UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىككى ئالدامچى

ئىككى ئالدامچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا ئىككى ئالدامچى بولغانىكەن. بىرى كونىشەھەرنىڭ باقى، يەنە بىر يېڭىشەھەرنىڭ ساقىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككى ئالدامچى يېڭىشەھەر بىلەن كونا شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ. باقىنىڭ دۈمبىسىدە بىر قاپ قوي قۇمۇلىقى، ساقىنىڭ دۈمبىسىدە بىر قاپ تۆگە مايىقى بارىكەن. _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساقى! نەگە كېتىپ بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ باقى. _ سىلەرنىڭ شەھەرگە كېتىپ بارىمەن، ئۇياقتا ياڭاق قىممەت دەپ ئاڭلىدىم، مۇنۇ يوغان ياڭاقلارنى پۇل قىلىپ كېلەي ،- دەپتۇ ساقى. _ ھە، مەنمۇ سىلەر تەرەپكە كېتىپ بارىمەن،- دەپتۇ باقى، - سىلەرنىڭ شەھەردە ئۈزۈم قىممەت دەپ ئاڭلاپ، بىر قاپ ئۆزۈمنى ئېلىپ كېتىپ بارىمەن. باقى ساقىنى ئالدىماقچى بولۇپ: _ ئىككىمىز بىكارغا ۋاقتىمىزنى زايا قىلمايلى! ئۇنىڭدىن كۆرە، ساتقىلى ئېلىپ كېتىپ بارغان نەرسىلىرىمىزنى تېگىشىپ، ھەر قايسىمىز ئۆ شەھرىمىزگە ئاپىرپ ساتساق بولامدۇ؟ - دەپتۇ. _ ئانداق بولسا قاپلىرىمىزنىڭ ئاغزىنى ئاچمايلا تېگىشەيلى، - دەپتۇ ساقى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىسى مۈرىلىرىدىن قاپلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆز مەھەللىرىگە قاراپ ئۇچقاندەك راۋان بوپتۇ. ھەرئىككىسى ئۆيلىرىگە ھاسراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كېلىپ، قاپلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسا، بىرىنىڭكىدىن قوي مۇلىقى، يەنە بىرىنىڭكىدىن تۆگە مايىقى چىقىپتۇ. ھەرئىككىلىسى «خەپ» دېگىنىچە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپتۇ - دە، يولى كەلگەندە بىر - بىرىنى راسا بىر قاپقانغا چۈشۈرۈپ، پۇخادىن چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. _ كۈنلەر ئۆتۈپ باقى بىلەن ساقى يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. _ يول بولسۇن؟ - دەپتۇ باقى ساقىغا. _ جېلىل باينىڭكىگە ئىش ئىزلەپ كېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ ساقى. _ ئۇنداق بولسا مەنمۇ باراي، ئىككىمىز بىللە ئىشلەپ قالساق ياخشى ئەمەسمۇ، - دەپتۇ باقى. جېلىل بايغا مال بېقىپ بېرىشكە بىر مالچى، چوڭ قوراسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىشكە بىر مالاي لازىم ئىكەن. باقى مال باقماقچى، ساقى باي قوراسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلماقچى بولۇپ ئىشقا كېرىشپتۇ. باقى ئەتىگەن تۇرۇپ، بىر پارچە قاتتىق ناننى قوينىغا سېلىپ، بىر قوتان مالنى ھەيدەپ چىقىپ كېتىدىكەن. ئۇ دالىدا ئەتىدىن - كەچكىچە كۈندىن - كۈنگە قاقلىنىپ، ئۇسسۇزلۇقتىن سۇغا زار بولغاننىڭ ئۈستىگە تارىلىپ كەتكەن ماللارنى يىغىمەن، دەپ قوش جاپا تارتىدىكەن. تاپىنىغا كىرگەن تىكەنلەر قان ئېقىتسا، تاپاندىن ئۆتكەن ئىسسىق كۆزىدىن ياش چىقىرىدىكەن. باقى بىرىنچى كۈنىلا شۇنچىلىك ھېرىپ كېتىپتۇكى، ئېلىپ كەلگەن ناننى يېيىشكىمۇ دەرمانى قالماي، كەچقۇرۇن ئۆلەي - ئۆچەي دەپ ئۆيگە ئاران يېتىپ كەپتۇ. باي ئۆيىنىڭ ئىشىمۇ ساقىغا ئاسان چۈشمەپتۇ! ئۇنىڭغا ئازراق دەپ ئېلىپ، بىرەر چىشلەم بىر نەرسە يەۋېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقماپتۇ. ئۇ، راسا ھېرىپ، ھالى قالماي، ھويلا سۈپۈرۈۋاتقاندا توپىنىڭ ئارىسىدىن بىر كۈمۈش پۇل تېپىۋېلىپ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى توق بولۇپ، باقى كەلگەندە راسا ماختىنىپ، ئۇنى بىر ئالداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. كەچلىكى ئۇلار ئوچاقنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشقا باشلاپتۇ؛ _ پاھ، ئاغىنە! مالچى بولۇش نېمە دېگەن ياخشى ، تىپ - تىنچ، راھەت. مالىنى يىغىپ قويىسەن - دە، ئۇخلايسەن. ئۇزاق كۈننى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزىسەن. ئۆيگە كەلگەندە باي ئاتام بىلەن ئاغىچا ئانام قەنت بىلەن چاي، بوغۇرساق بىلەن ماي بېرىدۇ،نېمە يەيمەن، نېمە ئىچىمەن، دېسەڭ، شۇ تەييار. شۇڭا قوينۇمدىكى نېمىنى يېگىنىم يوق، كۆردۈڭمۇ؟ - دەپتۇ باقى. _ ئۆي ۋە ھويلا ئارامنىڭ ئىشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن، بارلىق ئىشنى بىردەمدە تۈگىتىۋېتىسەن - دە، ئاندىن بوشاپ قالىدىكەنسەن. شۇنىڭ بىلەن قىلىدىغان ئىش يوق، ئۇسسۇل ئويناپ كېتىمەن. باي ئاكام بىلەن ئاغىچا ھەدەمگە ئۇسسۇلۇم يېقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،«بەللى يىگىت!» دەپ ماڭا بىر مۇنچە پۇل بەردى، كەچكىچە خەجلىسەم يەنە بىرى ئېشىپ قالدى، - دەپ ھېلىقى تېپىۋالغان كۈمۈش تەڭگىنى كۆرسىتىپتۇ ساقى. پۇلىنى كۆرۈپ باقىنىڭ كۆزى قىزىرىپتۇ - دە، ساقىنى ئالدىماقچى بولۇپ: _ بىراق، مال باققاندا ئادەم يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ كېتىدىكەن، - دەپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ساقىغا قاراپ قويۇپتۇ. _ بۇنى بىر دېمە! بۇ يوغان ھويلىدىكى تۆت تامنىڭ مەنمۇ زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن، - دەپتۇ ساقى. بولمىسا ئىشلىرىمىزنى تېگىشىمىزمۇيە؟ - دەپتۇ ھەر ئىككىسى تەڭلا. ئەتىسى ساقى مال بېقىشقا چىقىپ، ئەتراپقا پىتراپ كەتكەن ماللارنى يىغالماي جېنى تۇمشۇقىغا يېتىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىنى سىزىپ «خەپ» دېگىنىچە باينىڭ ماللىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. باقىمۇ ھويلىنىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتەلمەي كۆرمىگەننى كۆرۈپتۇ. كەچكە يېقىن بولالماي قۇيرۇقىنى تىكىۋېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلار ئىككىسى يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. «قوشماق مېغىزدەك يېقىن دوستلاردىن تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىر - بىرىمىزنى ئالداپ يۈرىمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە ئىناق بولۇپ باشقىلارنى بابلايلى» دېيىشىپتۇ ئۇلار. مەسلىھەتلىشىپ خاننىڭ خەزىنىسىنى ئوغرىلىماقچى بولۇشۇپتۇ. باقى بىر ئارغامچا، ساقى بىر ساندۇق ئېلىپ، خاننىڭ خەزىنىسىگە كېچىلەپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار قاراۋۇللارنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خەزىنىنىڭ ئۈستىنى تېشىپتۇ. باقى ساقىنى ساندۇققا سېلىپ ئارغامچى بىلەن خەزىنىگە چۈشۈرۈپ. ساقى ساندۇقتىن چىقىپ، چوڭقۇر خەزىنىنىڭ تىگىدىكى ئالتۇنلارنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. ساندۇقىنى يېرىمىغىچە ئالتۇنغا توشتۇرۇپ، باقىغا قاراپ: _ يېرىم ساندۇق بولسا بولارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ توشتۇر، توشتۇر، لىق توشتۇر! - دەپتۇ باقى. ئاغىنىسىنىڭ خۇي - پەيلىنى بىلگەن ساقى «ساندۇقنى لىق توشتۇرۇپ بەرسەم، ساندۇقنى تارتۋېلىپلا، مېنى تاشلاپ قاچمىسۇن» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئۆزى چۈشۈپ «تارت » دەپتۇ. ساندۇقنىڭ ئاغىزى يېپىلا - يېپىلمايلا باقى ساندۇقنى بار كۈچى بىلەن تارتىۋاپتۇ. ئاندىن ئۇ ھېلىقى تۆشۈكتىن خەزىنە ئىچىگە قاراپ: _ ھەي قارا يۈز، مېنى ئالداپ نېمە ئىشلارنى قىلمىغان ئىدىڭ؟! ئەمدى مەن ئالتۇننى ئالدىم، سەن خەزىنىدە قالدىڭ . ئەتە ئۆزۈڭنى داردا كۆرىسەن، - دەپ شامال ھەيدىگەن قامغاقتەك يولىغا راۋان بوپتۇ. لېكىن،خەزىنە يېنىدىن ئانچە يىراققا بارمايلا نەپسى تاقىلداپ ئالتۇنلارنى كۆرۈپ باققۇسى كېلىپ كېتىپتۇ،ساندۇقنى يەرگە قويۇپ، ئاغزىنى ئېچىپتۇ. شۇ چاغدا ساندۇق ئىچىدىن ساقى: _ ھوي قارا نىيەت، سەن مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچىمىدىڭ، - دېگىنىچە ئىرغىپ قويۇپ باقىغا ئېسىلىپتۇ. ئاجرىتىدىغان ئادەم يوق. ئىككىسى بىر - بىرىنى تازا مۇشتلاپ، ئاغزى - بۇرنى قان بولۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ خەزىنى ئەتراپىدا ئۇخلاۋاتقان لەشكەرلىرى بۇ ئوپۇر - توپۇرنى ئاڭلاپ، ئۇيقۇلىرىنى ئېچىپ قارىسا، بىر ساندۇق ئالتۇننىڭ يېنىدا ئىككى ئادەم مۇشتلىشىۋاتقۇدەك. لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ پۇت - قوللىرىنى باغلاپ ئوردىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئەتىسى ئۇلارنىڭ خەزىنىگە تەككەن ئوغرىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى دارغا ئېسىلىپتۇ. «ئالدامچى بىلەن يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام» دېگەن سۆز ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق