مەلىكە گۈلرۇز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئادىل شاھ ئىسىملىك بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ گۈلرۇز دېگەن بىر ساھىبجامال قىزى بار ئىكەن. گۈلرۈز ئون تۆت ياشقا كىرىپتۇ. پادىشاھ: «قىزىم چوڭ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ لايىقىنى قانداق ھەل قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن خىيال بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. ئويلىمىغاندا، بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا يەتمىش پادىشاھنىڭ ئەلچىسى كەپتۇ. بۇ ھال پادىشانى غەم دەرياسىغا تاشلاپتۇ.
مەلىكە گۈلرۇز تەڭدىشى يوق ئەقىللىق ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ غەمگە پاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر پارچە قەغەزگە مەكتۇپ يېزىپ دادىسىغا چىقارتىپتۇ. مەكتۇپتا مۇنداق دىيىلگەن ئىكەن. «دادا، مەن ئۈچۈن ئۇنچە غەم قىلماڭ، مەن ئۆز لايىقىمنى ئۆزەم تاللايمەن. بىر مەسلىھىتىم بار. شۇنى قوبۇل كۆرسىڭىز، پادىشاھلارنىڭ ئەلچىلىرىنى قايتۇرۋېتىڭ ھەم دەرھال ئىش باشلاپ ئوردىمىزنىڭ ئالدىغا بىر باغ بىنا قىلدۇرۇڭ، ئۇ بېھىشتىن نىشان بېرىدىغان باغ بولسۇن. ئۇنىڭ ئىچىدە رەڭگارەڭ گۈللەر پۇرەكلەپ ئېچىلىپ، تۈرلۈك قۇشلار سايرىشىپ تۇرسۇن. باغنىڭ ئالدىغا بىر بىنا ياسىتىڭ. بىنانىڭ ئۈستىگە ناغرىخانا سېلىنىپ ئۇنىڭغا يۇقۇرى ئاۋازلىق ناغرا تەييارلانسۇن، ناغرىنىڭ چوكىسى ئالتۇندىن بولسۇن. ماڭا ئاشىق بولغان يىگىت شۇ ناغرىنى چالسۇن - دە، پۈتۈن ئەل - جامائەت يىغىلسۇن، شۇ مەيداندا مەن ئۇ يىگىتكە تۆت مىسرا بېيىت ئېيتىمەن. ئۇ ھەربىر مىسرا بىيىتىمنىڭ مەنىسىگە، قاپىيىسىگە دەل كەلتۈرۈپ جاۋاب ئېيتالايدىغان بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنى تويلۇقسىز قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر جاۋاب ئېيتالمىسا بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمە».
پادىشاھ قىزىنىڭ مەكتۇبىنى كۆرۈپ، بىر ھازا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن يۇرتتىكى ئاتاقلىق باغۋەن، تامچى، ياغاچچى. نەققاشچى... لارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىش باشلاپتۇ. ئۈچ يىلىدىن كېيىن ھەممە نەرسە قىزىنىڭ مەكتۇبىدىكىدەك ئورۇنلىنىپتۇ. ھەممە ئىش تەلەپكە لايىق پۈتكەندىن كېيىن، پادىشاھ قىزىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە قەغەزگە شەرتلەرنى پۈتۈپ، ئوردىنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلاتقۇزۇپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەلگەن شائىر يىگىتلەرنىڭ بىرىمۇ مەلىكە گۈلرۇزىنىڭ بىيىتىگە جاۋاب ئېيتالماپتۇ. تۆت يۈز سەكسەن ئالتە كىشىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا بولۇپتۇ.
شۇ كۈنلەردە شەھەرگە يېقىن يەردە قابىز ئىسىملىك بىر بوۋاي ياشايدىكەن. بوۋاي مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپتۇ.
بوۋاي ناغرىخانىغا چىقىپ ناغرىنى چاپتۇ. جىمىكى يۇرت خەلقى ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلاپ توپلىشىپتۇ. مەلىكىنىڭ كېنىزەكلىرى چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، بىر قېرى بوۋاي تۇرغۇدەك. كېنىزەكلەر كىرىپ بۇ ئەھۋالنى مەلىكىگە ئېيتىپتۇ. مەلىكە گۈلرۇز كېىنىزەكلەرگە «قېرى كىشى بىلەن سۆزلىشىشتىن نۇمۇس قىلىمەن. ئۇنىڭ غەرىزى پۇل - مالدا بولسا، قانچىكى تەلەپ قىلسا بېرىپ يولغا سېلىڭلار.» دەپتۇ. كېنىزەكلەر چىقىپ:
- ھەي بوۋا، بۇ خىيالدىن ۋاز كەچكىن. بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىغىنى كۆرگىنىڭ غەنىمەت ئەمەسمۇ؟ ئاشىقلىق دەۋاسىنى قويغىن! مەلىكىنىڭ تىغىدا ناھەق ئۆلمىگىن، - دەپتۇ. ئەمما بوۋاي زادىلا ئۇنماپتۇ.
- ھەي بوۋا! - دەپتۇ كېنىزەكلەر، - ئەمسە مۇنداق بولسۇن، مەلىكىنىڭ ئوردىسدا بىر رەسسام بار. بىز ساڭا مەلىكىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ بېرەيلى. شۇ رەسىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ يۈرمەمسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا مال - مۈلۈك بېرەيلى.
قابىز بوۋاي مال - مۈلۈك، دۇنيانىمۇ ئالماپتۇ. مەلىكىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مال - دۇنياسىدىنمۇ كېچىپ، ساتارنى بوينىغا ئېسىپرەسىمنى قوينىغا سېلىپ، تەركى دۇنيا بولۇپ چىن شەھىرىگە راۋان بوپتۇ. يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ چىن شەھىرىگە تەۋە بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا چۈشۈپتۇ. ھېلىقى رەسىمنى ئۇدۇلغا تۇرغۇزۈپ قويۇپ، ساتارنى ئېلىپ، غەزەل ئوقۇشقا باشلاپتۇ. شۇ كۈنى چىن مەملىكىتىنىڭ خاقانى ئوغلى بەرھەمنى ئېلىپ شىكارغا چىققان ئىكەن. ئۇلار كېتىۋېتىپ بوۋاينىڭ غەزىلىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. پادىشاھ: «ھەي دەرىخا، بىز دىۋە - پىرى، جىن - شاياتۇنلارنىڭ ماكانىغا كىرىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ ئاجايىپ بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدىغۇ؟» دەپ بۇلاق بويىغا كېلىپتۇ. ساتار چېلىپ، غەزەل ئېيتىپ ئولتۇرغان قابىز بوۋينى كۆرۈپتۇ. پادىشاھ ۋە ئوغلى بەرھەم بوۋاي بىلەن سالاملىشىپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ ياققا كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بوۋاي مەلىكە گۈلرۇزنىڭ ئىشقى - پىراقىدا تەركى دۇنيا بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىرمۇ - بىر بايان قىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ رەسىمنى كۆرگەن بەرھەمگە ئىشىق ئوتى تۇتىشىپ، دادىسىغا «ئوردىغا قايتايلى» دەپتۇ ۋە دادىسىدىن مەلىكىنى ئىزلەپ تېپىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپتۇ. چىن خاقانى:
ھەي ئوغلۇم، ساڭا يول جابدۇرغى راسلاي، لەشكەرلەنى تەييارلاپ قوشۇپ تارتىپ بارمىسەن ياكى سودىگەر سۈپىتىدە بارامسەن ئۆز ئىختىيارىڭ - دەپتۇ بەرھەم:
- ئى ئاتا، ماڭا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس، قەلدەر سۈپىتىدە بارىمەن، - دەپتۇ.
دادىسى ئۇنىغا دۇئا قىلىپ، رۇخسەت بېرىپتۇ ۋە خۇدايى تائالاغا تاپشۇرۇپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپتۇ، شاھزادە گۈلرۇزنىڭ يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ.
بەرھەم يەتتە ئاي يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، مەلىكە گۈلرۇزنىڭ يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. بەرھەم مەلىكە گۈلرۇزنىڭ چاھار بېغىنى ئارىلاپ، ناغرىخانىغا چىقىپتۇ. تامغا شۇنداق قارىغۇردەك بولسا، بىر چەتتە «بۇ ئۆلگەن يىگىتلەر ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس ۋە ياكى ئوغرى، قاراقچىلىق قىلغانمۇ ئەمەس، مەلىكە گۈلرۇزنىڭ ئىشقىدا جان پىدا قىلغان يىگىتلەرنىڭ بېشىدۇر» دېگەن خەت يېزىقلىق تۇرغان، بىر چەتتە تۆت يۈز سەكسەن ئالتە يىگىتنىڭ كېسىلگەن بېشى ئېسىقلىق تۇرغان، بۇنى كۆرگەن بەرھەم: «ئەجەپمۇ كەپتىمەن، كەلمىسەممۇ بوپتىكەن» دەپ پۇشايمان قىپتۇ. يەنە ئۆزىگە - ئۆزى تەسەللى بېرىپ: «يەتتە ئايلىق يولدىن يىگىتلىك دېپىنى چېلىپ كەلدىم. ئەمدىلىكتە مەزلۇم كىشىلەردەك ئۇنى تاشلاپ، يانمىغىم دۇرۇس بولماس. بەختىم ئوڭ كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپ خىيال قىلىپ، جۈرئەت بىلەن ناغرىنى چاپتۇ. جىمىكى يۇرت ئەھلى ناغرا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تولىنىشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا مەلىكە گۈلرۇز كېنىزەكرىگە بۇيرۇپتۇ:
- چىقىپ قاراپ بېقىڭلار! قايسى جېنىدىن تويغان كەلدىكىن؟ كېنىزەكلەر چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، چىرايى شاھزاىگە، كېيىملىرى قەلەندەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر يىگىت تۇرغان. ئۇلار كۆرگەنلىرىنى مەلىكىگە ئېيتىپتۇ.
مەلىكە گۈلرۇز پەرىشتىلەردەك ياسانغان بەش يۈز كېنىزىگىنى ئەگەشتۈرۈپ مەيدانغا يېتىپ كېلىپ:
- ھەي يىگىت! ئىسىمى نەسىبىڭ نېمە؟ كىمنىڭ پەرزەنتى ۋە قايسى قەبىلىدىن بولىسەن؟ مېنىڭ قولۇمدا نام - نىشانسىز ئۆلۈپ كەتمىگىن! - دەپتۇ.
- خاقانى چىن پادىشاھىنىڭ ئوغلىمەن، ئىسمىم بەرھەم، تەرىپىڭىزنى ئاڭلاپ، يەتتە ئايلىق يەردىن پىيادە كەلدىم، - دەپتۇ بەرھەم.
- مېنىڭ ئىشقىمدا كەلگەن بولسىڭىز، - دەپتۇ مەلىكە، - سىزگە تۆت مىسرا بىيىت ئېيتىمەن. تۆت مىسرا بىيىتىمنىڭ مەنىسىگە، قاپىيسىگە دەل كەلتۈرۈپ جاۋاب بېرەلىسىڭىز، مېنىڭدىن كۈتكەن تەلىۋىڭىزگە يېتىسىز. ئەگەر جاۋاب ئېيتالمىسىڭىز، بېشىڭىز كېسىلىدۇ.
- قېنى، بىيىتلىرىڭىزنىڭ ئېيتىڭ! - دەپتۇ بەرھەم.
بەرھەم مەلىكە گۈلرۇزنىڭ ئۈچ مىسرا بىيىتىگە قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا مەلىكە گۈلرۇز ھەيران بولۇپ: «ئاجايىپ ئەقىل - پاراسەتلىك، دانىشمەن يىگىت ئىكەن. چىرايىنى كۆرۈپ باقايچۇ» دەپ، چۈمپەردىسىنى شۇنداق كۆتىرىپ قارىغان ئىكەن، بەرھەم مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى كۆرۈپ، ئەقلىدىن ئېزىپتۇ ھەمدە مەلىكىنىڭ تۆتىنچى مىسرا بېيىتىگە جاۋاب ئېيتالماپتۇ.
- جاللات ! - دەپتۇ مەلىكە، - بۇ يىگىتنىڭ كاللىسىنى ئال!
جاللاتلا قوللىرىدا يالىڭاچلانغان قىلىچلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا:
- ھۆرمەتلىك مەلىكە، ئەمىرلىرىگە پەرمان بەدەردۇرمىز، - دىيىشىپ تازىم بېجا كەلتۈرۈپتۇ.
مەلىكىنىڭ سۈت ئانىسى:
- ئى مەلىكەم، ھەر يەردىن كەلگەن قابىل يىگىتلەرنى ئۆلتۈردىڭىز ھېچ مۈڭگۈز چىقمىدى. بۇ ناھايىتى خۇش پىچىم، كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. ئۇنىڭ گۈناسىنى سىزگە بەرگەن ئاق سۈتۈمنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن تىلەيمەن، - دەپتۇ.
- خەير بوپتۇ، - دەپتۇ مەلىكىمۇ بوشاشقان ھالىدا، - سۈت ھەققىنى ئارىغا سالمىغنا بولسىڭىز، بۇ يىگىتنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيىتىم.
بەرھەم ئۆلۈمدىن قۇتۇلغىنىغا مىڭبىر شۈكرى - سانالار ئېيتىپ، شەھەردىن چىقىپ، چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپ، بىر دەريا بويىغا يېتىپ كەپتۇ. غۇسلى تەھەرەت ئېلىپ، ئىككى رەكەت نامىزىنى ئوقۇپ، بىر قارا ئاغامچا تېپىپ،بىر ئۇچىنى دەرەخقە چېگىپ،بىر ئۇچىنى بوينىغا باغلاپ،قىرىق كېچە - كۈندۈز تۆۋە ئستىغبار ئوقۇپ، خۇداي تائالادىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تىلەپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى ئۇنىڭ كۆزى ئالدىدا بىر نۇرانە چىراي بوۋاي پەيدا بوپتۇ - دە، ئۇنىڭغا:
- ھە ئوغلۇم، كۆزىڭنى ئاچ، سېنىڭ دۇئايىڭ ئىجاۋەت بولدى، مەن سېنى مەشۇغۇڭغا يەتكۈزىمەن، - دەپتۇ. بەرھەم بېشىنى كۆتىرىپ، ھەيران بولۇپ قارىسا، ئالدىدا خىزىر تۇرغان ئىكەن. خىزىر بەرھەمنىڭ بوينىدىكى ئارغامچىنى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، مەلىكە گۈلرۇزنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. يىگىتنى بىر بۇلۇڭغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ناغرىنى شۇنداق چاپتۇكى، پۈتۈن شەھەر خەلقى «بۈگۈن ئاجايىپ بىر باھادىر پالۋان كەلگەن ئوخشايدۇ. ھېچقاچان ناغرا بۈگۈنكىدەك ئاۋازلىق چېلىنغان ئەمەس بۇ پالۋانمۇ ش رەھىمسىز زالىم قىزنىڭ قولىدا بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى» دىيىشىپ، ناغرىخانا ئالدىغا جەم بولۇپتۇ.
بۇ چاغدا مەلىكە كېنىزەكلىرىگە:
- چىقىپ بېقىڭلار، قايسى جېنىدىن تويغان كەلدىكىن. ناغرىنى ئەجەپمۇ ئاۋازلىق چالدىغۇچ!؟ - دەپتۇ. كېنىزەكلەر چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، ناھايىتى قېرى، ئاپپاق ساقاللىق بىر كىشى تۇرغۇدەك. (خىزىر قېرىنىڭ سۈرىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىكەن.) كېنىزەكلەر:
- ھەي بوۋا، بۇ كېسلگەن باشلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاشىقلىق دەۋاسىنى قويغىن. بۇ ساڭا مۇناسىپ ئەمەس. مەلىكىنىڭ تىغىدا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىگىن. ھەر يەر ھەر يەردىن كەلگەن شائىرلار، قاۋۇل يىگىتلەر مەلىكىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەي جېنىدىن ئايرىلدى، - دىيشپتۇ.
- كېنىزەكلەر! مەلىكەڭلەرگە ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمىگىچە قايتمايمەن! - دەپتۇ خىزىر.
ئەھۋلنى ئۇققان گۈلرۇز توزدەك ياسانغان بەش يۈز كېنىزەكنى ئەگەشتۈرۈپ مەغرۇر ھالدا مەيدانغا يېتىپ كەپتۇ.
- ھەي قېرى، قايسى قەبىلىدىن بولىسەن؟ ئىسمىڭ، نەسبىڭ كىم؟ نېمە سەۋەپتىن كەلدىڭ؟ بىھۇدە، نام - نىشانسىز ئۆلۈپ كەتمىگىن، - دەپتۇ ئەرۋايى ئۇچقان مەلىكە غەزەپلىنىپ،
- پىردەششاۋ قەبىلىسىدىن بولىمەن. ھازىرغىچە يەتتە ئىقلىمنى كېزىپ، كۆڭلۈمگە يارىغۇدەك ھىچبىر مەھبۇب تاپالمىدىم، تەرىپ - سۈپىتىڭىزنى ئاڭلاپ كەلدىم، - دەپتۇ خىزىر.
