چېچەن كېلىن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن ، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن. ئۆتكەن زاماندا ئاۋۇت مەرگەن دېگەن بىر ئوۋچى بار ئىكەن. ئۇ ئوۋچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ، ئوغلىنى ئۆيلمەكچى بولۇپ، لايىق ئىزدەپتۇ. ئاخىر ئوغلىنى باشقۇرغۇدەك قىز تاپالماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ خوتۇنى بىلەن كېلىشىپ، باشقا جايدىن كېلىن تېپىپ كېلىشكە مېڭىپتۇ. شۇ چاغدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ. مەرگەن كىيىمنىڭ ھۆل بۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، پاناھ جاي ئىزدەپ ماڭغانىكەن، ئالدىغا بىر تۈپ دەرەخ ئۇچراپتۇ، ئۇ دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، يېقىن جايدا كالا بېقىۋاتقان بىر توپ قىزلار ئىچىدىن بىر قىز تەمەچلىرىنى قولتۇقلاپ، كالىسىنى ئۇدۇل مۇشۇ دەرەخ تۈۋىگە ھەيدەپ كەپتۇ. قالغانلىرى بولسا، كالىنى ئالدىغا سېلىپ، تەمەچلىرىنى يۈدۈپ مەھەللە تەرەپكە كېتىپتۇ. بۇ ئىشنى كۆرگەن ئاۋۇت مەرگەن قىزنىڭ ئايرىلىپ قالغانلىرىغا چۈشىنەلمەي:
_ قىزىم دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى كەتتى، سىز نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
قىز ئالدىرىماي كالىسى بىلەن تەمەچلىرىنى دالدىغا قويۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
_ ئۇلار ئۆيلىرىگە كېتىشىپ ئۈچ ئىشتىن زىيان تارتتى.
ئاۋۇت مەرگەن قىزنىڭ بۇ سۆزىدىن ئەجەبلىنىپ:
_ ئۇلار قانداق ئۈچ ئىشتىن زىيان تارتتى؟- دەپ سوراپتۇ.
_ بىرىنچى زىيان، - دەپتۇ قىز ، - ئۇلارنىڭ كالىلىرى تېخى تويمىغان. ئۇلار يامغۇر توختىسا، كالىلىرىنى يەنە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن كەچ بولدى دەپ ئېلىپ كېتىدۇ، شۇنداق قىلىپ كالىلىرىنى تويغۇزالمايدۇ، ئۇ بىر زىيان. ئىككىنچىسى، ئۆيىگە بارغۇچە تەرگەن تەرمەچلىرى ھۆل بولىدۇ. ئۈچىنچىسى، كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋالىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاۋۇت مەرگەن قىزنىڭ ئەقلىگە قايىل بوپتۇ. «مۇشۇ قىز ماڭا كىلىنلىككە يارايدىكەن» دېگەن خىيال بىلەن:
_ قىزىم، مەن سىلەرگە مېھمان بولۇپ بارسام نېمە سويىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ تاپالىساق بىر، تاپالمىساق ئىككى قوي سويىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قىز. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەرگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى سوراشتىن ئىزا تارتىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتىسى مېھمانغا سويۇشقا ئەركەك قوي ئىزدەپ، ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىر كېلى، ئۆزىنىڭ بوغاز قويىدىن بىرنى سويۇپتۇ. قوينىڭ قورسىقىدىن چىققان پاخلاننى كۆرگەن ئاۋۇت مەرگەن قىزنىڭ «تاپساق بىر، تاپالمىساق ئىككىنى سويىمىز» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، قىزنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپتۇ. ئاخشىمى تاماق ۋاختىدا ئاۋۇت مەرگەن قىزغا قاراپ تۇرۇپ بۇرۇتىنى سىلاپتۇ. بۇ ئۇنىڭ «مېنىڭ بىر بويىغا يەتكەن بىر ئوغلۇم بار، سەن ئۇنى ياخشى كۆرەمسەن؟» دېگىنى ئىكەن. قىز كوكۇلىسىنى سىلاپتۇ. بۇ، قىزنىڭ لايىقىنى «ماقۇل» كۆرگىنى ئىكەن. تويلۇقۇڭىزنى ئېيتسىڭىز دېگەن ئىشارەت بىلەن مەرگەن قېشىنى سىلاپتىكەن، قىز چېچىنى سىلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەرگەن، قىزنىڭ چېچىغا گويەك «چاچتەڭگە» ئېلىپ كېلىپ تويىنى قىپتۇ. قىز بىلەن ئوغۇل ئىككىسى ئوبداق چىقىشىپ قاپتۇ.
بىر كۈنى شۇ يۇرتنىڭ پادىشاھىمۇ، ئاۋۇت مەرگەنمۇ تەڭلا ئوۋغا چىقىپ قاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىدىن قاچقان كېيىكنى مەرگەن ئېتىۋاپتۇ. كىيىكنى قوغلاپ كەلگەن پادىشاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ تېرىكىپ:
_ سەن مېنىڭ ئولجامنى ئېتىۋالغان گۇناھىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالدىمدىكى تاشتىن ھەپتە ئىچىدە ئۆتۈك تىكىپ كۆڭلۈمنى ئالىسەن. ئەگەر بۇيرۇقۇمنى ئورۇندىيالمىساڭ، سېنى كىيىكتەك قانغا مىلەيمەن، - دەپ قايتىپ كېتىپتۇ. مەرگەن بىر ھازاغىچە شاھنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ كىيىك بىلەن تاشنى كۆتۈرۈپ خاپا ھالدا ئۆيىگە يېنىپتۇ. كېلىن قېيىن ئاتىسىنىڭ خاپا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:
_ تاشنى ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپ خاتىرجەم ئىشلىرىنى قىلىۋەرسىلە، پادىشاھقا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن، - دەپتۇ. كېلىننىڭ چېچەنلىكىگە ئىشەنگەن مەرگەن خاتىرجەم بولۇپ يەنە ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپتۇ. بۇ نۆۋەت ئوۋغا چىققان پادىشاھ ئاۋۇت مەرگەننىڭ يېزىسىغا كېلىپ ئۆتۈكنى سۈرۈشتۈرمەكچى بوپتۇ. پادىشاھنىڭ يېزىغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار بۇ خەۋەرنى ئاۋۇت مەرگەننىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپتۇ. چېچەن كېلىن ياغلىقىنى چېگىپ، قولىغا تەڭلىنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپتۇ، ئۆستەڭ بويىدىن قۇم ئېلىپ كېلىپ يۇغۇرۇشقا باشلاپتۇ.
پادىشاھ ئاۋۇت مەرگەننىڭ ئۆيىنى سوراپ كېلىپ قارىسا، ئىشىك تۈۋىدە بىر چوكان تەڭلىگە قۇم قۇيۇپ يۇغۇرۇۋاتقۇدەك.
_ ھەي قىزىم، - دەپتۇ پادىشاھ، - بۇقۇمنى يۇغۇرۇپ نېمە قىلىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ئۆزلىرى دادامغا ئۆتۈككە ئاپقۇت قىلىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ چوكان. بۇ سۆزگە ھەيران قالغان پادىشاھ:
_ قۇممۇ ئاپقۇت بولامدىكەن؟ - دەپ سورىغانىكەن. قىز:
_ تاشمۇ ئۆتۈك بولامدىكەن؟- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئۆزىنىڭ گەپتە يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن پادىشاھ لام - جىم دېيەلمەستىن كەينىگە يېنىپ، كەلگەن جايىغا قايتىپتۇ.