئېرىڭنىڭ قولى بەنت قىلىنىپ سېنى ئۇرالمايدۇ، - دەپتۇ.
قىزى خۇشال بولۇپ، ئىرىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ. بىر نەچچە ئايغىچە كەلمەپتۇ. بىر كۈنى خۇشال قايتىپ كېلىپ:
- ۋاي دادا، ھېلىقى تۇمار راستىنلا خىسلەتلىك تۇمار ئىكەن. ئىككىمىز ۋارقىرىشىپ، بەزىدە ئۇرۇشۇپ كەتسەكمۇ ئۇ ئاچچىقلاپ ئۇراي دەپ كەلگەندە تۇمارنى يانچۇقۇمدىن ئېلىپ چىشلەپ جىم تۇرۇۋالسام، ئۆزىچە ئاچچىقىدىن يېنىپ بوشاپ قالىدۇ، - دەپتۇ.
سايىم ئىشلەتكەن پەمىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ.