UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققورققاق

قورققاق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، بۆرە قاراقچىكەن، تۈلكە ماراقچىكەن، توخۇ داڭگالچىكەن، ئۆچكە جاڭگالچىكەن، قىرغاۋۇل جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن. ئۇششاقى چوڭ، پىششقۇ توڭ، توشقان بىلەن بىر كەم قىرىق ئاتۇ ئېشەك، ئۆچكە - قوي، بۇغا - مارال، تۆگە - تايلاق ھەممىسى بولۇپ بىر جاڭگالدا ياشايدىكەن. جاڭگالدىكى ياۋاش ھايۋانلار دەريادىكى قېيىقتەك، سۇدىكى بېلىقتەك ئويناپ - كۈلۈپ، خاتىرجەم ئوتلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يېقىن ئەتراپتا بىر توپ بۆرە پەيدا بولۇپ قېلىپ، ھايۋانلارنىڭ ئاقساق - چولاق، قوزا - بوتلاق، ئاجىز، يېتىم - يېسىرلىرىنى ئۇرۇپ - سوقۇپ كېتىپتۇ. ئۇلارغا ھېچبىر ئارام بەرمەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار كېتىپ، بۆرىلەرنىڭ ۋەھشىيلىكى ھەددىدىن ئېشىپتۇ، ھايۋانلارنىڭ غەم - قايغۇسى چېكىگە يېتىپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئات سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ - دە، جاڭگالدا ياشايدىغان جىمىكى ھايۋانلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى سوراپ خەت - خەۋەر ئەۋەتىپتۇ. بۇ خەتتىن خەۋەر تاپقان ئۇششاق - چوڭ چارىپاي ھايۋانلار تۇشمۇ تۇشتىن بىر سورۇنغا يىغىلىپتۇ. شۇ چاغدا ئات يىغىلغانلارغا مۇنداق دەپتۇ: بۇرادەرلەر، بۆرە دېگەن خۇمپەر چاڭگىلىمىزدىكى بالىلارنى، قوزا - پاخلان، تىكە - تايلاقلارنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىپ، ئاتىنى بالىدىن، بالىنى - ئاتىدىن ئايرىپ، تىنچ - ئامان كۈن كۆرگىلى قويمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۆرىلەرنى چاڭگىلىمىزدىن يوق قىلمىغۇچە ھېچقايسىمىزغا ياخشى كۈن يوق. مېنىڭ گېپىمنى ماقۇل كۆرسەڭلار، ھەممىمىز بىرلىشىپ، قولىمىزغا قورال - ياراق ئالايلى، بۆرە دېگەن كاساپەتنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جەڭ قىلايلى. قېنى، سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ھايۋانلار قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشۇپ: - دۇرۇس گەپ قىلدىڭ، ئەقىللىق ئاتۋاي. بۆرىلەرنى يوق قىلمىغۇچە ھېچقايسىمىزغا ئامانلىق يوق، شۇنداق قىلىلى، - دەپتۇ. شۇ ئارىدا ئۆچكە ئوتتۇرىغا چىقىپ: توختاڭلار جامائەت، توختاڭلار! ئۇرۇش قىلىشنىغۇ قىلىمىز، ئۇرۇشنى نېمە بىلەن قىلىمىز؟ قۇرۇق قولىمىز بىلەنمۇ؟ سىلەر بۆرىلەرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرىنى بىلمەمسىلەر؟! ئۇنىڭ چىشىغا ئۇچراپ قالساق دۇنيادا ساق قالامدۇق. خۇدايا توۋا دەپ، شۇ جىدەلنى قويۇپ سىڭگەن نېنىمىزنى يەيلى. ناھايىتى يېسە بىر يىلدا بىر نەچچىمىزنى يەپ كېتەر؟ شۇ بىر نەچچە قوزا - تايلاقنى دەپ ئۇرۇش قىلساق، بالاغا قالىمىز، ھەممىمىز ۋايران بولۇپ تۈگەپ كېتىمىز - دەپتۇ. ئۆچكىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان باشقا ھايۋانلار بىردەم خىيالغا چۆمۈپ، دېلىغۇلدا بولۇپ قاپتۇ، بوينى ئۇزۇن تۆگىمۇ ئاغزىنى ماكىلدىتىپتۇ. بۇ چاغدا ئات يەنە سۆزگە چىقىپ: - ئۆچكىنىڭ گېپى توغرا ئەمەس، دوستلۇرۇم، بىزدە قورال يوق دېگىنى نېمىسى. بىز ھەممىمىز ئۆملۈشۈپ بىر تۇغنىڭ ئاستىغا جەم بولساق، قورال - ياراق دېگەن ئۆزىمىزدە بار. مانا مەن قاتتىق پۇتۇم بىلەن بۆرىنىڭ پۇتىغا تېپىمەن. ئۆچكە ئاغىنە، سەن بېشىڭدىكى قاتتىق مۈڭگۈزۈڭ بىلەن بۆرىنىڭ بېقىنىغا ئۈسسۈپ قورسىقىنى تېشىسەن. ئىشەكۋاي، سېنىڭ تۇيىقىڭمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاش قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاڭرايسەن، ئاۋازىڭدىن بۆرىلەر قورقۇپ كېتدۇ. تۆگىۋاي دوستۇم، سەنمۇ غەم قىلما، تاپىنىڭنى بىر ئاتساڭ بەئەينى چارەك تاشنى ئاتقاندەك تېگىدۇ، بۆرە شۇ يەردىلا جان بېرىدۇ. باشقىلىرىڭلارنىمۇ ئۆزۈڭلارغا لايىق قورال - يارىقىڭلار بار. مانا شۇ قۇراللارنى ئەپلەپ ئىشقا سالساق، ئەلۋەتتە يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپىسىنى ئاسمانغا سورىيالايمىز. ئاتنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۆگە >بوف!...< دەپ سۆزگە كىرىشىپتۇ: - ئۇغۇ شۇنداق، ئاتۋاي. قاراپ باقسام ئۆچكىنىڭ گېپى ئورۇنلۇق. دۈشمەن بىلەن تەڭ بولىمىز، دەپ قان تۆككىچە سۈلھى قىلىپ، بىللە ئۆتكىنىمىز ياخشى. بىزدىن كەتسە ناھايىتى ھەر يىلىغا بىر نەچچىلا كىچىك بالا قۇربان بولار. ئىلاجى بار ئەلچى ئەۋەتىپ، ھۇجۇم قىلماسلىققا توختام تۈزەيلى، >بوف!...< دەپ گېپىنى تۈگىتىپتۇ. باشقا ھايۋانلارمۇ >تۆگىنىڭ بويى ئېگىز، ئەقلىمۇ چوڭ< دەپ ئويلىشىپ، بۆرىلەر بىلەن سۈلھى - توختام تۈزمەكچى بولۇپتۇ، ئاتنىڭ شۇنچە ئېيتقان - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماپتۇ. ئارىدىن بىرى چىقىپ: - بۆرىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە كىم ئەلچى بولۇپ بارىدۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، ھېچقايسىسى جاۋاب بەرمەپتۇ. شۇ چاغدا تاغ تېكىسى قوپۇپ: - جاڭگىلىمىزنىڭ چېتىدىكى بىر مەسچىتتە تۈلكە دەيدىغان بىر مەخلۇق بار، ئۇ خېلىدىن بۇيان تەسۋى تارتىپ، سوپىلىق قىلىۋاتىدۇ، گەپكىمۇ ئۇستا، ئۆزى ھەممىگە يېقىنلىشالايدۇ. ئاشۇ مەخلۇقنى خالىس ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتسەك، - دەپتۇ. باشقىلار: - سۆھبەتنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا قىرغاۋۇلمۇ بىللە بارسۇن، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۈلكە بىلەن قىرغاۋۇل بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىلىپتۇ. تۈلكە ھارامزادە بۇ تەكلىپنى بىجاندىل قوبۇل قىلىپتۇ، قانچە ئويمان - دۆڭلەردىن ئۆتۈپ، بۆرىلەرنىڭ غارىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ ياۋۇز بۆرىگە خۇشامەت بىلەن تەزىم قىلىپ تۇرۇپ پىچىرلاپتۇ: - ھۆرمەتلىك بۆرە جانابلىرى، >ئەلچىگە ئۆلۈم يق، جارچىغا كۆرۈم<. مەن ئۆزلىرىنىڭ خالىس قۇلىمەن، يېقىندىن بۇيان جاڭگالدىكى ھايۋانلار ئۆزلىرىگە قارشى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جەڭ قىلماقچى بولغانىكەن، پېقىر كەمىنىلىرى ئۇلارنى بۇ يامان نىيىتىدىن قايتۇرۇپ، بۆرىلەرگە قارشى مۇشت كۆتۈرگەن توغرا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىككى تال خەنجەر چىشىغا ھېچقايسىڭلار تەڭ كېلەلمەيسىلەر. ئۇنىڭدىن كۆرە بۆرىلەرنىڭ پادىشاھىغا ئەرز ئېيتىپ، سۈلھى - توختام قىلغىنىڭلار ياخشى، دەپ مەسلىھەت بەردىم. ھەممىسى مېنىڭ گېپىمنى ماقۇل كۆرۈپ، بۇ خىزمەتنى ئادا قىلىشقا پېقىر كەمىنىلىرىنى ھۇزۇرلىرىغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى، - دەپتۇ. بۆرىلەرنىڭ باشلىقى تۈلكىنىڭ گېپىگە ئىشەنمىگەندەك قىلىپ: - سەنمۇ يىرتقۇچلارنىڭ بىر ئەۋلادى تۇرساڭ، قانداق قىلىپ ياۋاش ھايۋانلارغا ۋەكىل بولۇپ كېلەلەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - يوقسۇ جانابلىرى، ئىشەنمىسىلە ئەنە دەرەخنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇلدىن سوراپ باقسىلا، - دەپ قىرغاۋۇلنى شەرەت قىلىپ كۆرسىتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋازىنى تېخىمۇ بوشراق چىقىرىپ، - خېلى زامانلار بولۇپ قالدى، جانابلىرى، بېشىمغا سەللە يۆگەپ، ھايۋانلارغا يېقىن يەردىكى بىر مەسچىتتە دۇئا - تەلەپ قىلىپ، ئتىكاپتا ئولتۇرۇۋاتىمەن، بىر كۈندە يۈز مەرتىۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىنى خۇدايىمدىن تىلەيمەن، - دەپتۇ. بۆرىلەر بىلەن ئۇنىڭ باشلىقى تۈلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئۇنداق بولسا مۇنۇ شەرتلىرىمنى تولۇق قوبۇل قىلسۇن؛ ھەر ئايدا بىزگە ئوتتۇز تۆگە، ئوتتۇز قوي، ئوتتۇز ئۆچكە، ئوتتۇز ئات، ئوتتۇز بوغا، ئوتتۇز توشقان... ئىشقىلىپ، جاڭگالدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەر قايسى خىلىدىن ھەر كۈنىگە توغرىلاپ ھەق تۆلىسۇن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىپ تاپشۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا بىز ھۇجۇم قىلمايمىز، ئەبەدى خاتىرجەملىك بولىدۇ. بۇ پىكرىمىزنى تولۇق يەتكۈز، - دەپتۇ. تۈلكە ھارامزادە بۇنى راسا پۇرسەت دەپ بىلىپتۇ - دە، ئوتتۇزغا بىرنى قوشۇپ، ھايۋانلارغا مۇنداق خەۋەر ئېلىپ كەپتۇ: - ھەر قايسى ھايۋانلاردىن ھەر ئېيىغا ئوتتۇز بىردىن ھەق تۆلىسۇن، بۇ خىزمەتنى ئورۇنداشقا ئوتتۇرىدا خالس تۈلكە ۋاستىچى بولسۇن دېدى، - دەپتۇ. تۈلكىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھايۋانلار ئېغىر قايغۇ - مۇسىبەتكە چۆكۈپتۇ. شۇ چاغدا ئات مەيدانغا چىقىپ مۇنداق دەپتۇ: - قېرىنداشلىرىم، سىلەر مېنىڭ گېپىمگە كىرمەي، ئۆچكە ۋە تۆگىنىڭ پىكرى بىلەن تۈلكىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ دۈشمەن بىلەن سۈلھىلىشىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئاشۇ ئېغىر شەرت بىلەن ئەھۋالىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ شەرتلەرگە كۆنۈش نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟ قېنى، ئەمدى نېمە دەيسىلەر، دۈشمەن بىزگە ھۇجۇم قىلسا قارشى تۇرماي قول قوشتۇرۇپ ياتىمىزمۇ؟ بۇ قېتىم تۆگە بىلەن ئۆچكە ئۆزىنىڭ باشتا خاتا ئويلىغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاتنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەپتۇ. جاڭگالدىكى ھەممە ھايۋانلار جەم بولۇپ، بۆرىلەرنىڭ ھۇجۇمغا قارشى تەييارلانماقچى بولۇپتۇ. شۇ ئارىدا توشقان سەكرەپ چىقىپ: - ئاكىلار، تۇغقانلار، مەن بۇ ئىشقا قاتنىشالمايمەن. بۆرىنىڭ چىشى يامان، سىلەرنىڭ قورال - ياراقلىرىڭلار بولغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ چىشىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ تېرەممۇ نېپىز، ياق، ياق، مەن بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايمەن. مەن قورقىمەن، - دەپتۇ. توشقاننىڭ گېپىگە كىچىككىنە قوزىچاق مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: - سېنىڭ قورال - يارىقىڭ بولمىغان بىلەن ناھايىتى ياخشى يۈگۈرەلەيسەن دوستۇم، سەن بىزگە خەۋەرچى بولۇپ بەرگىن. جاڭگالنىڭ بىر چېتىدە تۇرۇپ، بۆرىلەرنىڭ قارىىسنى كۆرگەن ھامان قىسقا ئايىغىڭ بىلەن دېكىلداپ ئۇچقاندەك خەۋەر ئېلىپ كەلسەڭ، مانا شۇ سېنىڭ خىزمىتىڭ، بۇ شەرەپلىك ئىش ئەمەسمۇ توشقانجان؟ توشقان قوزىچاقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆزىنى راسا بىر ئالايتىپتۇ - دە، ئاچچىقى بىلەن بېشىنى سىلكىپ: - ياق، ياق، مەن بارالمايمەن، بارالمايمەن، خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن دەپ ھەممىنىڭ ئالدىدا بۆرىنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇرامدىمەن؟ باللىرىم بار مېنىڭ، قاتناشمايمەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. باشقىلار قانچە - قانچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىماپتۇ. ھېچكىمنىڭ دېگىنىگە كۆنمەپتۇ. ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا نەپرەتلىنىپ زورلىماپتۇ. بۆرىلەر كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە زەھەرى تولغان ئۈششۈك ھەرىگە ئوخشاش ۋەھشىيلىكى چېكىدىن ئېشىپ، جاڭگالدىكى ھايۋانلارغا ھۇجۇم باشلاپتۇ. جاڭگالدىكى ھايۋانلارمۇ بوش كەلمەپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز جەڭ بوپتۇ. جەڭ بولغاندىمۇ شۇنداق قاتتىق جەڭ بوپتۇكى، ھاي، ھاي! >جالاققۇ جۇلۇققۇ، ۋالاققۇ، ۋۇلۇق، تاراققۇ تۇرۇققۇ، شاراققۇ شۇرۇققۇ...< ئۆلگەنلەر ئۆلۈپتۇ. ساق قالغانلار ساق، ئاخىر ھايۋانلار بۆرىلەرنىڭ بىرىنى قويماي ھەر تەرەپتىن دەسسەپ، يەنجىپ، چىشلەپ، ئۈسۈپ، چەيلەپ، ئۇشتىدىن - پۇشتىغىچە ئۇلارنى بۇ جاڭگالغا قەدەم باسماس قىلىۋېتىپتۇ. توشقانباي بۇ ئاجايىپ باتۇرانە جەڭنى جاڭگاللىقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ماراپتۇ، مەيداندا ھايۋانلارنىڭ قانغا بويۇلۇپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىپتۇ. ھايۋانلار غالىب بوپتۇ، بۆرىلەر مەغلۇپ بوپتۇ، ئەمما بىر ئاقساق بۆرە ھايۋانلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، غىپپىدە جاڭگالنىڭ باشقا بىر چېتىگە قېچىپتۇ - دە، چاتقاللىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىرغاۋۇل ئۇنىڭ نەگە مۆكۈدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىپ، ھايۋانلارغا خەۋەر قىلايچۇ دەپ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. تۇيۇقسىزلا ئاغزى - بۇرنى قان بىر ئاقساق بۆرىنىڭ چاتقاللىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن چاتقال ئىچىدىكى ھېلىقى توشقاننىڭ قورققىنىدىن كۆزىگە دۇنيا قاراڭغۇ كۆرۈنۈپتۇ. ياۋۇز بۆرە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ: - ھىم... سەنمۇ مېنىڭ دۈشمىنىم بولىسەنغۇ شەيتان. ئەمدى قولغا چۈشتۇڭمۇ؟ بۈگۈن جىمى دەرد ئەلىمىمنى سەندىن ئالمىسام، توختا!... دەپ دېۋەيلەپتۇ. توشقان شۇ چاغدا كۆزلىرىدىن مۇنچاق - مۇنچاق ياش تۆكۈپ: - تەقسىر، شەپقەتلىك بۆرە ئاتا، مەن ئۇرۇشقا قاتناشمىدىم. سىلىگە قارشى جەڭ قىلىمىز دېگەن چاغدا >ياق، بۆرە پادىشاھ ناھايىتى كۈچلۈك، سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ< دېدىم، ماڭا رەھىم قىلسىلا بۆرە ئاتا، - دەپ ياۋۇرۇپتۇ. - رەھىم قىلسىلا؟! كىمگە؟! ئەگەر سەن مەن تەرەپتە بولغان بولساڭ، نېمىشقا ھايۋانلارنىڭ مەسلىھەتلىرىنى ئالدىن ماڭا خەۋەر قىلمىدىڭ؟ دېمەك، ئەسلىدە سەنمۇ ئاشۇلار تەرەپتە! - يوغسۇ بۆرە ئاتا، مەن سىلەر تەرەپتە. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بۆرە، - مەن قىرىق كېچە، قىرىق كۈندۈز جەڭ قىلىپ ھاردىم، ئاچتىم، قېنى يېقىن كەل. مېنىڭ يارىلىرىمنى تېڭىپ، ئۆزۈڭ ياخشىلاپ كۈتكىن. توشقان لاغىلداپ - تىترەپ، يا ئالدىغا، يا كەينىگە ماڭالماي ئاخىر بۆرىنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقانىكەن، ياۋۇز بۆرە بىر باسماقداپ تۇتۇپتۇ - دە، ئىككى چايناپ يۇتۇپتۇ. بىچارە توشقاننىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرگەن دەرەى ئۇچىدىكى قىرغاۋۇل ئۇچۇپ بېرىپ، ھايۋانلارغا خەۋەر قىلماق بوپتۇ. ئۇ يولدا كېتىۋاتقاندا، سەللىسى چۇگۇلۇپ ئالاق - جالاق قېچىپ كېلىۋاتقان تۈلكىگە ئۇچراپتۇ. - ھە، تۈلكىۋاي، سەن نېمىشقا قاچىسەن؟ ھايۋانلار بۆرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىدىغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. تۈلكە قورققىنىدىن ئەتراپقا قاراپ: - ھايۋانلارنىڭ غەزىپى چېكىگە يەتتى. >يېغىدىن يار بويى قاچ< دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ. بۇنداق چاغدا قايسى بۆرە، قايسى تۈلكە ئىلغاپ تۇرمايدۇ. ئۇلارغا ھەممىسى بەرى بىر. بەش - ئون كۈن بىرەر ياققا يوشۇرۇنۇپ تۇراي دەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قىرغاۋۇل تۈلكىنىڭ ھىيلىسىنى قورسىقىغا پۈكۈپتۇ - دە، >خەپ توختا، ھايۋانلارغا ئېيتىپ ئەدىپىنى بەرمىسەم< دەپ جاڭگال تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ. بۇ چاغدا ھايۋانلار چوڭ بىر مەرىكە تۈزۈپ، كىم تىرىك، كىم ئۆلۈك، كىم ساق، كىم قانداق؟ سۈرۈشتۈرۈپ، دۈشمەننى يوقاتقانلىقىنىڭ خوشلۇقىدا بىر - بىرىنى تەبرىكلەپ توي قىلىۋاتقانىكەن. قىرغاۋۇلدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ بىچارە توشقانغا ئىچ ئاغرىتىپ قايغۇرۇشۇپتۇ، تۈلكە ھارازادىگە نەپرەتلىنىپتۇ. ئات سورۇندا تەنتەنە بىلەن سۆزگە چىقىپ: - باتۇر دوستلۇرۇم، مانا كۆردۈڭلار، ھەممىمىز بىرلىشىپ ياۋۇز دۈشمەننى يوق قىلدۇق. توشقان بولسا بۆرىنىڭ قولىدا رەھىمسىز ھالاك بولدى. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاتا بوۋىلىرىمىز ئېيتقان >ئايرىلغاننى بۆرە يەر< دېگەن مانا شۇ. بۇ سۆز ئۆمۈر بويى ھېچقايسىمىزنىڭ يادىدىن چىقمىسۇن، - دەپتۇ. ئۇششاق - چوڭ ھايۋانلار ئالا - تاغىل، ئېگىز - پەس ئاۋاز چىقىرىپ >بارىكاللا< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بىر - قانچە كۈنلەر ئۆتكەندە تۈلكىلەرنىمۇ تىرىپىرەن قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇلار تېخىمۇ ئۆملۈشۈپ، تىنچ - ئامان، خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق