پاراسەتلىك كىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر كەمبەغەل ئېتىغا مىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. كۈن قايرىلغاندا، ئۇ ھارغىنلىق بىلەن ئاچلىقتىن توختاپ، ئېتىنى بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، كەچلىك غىزاغا ئولتۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا بىر بايمۇ مۇشۇ يەرگە كېلىپ توختاپ، ھېلىقى دەرەخكە ئېتىنى باغلىماقچى بوپتۇ.
_ ئاتلىرىنى بۇ دەرەخكە باغلىمىسىلا، _ دەپتۇ كەمبەغەل ، _ مېنىڭ ئېتىم ياۋا يىراق، ئاتلىرىنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن، ئۇنى باشقا بىر دەرەخكە باغلىسىلا!
_ ئېتىمنى قەيەرگە باغلاشنى خالىسام شۇ يەرگە باغلايمەن! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ باي ۋە ئېتىنى شۇ دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، غىزالىنىشقا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار قورقۇنچلۇق چىقىرىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قارىسا، ئىككى ئات تېپىشىپ، چىشلىشىۋاتقۇدەك. ئۇلار ئاتلارنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپتۇ. بىراق كېچىككەن ئىكەن. باينىڭ ئېتى ئۆلۈپ قاپتۇ.
_ سېنىڭ ئېتىڭ نېمە قىپتۇ، كۆردۈڭمۇ؟ _ دەپ ۋاقىراپ كېتىپتۇ باي، _ سەن ئەمدى ئېتىمنىڭ خۇنىنى تۆلەيسەن! _ باي كەمبەغەلنى قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. قازى كەمبەغەلدىن:
_ ئېتىڭنىڭ ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى راستمۇ ؟ _ دەپ سوراپتۇ. كەمبەغەل جاۋاب بەرمەپتۇ. قازى يەنە كۆپ سوئال سوراپتۇ. كەمبەغەل لام _ جىم دېمەستىن تۇرۇۋېرىپتۇ. ئاخىرى قازى:
_ بۇ گاچا ئادەمكەن، ئۇ سۆزلىيەلمىسە، مېنىڭ نېمە ئامالىم بولسۇن، _ دەپتۇ.
_ تەقسىر، ئۇنداق ئەمەس، _ دەپتۇ باي، _ سۆزلىيەلەيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇ سۆز قىلغان.
_ راست شۇنداقمۇ؟ _ سوراپتۇ قازى، _ ئۇ ساڭا نېمە دېگەنتى؟
_ ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مەن كېپىل، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ باي، _ ئۇ ماڭا ئېتىمنى ئۇ ئېتىنى باغلىغان دەرەخكە باغلىمايدىغانلىقىنى، ئېتى ياۋايى بولغاچقا، مېنىڭ ئېتىمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۈمكىنلىگىنى ئېيتقان ئىدى.
_ ئوھۇي، _ دەپتۇ قازى، _ ئەمدى چاتاقنىڭ ئۆزەڭدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ئۇ سېنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئېتىڭنى تۆلەپ بەرمەيدۇ.
ئارقىدىن قازى كەمبەغەل تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.
_ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى، _ دەپتۇ كەمبەغەل، _ مەن تەقسىرنى كەمبەغەلنىڭ سۆزىگە باينىڭ سۆزىگە ئىشەنگەندەك ئىشەنمەيدۇ دەپ ئاڭلىغان، شۇڭا مەن سۆزلىيەلمىسەممۇ بىكار، سۆز قىلىشم ھاجەتسىز، دەپ قاراپ، ھېچنەرسە دېمىەنتىم. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەنگەنلا.
(«قەشقەر ئەدىبىياتى» نىڭ 1982 - يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى)
رەتلىگۈچى: ئابلەت يۈسۈپ.