UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخاسيەتلىك بۇلاق

خاسيەتلىك بۇلاق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. ئەنە شۇ زامانلاردا، ئاقباش تاغنىڭ باغرىدا ئاجايىپ - غارايىپ قىزىقارلىق ئىشلار بولغان ئىكەن. بۇ تاغنىڭ ئېتىگىدە چاچلىرى ئاقارغان، بەللىرى مۈكچەيگەن. يۈز ياشتىن ئاشقان بىرجۈپ ئەمگەكچان بوۋاي - موماي ياشىغان ئىكەن. بوۋاينىڭ ئىسمى سەلەي، موماينىڭ ئىسمى سەئىدى ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىككى بىلىگىگە تايىنىپ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشايدىكە، بىر - بىرىنى ئىنتايىن قەدىرلىشىدىكەن. بىراق. بىرمۇ بالىسى بولمىغاچقا، كۆڭۈللىرى يېرىم ئىكەن. ئۇلار باشلىرىدىكى ئاپئاق چاچلىرىغا، يۈزلىرىدىكى قورۇقلىرىغا قاراپ، تەبىئەتنىڭ بۇنداق قانۇنيىتىگە ئۆزلىرىچە نارازى بولۇپ، ئۆلمەي ياشاشنى، ياشىغانچە ياشىرىپ تۇرۇشىنىڭ خىياللىرىنى سۈرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى چۈشتە، بوۋاي ئىشىك ئالدىدىكى كاۋا بارىڭى ئاستىدا ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە بىر ئاجايىپ قۇش كۆرۈپتۇ. قۇش بوۋاينىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپتۇ، بوۋاي بولسا قۇشقا ھەۋەسلىنىپ، قۇشنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا ھاۋاسى ئىنتايىن ساپ، چىرايلىق بىر چىمەنلىككە بېرىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، تۆت ئەتراپى ياپ - يېشىل، بۈك - باراقسان، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك رەڭگا - رەڭ گۈللەر ئېچىلغان، سۈپ - سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، ھەرخىل قۇشلار سايراپ تۇرغان، جانىۋارلار ئەركىن سەكرەپ يۈرگەن ئىكە. بۇنى كۆرگەن بوۋاي: «پاھ، پاھ، نېمە دېگەن گۈزەل چىمەنزار بۇ، جەننەت دېگەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس» دەپ ئويلاپتۇ. بوۋاي ئالدىغا ماڭغانچە دىمىغىغا ئىپار - زەپەرنىڭ خۇشپۇراقلىرى ئۇرۇلۇپتۇ. قارىغۇدەك بولسا مېھرىگىيالار بولۇق ئۆسكەن بىر جايدا ئاجايىپ بىر ئىسىل بۇلاق پارقىراپ تۇرغۇدەك. ھېلىقى قۇش بۇلاق ئۈستىدە بىر پەس شوخ سايراپ، قاناتلىرىنى كىرىپ، يەرگە قونۇپتۇ، بىر سىلكىنىپلا گۈزەل پەرى قىزغا ئايلىنىپتۇ ۋە بوۋايغا: - بوۋا، بۇ خاسىيەتلىك بۇلاق، بۇلاق سۈيىنى ئۈچ قېتىم ئىچسىلە مەقسەتلىرى ئىجاۋەت بولىدۇ، - دەپتۇ. بوۋاي خوشاللىغىدا پەرى قىزغا رەھمەت ئوقۇپ، بۇلاق سۈيىنى ئوچۇملاپ ئەمدىلا ئاغزىغا ئاپارغان ئىكە، موماينىڭ: - قوپسىلا، قوپسىلا، - دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغىنپ كېتىپتۇ ۋە «تاتلىق چۈشۈمنى بۇزدۇڭ» دەپ مومايغا كايىپتۇ - دە، پالتا، ئاغامچىلىرىنى ئېلىپ، ئوتۇن كەسكىلى تاققا قاراپ مېڭىپتۇ. ھەيۋەتلىك ئاقباش تاغ بۇ كۈنى بوۋاينىڭ كۆزىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۆركەم ۋە گۈزەل كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ يول بويى بايا كۆرگەن چۈشىنى ئويلاپ، تاغنىڭ ئىچىگە خېلىل كىرىپ كەتكەنلىگىنى سەزمەي قاپتۇ. بوۋاي تۇيۇقسىز بىر قۇشنىڭ غەلىتە سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتەرگەن ئىكەن، بىر قۇش موللاقلاپ ئۇچۇپ كېلىپ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. بۇ تاجىلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان، پەيلىرى توزنىڭكىدىنمۇ رەڭدار، قۇيرۇق پەيلىرى ئۈچ - تۆت غۇلاچ كېلىدىغان ئاجايىپ چىرايلىق بىر قۇش ئىكەن . ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق - يا ئوقى سانجىقلىق بولۇپ، قان توختىماي ئېقىپ تۇرغۇدەك. بوۋاي دەرھال ئوقنى سۇغۇرىۋېتىپ، بىر خىل ئۆسۈملۈكنى ئالقىنىغا ئېلىپ مىجىپ، سۈيىنى قۇشنىڭ يارىلانغان پۇتىغا تېمىتىپتۇ. پوتىسىنى يىرتىپ تېڭىپ قويۇپتۇ. قۇش ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ ئەكسىگە كەپتۇ ۋە قاناتلىرىنى كېرىپ ھاۋاغا كۆتىرلىپتۇ - دە، بوۋاينىڭ بېشىدا ئايلىنىپ ئۇچۇپ، شوخ ۋە يېقىملىق سايراپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن يەرگە قونۇپلا ئاجايىپ چىرايلىق پەرى قىزغا ئايلىنىپتۇ، بوۋايغا سالام بېرىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئەسسالام ئاقكۆڭۈل بوۋا، سىلى ماڭا ياخشىلىق قىلدىلا، ئەمدى مەنمۇ ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرماقچىمەن. قانداق مەقسىتلىرى بولسا ئېيتسىلا، ياردەمگە مەن تەييار، - دەپتۇ. بوۋاي گاڭگىراپ ئەقلى - ھوشۇنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. «ئوڭۇمۇ - چۈشۈممۇ» دەپ بېشىنى سىلكىپ، كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، يەر ئاستىدىن قىزغا نەزەر ساپتۇ. قۇندۇزدەك قاپ - قارا چاچلىق، ئوق - يانىڭ يايىسىدەك ئەگمە قاشلىق، خۇما كۆزلۈك، ئانار يۈزلۈك، زىبا بويلۇق، ئاي دىسە ئاغزى، كۈن دىسە كۆزى بار بۇ قىز چۈشىدە كۆرگەن پەرىنىڭ ئۆزى ئىكەن. بوۋاي ھەيران بولۇپ ئويلىنىپتۇ، ئاخىرى ئاپئاق ساقىلىنى سىلاپ، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى بايان قىپتۇ: - ئەي پەرى قىز، مۇشۇ ئاپئاق ساقلىمنى يوقىتىپ، مۈكچەيگەن بەللىرىمنى تۈزلەشنىڭ ئامالى بامىدۇ؟ بوۋاينىڭ دىمەكچى بولغان گېپىنىڭ تېگىنى چۈشەنگەن پەرى قىز، كۈن چىقىش تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: - ئەلۋەتتە بار، بوۋا، ئەنە قارىسالا، ئاشۇ ئاقباش تاغنىڭ مۇزلۇق چوققىسىدىن ئۆتسىلە ئاجايىپ سىھىرلىك گۈزەل ماكان بار، ئەنە شۇ ماكاندا بىر خاسىيەتلىك بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيىنىڭ ياشارتىش خاسىيىتى بار. ئەمما. ئۇ ماكانغا بارىدىغان يول تولىمۇ مۇشكۈل. مۇز داۋانلار تىك ۋە خەتەرلىك. توسقۇنلارنى بۆسۈپ. مەقسەتكە يېتىش نىيەتلىرى بولسا، مەن ھەر ئىشلىرىدا يار - يۆلەك بولىمەن. باشلىرىغا كۈن چۈشكەندە بۇنى كۆيدۈرسىلە شۇ ھامان يانلىرىدا پەيدا بولىمەن، - دەپ، قىزىل، يېشىل، سېرىق رەڭلىك ئۈچ تال پەينى بوۋايغا بېرىپتۇ - دە، ئاسمانغا كۆتىرىلىپ قۇشقا ئايلىنىپتۇ ۋە بوۋاينىڭ بېشىدىن ئەگىپ، قېلىن ئورمانلىق تاغنىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ ئۇچۇپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. بوۋاي ئۆيگە ناھايىتى كەچ قايتىپتۇ ۋە مومايغا ئاجايىپ بىر قۇش كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرى قىزغا ئايلانغانلىقىنى، تاغدا خاسىيەتلىك بۇلاقنىڭ بارلىقىنى، بۇلاق سۈيىنىڭ ئادەمنى ياشارتىدىغانلىقىنى بىر - بىرلەرپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. موماي ئالامەت خۇشال بوپتۇ. ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ خاسىيەتلىك بۇلاققا بېرىشقا تەييارلىق قىلىپتۇ. بەلگىلەنگەن كۈندە بوۋاي موماي بىلەن خوشلىشىپ، ئاقباش تاققا قاراپ يول ئاپتۇ. بوۋاي يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى بىر قېلىن ئورمانلىققا كەلگەندە يول تېپىلماپتۇ، سول يۈرۈپتۇ. بولماپتۇ، ئوڭ يۈرۈپتۇ بولماپتۇ. ئودۇل يۈرۈپتۇ بولماپتۇ ئودۇل يۈرۈشكە ئامال بولماي،كەينىگە قايتىشقا كۆڭلى قىيماي، چارە - تەدبىرنىڭ يوقىدا بىرئاز ئارام ئالغاچ قۇساق تويغۇزاي دەپ ئولتۇرۇپ خالتىسىغا قولىنى سالغان ئىكەن، قولىغا ھېلىقى پەرى قىز بەرگەن قىزىل پەي چىقپتۇ. بوۋاي: «توختا بېشىمغا بىرغەم چۈشتى، بىر كۆيدۈرۈپ باقمايمۇ؟» دەپ پەينى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئىسسىق بىر شامال چىقىپ، شۇ ھامان ئالدىدا ھېلىقى قۇش پەيدا بولۇپ، - ئەسسالام بوۋا، باشلىرىغا نېمە كۈن چۈشتى؟ - دەپتۇ. - قېنى ئورمانلىق يولۇمنى توسدى. يول تاپالماي، بېشىمنىڭ ئىچى - تېشى قاتتى. - دەپتۇ بوۋاي. - ئۇنداق بولسا مەشئەل ياساپ ئوت يېقىپ قۇيرۇغۇمغا باغلاپ قويسىلا، مەن يول باشلاي، - دەپتۇ قۇش. بوۋاي مەشئەل ياساپ قۇشنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ ئوت يېقىپتۇ. قۇش چاقماق تېزلىكىدە ئورمانلىق ئۈستىدە ئۇچۇپتۇ، قۇيرۇقىدىكى ئوت دەرەخلەرگە تۇتىشىپ، تۈز كەتكەن ئوت دەريا ھاسىل بولۇپتۇ - دە، ھەش - پەش دىگۈچە تۈپ - تۈز بىر يول ئېچىلىپتۇ. بوۋاي يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، ماڭا - ماڭا قورقۇنچلۇق بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ. تۆت ئەتراپتىن يولۋاس، شىر، يىلپىز، بۆرە، يىلان، چايان... لار چىققىلى باشلاپتۇ، بوۋاينىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپتۇ. قورققىنىدىن چىرايلىرى تاتىرىپ،پۇت - قولغا تىترەك ئولىشپتۇ. ئۇ: «ئەمدى بۇ يىرتقۇچلارغا يەم بولىدىغان بولدۇم، كۆزۈم كۆرمىسۇن» دەپ قولىدىكى خالتىسى بىلەن يۈزىنى توسىغان ئىكەن، يۈزىگە پەي ئۇرۇلۇپتۇ. دەرھال پەينى چىقىرىپ كۆيدۈرۈپتۇ. ئىسىق شامال چىقىپ قۇش پەيدا بوپتۇ. بوۋاينى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇچۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بىر مۇز داۋاننىڭ باغرىدىكى خاتىرجەم جايغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. بوۋاي مۇز داۋانغا چىقىپ، ئانچە كۆپ يول يۈرمەيلا شىددەتلىك شىۋىرغان چىقىشقا باشلاپتۇ. بوۋاي بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسا، نەچچە قەدەم كەينىگە داجىپ، ئاخىر كۆزىنى ئاچالما، بىر تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. بەختىگە يارىشا تاغنىڭ بەل ئوتتۇرسىدىكى بىر قېرى دەرەخنىڭ شېخىغا ئېلىنىپ قاپتۇ. بوۋاي «ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇم، بۇ تىك ياردىن قانداق چىقىلى بولسۇن» دەپ بېشىنى كۆتىرىپ يۇقىرىغا قاراپتۇ. ئۇ دەرەخنىڭ كىچىك بىر شېخىغا ئىلىنىپ قالغان خالتىسىنى ۋە خالتىدىن چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان پەينى كۆرۈپ قاپتۇ. بوۋاي مىڭ تەستە پەينى قولىغا ئېلىپ كۆيدۈرۈپتۇ، يەنە ئىسسىق شامال غۇرۇلداپ، قۇش تىك يار ئىچىدە پەيدا بوپتۇ. - دە، بوۋاينى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ تىك ياردىن چىقىرىپ قويۇپتۇ. بوۋاي مۇز داۋاندىن ئېشىپ، تۆۋەنگە نەزەر سالغان ئىكەن. ئاجايىپ سىھىرلىك بىر ماكان كۆرۈنۈپتۇ. تاغلار چاقناپ، نۇر چېچىپ تۇرغۇدەك. باغلاردا مېۋىلەر پىشىپ مەي باغلاپ كېتىپتۇ - دەك. بىر - بىرىدىن چىرايلىق قۇشلار شوخ سايرىشىپ، شاختىن - شاخقا قونۇپ يۈرگىدەك. بۇغا، مارال، كىيىكلەر ياپ - يېشىل چىمەنلىكتە بەھۇزۇر - ئويناقلاپ يۈرگىدەك. بوۋاي چىمەنلىك يولنى بويلاپ رەڭگا - رەڭ گۈللەرنى، گۈللەر ئۈسىدە ئۇچۇپ يۈرگەن رەڭدار كېپىنەك ۋە ھەسەل ھەرىلىرىنى تاماشا قىلىپ ئالغا يۈرۈپتۇ. بىر چاغدا ئۇدۇلغا قارىغۇدەك بولسا، مېھرىگىيالار ھۆپپىدە ئۆسكەن بۇلاق بويىدا ھېلىقى پەرى قىز ئولتۇرغۇدەك پەرى قىز بوۋاينى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن: - بوۋاي، جاپا چەكتىلە، ئىرادىلىرىگە قايىلمەن، - دەپتۇ. - جاپا چەكمەي ھالاۋە يوق، مەقسەتكە ئىرادە بولمىسا يەتكىلى بولماس، - دەپتۇ بوۋاي. - قېنى بوۋا، خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىدىن ئۈچ ئوچۇم ئوتلىسىلا، - دەپتۇ.پەرى قىز. - كالپۇكلىرىم يېرىلىپ، ئىچىم قۇرۇپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن قانغىچە ئىچسىلە دىمەي، ئۈچ ئۇچۇم ئوتلىسىلا دەيسىز؟ - دەپتۇ بوۋاي. - بۇ خاسىيەتلىك بۇلاق،بۇنىڭ سۈيىنى ئۈچ ئوچۇم ئوتلىسا كۈپايە، جىق ئىچۋەتسە بوۋاققا ئايلىنىپ قالىدۇ. - دەپتۇ پەرى قىز. - پەرى قىز، ئېغىر كۆرمەي بۇلاق سۇيىنىڭ خاسىيتىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي. - بولىدۇ، بۇ يەردىكى مېۋە - چېۋىلەر ۋە ئوت - ياشلارنىڭ شىرنىسى ھەركۈنى بۇلاققا قوشۇلىدۇ. شۇڭا بۇلاق سۈيى ئاجايىپ قۇۋۋەتلىك. بۇلاق سۈيى ئادەمنى ياشارتىپلا قالماي، ھەرقانداق كېسەلگە شىپا بولالايدۇ، ساق كىشىلەر ئىچسە ئەسلا كېسەل بولمايدۇ. - دەپتۇ پەرى قىز. بوۋاي پەرى قىزدىن ئىنتايىن مەمنۇن بوپتۇ. بۇلاق سۈيىنى ئۈچ ئوچوم ئوتلاپ، بۇلاق بويىدا ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر چاغدا توڭلىغاندەك بولۇپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. - دە، ئۆزىنى ئاجايىپ يەڭگىل ھىس قىلىپتۇ. ئىڭىگىنى سىلىسا ساقال - بۇرۇتلىرى يوقمىش. بۇلاق سۈيىگە قاراپ ئۆزىنڭ قەددى - قامىتى كېلىشكەن بىر يىگىت بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي، پەرى قىزغا قايتا - قايتا رەھمەتلەر ئوقۇپتۇ. پەرى قىز يىگىرمە ياشلاردىكى بېجىرىم يىگىتكە ئايلانغان بوۋايغا: - ھەي يىگىت، مەن بىلەن مۇشۇ ماكاندا بىرگە ياشاشنى خالامسىز؟ - دەپتۇ. گەرچە پەرى قىز ئاي دىسە ئاغزى، كۈن دىسە كۆزى بار. جاھاندا تەڭدىشى يوق گۈلپەرى بولسىمۇ، «بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭلدە بىر كىشى» دىگەندەك بوۋاينىڭ ئۇنى خوتۇن سەئىدەگە ،بۇ جەننەت كەبى ماكاننى ئۆزىنىڭ تاغ باغرىدىكى كاۋا بارىڭىغا تەڭ قىلغۇسى كەلمەپتۇ. ئۇ پەرى قىزغا: - ئەي، جاھاندا تەڭدىشى يوق جاناب گۈلپەرى، ئەرزىمەس بىر ياخشىلىقىم ئۈچۈن مېنى ئۇزۇن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىڭىز، سىز بولسمىسىڭىز مېنىڭ قېلىن ئورماندىن ئۆتۈشۈم. يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قۇتۇلۇشۇم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سىزگە يۈرىگىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن مننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ئەمما سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن. چۈنكى، ئۆز ماكانىمدا ئۆمۈرلۈگۈم سەئىدە يولۇمغا تەلمۈرۈپ قالغان. - دەپتۇ. پەرى قىز بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، ئالتۇندەك ساپ كۆڭۈللۈك بوۋايغا قايىل بولۇپ، بىر قاپاق خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى ھۆرمەت بىلەن ئۇزىتىپ: - بۇنى ئاشۇ ئۆمۈرلۈگىڭىزگە ئالغاچ بېرىڭ، ئۇمۇ ئۈچ يۇتۇم ئوتلىسۇن - دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ پەرى قىزغا يەنە كۆپ رەھمەتلەرنى ئوقۇپتۇ. بىر قاپاق خاسىيەتلىك سۇنى ئېلىپ ئۆز ماكانىغا قاراپ يول ئاپتۇ. بوۋاي تاغدىن چۈشۈپ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا، بىر باغلام ئوتۇن كەسلەپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، ناخشىنى چاڭ كەلتۈرۈپ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ. موماي قارىسا بىر ياش يىگىت ئۆيگە كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك. ھەيران بولغان موماي: - ھەي يىگىت، سەن كىم بولىسەن؟ كىمنى ئىزلەپ كەلدىڭ! - دەپتۇ. بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ: - مېنى تونۇمىدىڭمۇ؟ مەن سەلەيجان، «سەلەينىڭ ئوڭ قولىغى تۈۋىدە بىر خالى با ئىدى، شۇ خالى بارمۇ - يوق» دەپ سەپ سېلىپتۇ. قارىسا خالىمۇ بار ئىكەن. موماي، سەلەي بىلەن ئۆيىدىن ناھايىتى خوشلىشىش ئالدىدا دىيىشكەن سۆزلىرىنى ئەسكە ئېلىپ سەلەيگە ئىشىنىپتۇ، بۇ ياشىرىشنىڭ تېگىگە چۈشىنپتۇ. مومايمۇ «خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ تېزرەك ياش قىز بولۇپ ساڭا جۈپ بولاي» دەپ قاپاقنى سەلەيدىن ئېلىۋاپتۇ. سەلەي ئۈچ يۇتۇمدىن ئوشۇق ئىچىمەسلىكنى ئېيتىپتۇ. موماي قاپاقتىكى سۇدىن ئۈچ يۇتۇم ئوتلاپتۇ ۋە ئېزلىپ كۆزىگە ئۇيقۇ ئېلىشپتۇ. سەھەردە توخونىڭ چىللىشىدىن ئويغانغان سەئىدە ئۆزىنى ناھايىتى يەڭگىل ھىس قىلىپتۇ. يۈزىلىرىنى سىلاپ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك تارتىلغان قورۇقلارنىڭ يۇقالغانلىقىنى، مۈكچەيگەن بەلىرىنىڭ نازۇك بەلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، يۈرىگىنىڭ ئەركىن سوقۇپ، ئۆپكىسىنىڭ ساپ ھاۋادىن باھۇزۇر نەپەسلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان سەئىدە تاشقىرىغا چىقىپ، پاقپىلەكتەك چۆگىلەپ ئۇسۇل ئويناپتۇ، بەستلىك يىگىتى سەلەينى كۆرۈپ خۇشاللىغىدا ئۆزىنى سەلەينىڭ قۇچىقىغا تاشلاپتۇ. سەلەي بىلەن سەئىدە بىر - بىرىگە تويۇشماي، ئېتىز - ئېرىق، قىرلاردا مۇھەببەتلىك سۆزلىرىنى ئېزھار قىلىشىپ، ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ، بۇندىن كېيىنكى يېڭى ھاياتى ئۈستىدە قىزغىن مۇڭدىشىپ، يېڭىچە بىر ھايات كەچۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەسىنى ئىشتكە يىراق - يېقىندىكى خولۇم - خوشنا، ئەل ئاغىنىلىرى تۇشمۇ - تۇشتىن كېلىپ ئۇلارنى تەبرىكلەپتۇ. ئاغرىقلار خاسيەتلىك بۇلاق سۈيىگە ئېغىز تېگىشىپ، ساقىيىپ، سەلەيدىن كۆپ مىننەتدار بولۇشۇپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن بۇۋەقە ناھايىتى تېزلا ئېغىزدىن - ئېغىزغا، قۇلاقتىن - قۇلاققا، بۇ تۆشۈكتىن ئۇ تۆشۈككە، بۇ ماكاندىن ئۇ ماكانغا تاراپتۇ. «خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىگە ئېغىز تەككەن ئادەم ئاغرىماس، ئۆلەر ھالدا ياتقان ئادەم بىر تامچىدا چىشىپا تېپىپ ھاياتىدىن ئايرىلماس، ئۈچ ئوتلام ئىچكەن قېرىلار شىپا تېپىپ ھاياتىدىن ئايرىلماس،ئۈچ ئوتلام ئىچكەن قېرىلار شىپا تېپىپ ھاياتىدىن ئايرىلماس، ئۈچ ئوتلام ئىچكەن قېرىلار ياش يىگىت بوپ قايرىلماس..» دىگەندەك سۆزلەر تارقىلىپتۇ. خاسىيەتلىك بۇلاقتىن، ياشلىق كېلەر، يارىمەي. سەلەي بىلەن سەئىدە، خەندان كۈلەر، يارىمەي. دىگەندەك ناخشا - قوشاقلار توقۇلۇپ، ئەر - ئايال، ياش قېرىلارنىڭ تىللىرىدا داستان بولۇپتۇ. سەلەي بىلە سەئىدەنىڭ يېڭىچە ھاياتىدىن خەۋەر تاپقان ئىچى قۇتۇر مىڭبېشى پۇتى كۆيگەن توخودەك ئولتۇرالماي قاپتۇ. ئۇ يوق بەتنامدىن بىرنى توقۇپ، سەلەينى ۋە خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى دەرھال ئۆز ئالدىغا كەلتۈرشكە ئاتارمەن - چاپارمەنلەرنى بورۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتارمەن - چاپارمەنلەر سەلەينىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي، بىر قاپاق خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيى بىلەن مىڭبىېشىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. مىڭبېشى بۇلاق سۈيى بىلەن مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. مىڭبېشى ئۆزىدىن بىر ھەسسە چوڭ ياشتىكى سەلەينىڭ ياپ - ياش بىر يىگىت بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ. بىر ئىشىنىپ - بىر ئىشەنمەي يەردە تۇرغان قاپاقنى قولىغا ئېلىپ: - خوش سەلەيجان، سەن راستىنلا مۇشۇ قاپاقتىكى سۇدىن ئىچىپ ياشىرىپ كەتكەنمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - شۇنداق، باي ئاكا، بۇ ئاق بۇلاقنىڭ، كۆك بۇلاقنىڭ سۈيى ئەمەس. خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيى. - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سەلەي. - بىلىمەن، بىلىمەن، - دەپتۇ مىڭبېشى ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، - مانا بۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى، بىباھادۇر قىممىتى. بۇ قاپاقتىكى سۇ - ئابى ھايات. زەمزەم سۈيى بولسا كېرەك. ھە سەلەي، ئەل ئاغزىدا: «قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما» دىگەن ھېكىمەتلىك سۆز بار. بۇ خاسىيەتلىك زەمزەم سۈيىگە پۈتۈن يۇرت خەلقىنى ئېغىز تەككۈزەي. ئۇلار بەختىڭلارنىڭ كۈلۈشىگە، بايلىقىڭلارنىڭ كۆپىيشىگە، سەئىدە بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پاقلاندەك بىر بالا كۆرۈشىڭلار ئۈچۈن دۇئا ئوقۇپ قويسۇن، قانداق دەيسەن؟ - باي ئاكا، ئەگەر دىگەنلىرىدەك بولسا مەيلى ، خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى يۇرت - خەلقىمىزگە ئىلتىپات قىلدىم. - دەپتۇ. سەلەي. مىڭبېشى خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى بۇنداق ئوڭايلا قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىچ - ئىچىدىن خوشال بولۇپ كېتىپ: - ئەتە پۈتۈن يۇرت خەلقى ساراي ئالدىغا يىغىلسۇن، خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىگە ئېغىز تەككۈزۈش مۇراسىمى بولىدۇ، ئەل - يۇرت شاتلانسۇن، پارمان چىقىرىڭلار! - دەپتۇ. مىڭبېشى سەلەينى يولغا سېلىۋېتىپ، بىر قاپاق خاسىيەتلىك بۇلاق سۈيىنى ئۆيىگە ئەكىرىپ، بۇ ئىشتىن خوتۇنىنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. خوتۇنى مىڭبېشىنى: - ھەي كالۋا! قاپاقتەك كاللاڭدا تېرىقچىلىق ئەقلىڭ يوقمۇ؟ بۇنداق ياخشى ئامەتنى قولدىن چىقىرىپ قويامسەن؟ ئۆزىمىزلا ئىچىۋالساق بولمامتى؟ ھەي دۆت، ساراڭ ! - دەپ ئاغزى بېسىلماي تىللاپتۇ. مىڭبېشى ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قويغىنىغا گويا زەھەر يۇتۇۋالغاندەك پۇشايمان قىپتۇ. - ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز، - دەپتۇ خوتۇنى مىڭبېشىنىڭ قولىدىن قاپاقنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇ قاپاقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئىچمەكچى بوپتۇ. مىڭبېشى «ئۇ ئىچىۋېلىپ، ياشىرىپ ئاشنا تاپماقچى» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ھاسسى بىلەن خوتۇنىنى ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. قاپاقنى كۆتىرىپ سۇيىنى ئىچىشكە باشلاپتۇ. ئۇ: «خاسىيەتلىك بۇلاقنىڭ سۈيىنى قانچە جىق ئىچسە شۇنچە ياشىرىپ، تېتىكلىشىدۇ. ياخشى ئاش ئېشىپ قالغىچە، يامان قۇرساق يېرىلىپ كەتسۇن» دەپ، قاپاقنى قۇرۇقداپ قويۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئېزىلىپ كەتكەن شاپتۇلدەك بولۇپ، كۆزلىرى پۇرلىشىپ، كىيىملىرىنى سېلىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى جامائەت مىڭبېشىنىڭ سارىيى ئالدىغا توپلىشىپتۇ. يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە مىڭبېشىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سارايغا كىرىپ مىڭبېشىنى كۈتۈپتۇ. كۈن چۈش بولغىچە مىڭبېشىدىن دېرەك يوقمىش. مىڭبېشىنىڭ بىر ئوغلى «مەن كىرىپ چىقاي» دەپ دادىسنىڭ ھوجرىسىغا كىرسە، كارۋاتتا بىر بوۋاق «ئىڭە ئىڭە» دەپ يىغلاپ ياتقۇدەك. ئاپسى يەردە ھۇشسىز ياتقۇردەك. بۇنى كۆرگەن مىڭبېشىنىڭ ئوغلى سارايغا چىقىپ كۆرگەن ئەھۋالنى سارايدىكىلەرگە مەلۇم قىلىپتۇ. مۆتىۋەرلەر ۋە مىڭبېشىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھوجرىغا كىرىپ قارىسا، دىگەندەك، كارىۋاتتا بىر بوۋاق ئىڭەلەپ ياتقۇردەكمىش. خان ئاچا بولسا ھۇشسىز يەردە ياتقۇدەك. بۇ ئەھۋلنى كۆرگەنلەر بىر - بىرىگە قاراپ ھەيران بوپتۇ. مىڭبېشىنىڭ بىر بالىسى: - بۇنىڭ ھەيران قالغۇەك نىمىسى بار . ئاپام تۇغۇپتۇ. ھۇشسىزلىنىپ يېتىپ قاپتۇ. ئاپامنى ھۇشىغا كەلتۈرەيلى، - دەپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن مىڭبېشىنىڭ خوتۇنى ھۇشىغا كەپتۇ. ئۇ كارىۋاتتا ئىڭەلەپ ياتقان بوۋاقنى كۆرۈپ: ۋاي ئاللا، توۋا، كۆردىڭلامۇ باللىرىم داداڭلىنى، - دەپ يىغلاپتۇ، - مانا ئاچكۆزلۈكنىڭ جاجىسى! مىڭبېشىنىڭ بالىلىرى بوۋاققا ئايلىنىپ قالغان دادىسىغا قاراپ: - ئەمدى سېنى دادا دەيمىزمۇ ئۇكا دەيمىزمۇ؟ - دەپ باشلىرىنى قاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلىشىپتۇ. سەلەي بىلەن سەئىدە ۋە پۈتۈن ئەل - جامائەت مىڭبېشىنىڭ ئاچكۆزلۈك قىلىپ بوۋاققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىشىپ، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشىپتۇ. مىڭبېشىنىڭ ئائىلىسىدىكلەر بۇ كۆڭۈل ئازابىغا چىدىماي، مىڭبېشىنى بىر كېچىدە بۇغۇپ ئۇجۇقتۇرۋېتىپ، يۇرتنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. يۇرت خەلقى شۇندىن ئېتىبارەن قىزىلكۆز مىڭبېشىدىن قۇتۇلۇپ، بەخىت - سائادەتلىك تۇرۇمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئەل ئارىسىدا خاسىيەتلىك بۇلاقنى تەرىپلەش مۇنداق قوشاق تارقىلىپتۇ. خاسىيەتلىك بۇلاقنىڭ. سۇلىرىنى ئىچسەك بىز. قالتىس ئامەت كەلمەسمۇ، ياشلىق چاققا كۆچسەك بىز.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
خاسيەتلىك بۇلاق | UyghurWiki | UyghurWiki