- ئۇنداق بولسا، ساڭا شەرتىم شۇكى، ئارىلاشقان پارس، تۈرۈك بىيىتلىرىنى ئېيتىمەن. ئۇ بىيىتلەرگە مېنى قايىل قىلغۇدەك جاۋاب بېرەلىسەڭ قېرى دىمەستىن ئۆزەمگە تويلۇقسىز قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر جاۋاب ئېيتالمىساڭ بېشىڭنى كېسىمەن، - دەپتۇ مەلىكە گۈلرۇز:
- قېنى ئېيتىڭ، - دەپتۇ خىزىر. مەلىكە تۆۋەندىكى بىيىتنى ئېيتىپتۇ.
ئاھ مىنەل ئىشقى ۋاھالار تىغى،
ئەروبو قەلبى بەھەرەر تىغى.
مانا زەرە ئەينى ئىلا غەيرىگە،
ئوخشىسىمۇ بىللاھى - بىمايا تىغى.
خىزىر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
تىم - تىم - تىم، دەلا - دەلا،
جىم - جىم - جىم، ئەجەلا - بالا.
ئوھ - تورو - تورو - تورو،
پانگى سىخۇ - سىخۇ - سىخۇ.
ئەملى بىسقو - بىسقو - بىسقو.
قوم - قوم پانكى - سىخو.
ئەرەپ، پارىسچىدا بۇ بىيىتىلار قاپىسى - قاپىيىسىگە، مەنىسى - مەنىسىگە توغرا كەپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان مەلىكە گۈلرۇز:
- ھەي قېرى. قېرى كىشى ياش بولماس، گۆش - سەۋزىسىز مانتا - پولۇ ئاش بولماس، قېرى كىشى تارتىپ يانسى ئوق ئاتالماس، ئاتقان ئوقنى نىشانىگە قادالماس، يېنىدا ياتساڭ تاڭ ئاتقۇچە، سۆزىگە بىر سۆز قوشۇلماس، - دەپتۇ.
- ھەي قىز! ساڭا ھەزەر قىلماق لازىم ئىدى! - دەپتۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام.
مەلىكىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ چېچىلىپ:
- ھەي بىئەدەپ! ھېچنىمىنى چۈشەنمەيسەن. چۆل - باياۋاندا يۈرگەچ قائىدە - يوسۇننى، مەكتەپ يۈزىنى كۆرمىگەن ھېچنىمىن بىلمەيسەن. ئاغزىڭغا كەلگەننى چۆيلۈيسەن! - دەپتۇ.
- ھەي قىز! - دەپتۇ خىزىر، - موللامەنمۇ موللامەن، كالامو رەببەنانى بىلىمەن. كۆڭلۈمنى كۆچۈرمە . بوۋاڭ تۈركتور. تەپسارى ھىقايىققا، شەرھى مولانى بىلىمەن. زىتان، يىھستان، مۇئەممانى... دىگەن كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن.
مەلىكە گۈلرۇز ئويلىنىپ: «بۇ كىشى خىزىر بولۇپ قالمىسىۇن يەنە» دېگەننى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپتۇ ۋە:
- ھايا، ئۆزلىرى خىزىرمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- شۇنداق خىزىر بولىمەن، - دەپتۇ خىزىر ئەلەيھىسسالام
مەلىكە گۈلرۇز:
- مەن ئۆزلىرىنى بىمەي بىئەدەپلىك قىلىپ ساپتىمەن. گۇناھىمدىن ئۆتۈپ ئۆزرەمنى قوبۇل قىلغايلا، - دەپتۇ.
- ھېچقىسى يوق، ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. ئۆزىڭىزگە مۇنۇ بەرھەمنى قوبۇل قىلىڭ، - دەپتۇ خىزىر ۋە بۇلۇڭدا ئوتۇرغان بەرھەمنى كۆرسىتىپتۇ. مەلىكە «بولىدۇ» دەپ گەپنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىپ بولغىچە خىزىر كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
مەلىكە گۈلرۇز بەرھەمنى ئۆزىگە تويلۇقسىز قوبۇل قىپتۇ. ئادىل شاھمۇ ۋەدىسى بويىچە پۈتۈن شەھەر خەلقىنى چاقىرىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپ، ئىككىيلەننى نىكاھلاپ قويۇپتۇ.