بۆزچى يىگىتنىڭ باتۇر ئاتىلىپ قېلىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، زامانلارنىڭ زامانىسىدا بۆز توقۇپ كۈن ئالىدىغان بىر يىگىت بولغانىكەن. ئۇ كۈندە بىر نانغا ئىشلىيەلىسە، ئۇنى تۆت پارچە قىلىپ، ئۈچ پارچىسىنى شۇ كۈنى يەپ، بىر پارچىسىنى كېيىنكى كۈننى ئويلاپ ئېلىپ قويىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئېلىپ قويغان نانلىرىغا قارىسا چاشقان يەپ قويۇپتۇ. بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ تۇرسا، بىر چاشقان چىقىپ، قويۇپ قويغان ناننى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك، بۆزچى يىگىت قولىدىكى بۆز توقۇيدىغان موكىسىنى چاشقانغا بىر ئاتقانىكەن چاشقان ئۆلۈپ قاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بۆزچى يىگىت بونداق ئويغا كەپتۇ >بۆز توقۇيمەن دەپ ئويماندا جان تالىشىپ ئولتۇرغىنىمدىن كۆرە موكام بىلەن جاڭگالغا بېرىپ ياۋا جانىۋارلارنى ئوۋلاپ، گۆش تېپىپ كەن كەچۈرگۈنۈم تۈزۈك ئوخشايدۇ؟< دەپ ئويلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ بۆز توقۇيدىغان ئۈچ دانە موكىسىنى خۇرجۇنغا سېلىپ، بىر ئاز ئوزۇقلۇق ئېلىپ، جاڭگالغا قاراپ مېڭىپتۇ، كۈن بويى مېڭىپ ھېچنېمىنى كۆرمەپتۇ. گۈگۈم چۈشكەندە قارىسا، بىر يانتاق تۈۋىدىن بىر توشقان يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، بۆزچى يىگىت موكىسىنى بىر ئاتقانىكەن، توشقانغا تەگمەي، تاشقا تېگىپ يانجىلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى بىر كۈن مېڭىپ، قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا بىر جەرەننى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭغىمۇ بىر موكىسىنى ئاتقانىكەن، جەرەنگە تەگمەي، قومۇشلۇققا چۈشۈپ يوقاپ كېتىپتۇ. بۇنىمۇ ئىزلەپ تاپالماي، بىر كۈن يول مېڭىپ، بىر كۆل ياقىسىغا كېلىپ قونۇپ قاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قارىسا، كۆلنىڭ باغرىدا بىر ياۋا ئۆردەك تۇرغۇدەك ئۇنىڭغىمۇ قېپقالغان ئاخىرقى بىر دانە موكىسىنى ئاتقانىكەن، ئۆدەك ئۇچۇپ كېتىپ، موكىسى كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. يۈگۈرەپ بېرىپ كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ سۇدىكى موكىسىنى ئىزلەپتۇ، لېكىن تاپالماپتۇ. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ يەي دېسە يېيىشكە نېنى يوق، ئوۋچىلىق قىلاي دېسە موكىسى يوق، ئاخىر ئۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلىپ مېڭىپتۇ. بىر جاڭگالدا كېتىۋاتسا، يولدا بىر دانە ئېشەك قۇيرۇقى ئۇچراپ قاپتۇ. بۆزچى يىگىت بۇنى كۆرۈپ بۇمۇ لازىم بولۇپ قالار، دەپ ئۇنى خۇرجۇنىغا ساپتۇ. يەنە ماڭغاندىن كېيىن يولدا بىر تال كاناي ئۇچراپتۇ، بۇنىمۇ ئېلىۋاپتۇ، يولدا يەنە بىر تاشپاقىمۇ ئۇچراپتۇ، بۇنىمۇ ئاپتۇ. بىر جايلارغا بارغاندا قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر كىم قارا دېگەندەك قىلىپتۇ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا بىر قورۇق كۆرۈنۈپتۇ نېملا بولمىسۇن مۇشۇ قورۇققا كىرىپ قورساق توقلاپ، ئاندىن ماڭاي، دېگەن قارارغا كېلىپ، قورۇق تەرەپكە بۇرۇلۇپ مېڭىپتۇ. يېتىپ كېلىپ قارىسا، يوغان دەرۋازا بەكمۇ ھەيۋەتلىك سېلىنغان، قورۇققا كىرەي دېسە يەنە، كىرمەي دېسە يەنە، ئەڭ ئاخىرىدا كىرىشكە قارار قىلىپ دەرۋازىنى قولى بىلەن ئۇرۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن دەرۋازىنى ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر قىز چىقىپ ئېچىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۇ قايغىمۇ ئادەم - ئىنسان كېلىدىكەنغۇ؟ - دەپ ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۇ ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. يىگىت ئۆيگە كىرىپتۇ. قىز يىگىتكە ئۆزىنىڭ بۇ جايغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ؛ قىزمۇ ئەسلى ئادەمزات بولۇپ دىۋىلەر ئەپقېچىپ كەلگەنىكەن. يىگىتمۇ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئەنە شۇنداق ھال - ئەھۋاللىشىپ بولۇشقاندىن كېيىن، يىگىت قايتماقچى بولۇپتۇ. قىزنى بىللە ئېلىپ كېتەي، دېسە دىۋىلەردىن قورقۇپتۇ. قىزمۇ:
- بولدى، دەرتنى مەنلا تارتاي، سىز چاپسان كېتىڭ، ئۇلارنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، - دەپتۇ. يىگىت قىزدىن:
- دىۋىلەر قانداق كېلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز:
- دىۋىلەر كېلىشتىن بۇرۇن ھاۋا تۇتۇلۇپ، سىم - سىم يامغۇر ياغىدۇ، ئارقىدىن بىر ئاز بوران چىقىدۇ، - دەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ.
يىگىت تالاغا چىقىشىغا ھاۋا تۇتۇلۇپ، سىم - سىم يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىز:
- ئەمدى بولىدىغان ئىش بولدى، مۇشۇ جايدا بىر ئامال قىلىڭ، دەپ يىگىتنى كەتكۈزمەي ئېلىپ قاپتۇ. بۇلار دەرۋازىلارنى چىڭ تاقاپ، قۇلۇپ سېلىپ تۇرغاندا دىۋىلەر كېلىپ، بۇ جايغا ئادەمزات كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ دەرۋازىنى ئۇرۇپتۇ، ئېچىلماپتۇ. دىۋە قىزغا:
- دەرۋازىنى ئاچامسەن - يوقمۇ؟ - دەپتىكەن، قىز:
- مەيەردە بىر ئادەم بار ئىكەن، شۇ ئاچقۇزمايۋاتىدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دىۋىلەردىن بىرى:
- بۇرۇتىمىزنى يۇلۇپ تاشلاپ ئۇنى قۇرقۇتىپ ئاچقۇزايلى، دەپ بىر تال بۇرۇتىنى يۇلۇپ پىرقىرىتىپ ئېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن يىگىت ھودۇقماستىن، يولدىن تېپىۋالغان ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى پىرقىرىتىپ ئاتقانىكەن، بۇنى كۆرگەن دىۋىلەر ھەيران بولۇشۇپتۇ:
- دەرۋازىنى ئاچامسەن - يوق؟ ئەگەر ئاچمايدىغان بولساڭ پىتىمىزنى تاشلىساق، سېنى يەپ ئۆلتۈرىدۇ، - دەپتۇ.
- پىتىڭلارنى كۆرۈپ باقاي، قېنى ئېتىڭلار، - دەپتۇ يىگىت. دىۋىلەر دۈمبىسىدىن بىر تال پىتنى ئېلىپ پىرقىرىتىپ قورۇق ئىچىگە ئېتىپتۇ. قارىسا، بۆرى ياڭىقىدەك پىت يەرگە چۈشۈپ مېڭىپ يۈرگۈدەك. بۆزچى يىگىت:
- سىلەرنىڭ پىتىڭلار شۇ بولسا، مەنمۇ پىتىمنى ئېتىپ باقاي، كۆرۈپ بېقىڭلار، - دەپتۇ - دە، خۇرجۇنىدىن تاشپاقىنى چىقىرىپ ئېتىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ دىۋىلەر قورقۇپ كېتىپتۇ. يەنە بىر سىناپ كۆرەيلى، دەپ ۋارقىراپ بېقىشماقچى بوپتۇ. ئاۋۋال دىۋىلەر ۋارقىراپتۇ. ئاندىن بۆزچى يىگىت خۇرجۇندىن كاناينى چىقىرىپ چالغانىكەن، دىۋىلەر >بىز تۈگىمەس - پۈتمەس بالا - قازاغا ئۇچراپتىمىز، چاپسانراق جېنىمىزنى جايلايلى< دەپ جاڭگالغا قاراپ تىكىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز، يىگىت خۇشال بولۇشۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىپتۇ. قىز ئاشۇ يۇرتنىڭ پادىشاھنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك قىزى ئىكەن. قىز يىگىتنى باشلاپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ، قىزىنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغىلى ئاز قالغان پادىشاھ قىزىنى كۆرۈپ، يېڭىدىن تېنىگە جان كىرگەندەك خۇشال بولۇپتۇ، ئەھۋالنى قىزدىن تەپسىلىي ئۇققان پادىشاھ يىگىتكە چوڭ ئىنئام بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھنىڭ بېغىغا بىر يولۋاس كىرىۋاپتۇ، بۇنى ھېچكىم قوغلاپ چىقىرالماپتۇ، بۇ توغرىلىق پادىشاھقا خەۋەر قىلغانىكەن، پادىشاھ دىۋىلەردىن قىزىنى قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەن يىگىتى چاقىرىپ ئەكىلىشىنى بۇيرۇپتۇ. پەرمانغا بىنائەن بۆزچى يىگىت كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا قانداقلا قىلىپ بولسۇن باغدىكى يولۋاسنى يوقىتىشنى بۇيرۇپتۇ. بۆزچى يىگىت بۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلىسۇن، پادىشاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇندىماي ئامالى يوقتە، ئۇنداق ئويلاپ، مۇنداق ئويلاپ، ئاخىر بىر ئامال تېپىپتۇ. بىر دانە يوغان جۇۋىنى تەتۈر كىيىپ، باغنىڭ تۈۋىدىكى تامغا يۆلىنىپ يېتىۋاپتۇ. يولۋاس پىرقىراپ بۆزچى يىگىت تۇرغان جايغا كېلىپ ئارام ئېلىۋالاي، دەپ جۇۋىغا يۆلەنگەندە، يىگىت بىر سۈرەن سالغانىكەن، يولۋاس قورقۇپ كەتكىنىدىن قاچىمەن دەپ، بىر تۈپ ئۈرۈكنىڭ شېخىغا قورسىقىدىن ئىلىنىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن خالايىق ھەيران قېلىشىپتۇ. پادىشاھ خۇشال بولۇپ يىگىتنى رازى قىپتۇ ۋە يۇرت خەلقنى يىغىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ، قىزىنى بۆزچى يىگىتكە بېرىپتۇ. شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ باتۇرلۇق داڭقى پۈتۈن يۇرتقا تارقاپتۇ.