ئاتا ۋەسىيىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. لېكىن پادىشاھنىڭ ئالقىش دىگەن زالىم ۋەزىرى بولغان ئىكەن. ئۇ بەك خوشامەتچى ئىكەن. پۇقراغا ھەددى - ھېسابسىز زۇلۇم سالىدىكەن. ئۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئەل - يۇرتنى جاھالەتتە قالدۇرۇپتۇ.
بۇ يۇرتتا خوجا بەختى دىگەن بىر بىلىملىك كىشى بار ئىكەن. ئۇ ئۆز ئىلمىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ، زالىم قانخوردىن ئىنتىقامىنى ئېلىشنى ئويلايدىكەن. بىراق كىشىلەرنى ئوقۇتۇپ ئىلىم - بىلىملىك قىلىشقا زالىم ۋەزىر يول قويمايدىكەن. خوجا بەختىنى ئۆز پەرزەنتىنىڭ يوقلۇقى تېخىمۇ ئازاپلايدىكەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ زالىم ۋەزىر خۇجا بەخىتىنىڭ ئىز باسار يېتىشتۈرۈپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ، كىتاپلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپتۇ. ئازاپ ۋە زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى ئالقىشقا بولغان قارىشىلىق شۇنچە كۈچىيىپ كېتىپتۇ. خوجا بەختى ھەر دائىم: «بىر پەرزەنتىم بولسا، ئۆزەمنىڭ بىلىملىرىمنى ئۆگىتىپ ئالقىشتىن ئىنتىقام ئېلىشنى ۋەسىيەت قىلسام» دەيدىكەن. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ خوجا بەختىنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپتۇ. خۇجا بەختى بەك خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ خوتۇنىغا:
- خۇتۇن، يۇرتىمىزدا ئالقىش دىگەن زالىمنىڭ زۇلىمىدىن مەكتەپلەر تاقىلىپ، مەرىپەت چىرىغى ئۆچتى. ئۆمرۈمنىڭ قانچىلىك قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. قوساقتىكى بالا مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز بولسۇن، يەتتە ياشقا كىرگەن ھامان مېنىڭ سودىگەر دوستۇمغا تاپىلاپ، ئۆزگە ئەللەرگە ئەۋەتىپ ئوقۇتقىن، ئىلىم ھېكىمەتلىك ئادەم بولۇپ كېلىپ ئالقىش ۋەزىردىن ئىنتىقام ئالسا، مەن ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا رازى، - دەپتۇ. ئۇ شۇنداق كېيىن ئالقىشنىڭ زۇلمىدىن ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان، بۇلۇپ ئۆتكەن ۋە بۇندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى مۇتالئە قىلىپ بىر كىتاپ يېزىپ چىقىپتۇ - دە، ئۆينىڭ تورۇسىغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى ئايالى كېسەل بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ دورا ئالغۇدەك بىر نەرسىسى يوق ئىكەن. خوجا بەختى ئىلاجىسىزلىقتىن ئىش ئىزلەپ مەدىكار بازىرىغا بېرىپتۇ. مەدىكار ئالىدىغان مىراقۇلغا ئۆزىنىڭ مەدىكار ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
- ماڭا ئالقىش ۋەزىر قىرىق مەدىكار ئېلىپ كەل، دېگەن ئىدى. ھازىر بازاردىن قىرىق مەدىكار چىقمايدىكەن، - دەپتۇ مىراقۇل.
- قىرىق مەدىكارنىڭ ئىشىنى ماڭ بەر، ئەگەر مەن قىرىق ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر كۈندە قىلىپ بولالمىسام ھەق بەرمە، - دەپتۇ خوجا بەختى.
مىراقۇل خوجا بەختىنى زالىم ۋەزىر ئالقىشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ، ئالقىش ۋەزىر تاغدەك بىر دۆۋە قۇمنى كۆرسىتىپ:
- مانا مۇشۇ دۆڭنى تۈزلەپ قۇرۇلۇش قىلىشقا لايىقلاشتۇرۇپ بېرەلەمسەن؟ - دەپتۇ.
خوجا بەختى «ئىنشائاللا» دەپتۇ. ئالقىش كەتمەن ئېلىپ چىقىشىنى بۇيرۇپتىكەن. بەش ئادەم بىر كەتمەننى ئىنجىقلىشىپ ئاران ئېلىپ چىقىپتۇ. خوجا بەختى كەتمەننى دەڭسەپ كۆرۈپ بۇنىڭدىنمۇ يوغانراق كەتمەن تەلەپ قىپتۇ. ئالقىش ۋەزىرنىڭ ئۇرۇق - ئەجدادىدىن قالغان قىرىق پاتمان توپا چىقىدىغا بىر كەتمىنى بار ئىكەن. ئۇنى قىرىق ئادەم كۆتىرەلمەپتۇ. ئاخىرى خوجا بەختىنى ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. خوجا بەختى كەتمەننى دەس كۆتىرىپ دۆڭنى گۈپۈلدىتىپ چېپىشقا باشلاپتۇ. ئالقىش ۋەزىر خوجا بەختىنىڭ بۇ كۈچتۈڭگۈرلۈكىگە ھەيران بولۇپ: «مۇشۇنداق بىر باتۇر تۇرغان يەردە مەن ئەجەپ تېچلىق بىلەن شەھەر سوراپتىمەن؟! بۇ قارا باتۇرنى يوقاتمىسام ئاخىرى مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولىدۇ» دەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ.
خوجا بەختى كۈن قايرىلغىچە بۇ دۆڭنى تۈزلەپ بولۇپتۇ. بىر ۋاقىتتا كەتمەن جاراڭ - جۇرۇڭ قىلىپ بىر نەرسىگە ئۇرۇلۇپتۇ. سىنچىلاپ قارىسا يوغان بىر كۈپتە ئالتۇن - تىللا تۇرغۇدەك. ئاق كۆڭۈل خوجا بەختى سەمىمىلىك بىلەن: «مەن ئالقىش ۋەزىرگە بىر كۈنلۈك مېھنىتىمنى ساتقان، ماڭ بىر كۈنلۈك مېھنەت ھەققىم ھالال. بۇ ئالتۇن - تىللا پادىشاھقا تەئەللۇق، ۋەزىرگە خەۋەر قىلىشىم لازىم» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئالقىش ۋەزىرنى چاقىرىپتۇ. ئالقىش ۋەزىر كۈپتىكى ئالتۇن - تىللانى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ، نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇ: «بۇ ئالتۇن - تىللا پادىشاھقا تەئەللۇق، پادىشاھقا خەۋەر قىلسام ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ.خەۋەر قىلمىسام مانا بۇ مەدىكار پادىشاھقا چېقىشتۇرۇپ قويسا، پادىشاھ مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئالتۇن تىللانىڭ يېرىمىنى بۇ گادايغا بېرەي دىسەم كۆزۈم قىيمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟» دەپ ئويلاپتۇ. ئويلا - ئويلا بىر ھىلە تېپىپتۇ - دە، خوجا بەختىگە:
- بۇ ئالتۇن تىللا ماڭا مۇشۇ دۆڭ بىلەن بىللە مىراس قالغان. يەنە مۇشۇ جايغا چوڭقۇر ئورا كولاپ، ئۆز جايىغا كۆمۈۋەت، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
خوجا بەختى بىردەمدە چوڭقۇر بىر ئورا كولاپتۇ ۋە ئالقىش ۋەزىرگە «ئورا پۈتتى» دەپ خەۋەر قىپتۇ. قانخور ۋەزىر قولتۇقىغا بىر قېلىچنى تىقىپ چىقىپ، خوجا بەختى ئېڭىشىپ كۈپنى جايلاشتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا كاللىسىنى «شارتتىدە» ئاپتۇ - دە، ئالتۇن - تىللا بىلەن ئورىغا كۆمۈپ تاشلاپتۇ. كېين ئۈستىگە ئىمارەت سېلىپ، ئەتراپىغا باغ ياسىتىپتۇ...
خوجا بەختىنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇ پەرزەنتىنىڭ ئېتىنى بەختىيار قويۇپتۇ. ئايالىنىڭ قەلبىدە ئېرىنىڭ ۋەسىيىتى قاپتۇ. ئانا خوخا بەختىنىڭ سودىگەر دوستىنى تېپىپ يىغلاپ تۇرۇپ، بالىسى بەختىيارنى ئوقۇتۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. سودىگەرمۇ «ئۆلۈكنىڭ روھى، تىرىكنىڭ يۈزى» دەپ بالىنى ئۆزگە ئەللەرگە ئېلىپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئىلىمىي ھېكىمەتكە كامال قىلىپ، ئون يىلدىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. ئانا ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈپ. ھال - ئەھۋال سورىشىپ، دادىسى خوجا بەختىنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە كىتاپ بار جاينى كۆرسىتىپتۇ.
بەختىيار شوتا قويۇپ ئۆينىڭ تورۇسىدىن كىتاپنى ئالاي دەپ قارىسا، يوغان بىر ئاق يىلان توقۇچاق بولۇپ يېتىپتۇ. بەختىيا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «ئەي يىلان، بېشىڭنى كۆتەر. ئۆز ئامانىتىمنى قولۇمغا بەر!» دەپ ۋارقىراپتۇ. يىلان بېشىنى كۆتىرىپ ئۆينىڭ تورۇسىغا يامىشىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
بەختىيار دادىسىدىن قالغان كىتاپنى قىرىق كۈنگىچە بېشىنى كۆتۈرمەي ئوقۇپتۇ. ئۇ كىتاپتىكى پاجىئەلىك ۋاقەلەرنى ئوقۇغاندا ئازاپقا چىداپ تۇرالماي يىغلاپ كېتىپتۇ. دادىسىنىڭ دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلغان ۋە دۈشمەنلەرنى مەسخىرە قىلغان، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلغان يەرلىرىنى ئوقۇغاندا خوشاللىقىدىن كۈلۈپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى بۇ كىتاپتىن پادىشاھنىڭ قاسساپلىق دۇكىنىنى باشقۇرۇدىغان بىر خوجايىننىڭ بىر چارۋىچىدىن يۈز قوي ئېلىپ چارۋىچىنى ئۆلتۈرۈپ تامنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋەتكەنلىكى چىقىپتۇ. بەختىيار دەرھاللا بىر كونا داستىخاننى كۆتىرىپ گۆش دۇكىنىغا بېرىپ ۋە ئون جىڭ گۆش ئېلىپ كۆتىرىپ مېڭىپتۇ. قاسساپ:
- پۇلنى تۆلەپ ماڭ! - دەپ ئالدىنى توسۇۋاپتۇ.
- پۇلنى كېيىن خوجايىنغا بېرىمەن، - دەپتۇ بەختىيار. قاسساپ يۈگۈرۈپ كىرىپ خوجايىنغا خەۋەر قىپتۇ. خوجايىن غەزەپ بىلەن ئېتلىپ چىقىپ:
- پۇل بەرمەي گۆش ئالىدىغان قايسى پادىشاھنىڭ شاھزادىسى ئىدىڭ؟ - دەپ تىللاشقا باشلاپتۇ. بەختىيار تەمكىنلىك بىلەن:
- ھەي مېنىمۇ يۈز قوي ساتقان چارۋىچىغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈپ تام تۈۋىگە كۆممەكچىمۇ؟ ھەددىڭ ئەمەس! - دەپ يېنىپتۇ. خوجايىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ:
- بالام، بۇ گەپنى ئاغزىڭدىن چىقارما، قانچىلىك گۆش بولسا ئال، - دەپتۇ - دە، بىر ئادەمگە بىر قوينىڭ گۆشىنى كۆتەرگۈزۈپتۇ ۋە كۈندە بىر قوينىڭ گۆشىنى پۇلسىز ئاپىرىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپتۇ.
يەنە بىر كۈنى كىتاپتىن ئالقىش ۋەزىرنىڭ ناۋايخانىسىغا خۇجايىنلىق قىلىدىغان خۇجايىننىڭ بىر ئاشلىق سودىگىرىدىن سەكسەن تاغار ئۇن ئېلىپ، سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ تونۇرنىڭ تۈۋىگە كۆمگەنلىكى چىقىپتۇ. بەختىيار دەرھال بىر داستىخان ئېلىپ ناۋايخانىغا بېرىپتۇ - دە، ناۋايدىن ئوتتۇز نان ئېلىپ «پۇلنى كېيىن بېرىمەن» دەپ كۆتىرىپ مېڭىپتۇ. ناۋاي:
- پۇلنى نەق بەر! - دەپتۇ. بەختىيار ئۇنىڭغا:
- خوجايىنىڭنى چاقىرىپ كەل! - دەپ بۇيرۇپتۇ. تېخى مۇشۇ ۋاقىتقىچە ناننى نېسىگە ئالغان، يەنە كېلىپ تاكالاشقان ئادەمنى كۆرمىگەن خوجايىن غەزەپلىنىپ، يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ - دە:
ھوي ھارامزادە قەلەندەر، نېسىگە نان ئالىمەن دەپ يوغانلىق قىلىدىغان نىمە ھەددىڭ؟ ! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- بوشاراق ۋارقىرىغىن! ئاشلىق سودىگىرىنىغۇ ئۆلتۈرۈپ تونۇرنىڭ يېنىغا كۆمدۈرڭ، مېنىمۇ ئۆلتۈرەي دەمسەن؟ ھەددىڭ ئەمەس! - دەپ يېنىپتۇ بەختىيار.
خوجايىننى قورقۇنچ بېسىپ، لاغىلداپ تىترەشكە باشلاپتۇ.
- بالام، بۇ گەپنى باشقا بىرەر كىشىگە دىمەڭ، ئائىلىڭىزنىڭ كۈندىلىك يەيدىغان نېنى مۇشۇ ئاشخانىدىن بولسۇن، - كۆتەرگۈزۈپ، ئۆينى كۆرۈۋېلىپ كۈندە نان ئاپىرىپ بېرىشىنى بۇيرۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ بەختىيارنىڭ ئۆيىگە پادىشاھنىڭ قاساپلىق دۇكىنىدىن گۆش، ۋەزىرنىڭ ناۋايخانىسىدىن نان كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار گۆش - ناننى خۇلۇم - خوشنىلىرىغا تارقىتىپ بېرىدىكەن.
بەختىيار دائىم دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەسلەپ ئالقىش ۋەزىردىن ئىنتىقام ئېلىش پۇرسىتىنى ئىزلەيدىكەن. بىر كۈنى بەختىيار قارىسا ئالقىش ۋەزىر يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستىدىكى راۋاقتا باغقا قاراپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بەختىيار «ئەمدى پۇرسەت كەلدى» دەپتۇ - دە، ئاستا بېرىپ، سۈڭگۈچتىن باغقا كىرىپتۇ ۋە باغنىڭ بۇلۇڭىدا باغلاقلىق تۇرغان قوينى يېشىپ، قويۇپ بېرىپتۇ. ئالقىش ۋەزىر راۋاقتا ئولتۇرۇپ ھەممىنى كۆرۈپتۇ ۋە «قېنى، ئاقىۋىتىدە نىمە ئىشلارنى قىلاركىن» دەپ كۈزىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى قوي بىر ئۇ گۈلنى، بىر بۇ گۈلنى چىشلەپ، گۈلزارنى چەيلەپتۇ. باغۋەن يىگىت قوينى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. بەختىيار باغنىڭ بۇلۇڭىدىن چىقىپ:
- ۋاي ئەخمەق، قوينى ئۇرما، ھېلى بىكار ئۈچ جانغا زامىن بولىسەن، - دەپتۇ. باغۋەننىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- قايسى ئۈچ جانكەن ئۇ؟ قوي بىر ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ.
- ھوي ئەخمەق، قوي بىر بولغان بىلەن قوسىغىدا ئىككى قوزىسى بار، - دەپتۇ بەختىيار.
- سەن نىمە بىلىسەن ؟
- مەن ئىككى قوزىنىڭ بارلىغىنىمۇ، ئۇلارنىڭ رەڭگى - رويىنىمۇ بىلىمەن.
ئىككىسى تاكالىشىپ تۇرغاندا، ئالقىش ۋەزىر باغۋەننى چاقىرىپ ئەھۋالنى سوراپتۇ.
ئالقىش ۋەزىر بەختىيارنى راۋاق ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، قوزىلارنىڭ رەڭگىنى سوراپتۇ.
- قوزىلارنىڭ بىرى ئەركەك، بىر چىشى. ئەركەكنىڭ قوسىغىدا قارىسى بار. چىشىنىڭ پىشانىسىدا، قاشقىسى بار، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بەختىيار. ئالقىش ۋەزىر بەختىيارغا:
- ئەگەر قوزىلار سېنىڭ دىگىنىڭدەك چىقسا ۋەزىرلىگىمنى ساڭا بېرىمەن، ئەگەر ئۇنداق چىقمىسا قوينىڭ ئەنتى ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ. بەختىيار ماقۇل بوپتۇ. باغۋەن قوينى بوغۇزلاپ، قوسىغىنى يېرىپلا ئىككى قوزىنى ئاپتۇ. قوزىلار خۇددى بەختىيار دىگەندەك چىقىپتۇ. ئالقىش ۋەزىر: «بۇ مېنىڭ جېنىمغا بالا بولغۇدەك» دەپ قورقۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ باغۋەنگە: «بۇ قەلەندەرنى دەرھال ئۆلتۈرۈپ، يۈرىگىنى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەل، ئەگەر ئەمرىمنى دەرھال بىجا كەلتۈرمىسەڭ سېنىڭ يۈرىكىڭنى يەيمەن» دەپتۇ. باغۋەن توققۇز قېتىم تازىم قىلىپ چىقىپ، بەختىيارنى باغلاپ باغنىڭ بۇلۇڭىغا ئېلىپ بېرىپ، پىچاقنى كانىيىغا تەڭلەپتۇ.
- ئەي ئەخمەق، نىمە ئىش قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ بەختىيار.
- ۋەزىرنىڭ ھۆكۈمىگە بىنائەن، سېنى ئۆلتۈرۈپ يۈرىگىڭنى ئۇنىڭغا كاۋاپ قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ باغۋەن.
- ئەخمەق، سەن ئالقىش ۋەزىرنىڭ قىزىغا ئاشىق. ئارىدىن ئۇزۇن يىل ئۆتتى. ئەمما، مۇرادىڭغا يەتكىنىڭ يوق. مېنى ئۆلتۈرسەڭ مۇرادىڭغا تېخىمۇ يېتەلمەيسەن. مېنى قويۇپ بەرسەڭ قىرىق كۈندە سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزۈپ، ئالقىش ۋەزىرنىڭ قىزىنى ساڭا نىكالاپ ئېلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ بەختىيار. باغۋەن:
- بۇ گېپىڭغۇ ناھايىتى ياخشى، لېكىن ئالقىش ۋەزىر سېنىڭ يۈرىگىڭنى ئەكەل دىگەن تۇرسا بۇنى قانداق قىلىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ ئاسان، - دەپتۇ بەختىيار، - شەھەردە بىر تۇل خوتۇن بار. ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا يالغۇز بىرلا ساغلىقى بار ئىدى. ساغلىق بىر كۈنى قوزىلاپ بولۇپلا ئۆلۈپ قالدى. بۇ خوتۇن ھېلىقى قوزىنى ئۆزى ئېمىتىپ چوڭ قىلغان، بۇگۈن سېتىشقا مەجبۇر بولۇپ بازارغا ئېلىپ چىقتى، شۇ قوزىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆلتۈرسەڭ، ئۇنىڭ يۈرىگى خۇددى ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاشلا. ئالقىش ۋەزىر يىسە بىلمەيدۇ، - دەپتۇ.
باغۋەن خۇشال بولۇپ مال بازىرىغا بېرىپتۇ، دىگەندەكلا بىر خوتۇن بىر پاخلاننى تۇتۇپ تۇرغۇدەك، باغۋەن پاخلاننى سېتىۋاپتۇ - دە، ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ ئالقىش ۋەزىرگە بېرىپتۇ. ئالقىش ۋەزىر تېتىپ باقسا ئادەم يۈرىگىنىڭ تەمى كەپتۇ. ئۇ باغۋەندىن ناھايىتى رازى بوپتۇ.
ئارىدىن ئوتتۇز نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ، بۇ يەرنىڭ پادىشاھى بىر چۈش كۆرۈپتۇ - دە، بىئارام بولۇپ تۇرالماپتۇ. ئۇنىڭ ئوردىسىدا قىرىق نەپەر ئاقىل دانىشمەن بار ئىكەن. پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرىپ چۈشىنى سوراپتۇ. ئۇلار ھېچ نەرسە دىيەلمەپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ غەزەبلىنىپ بۇ قىرىق ئاقىل - دانىشمەننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ يەنىلا خاتىرجەم بولالماپتۇ - دە، ئالقىش ۋەزىرنى چاقىرىپ:
- سەن مېنىڭ پۇلۇمنى خەجلەپ، دۆلىتىمنى كۆرۈپ، ئىززەت - ئابرويلۇق بولدۇڭ. بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ بېشىمغا بۇ تەشۋىش چۈشتى. مەن ساراڭ بولۇشقا ئاز قالدىم. شۇ تۈپەيلىدىن قىرىق نەپەر ئاقىل - دانىشمەننىمۇ ئۆلتۈردۈم. ئەمدى ساڭا بۇيرۇق قىلمەن، ئۈچ كۈن ئىچىدە، غەزىنىدىكى پۈتۈن مال - دۇنيالىرىم سەرپ بولسىمۇ مەيلى، مېنىڭ چۈشۈمنى تاپقىن، تەبىر بەرگىن. تاپالمىساڭ سېنىڭمۇ بېشىڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، - دەپتۇ.
ئالقىش ۋەزىر قورققىنىدىن بەزگەك ئادەمدەك تىترەشكە باشلاپتۇ. ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈپ گېلىدىن غىزا ئۆتمەپتۇ. ئۇ بۇ چۈشنى تېپىپ تەبىر بەرگۈدەك ئادەم ئىزلەپ، ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. لېكىن بىرەر ئېغىزمۇ خۇش خەۋەر كەلمەپتۇ. ئۈچ كۈنمۇ توشۇپتۇ. ئالقىش ۋەزىر ھېلىقى قوينىڭ قوسىغىدا ئىككى قوزا بارلىغىنى، ئۇلارنىڭ رەڭگىنى ئېيتىپ بېرەلىگەن بالىنى ئۆلتۈرۈپ قويغىنىغا پۇشايمان قىپتۇ - دە، باغۋەنگە:
- ھەي باغۋەن، ھېلىقى قوينىڭ قوسىغىدىكى قوزىنى بىلگەن بالىنى ئۆلتۈرمىگەن بولساق ھازىر مېنى پادىشاھنىڭ غەزىۋىدىن قۇتۇلدۇراتتى، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باغۋەن:
- جانابى ۋەزىر، بۇ بالىنى ئۆلتۈرمىگەن، ھازىر ئۇ ھايات، - دەپتۇ.
- نېمە دىدىڭ؟ گېپىڭ راستمۇ؟ - دەپ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ ۋەزىر، - مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى يىگەن ئىدىمغۇ؟
- سىزگە شۇ بالىنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن ئادەم ئېمىپ چوڭ بولغان بىر قوزىنىڭ يۈرىگىنى كاۋاپ قىلىپ بەرگەن ئىدىم، - دەپتۇ باغۋەن.
ئالقىش ۋەزىر ئوردىغا خۇش خەۋەر ئېيتىپ كەلگىنىدە پادىشاھ تەختنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئالتۇن تولغان پەتنۇس كۆتەرگەن يەتتە خىزمەتكار، سول تەرىپىدە قىلىچ تۇتقان يەتتە جاللات تۇرغۇدەك، پادىشاھ ئالقىش ۋەزىرنى كۆرۈپ:
- قېنى مېنىڭ چۈشۈم نېمە ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئالقىش ۋەزىر پادىشاھنىڭ تىزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
- كەچۈرگەيسىز پادىشايىم، سىزنىڭ چۈشىڭىزنى بىلىدىغان ئادەمنى ھازىر ئېلىپ كېلىمەن، - دەپتۇ.
- ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك توشتى. تېز بول. بولمىسا يەتتە ئەزىمەت سېنى يەتتە پارچە قىلىپ تاشلايدۇ، - دەپ تەھدىت ساپتۇ پادىشاھ.
ئالقىش ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدىن كەينىچە مېڭىپ چىقىپتۇ - دە، باغۋەن بىلەن بەختىيارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ۋەقەنى ئېيتىپ يىغلاپتۇ. بەختىيار تەمكىنلىك بىلەن:
- بۇنىڭ ھۆددىسىدىن مەن چىقىمەن، لېكىن سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس. پىيادە ياكى ئات - ئۇلاق بىلەن بارالمايمەن، - دەپتۇ.
ئالقىش ۋەزىر مەپە، ھارۋا ئېلىپ كېلەي، دەپتۇ، بەختىيار ئۇنىماپتۇ. باغۋەن:
مەن ھاپاش ئېتىپ ئاپىراي، - دەپتۇ، ئەمما بەختىيار:
- ياق، ماڭا كىمنىڭ ھاجىتى چۈشكەن بولسا شۇ ھاپاش قىلىپ ئاپارسۇن، - دەپتۇ. ئالقىش ۋەزىر «يۈزۈم كەتسىمۇ كەتسۇن، جېنىم قالسۇن» دەپ ئۆزى ھاپاش ئېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بەختىيار ھاپاش بولۇپ:
- دۈمبىڭىز بەك سېلىق ئىكەن، سېرىلىپ كېتىپ تۇرالمىدىم، دۈمبىڭىزگە ئىگەر توقۇساق، - دەپتۇ. ئالقىش ۋەزىر ياق دىسە، بۇ بالا پادىشاھ ئالدىغا بارمىسا، ئۆز كاللىسىنىڭ كېتىشىدىن قورقۇپ ماقۇل دەپتۇ. بەختىيار ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئىگەر توقۇپ، ئاغزىغا يۈگەن سېلىپ، قولىغا ئالقىش ۋەزىرنىڭ ئادەم ئۇرىدىغان قانلىق قامچىسىنى ئېلىپ مىنىپتۇ - دە، ئۇنى قامچىلىغان پېتى كوچا ئايلاندۇرۇپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ «مەن شۇنچە چوڭ پادىشاھ تۇرسام، مەندىن قورقماي مېنىڭ يۈز - ئابرويلۇق ۋەزىرىمنىڭ ئۇچىسىغا ئىگەر توقۇپ، ئاغزىغا يۈگەن سېلىپ شۇنچىلامۇ رەسۋا قىلامدۇ؟ مېنىڭ چۈشۈمنى تاپسىمۇ، تاپمىسىمۇ بەرىبىر ئۆلتۈرمىسەم بولمايدۇ» دە ئويلاپتۇ. ئۇ بەختىيارغا قاراپ:
- مەن ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆردۈم. بىراق كۆرگەن چۈشۈمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. ئۇنى تېپىپ، تەبىرىنى دەپ بەرگىن، - دەپتۇ.
- سىز كۆرگەن چۈشتە ئالدىڭىزغا قىرىق لىگەن ئاش كەلدى. بىر كەم قىرىق لىگەننىڭ ھەممىسى كۈمۈش لىگەن، بىر ئالتۇن لىگەن ئىدى. سىز ئالتۇن لىگەندىكى ئاشنى يەي دەپ قول ئۇزاتتىڭىز. بىر دانە ئىت كېلىپ ئاشنى سىز بىلەن بىللە يىدى. شۇنداقمۇ ؟ - دەپتۇ بەختىيار.
پادىشاھ ئويلىسا كۆرگەن چۈشى بەئەينى شۇنداق. پادىشاھ يەنە ئۇنىڭغا چۈشنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ.
- سىز خوتۇنلىرىڭىزغا ئەمىر قىلىڭ. ھەممىسى ئۆز مەپىلىرى بىلەن جابدۇنۇپ چىقسۇن، - دەپتۇ بەختىيار.
- پادىشاھ بويرۇق قىپتۇ. بىر سائەت ئىچىدە قىرىق مەپە ئوردا ئالدىغا جەم بوپتۇ. قارىسا، بىر كەم قىرىق مەپە كۈمۈش، بىر ئالتۇن مەپە ئىكەن. ئالتۇن مەپىدىكى پادىشاھنىڭ ئامراق خوتۇنى سولتانى رۇم پادىشاسىنىڭ قىزى ئىكەن. بەختىيار بېرىپ مەپىنىڭ شوتىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئوقنىڭ ئىچىدىن تىلسمات بىلەن بەنت قىلىنغان بىر زەڭگىنى سۆرەپ چىقىپتۇ - دە، پادىشاغا:
- سىز بىلەن ئاشنى بىللە يىگەن ئىت مۇشۇ، - دەپ كۆرسىتىپتۇ.
پادىشاھ شۇ يەردىلا خوتۇنى بىلەن ھېلىقى زەڭگىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاندىن بەختىياردىن:
- ئەمدى دىگىنىە، نىمە ئۈچۈن مېنىڭ شۇنچە ئابرويلۇق ۋەزىرىمنى شۇنچە رەسۋا قىلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇ سىزگە بەدنىيەتلىك قىلدى، خەلققە ئاسىلىق قىلدى، ماڭا قەست قىلدى، شۇ سەۋەبلەردىن مۇشۇ ھالغا كەلتۈردۈم، - دەپتۇ بەختىيار. ئۇ يەنە پادىشانى باشلاپ بېرىپ ئالقىش ۋەزىرنىڭ راۋىغى ئاستىنى كولاپ دادىسىنىڭ ئۆلۈگى بىلەن بىر كۈپ ئالتۇن تىللانى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭ ئالقىش ۋەزىرنىڭ ئات ئېتىپ مىنگىنىگە بارىكاللا ئېتىپتۇ ۋە ئالقىش ۋەزىرنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ.
بەختىيار ئالقىش ۋەزىرنىڭ قىزى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارىنى ئاپتۇ - دە، باغۋەن يىگىتكە نىكالاپ، ئۇزۇندى بويان مۇرادىغا يەتمىگەنلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى مۇنداق ئەقىل - پاراسەتنىڭ ئىلىم - بىلىمدىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىلىم - بىلىمنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپتۇ. بەختىيارنى ئالقىش ۋەزىرنىڭ ئورنىغا ۋەزىرلىككە ئولتۇرغۇزۇرپتۇ.
(بۇ چۆچەكنىڭ «ئون بەش ياشلىق ۋەزىر» دېگەن ۋارىيانتىمۇ بار)
ئېيتىپ بەرگۈچى: قاسىم قۇربان