UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخالبانۇم

خالبانۇم

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر كەمبەغەلنىڭ بىر گۈزەل قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئېتى خالبانۇم ئىكەن. ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنكى، ئاي دىسە ئاي، كۈن دىسە كۈن دېگۈچىلىكى بار ئىكەن. ئۇنىڭ يۈزلىرى چولپاندەك، كۆزلىرى بۇلاقتەك، قاشلىرى قياقتەك، كىرپىكلىرى ئوقيادەك، ئاغزى ئويماقتەك، بەللىرى تال چىۋىقتەك ئىكەن، ھۆسۈندە ئۇنىڭ بۇ شەھەردە تەڭدىشى يوق ئىكەن. كۈنلەردىن كۈنلەر ئۆتۈپ، ۋاقتى سائىتى يېتىپ، خالبانۇم ئېتىزلىقتا باغ باغلاۋاتسا، بىر قارا بوران چىقىپتۇ. يەر - جاھاننى قاراڭغۇچىلىك بېسىپتۇ، شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە توپا تىقىپ، ھاۋانى گۈلدۈرلىتىپ، چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، بىر قارا دىۋە كەپتۇ - دە، بۇ چىرايلىق قىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ. ۋەقە خالبانۇمنىڭ ئاشىقى ئوغلان باتۇرنىڭ چۈشىگە ئايان بوپتۇ. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ - دە، شەمشەر قىلىچىنى ئېسىپ، تۇلپار ئېتىغا مىنىپ خالبانۇمنى ئىزلەپ چىقىپتۇ. ئايلاپ ئىزلەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىزىر بوۋايغا يولۇقۇپ قاپتۇ. ئوغلان باتۇر: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خىزىر بوۋا! - دەپ سالام بېرىپتۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلان باتۇر، سەپىرىڭ نەگە؟ - دەپتۇ خىزىر بوۋاي. - مەشۇغۇمنى ئىزلەپ چىقتىم. - مۇشۇ يول بىلەن ماڭىۋەرسەڭ، جاڭگالدىن ئۆتۈپ، دەرينى كېچىسەن، ئاندىن چوللەرنى بېسىپ، تاغلارنى ئېشىپ غارلارغا كىرىسەن، مانا شۇ يەردىكى چوڭ بىر غارنىڭ ئاغزىدا يوغان بىر تاش بار، ئۇنى ئىتتەرسەڭ ئاستىدىن ئۆڭكۈر كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭغا چۈشسەڭ، دىۋىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا بارىسەن، ئۇنىڭدىن ئۆتسەڭ، يىلانلارنىڭ ئوۋىسىغا يولۇقىسەن، ئاندىن ئېيىق بۆرىلەر يولىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭىپ چىقساڭ، ئۆزەڭنى بىر باراقسانلىق تاغ چوققىسىدا كۆرىسەن، ئۇ يەردىن ئاسما تاشقا ئېتىڭنى باغلاپ، يىقىلغان قارىغاينى كۆرىسەن، ئۇ يەردىن ئاسما تاشقا ئېتىڭنى باغلاپ، يىقىلغان قارىغاينى كۆۋرۈك قىلىپ، ھاڭدىن ئۆتسەڭ بىر گۈكۈرەتمە كۆرۈنىدۇ. مانا شۇ گۈكۈرەتمىنىڭ تېگىدە بىر ئىشىك بار، شۇ ئىشىكتىن كىرسەڭ چىرايلىق ساراي ئىچىدىكى زىننەتلىك ئەسۋاپلار كۆزلىرىڭنى چېقىپ كېتىدۇ، تازا قادىلىپ قارىساڭ مەشۇغۇڭ خالبانۇمنىڭ بىھۇش بولۇپ، مەرۋايىت تاش ئۈستىدە ياتقانلىقىنى كۆرىسەن مانا شۇ مەرۋايىت تاش ئاستىدا بىر دەريا سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. سۇ بىلەن ئۇزۇپ بېرىپ، قىزنىڭ ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۈيىسەن. قىز ھۇشىغا كېلىدۇ، قىزدىن دىۋىنىڭ سىرىنى ئۇقۇپ، ئۇنى يەڭسەڭ مەشۇغۇڭنى قولۇڭغا ئالىسەن. كۈچلۈك بولغىن، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە، مۇنۇ «سۇلايمان قالپىقىڭ»(غايىپ بولىدىغان قالپاق.) نى كېيگىن، دۈشمىنىڭگە رەھىم قىلما، دىۋە بىلەن جەڭگە چۈشۈش ئالدىدا «داخۇركالۋا» (بۇلغارى توربا.) دىن بىرسىقىم توپا ئېلىپ چاچقىن. يولۇڭ ئوڭ بولسۇن! باسقان ئىزىڭ گۈل بولسۇن! خىزىر بوۋاي ئاپپاق ئۇزۇن ساقىلىنى سىپاپ تۇرۇپ دۇئا قىپتۇ. - دە، غايىپ بوپتۇ. ئوغلان باتۇر «دارخۇر كالۋا» نى بويىنىغا سېلىپ، «سۇلايمان قالپىغى» نى پوتىسىغا قىستۇرۇپ، شەمەر قىلىچىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، قۇرۇپ قالغان يوغان ياغاچنى بىر چېپىتۇ - دە، خىزىرنىڭ كۆرسەتكەن يولى بىلەن تۇلپارىغا مىنىپ كېتىۋېرىپتۇ. ئوغلان باتۇر خىزىر بوۋاينىڭ ئېيتقىنى بويىچە نۇرغۇن يول يۈرۈپ، قاتتىق جەڭ قىلىپ تاغقا ئېتىنى باغلاپتۇ. گۈكۈرەتمە ئاستىدىن يول تېپىپ، قىزنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئوغلان باتۇر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەمدى بىز قالغان گەپنى خالبانۇمدىن ئاڭلايلى. خالبانۇمنى قارا بوران قىياپىتىدە دىۋە بۇلاپ كەتكەن ئىدى. قارا دىۋە ئۇنى دىۋىلەر پادىشاھىغا تەقدىم قىپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى بولسا، خالبانۇمغا ئاشىق بىقارار بولۇپ، خالبانۇمنى ئۆزىگە خوتۇن بولۇشقا مەجبۇرلاپتۇ. خالبانۇم دىۋىلەر پادىشاھىغا مەيلىنى بەرمەي، ئۇنىڭغا ئىختىيار قىماپتۇ. ئۇ دىۋىنى قوبۇل قىلمىغىنى ئۈچۈن، دىۋە ئۇنى تىلسىم بىلەن مەرۋايىت تاختا پۇشقا بىھۇش ھالدا بەنت قىپتۇ. ھەر كۈنى كېچىدە دىۋە پادىشاھى خالبانۇمنى ھۇشىغا كەلتۈرىدىكەن - دە، ئۇنىڭغا: - مېنى قۇبۇل قىل، - دەپ يالۋۇرۇدىكەن. خالبانۇم كۆنمىگەچكە دىۋە دەرغەزەپ بولۇپ، بىردە گۈلدۈرماما، بىردە چاقماق، بىردە جىن - پەرىلەرنى ھەركەتكە كەلتۈرىدىكەن. «قاچان بولمىسۇن، قانداق بولمىسۇن، بەرىبىر ئۆلۈم» دەپ ئويلىغان خالبانۇم بۇ دەھشەتلىك ھادىسىلەردىن قورقماپتۇ. خالبانۇمنى ئۆلتۈرۋېتىشكە دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ «ئاشىقلىقى» يول قويمايدىكەن. شۇڭلاشقا خالبانۇمنى ئۇ كېچىچە قىينايدىكەن ياكى يالۋۇرۇپ ئۇخلاتمايدىكەن. كۈن چىققاندا دىۋە چېچىنى بىر سىلكىپ، بىر دەريا پەيدا قىلىپ، ئالقىنى بىلەن شەرەت قىلسا، دەريا ئۈستىدە مەرۋايىت پۇش پەيدا بولىدىكەن. ئاندىن خالبانۇمنى بىھۇش قىلىپ، ئۆزى ئاسمانغا كوتىرىلىپ كېتىدىكەن. كۈن پاتارغا يېقىن بولسا، خالبانۇمنى كۆرۈشكە تاقەتسىزلىك بىلەن ئاسماندىن قۇيۇندەك چۈشىدىكەن. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن، بەدەنلىرى تۈكلۈك، تىرناقلىرى غېرىچ كېلىدىكەن. ئاۋازلىرىنى ئىنچىكە، بوم، ئەرلەرچە، ئاياللارچە قىلىپ، ھەر خىل ئاھاڭدا سۆزلەيدىكەن، بەزىدە يوغان گەۋدىلىك بولۇۋالىدىكەن، بەزىدە كىچىككىنە ئاۋاق، ۋىجىك بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. بۇ شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، بىز ئەمدى قالغان گەپنى ئولان باتۇردىن ئاڭلايلى. ئوغلان باتۇر دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ سارىيىغا كىرىگىچە ئون نەچچە ئەجدېھاغا يولۇقۇپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپتۇ. قارىسا ساراينىڭ ئىچىدە كۆز يەتكۈسىز چوڭ بىر دەريا ئېقىن تۇرغىدەك. دەريانىڭ ئۈستىدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە تۇرغان مەرۋايىت تاختا پۇشتا مەشۇغى خالبانۇمنىڭ قىياقتەك قارا قاشلىرى قىيىلىپ، سۈتتەك ئاق ھۆسنى نۇرلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئوغلان باتۇر سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ئاستا تاختا پۇشقا چىقىپتۇ - دە، خالبانۇمنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ، مەڭزىگە سۈيۈپ قويۇپتىكەن، خالبانۇم ئاجايىپ بىر ھۇزۇرلىنىپ ئويغىنىپتۇ. قارىسا ئاشىقى ئوغلان باتۇر قېشىدا تۇرغان. - ئاھ ئاشىقىم، مېنى بۇ بالادىن قۇتۇلدۇرسىڭىز! - ئېھ،مەشۇغۇم سىزنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بېلىم باغلاقلىق! ئەمما سىز ماڭا دىۋىنىڭ سىرىنى دەپ بەرگەيسىز، - دەپتۇ ئوغلان باتۇر. - خوپ، بۈگۈن كېچە بىلىپ چىقاي، ئەتە جاۋابىنى ئاڭلارسىز... - دەپتۇ قىز. ئوغلان باتۇر سۇلايمان قالپىغىنى كىيىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. كۈن ئولتۇرۇش بىلەن دىۋە يەر - جاھاننى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىپ، قارا - بوران چىقىرىپ، ھەيۋەت بىلەن كىرىپ كەپتۇ - دە، خالبانۇمنى تىرىلدۈرۈپ، ئۆزىنى قوبۇل قىلىشنى سوراپتۇ. - خوش، مەن قوبۇل قىلاي، ئەمما بىر شەرتىم بار، - دەپتۇ خالبانۇم. - ئېيتقىن شەرتىڭنى، - دەپتۇ دىۋە. خالبانۇم مۇنداق دەپتۇ: - مەن ئادىمىزات، ئۆمرۈم قىسقا، سەن دىگەن دىۋە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، مانا شۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى ئېيتقىن، ئاندىن مەن ساڭا خوتۇنلۇققا ماقۇل بولىمەن. دىۋە دەرغەزەپ بولۇپ: - بۇنىڭ نېمە كېرىكى بار، سەن ماڭا قەست قىلماقچىمۇ؟ - دەپتۇ ئۇ خالبانۇمغا. - ئىشەنمىسەڭ خوتۇن بولمايمەن، - دەپ خالبانۇم تەتۈر قارىۋاپتۇ. خالبانۇمنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە بىتاقەت بولغان دىۋە غەزىبىنى ئىچىگە يۇتۇپ يەنە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. خوپ، مەن ئېيتىپ بېرەي، مېنىڭ جېنىم تېنىمدا ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرىمەن. - جان تەندە بولمىسا نەدە بولىدۇ، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، - دەپ خالبانۇم يەنە تەتۈر قارىۋاپتۇ. - ھەي، گۈزەل! ماڭا قارا، ئىشىك ئالدىدا بىر تۈپ چىنار بار، مانا شۇ چىناردا بىر قۇزغان بار، شۇ قوزغاننىڭ ئىچىدە بىر ئاچقۇچ بار، چىنا تۈۋىدىكى بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئېقىتىۋەتكەندە، تېگىدىن بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ قولۇپىغا مانا شۇ ئاچقۇچ چۈشىدۇ. ئۆي ئىچىدە ئالتن قەپەز بار، قەپەز ئىچىدە تاز قارا دىگەن بىر قاپقارا قۇش بار، مانا شۇ قۇشقا مېنىڭ جېنىم بەنت قىلىنغان، - دەپتۇ. - ياق، ياق، يالغان ئېيتىۋاتىسەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئالداش ئۈچۈن، - دەپ دۈم يېتىۋاپتۇ. خالبانۇم. دىۋە مىڭ رەت قەسەم ئىچىپتۇ، بەرىبىر خالبانۇم ئۇنىماپتۇ. تاڭ ئاتقۇچە خالبانۇمنى كۆندۈرەلمىگەن دىۋە ئۇنى بىھۇش قىلىپ ئۆزى يەنە ئاسمانغا كۆتىرىلىپ كېتىپتۇ. بۇلارنى ئوغلان باتۇر سۇلايمان قالپىقى ئىچىگە يوشۇرنىۋېلىپ ئاڭلاپتۇ. ئۇ چىناردىكى قوزغۇننى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئىچىدىن چىققان توخۇمنى چېقىپ، ئاچقۇچنى ئاپتۇ. چىنا تۈۋىدىكى بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ، ئىشىكتىكى قۇلۇپقا ئاچقۇچنى ساپتىكەن، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يامغۇر يېغىپ، تاغۇ - تاشلار تىترەپ يەر دەھشەتلىك سىلكىنىپ كېتىپتۇ، تاغلار - تاغلارغا ئۇرۇلۇپ، ئاسماندا ئوت پەيدا بوپتۇ. ئوغلان باتۇر قەپەزنى چاققاندا، يەر - جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئوغلان باتۇر تاز قارىنىڭ بېشىغا قېلىچىنى ئۇرغاندا، دىۋىلەر پادىشاھى بىر كالپۇكىنى ئاسماندا، بىر كالپۇكىنى يەردە سۆرەپ يېتىپ كەپتۇ. قارا قۇشنىڭ جېنى بەك مەككەم ئىكەن، قىلىچ كېسىپ ئۈچ كېچە -كۈندۈزگىچە جان بەرمەپتۇ. شۇڭغىچە دىۋە چالا ئۈلۈك ھالدا دەرغەزەپ بولۇپ، ئوغلان باتۇر بىلەن سوقۇشۇۋېرىپتۇ. ياردار بولغان دىۋىلەر پادىشاھى بىلەن جەڭ قىلىۋېتىپ ئوغلان باتۇر ئۆزىنىڭ خاتاسىنى سېزىپتۇ. ئۇ خىزىرنىڭ ئېيىتقانلىرىنى تولۇق ئورۇنلىمىغانلىقىنى ئەسلەپ، دەررۇ «داخۇر كالۋا» دىن بىر سىقىم توپا ئېلىپ چېچىۋېتىپتۇ. شۇ ھامان ناھايىتى نۇرغۇن نەيزە كۆتۈرگەن جەڭچىلەر سەپ تارتىپ تىزىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوغلان باتۇر غەيرەتلىنىپ جەڭگە چۈشۈپتۇ. دىۋە بۇ كارامەتكە ھەيران بولۇپ، نەيزىلىك جەڭچىلەرگە قاراپ: «بىرسى مۇنچىلىك سوقۇشىدۇ، شۇنچە كۆپ ئادەمەە كۈچۈم يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ.» دەپ ئۈمىتسىزلىنىپ، بېشى ئېگىلىپ قاپتۇ. شۇ پەيىتتە ئوغلان باتۇر قارىسا، قارا قۇشنىڭمۇ بېشى ئېگىلىپ قالغان ئىكەن. ئوغلان باتۇر دىۋىگە قىلىچ ئۇرۇش ئورنىغا، قۇشنىڭ چالا كېسىلگەن بېشىغا قىلىچ ئۇرۇپتىكەن، ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئالدىغا قارىسا، دىۋىمۇ ئۆلۈپ يېتىپتۇ. تاغۇ - تاش، جاڭگال -چوللەر بىر يېشىل مەيدانغا ئايلىنىپ، ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىپتۇ، ئوغلان باتۇر مەشۇغى خالبانۇمنى تۇلپارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ، شەھىرىگە قايتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق