UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققېرىلارنىڭ قەدرى

قېرىلارنىڭ قەدرى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەكلىماكاننىڭ نېرىسىدا بىر زالىم پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. پادىشاھنىڭ قىرىقتىن ئوشۇق خوتۇنى، يۈزلىگەن كېنىزەكلىرى بولغاننىڭ سىرتىدا، كۆڭلىنىڭ ئاچىدىغان ئەل - نەغمىچى، ئۇسۇلچىلىرى بەش يۈزدىن ئاشىدىكەن. پادىشاھ كېچە - كۈندۈز ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا بىلەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمايدىكەن. پۇقرالار پادىشاھنىڭ سېلىقىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن زىندانلارغا تاشلىنىدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پۇقرالاردا پادىشاھقا قارىتا نارازىلىق كۈچىيىپ، دۆلەت مالىمان بولۇشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن پادىشاھ بىر كۈنى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئۇلارغا: - بىزنىڭ مۇشۇنداق كەڭ، مۇنبەت، پاراغەتلىك يۇرتىمىز، سىلەردەك پەم - پاراسەتلىك ئاقىلدارلىرىمىز تۇرۇقلۇق، خەلقنىڭ شۇنچىلىك ئاز سېلىقنىمۇ تۆلەشكە مادارى نېمىشقا يەتمەيدۇ؟ - دەپ سوئال قويۇپتۇ. پادىشاھنىڭ سوئالىغا سول قول ۋەزىر جاۋاب بېرىپ: - بۇنىڭ سەۋەبى، بىزدە تەييارغا ھەييار بولىدىغان تىرىكتاپ قېرىلار ناھايىتى كۆپ، ياشلار تاپقاننى ئاشۇ قېرىار يەپ تۈگىتىدۇ، بىر كىشى ئىككى - ئۈچ كىشىنى قانداق بېقىپ كېتەلەيدۇ؟ ئەھۋالىمىزنىڭ ئوساللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ مانا مۇشۇ يەردە. بۇنىڭغا ئۆزلىرى بىر ئەقىل ئىشلىتىپ، چارە تاپمىسىلا، ھەر قايسىمىزنىڭ ئامالى بولمىدى، ئىش راۋاجلىنىپ كەتسە شەۋكەتلىك تاجۇ - تەخت، كاتتا ئابرۇيلىرىغىمۇ نۇقسان يېتىش خەۋپى بار، - دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ «ھىم» دەپتۇ - دە، ئەمەلدارلىرىغا 60 ياشتىن ھالقىغان بارلىق ئەر - ئايال قېرىلارنى يوقىتىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاپتۇ، يۇرتنى ئاھ - زار قاپلاپتۇ.... بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى يېزىدا بىلال ئىسىملىك بىز كىشى ياشايدىكەن. بۇ كىشىنىڭ يېشى 60 تىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ پادىشاھ قۇربانلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن. بىلالنىڭ ئوغلى چېچەن بولۇپ، دادىسىغا بەك كۆيۈمچان ئىكەن، شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە كۆزى قىيماي يوغان بىر كات ياسىتىپ دادىسىنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ داقلاپ قاپتۇ، قېرىلار تامام ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ ئىش بولۇپ ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت ئۆتە - ئۆتمەيلا بۇ ئەلدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ، پۈتۈن يۇرت قاقاسلىققا ئايلىنىپ، دەريالار قۇرۇپ، بۇلاق كۆزلىرى پۈتۈپ كېتىپتۇ. پۇقرالار ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ھەتتا پادىشاھ ئوردىسىدىكىلەرمۇ يىغىۋالغان سۇلىرىنى ئىچىپ بولۇپ جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ قىيىنچلىقنى ھەل قىلىش يولىدا توغرا مەسلىھەت بەرگۈدەك بىرمۇ كىشى چىقماپتۇ. مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا پادىشاھ: «كىمكى بۇ قۇرغاقچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا توغرا مەسلىھەت بېرەلىسە، ئۇنى ئۆزەمگە ئوڭ قول ۋەزىر قىلىمەن» دەپ پەرمان چىقىرىپتۇ. بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك كىشى تېپىلماپتۇ. پادىشاھ يەنە يېڭى پەرمان چىقىرىپ: «كىمكى سۇ تېپىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالىسا، پادىشاھلىقىمنى بېرىمەن» دەپتۇ ۋە شۇ سۆزنى ئېيتىپ ئۆزىمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىپتۇ. ئەمەلدارلارنىڭ تولىسى ئۆلۈپ تۈگەپتۇ. بىلالنىڭ بالىسى بۇ ئىشلاردىن دادىسىنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ، شۇ چاغدا بىلال ئۆز ئوغلىغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: «سەن بىر پادا كالىنى ئالدىڭغا سېلىپ ھەيدە، ئۇسسىغان كالىلار يەرنى پۇراپ ھۆكۈرەپ ماڭىدۇ، سەن ئۇنىڭ يولىنى توسما، كالا پادىسى قاتتىق ھۆكۈرەپ توپىنى چېچىپ تۇرۇۋالغان يەرنى كولا، ئەنە شۇ يەردىن سۇ چىقىدۇ....» بالا دادىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر پادا كالىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ، دەرۋەقە كالىلار بىر يەرگە بارغاندا قاتتىق ھۆكۈرىشىپ، ئالدى ئىككى پۇتىدا يەرنى تىلغاپ، توپىنى ئاسمانغا پۇرقىتىپتۇ. بالا شۇ ئورۇننى قېزىپتىكەن، دېگەندەك بۇلۇقلاپ سۇ چىقىپتۇ. خەلق ئۆستەڭ ئېلىپ سۇنى يۇرتقا باشلاپتۇ. يۇرتتىكى سۇغا قانغان يۇرت ئەھلى تىرىشىپ ئىشلەپ قۇرغاقچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۆزى بەگ، ئۆزى خان ھالدا باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «قېرىلارنى كاتتا ساقلا، ئۆلۈكىنى ھەپتە ساقلا» دېگەن تەمسىل مانا شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق