ئۈچ ئاكا - ئۇكا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلار ساز چېلىشقا ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، چوڭى تەمبۇر، ئوتتۇرانچىسى، دۇتار، كىچىكى داپ چالىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇلار باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، نەغمىكەشلىك قىلىشنى لايىق كۆرۈپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار شۇ ماڭغانچە ئۈچ يىل يول يۈرۈپ، ئاخىرى بىر ئۆستەڭ بويىدىكى بىر تۈپ سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا بىر ئايال كىر يۇيغىلى چىقىپ، ئۇلارنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇلاردىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ھېلىقى ئايال بۇلارنىڭ سازچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ:
- ئۇنداق بولسا ماڭا بىر ساز چېلىپ بەرگەن بولساڭلار؟ - دەپتۇ. ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن سازلىرىنى تەڭشەپ، راسا بىر چېلىپ بەرگەن ئىكەن. ئايال ئاڭلاپ ئاۋال كۈلۈپ كېتىپتۇ. كېيىن يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئاكا - ئۇكا ھېلىقى ئايالدىن:
- سىلىنىڭ يىغلىغانلىرى نىمىسى، كۈلگەنلىرى نىمىسى؟ - دەپ سوراپتۇ. ئايال:
- سىلەر سازغا ناھايىتى ئۇستا ئىكەنسىلەر، شۇڭلاشقا كۈلدۈم. ئەمما ئۆمرىڭلارنىڭ بىھۇدە كېتىۋاتقانلىقىغا يىغلىدىم. دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سازەندىلەر:
- بىزنىڭ كىشىلەرگە ساز چېلىپ بەرگەنلىرىمىز بىھۇدە ئىشمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇغۇ بىھۇدە ئىش ئەمەس، - دەپتۇ ھېلىقى ئايال، - سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئەمگەك قىلىپ، كىيىم - كېچىگىڭلارنى يېڭىلاپ، ھايات كەچۈرسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟
سازەندىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قاپتۇ. ئويلاپ كۆرسە ئايالنىڭ سۆزى راست. ئۇلار ئىزا تارتىپ، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، سازلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپتۇ - دە، ئاندىن بىر باينىڭ ئۆيىدە ئىشلەپتۇ. يىل ئاخىرىغا كەلگەندە. باي ھېساپ - كىتاپ قىلىپ، ھەر بىرىگە ئۈچ مىڭ تىللادىن بېرىپتۇ. ئۇلار خوشال بولۇشۇپ، ئەمگەكنىڭ ھەقىقەتەن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشىپتۇ ۋە مۇشۇ ئەقىلنى كۆرسەتكەن ھېلىقى ئايالغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھەر بىرى بىردىن تىللا ئىنئام قىلىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئوسمان ئىبراھىم